ئايلىق ئارخىپلار: 2012-يىل 05

电信,联通,移动دە ئىشلەيدىغان 小米 دىن بىرنى ساتىمەن

گۈرۈچچاق ھەققىدە مەن بۇرۇنمۇ توختالغان. ../2674.html

http://mobile.pconline.com.cn/market/nn/1205/2788348.html


ئالدىنقى كۈنى 电信,联通,移动  لارنىڭ ھەممىنى قوللايدۇ دەپ ئاڭلاپ بىرنى زاكاس قىلغان.كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ GSM,GPRS,EDEG تورلىرىنى شۇنداقلا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ WCDMA,HSPDA,GSM,GPRS,EDEG قاتارلىق تورلىرىنى شۇنداقلا تېىلېگىرافنىڭ CDMA X1,CDMA 2000 قاتارلىق تورلىرىنى تولۇق قوللايدىكەن. يەنى ئامېركىنىڭ LTE تۆتىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ TDS-CDMA دىن باشقا ھەرقانداق تورنى قوللايدۇ دېگەن گەپ.

بۈگۈن قولۇمغا تېگىدۇ.سەپلىمىسى بۇرۇن ئېيتىلغاندەك يۇقىرى. قولۇمدىكى يانفونۇمنى تېخى سېتىپ چىقىرۋىتەلمىگەن بولغاچ ماۋۇ گۈرۈچچاقنىڭ پىچىتىنى ئاچمايلا سېتىۋەتمەكچى.
ئەسلى بازار باھاسى 2500 كەن http://mobile.pconline.com.cn/market/sh/1205/2780642.html
ھازىر 2400 گە ئۆتۈنۈپ بېرىمەن. ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن بارلىق زاپاچاسلىرىدىن باشقا يەنە ئۆزۈم زاكاس قىلغان LG نىڭ باتارىيەسى ۋە يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ئىكران پەردىسىنمۇ قوشۇپ بېرىمەن.
ئالاقە: QQۋە email ئوخشاشلا admin@../

سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت بىر يىل بولۇپ كىلەر يىلنىڭ مۇشۇ كۈنىگىچە گۈرۈچچاقنىڭ خالىغان مۇلازىمەت پونكىتى (چوڭ شەھەرلەردە بار) ئىگە. 7 كۈندە سۈپەت كاپالىتى بىلەن قايتۇرىدۇ، 15 كۈندە سۈپەت كاپالىتى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ.

مەندىن ئىچكى خەتتە بۇ تېلفون توغۇرلۇق ياردەم سورىغۇچىلار:
خالاستان بىلوگىدا بۇ ھەقتە مۇنازىرە كۆپ بولۇنمىدى. شۇڭا مەن مۇناسىۋەتلىك مەنبەدىن نەقىل كەلتۈرەي
مۇڭلان يازغان تەسىرات

http://qutyar.net/mb/thread-2412-1-16.html

گۈرۈچچاق ھەققىدە نەچچە بايان

http://qutyar.net/mb/thread-2673-1-14.html

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ۋە ئۇيغۇرچە Rom لار ماۋۇ يەردە

http://qutyar.net/mb/thread-3380-1-4.html

http://qutyar.net/mb/thread-3329-1-5.html

http://qutyar.net/mb/thread-3179-1-6.html

ھەقىقى -ساختىسىنى پەرقلەندۈرۈش

http://qutyar.net/mb/thread-2985-1-9.html

ئۇيغۇرچە تونۇتۇش

http://qutyar.net/mb/thread-2841-1-12.html

http://qutyar.net/mb/thread-2768-1-12.html

GoogleAdsense ئېلانىنى داۋاملىق تەمىنلەيمەن

http://www.nurqut.com/ud/thread-8664-1-1.html نىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەن قىرىنداشلارنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن يىقىندا بىر نەچچە بېكەتنىڭ شەرت-شارائىتى پېشىپ يېتىلىپ ئېلان ئېلتىماس قىلىشقا شەرتى توشقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن كونا قائىدىنى يەنە رەسمىي باشلاشنى قارار قىلدىم.
باھا:
1.
4خەتتىن ئاشمىغان (4خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خەنچە ئىسىملىك بولسىڭىز 100 سوم، PIN تەمىنلىنىدۇ.
2.
4خەتتىن ئارتۇق خەنچە خەتلىك ئىسىملىك بولسىڭىز 150 سوم، PIN تەمىنلىنىدۇ.(كۆپىنچە بۇ ئۇسۇل تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.بەك ۋاقىت ئالىدۇ.ئېلان ئالغۇچى، بەرگۈچى تەڭ جىددىيلىشىدىغان گەپ).
3.
ئەگەر مەن تەمىنلەپ بەرگەن (ئۆزۈمنىڭ نامىدىكى 4 خەتلىك ئىسىملىك ياكى خەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىسمىدا ئېلىنغان ) ئېلان قويغۇچىلارغا باھا 80 سوم، PIN تەمىنلىنىدۇ. كىيىنكى ھەر قىتىملىق پۇل ئالغاندا 100 سوم رەسمىيەت ھەققى ئىلىنىدۇ.
1-،2- ئۇسۇلدا ئېلان كىرىمنى بېكەت باشلىقى ئۆزى ئالالايدۇ.3- ئۇسۇلدا بېكەت باشلىقى ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدۇ، مەن ئېلىپ بېرىمەن.
ئېلان ئالالمايۋاتقان ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلان ئېلىشنى ئويلىشىپ ئىشەنچلىكراق بىدىك تاپالمايۋاتقانلار ئالاقە قىلغايسىزلەر.;P
بۇ ئېلان ھەققىدە تۆۋەندىكى ئىككى تېمىنى كۆپرەك كۆرۈپ بېرىش ئۇزۇن مەزگىللىك ساغلاملىققا پايدىلىق :D
../?s=googleadsense
كامالىي ئىھتىراملار بىلەن نەزەرى (خالاستان بىلوگى)

پۇلنى خالاستان بىلوگى قارمىقىدىكى تور دۇكىنىدا تۆلەشكە ياكى نەزەرىنىڭ بانكا كارتىسىغا بىۋاستە ئۇرۇشقا بولىدۇ.../vip

iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەدىن مەلۇم بولىشىچە iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 چۈشۈرۈشنى تەمىنلەپتۇ.

بۇ قېتىم ئالاھىدە ھالدا Windows,Mac OS,Linux تىن ئىبارەت 3 چوڭ مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئايرىم- ئايرىم نەشىر بولىقى تەمىنلىنىپتۇ.

شۇنداقلا Absinthe ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئۇسۇللار ئىچىدە ئەڭ ئاسان (سىستىمىنى چۈشۈرۈپ بىرلا خەتنى بېسىپ) بولۇپ ھەرقانداق ئەقلى ئېىقتىداردىكى ئادەملەر تولۇق ھۆددىسىدىن چىقىپ كىتىدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگىمۇ بۇ ھەقتە بەك تەپسىلىي دەرىسلىك تەييارلىمايدۇ.

جەريانى مۇنداق:

ئالدىن بىلەن كومپيۇتېرىڭىزدا iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى قاچىلانغان بولسۇن. چۈشۈرۈڭ http://www.iTunes.com

قولىڭىزدىكى (../3585.html) دا كۆرسىتىلگەن ئۈسكىنىلىرىڭىزنىڭ نەشرىنى 5.1.1 گە كۆتۈرۈڭ (SHSH نى زاپاسلاڭ دەرىسلىك ../?s=shsh)

ئاندىن تۆۋەندىكى ئادېرىستىن ماس نەشىردىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنى چۈشۈرۈڭ. كۆپىنچەيلەن Windows نى چۈشۈرسەكلا تامام.

دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بولاقنى چۈشۈرۈپ، شۇ پىتىچىلا پىرىسىتىن يېشىپ (باش مۇندەرىجىسى absinthe-win-2.0 بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىدە __MACOSX دېگەن ھۆججەت قاپچۇق ۋە absinthe-win-2.0.exe دېگەن ھۆججەت بولىدۇ. absinthe-win-2.0.exe نى ئىجرا قىلغاندىن كىيىن absinthe-win-2.0 دېگەن باش مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە absinthe-win-2.0 دېگەن مۇندەرىجىدىن يەنە بىرى پەيدا بولىدۇ. absinthe-win-2.0 نىڭ ئىچىدىكى absinthe-win-2.0نى) ئىجرا قىلىمىز. بۇ جەرياندا ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ئۈسكىنە قايتا قوزغالسىلا ئىچىدە Cydia كۆرۈنىدۇ.

ئاخىردا ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ چۈشۈرگەن دېتالنىڭ كۆرۈنمە بېتىدىكى JailBreak  دېگەن خەتنى(ئەمىلىيەتتە بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە بىردىنبىر باسقىلى بولدىغان خەتمۇ شۇ) بېسىپلا كۈتۈپ ئولتۇرسىڭىز بولدى. خوش، ئىشىڭىزنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن.iPad2 WiFi R2 new model  ھازىرچە تۈرمىدىن قاچمايدۇ.

ئۇچۇرغان مەسىلىلەر خالاستان بىلوگى مەخسۇس ھەل قىلىش تېخنىكىلىق ياردىمى بېرىدۇ. ../?s=jailbreak

ئەسكەرتىش: تۈرمىدىن قېچىش سۈرىتىنىڭ تېز بولىشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئۈسكىنىنى قايتىدىن 5.1.1 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇشىنى تەكلىپ قىلىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا Absinthe 2.0 نىڭ زاپاسلايدىغان ئۇچۇرلىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ Windows شارائىتىدا ئوڭايلا مەغلۇب بولىشى مۇمكىن.

Absinthe 2.0 چۈشۈرۈش ئادېرسى تۆۋەندىكىچە: ئادېرىسلارنى 迅雷 كۆچۈرۈپلا چۈشۈرۈڭ.

Mac OS ئۈچۈن

https://sites.google.com/site/greenpois0nabsinthe/absinthe-mac-2.0.dmg?attredirects=0&d=1

Linux ئۈچۈن

https://sites.google.com/site/greenpois0nabsinthe/absinthe-linux-2.0.tar.bz2?attredirects=0&d=1

Windows ئۈچۈن

https://sites.google.com/site/greenpois0nabsinthe/absinthe-win-2.0.zip?attredirects=0&d=1

ھەممىنى بىراقلا 迅雷 دىن چۈشۈرۈڭ http://kuai.xunlei.com/d/KWHSMMLEJYPU

5.1.1 غا چىققاچ تۇرۇڭ! تۈرمىدىن قاچىدۇ

ئالدىنقى تېمىمىزدا Pod2gدېگەن پالۋاننىڭ بىر نەچچە ئۈسكىنە (iPhone, iPad,iPod, iTV,) نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان. لىكىن ئۇلار بىخەتەرلىك ۋە سىغىشىشچانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرغىچە سىناق قىلىۋاتقان ئىدى.

Pod2g تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىلارنىڭ كاتتا يىغىنى ئاتالمىش HITB شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھەمدە Absinthe Jailbreak for iOS 5.0.1 دېگەن تېمىدا نوتۇق سۆزلەيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرمىدىن قېچىشنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل قىچىش تېزىملىكىنى يىڭىلاپتۇ.

تۆۋەندىكى ئۈسكىنىلەرنىڭ قۇلۇب چۈشۈپ قىلىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرمىگەنلەر خالىغانچە كۆتۈرۈپ يىڭى سىستىمىدىن ھوزۇرلانغاچ تۇرسا كەلگۈسى ئىككى كۈن ئىچىدە مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش قورالى ئېلان قىلىنىدۇ.

شۇنداقلا خالاستان بىلوگىمۇ دەرىسلىك تەمىنلەيدۇ.

چۈشەنچە: جەدۋەلنىڭ يۇقارقى قىسمىدىكى ھەممە ئۈسكىنىلەر بۇ قىتىملىق مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشقا ماس كىلىدۇ.

Apple TV 3 ھازىرچە تۈرمىدىن قاچمايدۇ. iPad 2 Wifi, R2  ۋە iPad 3 Global لار بولسا ھازىرچە سىناق باسقۇچىدا، قېچىشى مۇمكىن.

Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ

بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا ئالدىنقى قېتىم ipad1/2 لەرنىڭ iOS نىڭ 5.0.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى تارقاتقان پارتىزان تېخنىك Pod 2g يىقىنقى بىر نەچچە كۈن ئېچىدە iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بارلىق ئۈسكىنىلەر 5.0.1 دە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. iPad 2 ۋە The New iPad شۇنداقلا 5- ئەۋلاد iPhone ئاتالغان iPhone 4s لەر 5.1 دا تۈرمىدىن قاچمايدۇ، باشقا ئۈسكىنىلەر ئالما يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى مەشغۇلات سىستمىسى iOS نىڭ 5.1 ۋە 5.1.1 دا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ.

5.1.1 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققۇچىلار مەرھەمەت 

شۇنداقلا 5.1 نەشىردىكى ئۈسكىنىلەرنى shsh بار شارائىتتا RedSn0w0.9.11b4 ئارقىلىق 5.0.1 غا چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولىدۇ. نەشىر تۆۋەنلىتىش دەرىسلىكى

5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى 

يۇقارقى ئۈسكىنىلەرنىڭ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپلا تېخنىكلىرىمىز 5.1.1 غا ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا بىز ئۈچۈن 5.1 نىڭ كۆپ ئەھمىيىتى قالمىدى. نەشىر كۆتۈرۈش ئويىدىكىلەر ئويلىنىپ ئىش كۆرگەي. iPhone 3Gs  نىڭمۇ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشى يوق. 5.1.1 دە يەنە قالدۇرلۇپتۇ. بۇنىڭغا يەنە بىر ئاز كۈتۈش كىرەك بولدى. مۇناسىۋەتلىك تورداشلار خەۋەردار بولغاي.