ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 04

iPhoneئۈچۈن يەنە بىر ياخشى قورال

تېمدىن سېرىت خەۋەر: بوشلۇق تەمىنلىگۈچى كالامپايلارنىڭ كاشىلىسى بىلەن تور بەت بۈگۈن 4 سائەتتىن ئارتۇق توختاپ كەتتى. كەڭ زىيارەتچىلەردىن ئەپۇ سورايمەن.

ئالدىنقى قېتىم خالاستان بىلوگى دوستلارغا بىر قورال تەۋسىيە قىلغان_iTools دىگەن بۇ دېتال ھەقىقەتەن قولاي بولۇپ نۇرغۇن دوستلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن.iTools دىگەن ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق بىلوگىمدىن ئېزدىڭىسز بۇ ھەقتىكى يازمىلاردىن بىر نەچچىنى كۆرەلەيسىز.

لىكىن ئۇنىڭ iPhone نۇسخىسى بولمىغاچ پەقەت كومپيۇتېردىلا مەشغۇلات قىلىشقا بولاتتى. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغان بۇ دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى يەنە بۇرۇنقى itools  جىق پەرقلەنمەيدۇ.لىكىن بۇنىڭ iPhone نۇسخىسى ناھايتى قولايكەن.دېتال يىڭىلاش، قايتا قاچىلاش، wifi دا تۇرۇپلا ھەرخىل ھەقسىز دېتاللارنى قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئوڭايلا قىلىشىقا بولىدىكەن. شۇڭا دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى سۇندۇم.

دېتالنىڭ مۇبارەك نامى 同步助手 بولۇپ يىقىندا چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن. مەن سىناپ باقتىم.كومپيۇتېر نۇسخىسى تازا قولاي بىلىنمىدى. ئەمما ئالما نۇسخىسى بولۇپ قويىدىكەن. يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ئاسانكەن.

دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمەيۈزى :

دېتالنىڭ ئالما غا قاچىلايدىغان نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنۈشى :

ئالما نۇسخسىىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :http://dl.dbank.com/c0kglmfgwo

كومپيۇتېر نۇسخىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :http://dl.dbank.com/c0ky2ybpa1

iPhoneغاwindowsXPنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبىنى قوشۇش

بۇ بىر windowsXP ئۇسلۇبى بولۇپ iPhone  دىكى ياخشى قورال winterboard نىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇ دەرسلىك iphone,ipod,ipad كە ماس كىلىدۇ.

1. cydiaغا winterboard دەپ كىرگۈزۈپ، تاللاپ قاچىلايمىز. ئىكرانغا winterboard ناملىق سىنبەلگە چېقىدۇ، iphone نىڭ 设置 تېزىملىكىگىمۇ winterboard دىگەن بەلگىلەش ئورنى پەيدا بولىدۇ.بۇ يەردىن بەزى بەلگىلەشلەرنى قىلىپ ئازراق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ تېخى بىر سۇپا. باشقا ئىقتىدارلارنى بىز بىر-بىرلەپ قوشىمىز.

2.cydia غا ماۋۇ مەنبەنى قوشىمىز    http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/ .  دەرسلىك: ../928.html

3. cydiaنىڭ ئىزدەش رامكىسىدىن windows دىگەننى ئىزدىسەكلا windows قا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تاللاش چېقىدۇ. windowsXPنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىنى بىسىپ قاچىلايمىز. قاچىلاش جەريانى ئاخىرلىشىپ ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەرگە باشقا تۈرلەرنى تاللىساقمۇ بولىدۇ.

4.ئۈسكىنىنىڭ 设置 دىگەن بەلگىلەش بېتىدىن winterboard قا كىرىمىز. ئەڭ ئۈستىدىىكى تاللاش تۈرىدىن كىيىنكى مۇندەرىجىگە كىرىپ نۇرغۇنلىغان تاللاش تۈرىنى بايقايمىز. ھەم ئۇ يەردىن windowsXPدىگەننىلا تاللاپ سول تەرەپ يۇقىردىن  مۇقىملاشنى باسىمىز.

رەسىمدە كۆرسىتىلگەن باسقۇچتىن كىيىنكى تاللاش بېتىگە كىرىمىز.

5. ئۈسكىنە بېتى قايتا يىڭىلىنىدۇ، مۇبارەك بولسۇن! ھازىر سىزنىڭ بېتىڭىز چىرايلىق windowsXP گە ئۆزگەردى.

يۇقارقى windowsXP نى تاللىغان كۆزنەكتىن باشقا تەگلىكلەرنى چۈشۈرۈپ winterboard ئارقىلى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

iPhone4 تىن بىر چۈۋۋەتتۇقيا مانا

نەزەر باي يازغان ، ئايپۇنى يوق باللا چۈشىنىپ پايدىلىنىپ بولامايدىغان تاققا تۇققا يازمىلىرىنى كۆرەۋىرىپ بىشىڭلار ئاغرىپ كىرمەس بولۇپمۇ قالدىڭلا، قەلبىڭلىنى چۈشىنىمەن،

 

 

 

تۈنۈگۈن مارىستىكى دوستۇم, سىتىۋ جوبىسقا دەپ يۈرۈپ ئايپۇن 4 تىن بىرنى ئەۋەتىپتىكەن ئىچ پۇشقىدا چۇۋۇپ باقمايمۇ دىگەن نىيەتكە كىلىپ چۇۋۇپ كۆرۈپ ئايپۇنى يوقلارمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ سىنلاپ يوللىدىم ، قولام ئافرىقىنىڭ ئاپتىپىدا سەك قارىداپ كىتىپتىكەن ، ئىززا تارتىپ شۇ A++ دا بىر پروگرامما يىزىپ ئايپۇننىڭ چۇۋۇلۇش جەريانىدىكى قارا قولۇمنى يوق قىلىۋەتتىم ، كۆرۈرمەنلەر خۇددى ئالۋاستى ئايپۇن چۇۋۇۋاتقاندەك ھىس قىلغاي.

Close[SWF] - Aypon

SHSHزاپاسلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى

بىز ئالدىنقى قېتىم ھەربىر ئالما ئىشلەتكۈچىسى ئۈچۈن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى ئىش سۈپىتىدە shshنى زاپاسلاشنى ئۈگەتكەن.

تۆۋەندە ئۇنىڭدىمۇ قولاي بىر ئۇسۇل تونۇشتۇراي. بۇ خىل ئۇسۇلدا ناھايتى ئاددىيلا، ئۈسكىنىنىڭ ئۆزىدىلا تۇرۇپ SHSH نى زاپاسلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا لازىم بولغاندا مۇناسىۋەتلىك SHSH بار نەشىرگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.

ئالدى بىلەن Cydia غا http://apt.weiphone.com/ دىگەن ئادىرىسنى قوشۇڭ. cydia ئىشلتىش دەرسلىكى

ئاندىن Cydia دىن iSHSHit دەپ ئىزدەڭ. iSHSHit-固件证书备份 دىگەن دېتال كۆرۈنگەندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ يۇقارقى بەلگىنى ئارقىمۇ-ئارقا بېسىپ قاچىلاڭ.ئىكرانغا iSHSHit-固件证书备份 نىڭ سىنبەلگىسى چىقىدۇ.

ئاندىن كۆرۈنگەن يۈزدىن

Firmware دىگەننى تاللاڭ.

كىيىنكى كۆزنەكتىن ALL Versions دىگەننى تاللاڭ.

ئۇنىڭدىن كىيىن چىققان كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرسىدىن SAVE دىگەننى باسسىڭىزلا SHSH نى زاپاسلاشنى باشلايدۇ.

بۇ باسقۇچتا بىز ئاز ساقلىغاندىن كىيىن زاپاسلانغانلىق خەۋىرى ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرى چىقىدۇ.

كۆزنەكنى ۋە دېتالنى ئۆچۈىۋىتىشكە بولىدۇ. زاپاسلانغان SHSH ھۆججەتنى ئاللىبۇرۇن Cydia نىڭ مۇلازىمتېىرىغا يوللاپ بولدى، بىزنىڭ قايتىدىن ساقلىشىمىز ھاجەتسىز.

25-چىسلاipad2 شىياڭگاڭدا سېتىلىدۇ

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەردە دىيىلىشچە apple نىڭ يەنە بىر يىڭى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەھسۇلاتىiPad2(ئەلۋەتتە، نەزەرىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدى تېخى) 4- ئاينىڭ 25 -كۈنى شىياڭگاڭدىكى apple  مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى ۋە تېىلگىراف مۇلازىمەتچى شىركەتلىرىدە سېتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن سېرت ئاسىيا رايۇنىدا بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنىدىغان رايۇنلاردىن  سىنگاپور ۋە كورىيە باركەن. چوڭ قۇرۇقلۇققا قاچان كىرىشى تېخى ئىنىقسىز بولغاچقا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى  قىرىنداشلارغا يەنىلا ipad سېتىۋىلىش بىر قەدەر ئاقىلەنىلىك.

ئۇنداق بولغاندا ipad2 نىڭ مال مەنبەسى تېخىمۇ كۆپىيىپ، باھاسى چۈشىدۇ. لىكىن بۇنىڭغا ئەگشىپ ipad1 نىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشى ناتايىن. ھازىرمۇ باھاسى ھەقىقەتەن تۆۋەن. 16G لىق wifi نۇسخسىدىكىنىڭ باھاسى 2800 سوم . باشقىلىرىمۇ 800 سومدىن باھا پەرقى بار.

4- ئاينىڭ 25- كۈنى بازارغا كىرىدىغان ipad2نىڭ  تىپلىرى wifi ۋە wifi+3G قاتارلىق بولۇپ، رەڭگى ئاق، قارا ئىككى خىل.شىياڭگاڭدىكى باھاسى

wifi  نۇسخىدىكىنىڭ:

16G لىقى 3888 شىياڭگاڭ پۇلى؛

16G لىقى 4688 شىياڭگاڭ پۇلى؛

16G لىقى 5488 شىياڭگاڭ پۇلى؛

wifi+3G نۇسخىدىكىنىڭ :

16G لىقى 4888 شىياڭگاڭ پۇلى؛

16G لىقى 5688 شىياڭگاڭ پۇلى؛

16G لىقى 6488 شىياڭگاڭ پۇلى؛

چوڭ قۇرۇقلۇقىتىمۇ يۇقارقى باھادا بازارغا كىرىدۇ(شىياڭگاڭ پۇلى خەلق پۇلى غا ئالمىشىدۇ، ئەلۋەتت). ئالدىرغان قىرىنداشلار شىياڭگاڭ مىلى ئىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. دىققەت: ipad كە نىسبەتەن چوڭ قۇرۇقلۇق، شىياڭگاڭ، ۋە ئامىركا مىلى سۈپەت ۋە ياسلىش جەھەتتىن ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتلا پەرقلىنىدۇ. قۇلۇبلۇق،قۇلۇبسىز دىگەندەك پەرقلىرى بولمايدۇ.

[ئىسكىرىپكىدا مۇڭ]Moving_داڭلىق يىنىك مۇزىكا

بۇ مۇزىكىنى ياۋروپادىكى داڭلىق مۇزىكا ئەتىرتى Secret Garden ئورۇندىغان بولۇپ White Stones ناملىق پىلاستىنكىسىغا قوشۇلغان.
Secret Garden بولسا 1994-يىلى داڭلىق ئىككى مۇزىكانت Rolf Lovland(نورۋىگىيە)ۋەFionnuala Sherry (ئايال، ئېنگىلاند)نىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشىدا بارلىققا كىلىپ 1995-يىلى رەسمىي بىرلەشكەن.

1996-يىلدىن 2000-يىلغىچە ئارلىقتا تارقىتىلغان 4 پىلاستىنكىسىنىڭ بازىرى ناھايتى ياخشى بولۇپ 2 پىلاستىنكىسى 60 نەچچە دۆلەتتە 1مىليۇن 600 مىڭدىن ئارتۇق سېتىلىپ يىنىك مۇزىكا ساھەسىدە Yanni بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان ھالەتكە يەتكەن. شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ يىنىك مۇزىكا تۈرىدە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشىپ يىنىك مۇزىكىدا ئالتۇن مىدال بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.
Secret Garden نىڭ ئورۇندىغان مۇزىكىلىرى ئىسمى جىسمىغا لايىق سىھرى كۈچكە ئىگە بولۇپ يىنىك، لىرىك تۇيغۇ بىرىدۇ.

بۇ مۇزىكا بۇرۇن XJTV نىڭ ھوزورلىنىش پروگراممىسىدا ناھايتى كۆپ قويۇلغان. ماڭىمۇ بەك پىششىق بولۇپ كەتكەن كۈي ئىدى.يىقىندا تولۇقسىزدىكى خاتىرلىرىمنى كۆرۈپ بۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنى تېپىۋىلىپ تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىم.
قىنى بۇ لىرىك مۇزىكىدىن ھورۇزلىنىڭ،،،،

Close[SWF] - moving

iPhone ۋە كومپيۇتېر ئۈچۈن 百度百科ئامبىرى

خەنزۇچە ماتىرياللارنىڭ جەمگاھى دەپ ئاتالغان 百度百科 خىلى بۇرۇنلا تورسىز مۇھىتتا ئىشلەيدىغان  نۇسخىسنى تارقاتقان.لىكىن بەك تەشۋىق قىلىنىمىغاچ ئىچكى قىسىمدا ياكى كەسپىي ساھالەردە ئىشلىتىلىپ كىلىنىمەكتە. ئەلۋەتتە، مەنمۇ بىر ئېنسىكلوپېدىيە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كومپيۇتېر ۋە ئەقلىفونلىرىمدا چوقۇم بىر نەچچە ئېنسىكلوپېدىيە نىڭ ئامبىرىنى ساقلىۋالىمەن. بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە يولۇقساق دەرھاللا ئىزدەپ-ئاختۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

ھازىر يوللانغىنى 百度百科 نىڭ 2010-يىللىق ئەڭ يىڭى ئامبىرى. ئەسلى بۇ ئامبار ئىككى ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ بىرى MDX فورماتىدىكى تېكىسىت شەكلىدىكى چۈشەندۈرۈش، يەنە بىرى باشقا فورماتتىكى مەزمۇنغا قىستۇرۇلغان رەسىملەر ئامبىرى. بوشلۇق سەۋەبتىن ئۇ رەسىملەر ئامبىرىنى مەن چىقارمىدىم، ھەم رەسىملەرنىڭ كۆپ پايدىسىمۇ يوق. ئىنىقلىقىمۇ تۆۋەنرەك. ھازىرقى ئامبارنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلغاندا تور يۈزىدىكى baike.baidu.com دىن ھىچقانداق پەرقى يوق. ئامبارمۇ ئەڭ يىڭى، ئەڭ تولۇق بولۇپ كەڭ زىيالىيلارنىڭ ھاجىتىدىن ئاز تولا چىقىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ ئامبار iPhone,iPod,iPad لەر ئۈچۈن  سىتىمىغا قاچىلىغان Mdcit مۇھىتىدا ، ۋە كومپيۇتېر ئۈچۈنمۇ Mdcit مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ. شۇڭا ھەممەيكەن خاتىرجەم چۈشۈرسەك بولىدۇ.

خوش، چۈشەندۈرۈش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ئەمدى بۇنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە ساۋات بىرەي.

1. ئالدى بىلەن ماۋۇ ئادىرىسىتىن ھۆججەتنى چۈشۈرگەچ تۇرۇڭ. http://dl.dbank.com/c0nvqeniwa بۇ يەردە 27 دانە ھۆججەت بار. مەن يىرىم كۈندە چىقىرىپ بولغان، چۈشۈرۈشكە ئۇنچە كەتمەس بەلكىم. 2.43G ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ خالىغان بىرىنى پېرىستىن يەشسىڭىزلا تامام. MDX ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ. ئامبار ھۆججىتى دەل مۇشۇ.

2. iPhone,iPod,iPad لەر ئۈچۈن Mdcit نى چۈشۈرۈڭ.  http://dl.dbank.com/c0kbbks2h7 ۋا قاچىلاڭ؛

قاچىلاش جەريانى: ../1124.html دا كۆرسىتىلدى.

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ ھۆججەتنى mdictنىڭ ئاستىدىكى  documents دىگەن مۇندەرىجىگىلا ئەكىرىپ قويسىڭىز بولدى.

مۇناسىۋەتلىك تەرتىپى ../1134.html بىلەن ئوخشايدۇ.

2.1  كومپيۇتېر ئۈچۈن http://www.octopus-studio.com/MDictPC.zip دىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

ۋە تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە لۇغەت ئامبىرىنى قوشۇپ ئىشلىتىڭ.

iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى

apple شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە iOSنىڭ 4.3.2 نەشرىنى ئىلان قىلدى. بۇ نەشىردە ئاساسلىقى ئۈسكىنىنىڭ توك ئىسراپ قىلىشى ۋە  iPad نىڭ 3G تورىغا ئۇلىنىش خاتالىقى ھەل قىلىنغان. شۇڭلاشقا نەشىر كۆتۈرشنىڭ بەك زۆرۈرىيىتى يوق.

لىكىن نەشىرنى ئۇقۇشماسلىقتىن كۆتۈرۈپ سالغان ياكى يىڭى نەشىرنى ئىشلىتىش ئھتىياجىي تۇغۇلغان بولسا دەرھاللا نەشىر كۆتۈرۈپ ئاندىن تۈرمىدىن «چاپچىرايلىق» قاچۇرۇپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

تەپسىلىي باسقۇچ تۆۋەندىكىدەك:

1. ئالدى بىلەن مۇناىسۋەتلىك ئەڭ يىڭى بولاقنى چۈشۈرىسىز http://www.app111.com/iOS.html#touch4

2. تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرىسىز http://dl.dbank.com/c09n5jx5bc

3. خالاستان بىلوگىغا بۇرۇن يوللانغان دەرسلىك بويىچە مەشغۇلات قىلىسىز. پۈتكۈل جەريانى ئوپمۇ-ئوخشاش. پەقەت ئۈستىدىكى بولاق بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنى يۇقارقى ئادىرىسىتىن چۈشۈرسىڭىزلا بولىدۇ.  خالاستان بىلوگى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى : ../897.html

بۇ دەرسلىك ھەققىدە ياكى مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئېنىقسىز نوقتىغا خالاستان بىلوگى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بىرىدۇ.

نەزەرى

بۇ ماقالە گۈلەن ئەپەندى نامىدا ئوكيان تورىغا يوللانغان. خالاستان بىلوگى گۈلەن ئەپەندى مەخسۇس سەھىپىسىگە ئىملا تۈزىتىشىتىن كىيىن يوللىدى.

ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار

ئابدۇۋەلى ئايۇب

چەتئەلدىكى ھېكايە

غەربتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. ”ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا نېمە قىلىدۇ دوكلات قىلىپ؟“، ”مائاشنى خەق بېرىۋاتسا نېمە كارى؟“، ”باشلىقى ئۇيغۇر بولسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنى ياتقا چاقتى دېگەن نېمە ئىش؟“

ئىچكىرىدىكى ھېكايە

بىر كۈنى دۆلەتلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇپ قالدىم، مەن بىلەن بىللە نازارەتچى بولغان مۇئەللىم“ بۇ سىنىپتا بىرمۇ ئۇيغۇر يوقكەن، بولغان بولسا ئىنگىلىزچىڭىزنىڭ ياردىمى تېگەتتىكەن ھە،“ دېدى. كۈلۈپ قويدۇم. ئىمتىھان يېرىملاشقاندا ھېلىقى مۇئەللىم نوقۇپ قالدى، قارىسام بىر ئۇيغۇر بالا بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھاننىڭ ماقالە قىسمىنى كۆچۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىق مىڭەمگە تەپتى، ئوقتەك بېرىپ قەغىزىنى تارتىۋالدىم. ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن سەبدىشىم مەندىن رەنجىدى ”سىزنى بەك ئۇيغۇر بالىلارغا كۆيۈنىدۇ دەپ بىلەتتىم، سىز پەقەت ئابستراكىت ئۇيغۇرنى سۆيىدىكەنسىز، كونكرېت ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىكەنسىز!“

ئۈرۈمچىدىكى ھېكايە

ئۇيغۇرلار تولىمۇ ئاز يېڭىشەھەر رايونىدا بىر ئوغرى تۇتۇلدى. تۇتقۇچىمۇ ئۇيغۇر ئوغرىمۇ ئۇيغۇر ئىدى. شۇ ئارىدا رايوننىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان بىر توپ تازىلىقچى ئۇيغۇر ئاياللار بۇ ئىشقا ئارىلاشتى ”ئاكا قاراڭ، بۇ بالىمۇ ئۇيغۇركەن، سىزمۇ ئۇيغۇر بولغاندىن قويۇپ بېرىڭە، ساۋاپ بولا، ھەممىمىز ئۇيغۇر ھەممىمىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ، يامان بولىدۇ، ھېلىمۇ كۈن ئالمىقىمىز تەس بولۇپ كەتتى“، نەتىجىدە ھېلىقى زىيان تارتقۇچى ئۇيغۇر كىشى خۇددى گۇناھكاردەك بەك ئوڭەيسىزلاندى ۋە ئوغرىنى قويۇۋەتتى.

بۇندىن باشقا ئىدارىدە، توردا ۋە گېزىت ژورناللاردا ئەگەر بىرسى ئۇيغۇرغا تونۇلغان بىرەر كىشىنىڭ خاتا سۆزلىرى، يازغانلىرىدىكى خاتالىقلار ۋە بىنورمال قىلىقلىرى ھەققىدە گەپ قىلسا دەرھاللا ”ئۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ئالىمى، ئۇ دېگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەخرى، سەن نېمە ئىش قىلغانغا ئۇنداق دەيسەن؟“ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنداق سۆھبەتلەر تورلاردا ئايىقى بېسىقماس زىددىيەتلىشىش بىلەن، تۇرمۇشتا جېدەل بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بۇرۇن بۇ ئىشلار ماڭا بىر قارىسام ئۇيغۇر سۆيگۈسىدەك، يەنە بىر قارىسام ئۇيغۇرلۇقنى سۈيئىستىمال قىلىش ياكى دەسمايە قىلىپ پايدىلىنىشتەك تۇيۇلاتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇلار ئۇيغۇرلۇقنىڭ دەسمايە قىلىنىشى، نەپسى خاھشقا بوي سۇندۇرلىشى ئىكەن. ئۇيغۇرلۇقتىكى ئورتاق تارىخ، ئورتاق تىل، ئورتاق دىن، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تەقدىر، ئورتاق كرىزىس ۋە ئورتاق شەرەپ كىشىلىرىمىزدىكى مەنىۋىي بىرلىكنىڭ ئاساسى بولغاندىن باشقا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ سودا تىجارەت، پەيدا مەنپەئەت ۋە ھوقۇق ئىناۋەتلىرىدىكى دەسمايە ئىكەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم ئۇيغۇرلۇقنىڭ بۇنداق دەسمايىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر. مۇلاھىزەمگە كۆرە سەۋەبلەر ئىچىدە ھازىرچە مەن دېيەلەيدىغان سەۋەپ ئاشقۇنلۇق(رادىكال)تۇر. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق بىز ئادەتتە تېلېۋىزور ۋە رادىيولاردا ئاڭلايدىغان سىياسىي ياكى خەلقئارا مەسىلىلىلەردىكى ئاشقۇنلۇق ئەمەس. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق كونكرېت مەسىلىنىڭ، ھادىسىنىڭ ۋە شەيئىلەرنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى، تۈزۈم-ئۆلچەملىرى، ئىلمىيلىك-مەنتىقىسىنى ئويلاشماي ھەمىشە مەلۇم خۇسۇسىي خاھىش، كۆنگەن تەپەككۇر، مىللىي ھېسسىيات ۋە مەلۇم ئىدولوگىيەنى ئۆلچەم قىلىپ پىكىر قىلىش ھەم ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ ئاشقۇنلۇقنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىمەن.

1. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقى.
مىللەت سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبىئىى تۇيغۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي پسىخىك ئېھتىياجى بولغان تەۋەلىك ئېھتىياجىدىن كەلگەن. بۇ مەنىدە ئۇيغۇرنى سۆيۈش يەنى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ھەممىزدىكى ئورتاق تۇيغۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلۇقنى قانداق چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقنى ئۆلچەم قىلمىسا، بىر قىسىم تەييار تەپلارنىڭ ئارامگاھىغا، بىر قىسىم خاتا ھۆكۈم ۋە پىكىرلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يۇقىرىقى چەتئەل مىسالدا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتتىكى ئۈنۈمنى قوغلاشماي يارىماس خىزمەتچىنى نەچچە يىل ئارىسىدا ئاسراپ قالغان ئۇيغۇر ئىشداشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مىللەتنى سۆيۈش ئەمەس پىرىنسىپسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىش ئاقىللىق ئەمەس. ئەگەر شۇ بىرەيلەن سەۋەبلىك خىزمەتخانا تاقالسا بىز ئاياپ كەتكەن يۈز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلۇقىنىڭ زىيالىيلاردىكى ئىپادىسى؛ ”قۇربانجان تۇرەك ئۇيغۇردىن چىققان رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا“ دېگەن ھۆكۈم، يالقۇن روزىنىڭ ”بېكخامدىن ئىشەك مۇھىم“ دېگەن ھۆكۈمى، قۇددۇس ھاپىزنىڭ ”ئۇيغۇر تىلى 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بولىدۇ،“ دېگەن ھۆكۈمى، ”قاسىم سىدىق ئۇيغۇرنى ئون يىلدىن كېيىن نوبىلغا ئېرىشتۈرىدۇ“ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا سەۋەب بولغان ۋە بۇ ھۆكۈملەرنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن ئامىل ئوخشاشلا ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقىدۇ. بۇ يەردە شەيئى ۋە ھادسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ۋە شەرىپى نۇقتىسىدىن باھالاش ھۆكۈم ئاساسى بولغان. ئەگەر بىز دۇنياغا مۇنداق ئۇيغۇرغا ياخشى بولسا ياخشى، مەنپەئەتسىز نەرسىنىڭ قىممىتى يوق، دېگەن نەزەردە باقساق، ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىسىز بولغان نۇرغۇن نەرسىنى يوققا چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ پېتىلا ئويلىساق ئۇيغۇر ئەجدادلار خىزىرغا ئايلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئالىمى تەنقىدسىز بولىدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىسز قالىدۇ، ئۇيغۇر ئوغرىلار جازاسىز قالىدۇ، ئۇيغۇر پاسىقلار نەپرەتسىز قالىدۇ، نەتىجىدە يۇقىرىقى ھىكايەتلەر ئىجابىي ھادىسىگە ئايلىنىدۇ.

2. ئىلمىيلىك ئاشقۇنلۇقى
مەدەنىيەت (كۈلتۈر) ھادسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلىمگە ئۇيغۇن بولۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ئات بىلەن ئېشەكنى مىسالغا ئالايلى. ئات ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئىگىلىك شەكلىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھايۋان. ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يېغىلىق دەۋرىدە جەڭدە، تېنچ زاماندا بەيگىدە، ئوغۇلاقتا ۋە ئاتتىكى جانبازلىق ماھارەتلىرىدە سىنغان بوۋىلىرىمىز ئاتقا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. گەرچە ھازىر ئات تۇرمۇشىمىزدىن يىراقلاپ ئورنىنى ئېشەك، موتۇ، تراكتور، ماشىنا ئېگەللىگەن بولسىمۇ ئاتنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئورنى يەنىلا ھەرقانداق مەخلۇققا سېلىشتۇرغۇسىزدۇر. ئىلىم جەھەتتىن قارىغاندا ئات بىلەن ئىشەك ۋە باشقا ھايۋاننىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدىغان ”ئۇلۇغ“لىقىغا ئائىت پاكىت يوق. مەسىلەن ھىندىستانلىقلار كالىنى، تېبەتلەر بېلىقنى، خەنزۇلار كالىنى ياخشى كۆرىشىدۇ، ھەتتا چوقۇنىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ھىچ قانداق پەننىي پاكىت يوق، پەقەت مەدەنىيەتتىكى پەرق مەسىلىسى. بۇ يەردىكى پەرق ئەقىل-پەنگە چۈشىدىغان پەرق ئەمەس، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ياتىدىغان تۇيغۇدىكى پەرق. بۇنى توغرا چۈشەنمەي، يالقۇن روزىنىڭ ”ئۇيغۇرنى ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت دېمەي، نېمىشقا ئات ئۈستىدىكى مىللەت دەيمىز؟ ئېشەك بىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟“ دېيىشى ئاشقۇنلۇقتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئاڭلىسام ”كرورەنلىك بالىلار“ دېگەن بالىلار روماندا قارغا ئىجابىي ئوبراز قىلىپ يېزىلىپتۇ. بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا ئاپتور ”قارغا ھىچ بىر يامان مەخلۇق ئەمەس…“ دېگەن مەنىدە چۈشەنچە بېرىپتۇ. توغرا، ئىلمىيلىك جەھەتتىن قارغا بىزگە ھىچ يامانلىق قىلغان يوق، ئېشەكمۇ شۇ، ئەمما بىر مىللەت يامان كۆرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىدە ئىلمىي سەۋەپ بولمايدۇ. بۇندىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، يېمەك ئىچمەكلەر ۋە مۇراسىملىرىدىكى ئاتالمىش ”ئىلغار، زامانىۋى“ مىللەتلەردە يوق تەركىبلەرنى ئىلمىي ئەمەس دەپ يامانلايدۇ. ھالبۇكى ھىچ كىم بىر مىللەت توغرا دەپ قارىغان نەرسىنى ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن ئىنكار قىلىپ غەلىبە قىلالمايدۇ. چوڭ غەلىبە قىلسا غالىبىيەت روھىغا بىر چۈمۈۋالىدۇ خالاس. بىر قىسىملار قارغا بىلەن ئېشەكنى قانچە مەدھىيەلىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ”قارغا بىلەن دوست بولساڭ يېيىشىڭ پوق“ ”قىلىقسىز ئېشەك“ دېگەن گەپلەر كەڭرى قوللۇنىلىۋېرىدۇ.

3. دىن ئاشقۇنلىقى
يېقىندا توردا مۇستاپا كامال ۋە سادام ھۈسەيىن ھەققىدە قىزىقارلىق مۇنازىرە بولدى. مۇنازىرە داۋامىدا سادام ”مۇسۇلمان“ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاقلاندى، مۇستاپا كامال بولسا ”دىنسىز“ غا چىقىرىلىپ قارىلاندى. ھەتتا سادامنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپدارى بولمىغانلار كاپىر، سادامغا ماھىللار ”مۇسۇلمان“ بولۇپ قالدى. شۇنچە ئۇزۇن تالاشقانلارنىڭ ئىچىدە سادامغا باھا بەرگۈدەك ئەرەبچە، مۇستاپا كامالنى قارىلىغۇدەك تۈركچە بىلىدىغان مۇنازىرىچىلەرنىڭ يوقلىقى مېنى ھەيران قىلدى. مۇنازىرىدە تالىشىۋاتقانلار مۇنازىرە ئوبيېكتىنىڭ كىملىكى، ھايات تارىخى، ئۇتۇق-ئۇتتۇرۇقلىرى بىر يەردە قېلىپ ئۇلارنىڭ دىنى باشتىن ئاخىر تالاشلارغا سەۋەپ بولدى. مېنىڭ ”ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز“ دېگەن خاتىرەمگە ئىنكاس يازغان بىر ئانا بالىسىدىكى ئىزچىلسىزلىق، ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە خۇمارلىق، تورخۇمارلىقى…قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەسىلىھەت بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن قايسى كىتابنى ئوقۇپ، قايسى ئۇسۇل بىلەن جاۋاپ بېرەرمەن دەپ ئويلاپ بولغىچە بىرەيلەن دىنىي تەربىيە بېرىشنى مەسىلىھەت سېلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. دۇنيادا تەننىڭ كېسىلىنى تېبابەت، روھنىڭ كېسىلىنى پىسخولوگىيە داۋالايدۇ. بۇ پەنلەرنىڭ ئىنساندىكى تۈرلۈك روھىي ۋە جىسمانى ساقسىزلىق ھەققىدە نەچچە يۈز يىللىق تەجرىبىدىن توپلانغان رېتسېىپلىرى بار. بۇلارنى ھىچ قوبۇل قىلماستىن، ھىچ ئويلانماستىن كاللىمىزغا كەلگەن، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان مەسىلىنى ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بىلەن ئويلاپ، مىڭىمىزنى ئىشلىتىپ ئىزدىنىپ ھەل قىلماي، ھەممىنى ئاللاھقا يۈكلەپ قويساق بىزنىڭ ئىرادە ھۆرلىكىمىز نەدە قالىدۇ؟ ئەگەر ھەممىنىڭ جاۋابى قۇرئاندا بولسا ئاللاھ نېمىشقا بىزنى تەپەككۇرسىز ياراتمىدى؟ بۇنداق ئاشقۇنلۇققا مايىل قېرىنداشلار كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت ئوي ۋە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا قىزىقمايدۇ. چۈنكى تەييار ھۆكۈم ھەممە ئادەمگە خوش ياقىدۇ. ۋاھالەنكى رېئاللىق دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ماھىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دائىم بىرخىل بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئىشەنگەن ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا مەسىلىنىڭ تارىخى يۈزى، سېلىشتۇرما يۈزى ۋە كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن-كۆرۈنمىگەن يۈزى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاشقۇنلۇق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر زىيانلىق ئۆسمە. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشقۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىدە قارىمۇ قارشى قۇتۇپ مەۋجۇد. مەسىلەن؛ مەسلەن بەزىلەر ھەممە مەسىلىنىڭ داۋاسىنى دىندىن ئىزدىسە يەنە بەزىلەر ھەممە پىشكەللىكنىڭ سەۋەبكارى دىن دەپ ئاشقۇنلۇق قىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ھەممە ھادىسىگە پۈتۈنلەي ئىلىم كۆزى بىلەن قارىسا بەزىلەر ئۇيغۇر ئەجدادلارنىڭ ئۇدۇملىرىنى ھەممىگە ئەڭگۈشتەر بىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇرغا خاس بولسىلا پەخىرلەنسە بەزىلەر ئۇيغۇرغا تەئەللۇق بولسىلا گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن ”ئۇيغۇرلار قوي گۆشىنى كۆپ يېگەچكە قويدەك يۇۋاش بولۇپ قالغان“ ، “ ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى ئاينىغان…“دېگەن سۆز ئىلىمگە زىت ئاشقۇنلۇق بولسا، ”ئۇيغۇر تائاملىرى سەۋەبلىك بىز قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە كۆپ گىرىپتار بولۇۋاتىمىز“ دېگەنلىك ئىلىم ئاشقۇنلىقى بولىدۇ. ئاخباراتتىكى تەرەپدارلىق، تەشۋىقاتلىرى يەككە مېلودىيە، ئىدېئولوگىيە تۇمانلىرىغا يەم بولغان رېئاللىق بەلكىم بىر قىسىم ئەڭ غايىلىك، ھۇشيار ۋە ئويغاق قېرىنداشلىرىمزىنى ئاشقۇنلۇق مەپكۇرىلىرىغا مەھكۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى دۇنيايىمىز ئاشقۇنلۇققا ئۈندەيدىغان ئامىللارغا تولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭچە شۇنىسى شۈبھىسىزكى، ئاشقۇنلۇق بىزنى نورمال ئىنسانىي تۇيغۇ ۋە ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا خاس تەپەككۇرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئاشقۇنلۇق ئەۋج ئالسا كۆزلىرىمىزگە دۇنيا بىربولسا دۈشمەنلىك، قاراڭغۇلۇق، رەزىللىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، يەنە بىر بولسا كۆز ئالدىمىزدا ئالۋۇندەك بىر مەنزىل بىزنى چاقىرىۋاتقاندەك، شۇ يەردە ھەممە نەرسە گۈزەلدەك، ھاياتنىڭ مەنىسى خىيالى مۇقەددەسلىكتەك بىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە مەيلى دىنى ئاشقۇنلۇق بولسۇن ياكى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ياكى لوگىكا ئاشقۇنلىقى بولسۇن ئەقىلدىن ۋە نورماللىقتىن ھالقىغان ھەرقانداق تۇيغۇ ۋە پىكىر ئىنساننىڭ نورمال ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە نۇر چارچاتمايدۇ. مېنىڭچە دۇنيانى ئاددىي بەندىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىش، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ئىنسانىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش ھاياتىمىزنى ئاددىي ئىنسانلىق بەختىگە مۇشەررەپ قىلىدۇ.

دۇتتار دىسەك ھەممىمىزنىڭ ئىڭىغا ناھايتى كونا، قەدىمىي، زاماندىن قالغان بىر سازنىڭ ئوبرازى كىلىدۇ. زامانىۋى تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەر بارلىق سازلارنىڭ (ھەتتا يوق سازلارنىڭ)  ئاۋازىنى ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەرگە سىڭدۈرۈپ بىرلەشتۈرۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ قەدىمىي سازلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى ئازىيىۋاتىدۇ. بىزنىڭ سازلىرىمىزمۇ تەدرىجىي ھالدا باشقىلارغا سوۋغاتلىقلا رولىنى ئوينايدىغان ھالغا چۈشۈپ، دۇتتار، غىجەك، داپ، سۇناي …. قاتارلىق سازلارغا قىززىقىش ئازىيىۋاتىدۇ.

بۇ ھەپتە مەنمۇ ھەر خىل سىناق-ئىمتىھانلار ئۈچۈن قاتتىق چارچاپ كېتىپتىمەن. ئوقۇرمەنمۇ بەلكىم ھارغىنلىقتىن كۆڭۈل ئارامى ئىزدەپ تورغا چىققاندۇ. خوش، تۆۋەندىكى مۇڭلۇق مۇزىكا ئارامىڭىزدا بولسۇن……..

Close[SWF] - گۈلى

داڭلىق سەنئەتكارىمىز خالمۇراتكام ئەينى چاغدا دىك كۈيى سەنئەت كىچلىكىدە مەخمۇت سۇلايمان ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان خەلق ناخشىسى «گۈلى رەنا» نى دۇتتارغا زامانىۋى سازلارنى ماسلاشتۇرۇپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن چالغان. بۈگۈن مەن بۇ ھەپتىلىك «ھەپتىدە بىز مۇڭ» سەھىپىسىگە بۇ ناخشىنى ئىزدەپ تاپتىم. بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىسا ئاندىن دۇتتارنىڭ يەنىلا شۆھرىتىنى يوقاتمىغان ئېسىل ساز ئىكەنلىكىنى  ئېتىراپ قىلىدىكەن.