ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 02

كەڭ قىرىنداشلىرىمىزغا جىددى ئىلتىجا

ئوماق كىچىك پەرىشتە، ئۈمۈتۋار بولۇڭ، خەلقىمىز سىزنى يۆلەيدۇ!

2011 يىلى 2ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭدىكى دوستۇمنىڭ تاپىلىشى بىلەن،كەچ سائەت 9:20دە  شىيەنياڭ ئايرۇدىرومىغا شىنجاڭ  قاغىلىق ناھىيسىدىن كەلگەن دېھقان قېرىنداشلارنىڭ ئالدىغا چىقتىم،  ئۇلارنىڭ 5 ياشلىق ئوماق قىزى مەدىنە سول پۇتى كۆيۈپ ئېغىر يارلانغانلىقى ئۈچۈن ، يەرلىك دوختۇرخانىدا پۇتنى كېسىشتىن باشقا ئامال يوق دەپ كۆرسىتىگەن. شىنجاڭ ئازاتلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى ھەم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن شىئەنگە يۆتكەپ كېلىنگەن، ھازىر شىئەن ئازاتلىق ئارمىيە 4- دوختۇرخانىسىغا داۋالىنىشقا ئاپارماقچى بولىۋېتىپتۇ. تونۇشتۇرىلىشىچە، ئەر-ئايال ئىككەيلەن خەنزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، ھەمدە ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بولغاچقا ھەتتا يول كىراسىنىمۇ ئۈرۈمچىدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياردەم قىلىپ ھەل قىلغانىكەن.

ئالدىغا چىققاندا ئاددى ساددا  ياش دېھقان  ئەر ئايال ھەم دادىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغان سول پۇتى قېلىن داكا بىلەن تېڭىلغان مەدىنەنى ئۇچراتتىم، مەدىنەنىڭ پۇتىدىن باشقا  جايلىرىدا ئازتولا كۆيۈك جاراھەتلىرى بار ئىدى. قىزچاق شۇنچىلىك قەيسەر ئىدى، قىزنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇم كىشىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇراتتى . ماشنىغا چىققاندا پۇتى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر يەرگە تىگىپ كەتسىمۇ ئاغرىققا چىدىماي يىغلاپلا توختاپ قالاتتى.(دىمىسىمۇ ھېلىغۇ 5ياشلىق كىچىك قىزكەن، ھەر -ھەر چوڭ ئادەملەرمۇ بۇ ئاغرىققا چىدىمايدۇ. كىچىك قىزنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن )

يولدا قىزنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا قىزنىڭ كۆيۈك جاراھىتىنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، لېكىن دوختۇرخانىغا بېرىپ دورا ئالماشتۇرغاندا، دوختۇر داكىنى ئاچقاندا، دوختۇرچىلىق ئۆگىنىدىغان مەنمۇ كۆرۈپ تۇرۇشقا جۇرئەت قىلالمىدىم، پەقەت ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ بىچارە كىچىك قىزچاقنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك پارىنى ئىزىدىغان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.

قىزنىڭ پۇتى كۆيگىنىگە 20نەچچە كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ تېز سۈرئەتتە داۋالاشقا توغرا كېلەتتى، دوختۇر بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن دوختۇر بىزگە، قىزنىڭ پۇتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى لېكىن داۋالىنىش خېراجىتىنىڭ يوقىرى بولدىغانلىقىنى ، پۈتۈن جەرياندا 4- 3 قېتىم ئوپراتسىيە قىلىندىغانلىقى شۇنداقلا پۈتۈن جەريانغا 200 مىڭ يۈەن(20تۈمەن كوي)  كېتىدىغانلىقىنى، پۈتۈن جەريان بىر ئاي ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغىننى، ۋاقىتنىڭ بەك قىس ئىكەنلىكىنى ، مەلۇم باسقۇچتا مەسىلە چىقسا(چىقىم يەتمەسلىك سەۋەبىدىن داۋالاش توختىتىلسا) ئالدىدىكى داۋالاشنىڭ بىكار بولدىغانلىقىنى ئېيتتى.

راس گەپ قىلسام مەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تونىمايمەن، لېكىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىمەن، خەۋەر،ئاخباراتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەشۋىق قىلىپ كىچىك قىزنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىمەن. جەمىيەتتىكى قانچە جىق كىشى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولسا  ياردەم قىلىدىغان ئادەم جىق چىقىدۇ، شۇڭا قىزنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كىملىك نومۇرى ھەم بانكا ھېساۋات نومۇرىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويدۇم، كۆپچىلىكنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن.

ئالاقىلاشقۇچى: نۇرمەمەت تۇرۇپ

تېلىفۇن نومۇرى: 15199482968

بانكا ھېساۋات نومۇرى:  22280410 25003 622848 (يېزا-ئىگىلىك بانكىسى)

بانكا ھېساۋات نومۇرى ئاچتۇرغان ئورۇن: كورلا

بۇ توردىكى بىر خەنزۇ قىزنىڭ يەتكۈزگەن ئىلتىجاسى   قىزنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقكەن، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر مۇشۇنچىلىك كۈچەۋاتسا، بىز قېرىنداشلىرى كۆرۈپ تۇرۇپ قاراپ تۇرساق بولماس، تاما -تاما كۆل بولار دىگەن گەپ بار، ئاز ياكى كۆپ دىمەي ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ بۇ كىچىك قىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى~!!!!!!!

ھەممىمىزنىڭ ئۇرۇق تۇغقان بالا چاقى قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلۇغ ئاللاھ بالا قازالادىن يىراق قىلسۇن~!!!!!!!!!!

ھەممىمىز ئازدۇر كۆپتۇر بۇ ئائىلىگە ئىللىق قولىمىزنى سۇنايلى~!!

***************************************************************************************************************************

«بەيدۇ چاپلانما»دىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ، بۇ قىزچاقنىڭ ئەھۋالى 24-فېۋرال شىئەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىئەن مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىپ ،شۇ كۈنى ، شىئەن تېلىۋىزىيىسى 1-قانالدا سائەت 18دە ، شىئەن تېلىۋىزىيىسى 2-قانالدا سائەت 22دە ، شىئەن مائارىپ تېلېۋىزىيىسى قانىلىدا سائەت 21:15 دە تونۇشتۇرۇلغان.

ئەڭ يېڭى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، بۇ قىزچاقنىڭ داۋالىنىش چىقىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپ ،ھازىر 560،000 (بەشيۈز ئاتمىش مىڭ ) يۇەن ئەتراپىدا مۆلچەرلەنگەن.

بەلكىم سىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ياردىمىڭىز ، ئاشۇ سەبىينىڭ ھاياتلىقى ۋە بەختىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !!!
كۆڭلىگە ياخشىلىق پۇككەنلەرگە بىر ساۋاپ ، ياخشىلىقنى قىلغانلارغا ئون ھەسسە ساۋاپ يېزىلىدۇ. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ھەممەيلەنگە ئامانلىق ، سالامەتلىك ۋە دۆلەت-سائادەت ئاتا قىلسۇن !

********************************************************

بۇ قىزچاققا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلار:
قىزچاق ھازىر شىئەن شىجىڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ ،سۆڭەك بۆلۈمى ياكى كۆيۈك بۆلۈمى(مۇشۇ ئىككى بۆلۈمنىڭ بىرى)نىڭ 36-كارىۋىتىدا.
دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفونى:029-84771201

قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بايىغولىن ئوبلاستىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ، بانكا كارتىسى  بايىغولىن ئوبلاستى خۇشۇت ناھىيىسىدە بېجىرىلگەن.

داۋاملىق ئوقۇش

iPhoneداword،excel،ppt ھۆججەتلىرى كۆرۈش

word،excel،ppt لارنى apple مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن كارغا كىلدىغان دىتاللار ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ بۈگۈن مەن 2 دىتالنى تەۋسىيە قىلاي.

1.Goodreader

بۇ دىتال ئسىمىغا لايىق «ياخشى ئوقۇغۇچ» بولۇپ appstoreدىن پۇلغا سىتىۋىلىشقا بولىدۇ. ياكى بولمىسا تۆۋەندە نەزەرى چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەمىنلەيدۇ.

دىتالنى قاچىلاپ ئاندىن userapplication دىگەن مۇندەرىجىگە iBox ئارقىلىق كىرىپ Goodreader نىڭ document مۇندەرىجىسىگە بارلىق ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ.

2. Office2

بۇ دىتال مەخسۇس office  دىتالى ئوقۇيدىغان دىتال بولۇپ خىلىلا ئەتىۋارلىنىدىغان قوراللارنىڭ بىرى.

بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ يۇقارقى دىتال بىلەن ئوخشاش بولۇپ ھۆججەت مۇندەرىجىسى systemapplication مۇندەرىجىسى ئىچىدە.

goodreader ھەرخىل فورماتتىكى ھۆججەتنى ئوقۇيدۇ. office2  بولسا پەقەت مىكروسوفت نىڭ ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالللرىنىڭلا ھۆججىتىنى ئوقۇيدۇ.

office2نى چۈشۈرۈڭ

goodreader نى چۈشۈرۈڭ

بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن iphone,ipad,ipod لار تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندا ئاندىن بۇلارنى قاچىلاشقا بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان بولسىڭىز appstore  دىن سىتىۋىلىڭ.

iphone4 دا تارتىلغان كىنو مۇكاپاتلاندى

بۇ فىلىمنى كورىيەلىك داڭلىق رىژىسور 朴赞郁 باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا iPhone4تە تارتقان بولۇپ ھازىرچە تولۇق نۇسخىسى يوقكەن.

خەنچە ئىسمى 《波澜万丈》 دەپ ئاتالغان بۇ فىلىم پەقەت 30 مىنۇت بولۇپ بىر ئەرنىڭ بىلىق تۇتۇش جەريانىدا تۇيۇقسىز بىر قىزچاقنى سۇدىن تېپىۋىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن يۈز بەرگەن قورقۇنۇشلۇق ۋەقەلەت تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ قىسقا فىلىم 63- نۆۋەتلىك بىرلىن كىنو بايرىمدا قىسقا فىلىملەر تۈرىدە ”ئەڭ مۇنەۋۋەر قىسقا فىلىم“  مۇكاپىتىغا ئىرىشكەن. فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخىسى يىقىندا يوللىنىدۇ.

UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى

[ئۇقتۇرۇش] UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،
ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] دىن چۈشۈرۈڭ.
بۇ پائالىيەت تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى:
1. خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە [url]http://unicode.org[/url] بەلگىلىگەن كود جەدۋىلىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەر بولماسلىق (UKIJ Tughra ۋە UKIJ Orxun بىلەن باشلانغان فونتلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛
2. 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى نامى، شەكلى ۋە غولىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مەسىلە بايقالغان ھەرپ-بەلگىلەرنىلا تۈزىتىش؛
3. خەت نۇسخىلىرى ياسىغۇچىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىش، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قىسمىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇرۇنقى پېتىچە ساقلاپ قېلىش؛
4. كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى («ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا، ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق [url=http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=446&extra=page%3D1](ماۋۇ يەردىكى ئۇقتۇرۇشقا قاراڭ)[/url]؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى بىلەن 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا [url=http://ug.wikipedia.org/wiki/%DA%BE%D8%A7%D8%B2%D9%89%D8%B1%D9%82%D9%89_%D8%B2%D8%A7%D9%85%D8%A7%D9%86_%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1_%D9%8A%DB%90%D8%B2%D9%89%D9%82%D9%89](تەپسىلاتى ئۈچۈن بۇ يەرگە قاراڭ[/url]) خەت نۇسخىلىرىدا «ھ» نىڭ 2 خىل شەكلىنىلا ئىشلىش؛
5. خەت نۇسخىلىرىنى تۈرگە بۆلۈش، خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ سانىنى تەۋە بولغان تۈر ۋە ئىشلىتىلىش ئىھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛
6. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە بايقالسا مۇدىرىيەتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش.
بۇندىن كېيىنكى خەت نۇسخىلىرىغا ئائىت ئىشلار مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
1. تۈزىتىلگەن خەت نۇسخىلىرى 2011-يىل 21-مايغىچە [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دا سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى. مەسىلە بايقالسا تۈزىتىلىدۇ. 2011-يىل 22-مايدىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلىپ 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
2. UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئۈچۈن مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان بولغاچقا، ھەر قانداق كىشى [url]http://code.google.com/p/ukijorgfonts[/url] دىكى تۈرگە قاتنىشىپ سەرخىللاشتۇرۇش ئېلىپ بارسا، يېڭى خەت نۇسخىلىرىنى قوشسا بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دە تارقىتىلىدۇ.
3. UKIJ خەت نۇسخىلىرى بۇندىن كېيىن خەلقئارالىق LGPL ئىجازەتنامىسى ([url]http://www.gnu.org/licenses/lgpl.html[/url]) بىلەن تارقىتىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ھەر قانداق كىشى بۇ خەت نۇسخىسىلىرى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋەياكى ھەقسىز مەھسۇلاتلىرغا قوشۇپ تارقاتسا بولىىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4. تور بېكەت مەزمۇنلىرىنىڭ ئىشەنچلىك، ئۆلچەملىك ۋە كۆپرەك ئومۇمىيلاشقان دەپ قارالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ خالىغان بىرى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى» تەۋسىيە قىلىنىپ ئۇنىڭغا دەسلەپكى قەدەمدەUKIJ Tuz Tom ، ALKATIP Tor (ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ)، UKK TZA1 (ش ئۇ ئا ر تىلكومنىڭ)، Microsoft Uighur دىن ئىبارەت تۆت خەت نۇسخا نامى قوشۇلدى. تور بېكەت قۇرغۇچىلار يۇقىرىدىكى خەت نۇسخا ناملىرىنى ئۆزلىرى خالىغان تەرتىپتە توربەتلەرنىڭCSS  ياكى HTML كودىدىكى ئىشلىتىدىغان «font-family»  نىڭ قىممىتى قىلىپ بەلگىلەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن CSS ھۆججەت ئىىچىدە:[code]body
{
font-family: 'UKIJ Tuz Tom', 'ALKATIP Tor', 'UKK TZA1', 'Microsoft Uighur';
direction:rtl;
font-size:12pt;
}[/code]بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىش كۆرۈپ ھەممىمىزگە تەڭ تەۋە بولغان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشقا ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆلچەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ تارقىتىشتىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئالىيجاناپ كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن،
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2011-يىل 21-فېۋرال
[url]http://www.ukij.org[/url]
[url=../]
(بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)[/url]

[ئۇقتۇرۇش] UKIJ خەت نۇسخىلىرى 3.0 سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،
ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى [url]http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip[/url] دىن چۈشۈرۈڭ.
بۇ پائالىيەت تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى:
1. خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە [url]http://unicode.org[/url] بەلگىلىگەن كود جەدۋىلىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەر بولماسلىق (UKIJ Tughra ۋە UKIJ Orxun بىلەن باشلانغان فونتلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛2. 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى نامى، شەكلى ۋە غولىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مەسىلە بايقالغان ھەرپ-بەلگىلەرنىلا تۈزىتىش؛3. خەت نۇسخىلىرى ياسىغۇچىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىش، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قىسمىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇرۇنقى پېتىچە ساقلاپ قېلىش؛4. كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى («ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا، ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق [url=http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=446&extra=page%3D1](ماۋۇ يەردىكى ئۇقتۇرۇشقا قاراڭ)[/url]؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى بىلەن 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا [url=http://ug.wikipedia.org/wiki/%DA%BE%D8%A7%D8%B2%D9%89%D8%B1%D9%82%D9%89_%D8%B2%D8%A7%D9%85%D8%A7%D9%86_%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1_%D9%8A%DB%90%D8%B2%D9%89%D9%82%D9%89](تەپسىلاتى ئۈچۈن بۇ يەرگە قاراڭ[/url]) خەت نۇسخىلىرىدا «ھ» نىڭ 2 خىل شەكلىنىلا ئىشلىش؛ 5. خەت نۇسخىلىرىنى تۈرگە بۆلۈش، خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ سانىنى تەۋە بولغان تۈر ۋە ئىشلىتىلىش ئىھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛6. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە بايقالسا مۇدىرىيەتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش.
بۇندىن كېيىنكى خەت نۇسخىلىرىغا ئائىت ئىشلار مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
1. تۈزىتىلگەن خەت نۇسخىلىرى 2011-يىل 21-مايغىچە [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دا سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلدى. مەسىلە بايقالسا تۈزىتىلىدۇ. 2011-يىل 22-مايدىن باشلاپ رەسمىي تارقىتىلىپ 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.2. UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئۈچۈن مەخسۇس تۈر تەسىس قىلىنغان بولغاچقا، ھەر قانداق كىشى [url]http://code.google.com/p/ukijorgfonts[/url] دىكى تۈرگە قاتنىشىپ سەرخىللاشتۇرۇش ئېلىپ بارسا، يېڭى خەت نۇسخىلىرىنى قوشسا بولىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە [url]http://www.ukij.org/fonts[/url] دە تارقىتىلىدۇ.3. UKIJ خەت نۇسخىلىرى بۇندىن كېيىن خەلقئارالىق LGPL ئىجازەتنامىسى ([url]http://www.gnu.org/licenses/lgpl.html[/url]) بىلەن تارقىتىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ھەر قانداق كىشى بۇ خەت نۇسخىسىلىرى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋەياكى ھەقسىز مەھسۇلاتلىرغا قوشۇپ تارقاتسا بولىىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 4. تور بېكەت مەزمۇنلىرىنىڭ ئىشەنچلىك، ئۆلچەملىك ۋە كۆپرەك ئومۇمىيلاشقان دەپ قارالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ خالىغان بىرى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئورتاق ئىشلىتىدىغان فونت نامى گورۇپپىسى» تەۋسىيە قىلىنىپ ئۇنىڭغا دەسلەپكى قەدەمدەUKIJ Tuz Tom ، ALKATIP Tor (ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ)، UKK TZA1 (ش ئۇ ئا ر تىلكومنىڭ)، Microsoft Uighur دىن ئىبارەت تۆت خەت نۇسخا نامى قوشۇلدى. تور بېكەت قۇرغۇچىلار يۇقىرىدىكى خەت نۇسخا ناملىرىنى ئۆزلىرى خالىغان تەرتىپتە توربەتلەرنىڭCSS  ياكى HTML كودىدىكى ئىشلىتىدىغان «font-family»  نىڭ قىممىتى قىلىپ بەلگىلەپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن CSS ھۆججەت ئىىچىدە:[code]body{font-family: 'UKIJ Tuz Tom', 'ALKATIP Tor', 'UKK TZA1', 'Microsoft Uighur';direction:rtl;font-size:12pt;}[/code]بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىش كۆرۈپ ھەممىمىزگە تەڭ تەۋە بولغان UKIJ خەت نۇسخىلىرىنى ئومۇمىيلاشتۇرۇشقا ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆلچەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ تارقىتىشتىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئالىيجاناپ كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن،ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى2011-يىل 21-فېۋرال[url]http://www.ukij.org[/url][url=../](بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)[/url]

مەنبە : http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=866

iPhoneنىڭ港行,美版,行货لىرىنىڭ پەرقى

گەرچە aplleمەھسۇلاتلىرى ھەممىسى دىگۈدەك جوڭگودا ئىشلەنسىمۇ، جوڭگودا سىتىلۋاتقان iPhone,ipoa,pad لەر ھەرخىل يوللاردىن بازارغا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بازارغا كىرىش يولى بويىچە يۇقارقىدەك 港行,美版,行货 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

行货دىگىنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە 苏宁电器 دە سىتىلىۋاتقىنى شۇ.  سىتىۋىلىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى دەپ قارىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار جوڭگودا ئىشلىنىپ يەنە جوڭگودا بازارغا كىرىدۇ. appleدىكىلەر سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە ئىگە بولىدۇ.
美版دىگىنى ئامىركىدىن ئوغۇرلاپ ئەكىرگەن مال بولۇپ قاتتىق دىتال سەپلىمىسى 行货 غائوخشاش ئەمما تور پەقەت AT&T(يەنى ئامىركىنىڭ بىرلەشمى خەۋەرلىشىشى دىگەن گەپ) نىڭ تورىغىلا ئىچىلغان بولۇپ، يۇمشاق دىتال ۋاستىسى ئارقىلىق يىشىشكە بولىدۇ. بىلمەيدىغانلارغا ئاۋارچىلىق، بىلىدىغانلارغا 10 مىنۇتلۇق ئىش. سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى يوق.
港行دىگىنى شىياڭگاڭدا قانۇنلۇق سىتىلغان، چىگىردىن ئوغۇرلۇقچە ئىچكىرى قۇرۇقلۇققا ئۆتكەن مەھسۇلات. چوڭراق تىجارەت دۇكانلىرى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى تەمىنلەيدۇ. كۆپىنچىلىرىدە يوق. قۇلۇبسىز بولۇپ ئەكىلىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يۇقارقى ئۈچ خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان ئورنى ئاساسەن شىنجېن، مالايسىيا… قاتارلىق جايلار بولۇپ، ياسىلىش تەننەرخى ۋە مەھسۇلات سۈپتىىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش دىيىشكە بولىدۇ. قاتتىق دىتال جەھەتتە ھىچقانداق پەرق يوق. پەقەت سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت ئوخشىمايدۇ.

ئامىركا نەشرىنىڭ ھازىر يىشىۋىتىلگەنلىرى چىقتى.شۇڭا 港行بىلەن 美版 نى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىك كىرەك.

پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: سىستىما تەڭشىكى ئىچىدىن ھەممىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى باسسا نورمال قوزغىلالىغانلىرى شىياڭگاڭنىڭ ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بولىدۇ. نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كارتىنى سالسا نورمال ئىشلەۋەرگىنى شىياڭگاڭنىڭ ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بولىدۇ. مەيدىسىگە مۇشتلاپ جۇڭگونىڭ ھەممە يىرىدىن aplle مەخسۇس دۇكانلىرى ئوڭشاش، ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلىيەلەيدىغىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ  بولىدۇ.

شۇڭا بۇلارنىڭ بازار باھاسى جەھەتتە 行货 نىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا 港行 نىڭ (چۈنكى بۇنىڭ تور قۇلۇبى يوق). ئەڭ ئەرزىنى يەنىلا 美版. لىكىن بۇنىڭ يىڭىغا ئالماشتۇرۇلغان كونىلىرى بەك كۆپ بولۇپ، سىتىۋالغاندىن كىيىنمۇ يەنە نۇرغۇن ئۇششاق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ئاندىن ئۈنۈملۈك ئىشلىتش مەقسىتىگە يىتىشكە بولىدۇ.

iphoneنىڭ كونا-يىڭىلىقىنى پەرق ئېتىش

نۇرغۇن دوستلار ھازىر apple مەھسۇلاتلرىغا(ئاساسلىقى دىيارىمىزدا مودا بولۇۋاتقانiPhone, iPod Touch) قىززىقىۋاتقان بولسىمۇ بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن بەزى ئاۋارچىلىق ياكى دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراۋىتىپتۇ. شۇڭا مەن بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان تېمامنى قايتا تۈزىتىپ دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. ھازىر apple مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك جوڭگودا ئىشلىنىدۇ.

1.ساۋات
iPod Touch نى ئادەتتە iPod Classic  ۋە iPod Nano شۇنداقلا iPod Shuffel دىن پەرقلەندۈرۈپ iTouch دەپ قىسقارتىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئايتاچ دەپ ئالىمىز. iPhone نى ئۇيغۇرچىدا ئايفون دەپ ئالىمىز. iPad نى ئايپەد دەپ ئالىمىز.تۆۋەندىكى ماقالىدە مەن ئۆزۈم ئىشلەتكەن ئايتاچ ۋە ئايفونغا تەدبىقلاپ ئالدىم.مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار باشقا مەھسۇلاتلارغا ماس كىلىشىمۇ مۇمكىن.
ئالما مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە يىلدا بىر نەشىر يىڭىلايدۇ. ھازىر بازاردا يىڭى سىتىلىۋاتقانلىرى ئايفون4 ۋە ئايتاچ4 ۋە iPad1. بۇلارنىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى بۇ يىل 6- ئايدىلا ئىشلەشتىن توختىغان بولۇپ بۇ خىل نەشىردىكى  مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىمكەش مال، شۇڭا سىتىۋىلىشتا بىرلەشمە ۋە ئالما تور بىتىدىن باشقا يەردىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي يىڭى بولۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن.سېتىۋالغاندا كۆپ دىققەت قىلىش كىرەك. ئايپەدنىڭ تېخى ئىچىنى ئالماشتۇرغانلىرى بەك كۆپ ئەمەس ئەمما ئامىركىدىن كىرگۈزگەن دەپ كونىنى يىڭى كۆرسىتىپ سېتىشمۇ سەل ئاۋۇپ قاپتۇ. شۇڭا ھازىر پۇلى كۆپلەرگە بىۋاستە ئالما دۇكىنىدىن ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىششىتىن، پۇلى ئازلارغا ئىشەنچلىك يەرلەردىن نىمكەشنى ئىلىش مۇۋاپىق.

2.يىڭى دەپ ئالغان ئالمانىڭ  ئالماشتۇرۇلغان ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتىش
1`ھەقىقىسىنىڭ ئورالما قاپتىكى Serial No بىلەن سىستىما ئىچكى ئۇچۇرى دىكى Serial No ئوخشاش بولىدۇ.
2`ھەقىقىسىنىڭ تېڭشىغۇچ چاتىدىغان تۆشۈكىدە داغ بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ تېڭشىغۇچ تۆشۈكىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى مىتالنىڭ ئەتراپىدا تازلاش سۇيۇقلىقىدىن قالغان ئىز بولىدۇ.
3` ھەقىقىسىنىڭ سىىگنال تۆشۈكىدا سۈركىلىش بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ سېگىنال تۆشۈكىدە روشەن ئىز بولغاندىن سىرىت تۆشۈك ئەتراپىدىمۇ سۈركىلىش ئىزى بولىدۇ(بۇ ئىز مۇھىم ئەمەس،چۈنكى سىرىتقى قىپىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ).
4` ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما(قەغەز قاپ) قىپىدىكى IMEI بىلەن سىستىما كۆرسەتكەن IMEI ئوخشاش بولىدۇ.
5`ھەقىقىسىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق، رەڭ پەرقى ئىنىق ئەمەس بولىدۇ.
6` ئىكران بىلەن سىرىتقى قاپ تۇتاشقان جايلاردا ھەقىقىسىدە ئاجراش كۆرۈلمەيدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىدا ئازراق يوچۇق بولىدۇ.
7`ھەقىقىسىنىڭ باسمىلىرىدا قول سىزىمى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىدا بەزىدە تېگىپ كەتسە ئىشلەيدۇ بەزىدە قاتتىق باسسىمۇ ئىنكاس بولمايدۇ.
8`ھەقىقىسىنىڭ باتارىيەسى باتارىيە باشقۇرۇچ دىتاللىرىدا كۆرسەتكەن ۋاقىتتىن كۆپ پەرق ئەتمەيدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ باتارىيەسى ئەڭ سۈپەتسىز بولۇپ، ئىشلەتكەندە پەۋقۇلئاددە تىز قىززىيدۇ، توك تىز توشىدۇ، تىز تۈگەيدۇ. ھەقىقىسىدە ئادەتتە ئىشلەتمىسە توك خوراش بولمايدۇ.
9`ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما مىخلىرى ئۇپرىمىغان، پارقىراق بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ رەڭگى گۇنۇس، ئۇپرىغان، ھەتتا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. ھەقىقىسىنىڭ مىخلىرى پۈتۈنلەي بىر خىل ئۆلچەم، بىر خىل سۈپەتتە بولىدۇ.
10`ھەقىقىسىنىڭ يۆنىلىش،سۈرەت،كۆكچىش، ئاۋاز،ئارىلىق،كومپاس،بۇلۇڭ، ئېغىرلىق،نۇر، GPS سەزگۈلىرى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭى بولىدۇ. يەنى مەلۇم بىر بۇلۇڭغا قايتقاندا داۋاملىق ئەكىس يۆنىلىش ياكى خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
11`ئەڭ ئاخىردا ، ئالماشتۇرۇلغىنى بازار باھاسىدىن خىلىلا ئەرزان بولىدۇ.
قوشۇمچە: سىستىما   Serial Noۋە IMEI نۇمۇرى ئادەتتە 设置-通用-关于本机 ئىچىدە بولىدۇ.

3. كونا يىڭىنى ئايرىش
1`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ قېپىنى ئاچقاندىن كىيىن خۇشىخۇي ناھايتى ئاجىز پۇراق كىلىدۇ. كونا مەھسۇلاتتىن كۈچلۈك سانائەت پۇرىقى پۇرايدۇ.
2`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قىپى ناھايتى پۇختا بولۇپ ئىچىدىكى نەرسىلەردە سىلكىنگەن، ئۇرۇلغان، قىستالغان، ياكى ئورنى ئالماشقان ئەھۋال يوق. كونا مەھسۇلاتنىڭ قاپلىرى پەۋقۇلئاددا يېڭى ۋە پارقىراق بولىدۇ. قول سىزىمى ياخشى بولمايدۇ. ئاجراپ قايتا چاپلانغان بەلگىلەر بولىدۇ.ھەتتا ئىچىدىن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر چىقىپمۇ قالىدۇ.
3`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئىكرانىغا ھىچقانداق ھاۋا پۈۋەكچىسى يوق ھالەتتە نىپىز ئاسرىغۇچى سۇلياۋ چاپلانغان بولىدۇ. ئۇ سۇلياۋنى بىر قىتىملا ئىشتلىشكە بولىدۇ. ئاجرالغان ئىكەن قايتا ئوخشىتىپ چاپلاش مۇمكىن ئەمەس. كونا مەھسۇلاتنىڭ ئېكرانىدا بارماق ئىزلىرى، ئاجىز كۆك نۇر كۆرۈنىدۇ. 130گىرادۇس ئەتراپتا تۇتۇپ قارىغاندا ناھايتى ئۇششاق چاڭ-توزان كۆرۈنىدۇ.
4`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭدىن قارىغاندىكى كۆرۈنۈش رەڭگى ئوخشاش، كونىسىنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭى ياكى ئىكران تۇتاش جايىغا ئىنىقسىز ماددا چاپلاشقان ياكى مەلۇم ئورۇننىڭ رەڭ قايتۇرۇشى كۈچلۈك بولىدۇ.
5`يېڭى مەھسۇلاتنى تۇنجى ئاچقاندا تىل تاللاش ياكى كارتا تونۇش، تور بەلگىلەش ياكى بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلارنى ئېچىش ئەسكەرتمىسى كۆرۈلىدۇ. كونىسىدا بۇنداق جەريان يوق، ھەتتا باشقا دىتاللار قاچىلانغان بولىدۇ.
6`يىڭىسىنىڭ دېتال نەشرى ئادەتتە ئۆزئارا ماس بولىدۇ. يەنى 2010 – يىلى ياسالغان ئالمىغا 2009- يىلدىكى يۇمشاق دىتال قاچىلانغان بولمايدۇ. كونىسىدا كۆپىنچە تېخى ئالماشتۇرۇپ دېتال قاچىلايدۇ. مەسىلەن، زاۋۇتتىن 2010- يىلنىڭ 22 ھەپتىسى چىققان ئايفون3 كە 2010- يىلنىڭ 11-ئىيىدا چىققان يۇمشاق دىتال قاچىلىنىپ قالغان بولىدۇ. قاتتىق ئەپسۇس، ئايفون 3 دىگەن 2010- يىلنىڭ 6- ئىيىدىن باشلاپ ئىشلەشتىن توختىغان.

GoogleAdsenseئېلانى ئېلىپ بېرىمەن

تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1. ۋاكالىتەن Google Adsense ئىلانى ئىلتىماس قىلىپ بىرىش

بلوگگېر نەزەرى مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماس يوللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تور باشلىقلىرىغا ئىلان ھىسابات نۇمۇرىنى ۋاكالىتەن ئىلىپ بىرىش مۇلازىمىتى يولغا قويدى. ھەر بىر ئىلان ھىساباتى ئۈچۈن 40 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئىلىنىدۇ(ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە Google ئىلان بېرىپ باقمىغان ھەم كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدىمۇ بېرىشى ناتايىن.مەن خالاستان بلوگىغا بىر مۇناسىۋەتلىك كىشىدىن ئالغان، ھازىر نورمالمىڭىۋاتىدۇ. مەن  تورداشلاردىن ئالغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى مۇناسىۋەتلىك كىشىگە بېرىمەن).

تىزىملاش ئۈچۈن پەقەت ئىلتىماسچىنىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇچە ئىسمىلا تەلەپ قىلىنىدۇ(خەنزۇچە ئىسىمدىن باشقا ھەممە ماتىريالنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ). ئىلتىماس تەستىقلىنىش نىسبىتى 95% بولۇپ ئەڭ زور دەرىجىدە بىكەت باشلىقلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بىرىشنى نىشان قىلىمەن. ئىلتىماس مۇۋاپپەقىيەسىز بولسا پۇل ئىلىنمايدۇ.

پۇل تاپشۇرۇش شەكلى 淘宝 دۇكاندا بولىدۇ. يەنىhttp://halastan.taobao.comدا پۇل تاپشۇرۇپ ماڭا ئىسىمنى تەمىنلىسە بولىدۇ. ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كىيىن 淘宝 دا 确认 تاللىسا ئاندىن پۇل ماڭا تىگىدۇ. بولمىسا پۇل ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. سۈپەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ! نەزەرى بۇ ھەقتە كاپالەت بىرەلەيدۇ. ئېلخەتadmin@../

ھىساباتتىن بىرنى ئالسىڭىز 40 يۈەن، ئىككىنى ئالسىڭىز 70 يۈەن، 3 نى ئالسىڭىز 100يۈەن باھادا بىرىمەن. ئەلۋەتتە بىر كىملىككە پەقەت بىرلا ھىساب نومۇر بىجىرىشكە بولىدۇ.لىكىن بىر تور بەتكە جەمئىي 6 دىن ئاز ئىلان قويۇشقا بولىدۇ(مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن تونۇشتۇرۇلىدۇ.) دەسلەپكى ئۈنۈمىنى خالاستان بلوگىدىن كۆرۈڭ.

نۆۋەتتە ئىلقۇت بلوگىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېلتىماس قىلىنىپ بولۇندى.

بۇ تېما ئىنتىل سەيناسى، بىلىك كۇلۇبى، تىرىشچانلار تورى، نۇرقۇت تورى قاتارلىق تورلارغا تەڭلا يوللاندى. تورداشلاردا خالاستان بلوگىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بلوگگېر نەزەرىنىڭ ئىناۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقانداق ئەندىشىسى بولسا يۇقارقى 4 بىكەت باشلىقى ۋە ئىلقۇت بلوگى ئارقىلىق جەزىملەشتۈرسە بولىدۇ.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن نەزەرى (خالاستان بلوگى)

iPhone نەشىر كۆتۈرۈشتىكى 1015 خاتالىقنى تۈزەش

ئادەتتە ئاساسى بەلباغ (基带)  بولسا iPhone نىڭ ھەر بىر نەشرىگە بىردىن ماس كىلىدۇ. يەنى 4.1 غا ماس كىلىدىغان ئاساسى بەلباغ بولسا 05.14.02. لىكىن بىز ئامىركا نەشرىدىكى iPhone لارنىڭ تۆۋەن نەشىردىكى يىشىش ئۇسۇلى چىقىشتىن بۇرۇن ئالدىراقسانلىق بىلەن ئاساسى بەلباغنى كۆتۈرىۋىتىمىز. يەنى كۆتۈرگەندىن كىيىنكى ئاساسى بەلباغ 06.15.00 بولۇپ iPad كە تەۋە كەڭ بەلباغ رايۇنى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا ماس كەلمىگەن بەلباغ نەشىردە 1015 خاتالىقى چىقىدۇ.

ئاساسى بەلبەغنى كۆتۈرگەندىن كىيىن ئورگان تەرەپ سىستىما بولىقىدا نەشىر كۆتۈرۈش ياكى ئەسلىگە قايتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بەك زۆرۈر تىپىلسا 500-600 سوم تۆلەپ 北京,深圳 لاردا ئۆزەككە ئۇچۇر يازالايدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ iPhone ئېچىپ ئاندىن نەشىر تۆۋەنلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ.

ئەگەردە چوقۇم ئورگان تەرەپ نەشىر كۆتۈرۈش بولىقى دا كۆتۈرۈش تەلەپ قىلىنمىسا ھازىر دۆلەت ئىچىدە 威风  دىكىلەر ئۆزى ياسىغان نەشىر كۆتۈرۈش بولىقى بار، شۇنى چۈشۈرۈپلا iTunes دا نەشىر كۆتۈرسەك بولىۋىرىدۇ، بۇنىڭدا ھىچقانداق چەكلمە يوق.

چۈشۈرۈش ئادىرسى : http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-1314501.html

ئەگەر سۆيۈملۈك تورداش 3- تەرەپ ئاچقان بولاقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىدىن گۇمان قىلسا تۆۋەندىكى مەشغۇلات ئارقىلىقمۇ ئورگان تەرەپ بولىقىدىن پايدىلىنىپ نەشىر كۆتۈرۈش ئىلىپ بىرىشقا بولىدۇ.

1. itunes دا تۇرۇپ بىۋاستە 4.2.1 نىڭ نەشىرنى كۆتۈرۈش بۇيرۇقى بىرىش. بۇ مەشغۇلات چوقۇم DFU  ھالەتتە ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك (بۇ ھۈنەرنى خالاستان بلوگىدىن ئۈگىنىڭ)

2.بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا 1015 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ. بىز بۇنىڭ ئىتىشماي بىۋاستىلا tinyumbrella-4.21.01 نى ئاچىمىز.

3. tinyumbrella-4.21.01 نىڭ سول تەرەپ يۇقارسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكىنىسىنىڭ ئىسمىنى باسساق exit recover دىگەن تاللانما ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنىدۇ.

4. بۇ چاغدا iPhone قوزغىلىشقا باشلايدۇ. بىز دەرھاللا redsonw ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىمىز. دىققەت: بۇ ۋاقىتتا ئاساسىي بەلباغنى كۆتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولمايدۇ.

5. تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى بەلكىم 10 مىنۇتچە داۋاملىشىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا چوقۇم سەۋر قىلىش كىرەك.

ئەگەردە يۇقارقى مەشغۇلاتلار مۇۋاپقىيەتلىك بولسا، مۇبارەك بولسۇن!

ئەگەر مۇۋاپقىيەتسىز بولسا سىز يۇقارقى ئورگان تەرەپ ھۆججىتى نىڭ 4.1 نەشرىنى چۈشۈرۈپ مەشغۇلاتنى تەكرارلاپ نورمال ھالەتكە ئەكىلىپ ئاندىن shsh نى زاپاسلىغاندىن كىيىن يۇقارقى مەشغۇلاتنى قايتا تەكرارلاڭ!

ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا

بۇ ئەسەر گۈلەن ئەپەندى تەرىپىدىن ئوكيان تورىغا يوللانغان. مەن ئىملا تۈزىتىشىتىن كىيىن رەتلەپ بۇ سەھىپىگە قويدۇم.
ئەقىللىق ئوقۇرمەننىڭ دىلىدا يىڭىچە تۇيغۇ ئويغىتىدۇ دىگەن ئويدىمەن.
************************************************************************************************************
”ئانا يۇرت“ نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنېرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمدا سوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخىرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قوماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سوراشتۇرۇپ چىقتى. بىز ”ئانا-يۇرت“تا  تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال سورۇشۇپ بوۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق.
ئەسكەرلىرىمنىڭ كوماندىلىرى ئۇيغۇرچە ئىدى
سوپاخۇنىكامدىن خوجىنىياز ھاجى قوزغىلىڭى ۋە مىللي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىش جەريانى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ مۇڭلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىراقلا نۇرلانغانىدى. شۇ چاغدا بۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئاۋازىنى ساقلىۋالمىغىنىمغا كۆپ پۇشمان قىلىمەن. ئۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرى ئىچىدە “ قوزغىلاڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ قېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا توغرا كەلدى. دۇشمەن نەچچە مىڭ ئەسكەر بىلەن يول بويى قوغلاپ توسۇپ زەربە بېرىپ كۆپ ھالسىراتتى. غۇلجىغا يېتىپ بارغىنىمدا 200دىن ئارتۇق ئەسكىرىمدىن ئاران 90 نەچچىسى ھايات قالغانىدى. غۇلجىغا بېرىشىمىزغا بىزنى روس ئوفىتسىرلار قورالسىزلاندۇرۇشتى. كېيىن ئېلىخان تۆرەم ئارىلىشىپ قوراللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. بىز بارغاندا چوڭ كوماندىرلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس بولۇپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقلىرى پۈتۈنلەي روسچە ئىكەندۇق. چوڭراق ھەربى يىغىنلاردا پىلان رۇسلاردىن بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن مەخسۇس ھەربى تەلىم كۆرگەنلەرنىڭ كەملىكى بەكمۇ بىلىنگەنىكەن. بىز كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلار بىر ئاز ئۆزگەردى. دەسلەپتە بىزنىڭ قىسىملا ئۇيغۇرچە كوماندا بويىچە مەشغۇلات قىلاتتى.  كېيىن بارا-بارا ئۇيغۇرچە كوماندا ئومۇملاشتى…“
”ئانا يۇرت“نى ئەسلى يەتتە قىسىم دېگەنتى
گەپ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكام مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ”مەرھۇم ماڭا 1944 يىللىرىدىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاپ ھەققىدە يەتتە قىسىملىق بىر تارىخىي رومان يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. بەلكىم مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، كىتاب ئۈچ قىسىم چىقتى. زوردۇن سابىر مەن بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقان ۋە بەزى يازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى. روماننى نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىدەك يېزىشقا تىرىشپتۇ، لېكىن كۆپ قىسقارتىپتۇ“. بىز سوپاخۇنىكامنىڭ ئۆيىدە بىر سىزما رەسىمنى كۆردۇق. رەسىمدە ئاتقا مىنىپ تۇرغان ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالنىڭ ئوبرازى توپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. سوپاخۇنىكامنىڭ ئېيتىشىچە ئىككى ئەرنىڭ بىرى سوپاخۇنىكام، يەنە بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ بولۇپ رەسىمدىكى ئايال سوپاخۇنىكامنىڭ تۇنجى ئايالى مەرھۇم تۇخان ئانا ئىكەن. زوردۇن سابىر مەزكۇر رەسىمنى كىتابىغا مۇقاۋا قىلىش ئۈچۈن سوراپ كېتىپ رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەنىكەن. بۇ رەسىمنى شىخودىن بىر ئوقۇتقۇچى رەسسام سىزىپ سوپاخۇنىكامغا سوۋغا قىلغانىكەن.
”قورال تاشلىساڭ ئاتمايمىز“ مۇ ياكى ”قۇرال تاشلايمىز ئاتما“مۇ؟
ئاقسۇ سېپىلىنى قورشاپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى زەمبىرەك بولمىغانلىقى(سوۋېت ھۆكۈمىتى كاتيۇشا سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانىكەن) سەۋەبلىك سېپىلنى پارتىلىتىشقا قادىر بولالماي قورشاۋ ئۇزۇراپ كەتكەن. ئارىدا باش شتابتىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان سوپاخۇنىكام ۋە جەڭچىلەر قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دەملەردە گومىنداڭ قىسىملىرى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جەڭچىلىرىمىز پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىپ دۈشمەننى چېكىندۈرگەن. دۈشمەن بىر ئاز ئېتىشىپ ئوق توختاتقان ۋە قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى يەرگە قارىتىپ“ جىياۋ چىياڭ بۇ شا(قۇرال تاپشۇرساڭ ئاتمايمىز)دەپ ئالغا يۈرگەچ ۋارقىراشقان. بۇ چاغدا سوپاخۇنىكام “ ئۇلار قورال تاپشۇرۇڭلار ئاتمايمىز دەۋاتىدۇ، قىرىپ تاشلايلى، دېسە، ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋ ”قورال تاپشۇرىمىز ئاتما دەۋاتىدۇ“ دەپ ئىككەيلەن تالىشىپ قالغان. سوپاخۇنىكام ”ئابدۇكېرىم،تەسلىم بولىدىغان دۈشمەن قوراللىرىنى تاشلاپ بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن قۇرۇق قول بولۇپ ۋەكىل ئەۋەتىدۇ“ دېسىمۇ ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ قايىل بولماي ئەسكەرلەرگە تەييارلىق بۇيرۇقى بەرگۈزمىگەن. مۇشۇنداق بىخەستەلىكنى كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن ئارمىيىسى غالجىرلارچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە نۇرغۇن جەڭچى شېھىت بولغان.
”بىزنىڭ بالىلار قىزىقمايدۇ“
پاراڭ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكامنىڭ ئايالى ”ۋاي بالىلىرىم، سىلەر باشقا باشقا مەكتەپتىن تۇرۇپ، ئۇقۇشۇپ ئاتايىن ئىزدەپ كەپسىلەر، ئاڭلاپ تۇرسام شۇنچە جىق تارىخلارنى سوراپ كەتتىڭلار. بىزنىڭ بالىلار دادىسىدىن بۇلارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، دادىسى توغرا كېلىپ  سۆزلەپ سالسىمۇ قىزىقمايدۇ. ئورنىدىن دەس تۇرالمايدىغان مۇشۇ ئادەم جېنىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيدۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بۇرۇنلا كىتاب قىلىپ يېزىپ بولغان ئەمما مۇھەررىرلەر جىق ئۆزگەرتىۋەتكەچكە نەشىر قىلىشقا ئۇنىمىدى. چىقمىسا چىقمىسۇن، لېكىن يالغاننى قاتقۇزمايمەن دەيدۇ. بۇ ئادەمدىكى قانداق جانكى، سوغۇقتا دۈگدەيمەيدۇ، ئىسسىقتىن سالپىيىپ كەتمەيدۇ. مىدىرلىيالىسىلا چېنىقىدۇ. ”ئانا يۇرت“ نىمۇ كىتاب چىقىپ بولغىچە تاقەتسىزلىنىپ  چىقىشىغىلا ئېلىپ ئوقۇپ بولدى. بىزنىڭ بالىلار كىمنى دورىدىكى، دادىسى شۇنچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ئوردىنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ بولدى“ دېدى ھەسرەتلىنىپ.
خاتىمە، گېنىرالنىڭ ۋەسىيىتى
سوپاخۇنىكام مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشىمىزنى تەكىتىلگەن ئىدى. مەنچە ئۇ بۈگۈنكى بوغۇنغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا  مۇشۇ ئىككى ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش يەنە بىرى كەسپ ئىگىلەش. “ بالىلىرىم، مەن ئەسكەر باشلاپ قورال كۆتۈرۈپ سوقۇش قىلدىم، تۈرمىگە چۈشۈپ مەھبۇسلار قاتارىدا ئېغىر ئەمەسمۇ قىلدىم، زەي زىندانلاردا، قورقۇنچلۇق قىيناقلاردا خورلاندىم، ئەمما باش ئەگمىدىم، تىزلانمىدىم.  مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئېگىلگەن ھۈنەر. مەن بىلگەن تارىخ ماڭا قوۋمى ئۈچۈن ھەق ئىزدىگەن، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىي يۆلەك بولدى. بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات، دۇنيا، ئۆلۈم ۋە ھۆرلۈك ھەققىدىكى ھىكايەت، ئۆگۈتلىرى ماڭا زەي زىندانلاردىمۇ باش پاناھ، روھىي ئوزۇق بولدى. دۈشمەن ئاچ قويدى ئەمما ئۈمىدسىزلەندۈرەلمىدى، تېنىمنى قىينىدى، ئەمما روھىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ روھى دۇنيارىمدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن توم توم كىتابلاردىكى ھىكمەتلەردىن ئاللىقاچان يېقىلماس ئىرادە مۇنارى تىكلەنگەن ئىدى. بۇ خاسىيەتلىك مۇنارنى ھېچكىم قىيناپ يىقىتالمايتتى، ئازابلاپ يوقۇتالمايتتى. مەن بوۋىلىرىمىزنىڭ“ئىنسانغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز“ دېگەن تەۋسىيىسى بويىچە پۇرسەتلا بولسا ھۈنەر ئۆگەندىم. تۈرمىگە تاشلانغان چېغىمدا قولۇمدىن ناۋايلىق، شوپۇرلۇق،رېمونتچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ئىھتىياج چۈشۈپلا تۇردى. بەلكىم مۇشۇ ھۈنىرىم خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇنچە قىينىدىيۇ ئۆلتۈرۈشمىدى. ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى سەۋەبلىك ھايات قالغان مەنلا ئەمەس،مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياغاچچىلىق بىلەن جان ساقلىغان، ئۈرۈمچىدە كونىلار ھېلىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ”دارازا ياغاچچى“ دەپ ئاتىشىدۇ. بالىلىرىم، ئىشخانىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن دېمەڭلار،قىزىل ۋاراقلىرىنى يىغىۋېلىپ بايلىقمىكىن دېمەڭلار. بوۋىلىرىمىز، ”كىمدىن قالمىغان بۇ جاھان“ دەپ توغرا ئېيتقان. بىز جىق جاھان كۆردۇق، باغلام باغلام پۇللار بىر كېچىدىلا قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى، ھەيۋەتلىك قەسىرلەردە غادايغانلار بىر كۈندىلا ئاچ-زارلارغا ئايلاندى.روھىڭىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار“.
كەمىنە ئۆمۈرلۈك جەڭچى، يىقىلماس ئەزىمەت سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. بۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، مەرھۇمنىڭ غايە مەشئەلنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك قىلغاي.

ئۇيغۇر گېنېرالنىڭ ھوزۇرىدا

2000-يىلى ”ئانا يۇرت“ نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنېرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمدا سوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخىرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قوماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سوراشتۇرۇپ چىقتى. بىز ”ئانا-يۇرت“تا  تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال سورۇشۇپ بوۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولاشتۇق.

ئەسكەرلىرىمنىڭ كوماندىلىرى ئۇيغۇرچە ئىدى

سوپاخۇنىكامدىن خوجىنىياز ھاجى قوزغىلىڭى ۋە مىللي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىش جەريانى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ مۇڭلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىراقلا نۇرلانغانىدى. شۇ چاغدا بۇ مۇبارەك زاتنىڭ ئاۋازىنى ساقلىۋالمىغىنىمغا كۆپ پۇشمان قىلىمەن. ئۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرى ئىچىدە “ قوزغىلاڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارلىنىپ قېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلىشقا توغرا كەلدى. دۇشمەن نەچچە مىڭ ئەسكەر بىلەن يول بويى قوغلاپ توسۇپ زەربە بېرىپ كۆپ ھالسىراتتى. غۇلجىغا يېتىپ بارغىنىمدا 200دىن ئارتۇق ئەسكىرىمدىن ئاران 90 نەچچىسى ھايات قالغانىدى. غۇلجىغا بېرىشىمىزغا بىزنى روس ئوفىتسىرلار قورالسىزلاندۇرۇشتى. كېيىن ئېلىخان تۆرەم ئارىلىشىپ قوراللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى. بىز بارغاندا چوڭ كوماندىرلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس بولۇپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقلىرى پۈتۈنلەي روسچە ئىكەندۇق. چوڭراق ھەربى يىغىنلاردا پىلان رۇسلاردىن بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن مەخسۇس ھەربى تەلىم كۆرگەنلەرنىڭ كەملىكى بەكمۇ بىلىنگەنىكەن. بىز كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلار بىر ئاز ئۆزگەردى. دەسلەپتە بىزنىڭ قىسىملا ئۇيغۇرچە كوماندا بويىچە مەشغۇلات قىلاتتى.  كېيىن بارا-بارا ئۇيغۇرچە كوماندا ئومۇملاشتى…“

”ئانا يۇرت“نى ئەسلى يەتتە قىسىم دېگەنتى

گەپ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكام مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ”مەرھۇم ماڭا 1944 يىللىرىدىكى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلاپ ھەققىدە يەتتە قىسىملىق بىر تارىخىي رومان يازماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. بەلكىم مەرھۇمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ياكى باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، كىتاب ئۈچ قىسىم چىقتى. زوردۇن سابىر مەن بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقان ۋە بەزى يازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى. روماننى نەشىر قىلىنىشى بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىدەك يېزىشقا تىرىشپتۇ، لېكىن كۆپ قىسقارتىپتۇ“. بىز سوپاخۇنىكامنىڭ ئۆيىدە بىر سىزما رەسىمنى كۆردۇق. رەسىمدە ئاتقا مىنىپ تۇرغان ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالنىڭ ئوبرازى توپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. سوپاخۇنىكامنىڭ ئېيتىشىچە ئىككى ئەرنىڭ بىرى سوپاخۇنىكام، يەنە بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ بولۇپ رەسىمدىكى ئايال سوپاخۇنىكامنىڭ تۇنجى ئايالى مەرھۇم تۇخان ئانا ئىكەن. زوردۇن سابىر مەزكۇر رەسىمنى كىتابىغا مۇقاۋا قىلىش ئۈچۈن سوراپ كېتىپ رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەنىكەن. بۇ رەسىمنى شىخودىن بىر ئوقۇتقۇچى رەسسام سىزىپ سوپاخۇنىكامغا سوۋغا قىلغانىكەن.

”قورال تاشلىساڭ ئاتمايمىز“ مۇ ياكى ”قۇرال تاشلايمىز ئاتما“مۇ؟

ئاقسۇ سېپىلىنى قورشاپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى زەمبىرەك بولمىغانلىقى(سوۋېت ھۆكۈمىتى كاتيۇشا سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانىكەن) سەۋەبلىك سېپىلنى پارتىلىتىشقا قادىر بولالماي قورشاۋ ئۇزۇراپ كەتكەن. ئارىدا باش شتابتىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان سوپاخۇنىكام ۋە جەڭچىلەر قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دەملەردە گومىنداڭ قىسىملىرى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن. جەڭچىلىرىمىز پىداكارلىق بىلەن ئېلىشىپ دۈشمەننى چېكىندۈرگەن. دۈشمەن بىر ئاز ئېتىشىپ ئوق توختاتقان ۋە قوراللىرىنىڭ ئۇچىنى يەرگە قارىتىپ“ جىياۋ چىياڭ بۇ شا(قۇرال تاپشۇرساڭ ئاتمايمىز)دەپ ئالغا يۈرگەچ ۋارقىراشقان. بۇ چاغدا سوپاخۇنىكام “ ئۇلار قورال تاپشۇرۇڭلار ئاتمايمىز دەۋاتىدۇ، قىرىپ تاشلايلى، دېسە، ئابدۇكېرىم ئابباسۇۋ ”قورال تاپشۇرىمىز ئاتما دەۋاتىدۇ“ دەپ ئىككەيلەن تالىشىپ قالغان. سوپاخۇنىكام ”ئابدۇكېرىم،تەسلىم بولىدىغان دۈشمەن قوراللىرىنى تاشلاپ بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن قۇرۇق قول بولۇپ ۋەكىل ئەۋەتىدۇ“ دېسىمۇ ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ قايىل بولماي ئەسكەرلەرگە تەييارلىق بۇيرۇقى بەرگۈزمىگەن. مۇشۇنداق بىخەستەلىكنى كۈتۈپ تۇرغان دۈشمەن ئارمىيىسى غالجىرلارچە ھۇجۇمغا ئۆتكەن، نەتىجىدە نۇرغۇن جەڭچى شېھىت بولغان.

”بىزنىڭ بالىلار قىزىقمايدۇ“

پاراڭ ئارىلىقىدا سوپاخۇنىكامنىڭ ئايالى ”ۋاي بالىلىرىم، سىلەر باشقا باشقا مەكتەپتىن تۇرۇپ، ئۇقۇشۇپ ئاتايىن ئىزدەپ كەپسىلەر، ئاڭلاپ تۇرسام شۇنچە جىق تارىخلارنى سوراپ كەتتىڭلار. بىزنىڭ بالىلار دادىسىدىن بۇلارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، دادىسى توغرا كېلىپ  سۆزلەپ سالسىمۇ قىزىقمايدۇ. ئورنىدىن دەس تۇرالمايدىغان مۇشۇ ئادەم جېنىدا توختىماي كىتاب ئوقۇيدۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بۇرۇنلا كىتاب قىلىپ يېزىپ بولغان ئەمما مۇھەررىرلەر جىق ئۆزگەرتىۋەتكەچكە نەشىر قىلىشقا ئۇنىمىدى. چىقمىسا چىقمىسۇن، لېكىن يالغاننى قاتقۇزمايمەن دەيدۇ. بۇ ئادەمدىكى قانداق جانكى، سوغۇقتا دۈگدەيمەيدۇ، ئىسسىقتىن سالپىيىپ كەتمەيدۇ. مىدىرلىيالىسىلا چېنىقىدۇ. ”ئانا يۇرت“ نىمۇ كىتاب چىقىپ بولغىچە تاقەتسىزلىنىپ  چىقىشىغىلا ئېلىپ ئوقۇپ بولدى. بىزنىڭ بالىلار كىمنى دورىدىكى، دادىسى شۇنچە يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ئوردىنلىرىنىمۇ يوقۇتۇپ بولدى“ دېدى ھەسرەتلىنىپ.

خاتىمە، گېنىرالنىڭ ۋەسىيىتى

سوپاخۇنىكام مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشىمىزنى تەكىتىلگەن ئىدى. مەنچە ئۇ بۈگۈنكى بوغۇنغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا  مۇشۇ ئىككى ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىرى مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش يەنە بىرى كەسپ ئىگىلەش. “ بالىلىرىم، مەن ئەسكەر باشلاپ قورال كۆتۈرۈپ سوقۇش قىلدىم، تۈرمىگە چۈشۈپ مەھبۇسلار قاتارىدا ئېغىر ئەمەسمۇ قىلدىم، زەي زىندانلاردا، قورقۇنچلۇق قىيناقلاردا خورلاندىم، ئەمما باش ئەگمىدىم، تىزلانمىدىم.  مېنى ئىككى نەرسە يىقىلغان يېرىمدىن تۇرغۇزدى، بىرى مەن ئۆگەنگەن تارىخ يەنە بىرى مەن ئېگىلگەن ھۈنەر. مەن بىلگەن تارىخ ماڭا قوۋمى ئۈچۈن ھەق ئىزدىگەن، ھۆرلۈك تەلەپ قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىرادىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىي يۆلەك بولدى. بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات، دۇنيا، ئۆلۈم ۋە ھۆرلۈك ھەققىدىكى ھىكايەت، ئۆگۈتلىرى ماڭا زەي زىندانلاردىمۇ باش پاناھ، روھىي ئوزۇق بولدى. دۈشمەن ئاچ قويدى ئەمما ئۈمىدسىزلەندۈرەلمىدى، تېنىمنى قىينىدى، ئەمما روھىمنى باش ئەگدۈرەلمىدى. چۈنكى مېنىڭ روھى دۇنيارىمدا ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن توم توم كىتابلاردىكى ھىكمەتلەردىن ئاللىقاچان يېقىلماس ئىرادە مۇنارى تىكلەنگەن ئىدى. بۇ خاسىيەتلىك مۇنارنى ھېچكىم قىيناپ يىقىتالمايتتى، ئازابلاپ يوقۇتالمايتتى. مەن بوۋىلىرىمىزنىڭ“ئىنسانغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئاز“ دېگەن تەۋسىيىسى بويىچە پۇرسەتلا بولسا ھۈنەر ئۆگەندىم. تۈرمىگە تاشلانغان چېغىمدا قولۇمدىن ناۋايلىق، شوپۇرلۇق،رېمونتچىلىق، كۆۋرۈك ياساش، تامچىلىق قاتارلىق ھۈنەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ئىھتىياج چۈشۈپلا تۇردى. بەلكىم مۇشۇ ھۈنىرىم خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇنچە قىينىدىيۇ ئۆلتۈرۈشمىدى. ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى سەۋەبلىك ھايات قالغان مەنلا ئەمەس،مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياغاچچىلىق بىلەن جان ساقلىغان، ئۈرۈمچىدە كونىلار ھېلىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ”دارازا ياغاچچى“ دەپ ئاتىشىدۇ. بالىلىرىم، ئىشخانىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن دېمەڭلار،قىزىل ۋاراقلىرىنى يىغىۋېلىپ بايلىقمىكىن دېمەڭلار. بوۋىلىرىمىز، ”كىمدىن قالمىغان بۇ جاھان“ دەپ توغرا ئېيتقان. بىز جىق جاھان كۆردۇق، باغلام باغلام پۇللار بىر كېچىدىلا قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندى، ھەيۋەتلىك قەسىرلەردە غادايغانلار بىر كۈندىلا ئاچ-زارلارغا ئايلاندى.روھىڭىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار تارىخ ئۆگىنىڭلار، قەددىمىز سۇنمىسۇن دېسەڭلار ھۈنەر ئۆگىنىڭلار“.كەمىنە ئۆمۈرلۈك جەڭچى، يىقىلماس ئەزىمەت سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن كۆرۈشكەن مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. بۇ ئەرزىمەس يازمام ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي، مەرھۇمنىڭ غايە مەشئەلنى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈلۈك قىلغاي.