iPhoneئۈچۈن يەنە بىر ياخشى قورال

تېمدىن سېرىت خەۋەر: بوشلۇق تەمىنلىگۈچى كالامپايلارنىڭ كاشىلىسى بىلەن تور بەت بۈگۈن 4 سائەتتىن ئارتۇق توختاپ كەتتى. كەڭ زىيارەتچىلەردىن ئەپۇ سورايمەن.

ئالدىنقى قېتىم خالاستان بىلوگى دوستلارغا بىر قورال تەۋسىيە قىلغان_iTools دىگەن بۇ دېتال ھەقىقەتەن قولاي بولۇپ نۇرغۇن دوستلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن.iTools دىگەن ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق بىلوگىمدىن ئېزدىڭىسز بۇ ھەقتىكى يازمىلاردىن بىر نەچچىنى كۆرەلەيسىز.

لىكىن ئۇنىڭ iPhone نۇسخىسى بولمىغاچ پەقەت كومپيۇتېردىلا مەشغۇلات قىلىشقا بولاتتى. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغان بۇ دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى يەنە بۇرۇنقى itools  جىق پەرقلەنمەيدۇ.لىكىن بۇنىڭ iPhone نۇسخىسى ناھايتى قولايكەن.دېتال يىڭىلاش، قايتا قاچىلاش، wifi دا تۇرۇپلا ھەرخىل ھەقسىز دېتاللارنى قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئوڭايلا قىلىشىقا بولىدىكەن. شۇڭا دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى سۇندۇم.

دېتالنىڭ مۇبارەك نامى 同步助手 بولۇپ يىقىندا چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن. مەن سىناپ باقتىم.كومپيۇتېر نۇسخىسى تازا قولاي بىلىنمىدى. ئەمما ئالما نۇسخىسى بولۇپ قويىدىكەن. يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ئاسانكەن.

دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمەيۈزى :

دېتالنىڭ ئالما غا قاچىلايدىغان نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنۈشى :

ئالما نۇسخسىىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :http://dl.dbank.com/c0kglmfgwo

كومپيۇتېر نۇسخىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى :http://dl.dbank.com/c0ky2ybpa1

«iPhoneئۈچۈن يەنە بىر ياخشى قورال»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

  1. asalamu alykum tordaxllar man 3awllat alma tilfun algan edim wifi yokkan tilfun hang hou sikkan tilfun ga sistima ying lisak wifi qikamdu masllat barsang llar

    1. شۇنداق. چوڭ قورۇقلۇقنىڭ 2009-يىلنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا بازارغا سىلىنىغان 3- ئەلادتا wifi يوق.
      بۇنىڭ ئۈچۈن سىز كۆكچىش ئارقىلىق تورغا چىقىشنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ.
      مۇناسىۋەتلىك تېما يىقىندا يوللىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: