ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 08

«مۇڭ»__ساتار كۈيى–تاغ سۇلىرى

ئۇزۇن بولدى مەنمۇ جاھاندارچىلىق رىسالىسىنىڭ كەينىگە كىرىپ بىلوگىمغا مۇڭلار يوللانمىدى. ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق يىنىك، لىرىك، مۇڭلۇق كۈيلەرگە بەكلا ئامراق. ئاڭلاپ يۈرۈپمۇ بۇ يەرگە يوللاشقا ۋاقىت چىقمىدى. ئۇنىڭ ئۈسىتگە كومپيۇتېر ئالماشتۇرىمەن دەپ يۈرگەچ ياتاقدىشىم (Uyson) نىڭ كومپيۇتېرىدا ئازتولا تورغا چىقىۋاتىمەن.

بۈگۈن ئۇلۇغ ھېيىت! ئۇلۇغ مەرىكە! قۇرۇق بولسىمۇ بىر مۇڭلۇق مۇزىكا يوللاپ زىيارەتچىلەرنىڭ بايرىمىغا شادلىق قوشۇش ئويىدا بۇ مۇڭنى يوللىدىم. ئارتۇق چۈشەندۈرمەي، ئەڭ ئەزىز نەرسىلەر چۈشەندۈرۈشسىزمۇ ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ.بۇ ناخشىنى ئەسلى پاشا ئىشان ھەدىمىز «تاغ سۇلىرى» دېگەن نامدا ئېيتقان.

Close[SWF] - مۇڭ

روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئالدى بىلەن خالاستان بىلوگىنىڭ بارلىق قوللىغۇچى، زىيارەتچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى__ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قىزغىن تەبرىك ھارپىسىدا، مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە بارلىق قىرىنداشلارغا ھېيتلىق سالامىمنى يوللايمەن.

يول يىراقى بولسا بولسۇن كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن_________ خاتىرەمدىن.

نەزەرى ھازىر پايتەخىتتە، لىكىن كۆڭلى يەنە شۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا دىياردا___ يۇرتتا. بۇ مىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن 7- قىتىملىق روزا ھېيتىم. يەنىلا بۇرۇنقىدەك نامازدىن يىنىپلا بىرەر ۋاخ ئوبدان تاماق يەپ. چوڭلار، كۆڭۈل يىقىنلارغا سلام يوللاپلا ئاخىرلىشىدۇ. بەلكىم كۆنۈپ كەتكەندىمەن. خوش، قانداق بولىشىدىن قەتئينەزەر كۆڭۈللەر خاتىرجەم ئۆتسە بىزگە كۈندە بايرام كۈندە ھېيىت.

تۆۋەندە شىئىرىيىتىمىزدىكى يىڭى بىر ساھەنى ئاچقان، داڭلىق شائىرىمىز، يىتۈك شەخىس ئادىل  تۇنىياز نىڭ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ناملىق شىئىرىنى دىققەتكە سۇنىمەن.

ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ
ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻱ،
ﮬﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.
ﺧﻮﺭﯨﻤﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﯘﭼﻤﺎﻱ،
ﻳﯩﺸﯩﻞ ﭘﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﻻ ﭼﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.
ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺰ
ﺯﻩﭘﻪﺭ ﻗﯘﭼﯘﭖ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ﺗﯧﺰ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺭﻭﮬﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ.

ﺳﻪﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ،
ﮔﯘﮔﯘﻡ ﮔﯜﻝ ﻟﯩﯟﯨﺪﻩ ﺋﯚﭘﻜﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ،
ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﻧﯩﻤﻪ ؟ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻧﯩﻤﻪ؟
ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻱ-ﭘﯧﻘﯩﺮ،ﻳﺎﺷﻘﯧﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ.

ﺩﺍﻏﻠﯩﺪﻯ ﺷﻪﻳﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،
ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﮔﻪ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﺭ.
ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ-ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﭖ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﯟﻯ.

ﮔﯜﻝ ﺷﯧﯩﯩﺪﺍﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ،ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ- ﺳﯘ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰ،
ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻳﯘﺭﯗﻕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ.

ﮬﻪﻱ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﻛﻪﻣﭙﯜﺕ ﻳﻪﯕﻼﺭ، ﻳﻪﯕﻼﺭ ﺷﯩﺮﻣﺎﻥ ﻧﺎﻥ…..

ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﻗﯘﺵ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﺪﺍ
ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﭖ.
ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﺋﯘﺳﺴﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﻧﯩﺪﺍ
ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ.

ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻛﺎﯞﯨﻜﯩﺪﺍ
ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻚ.

ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ
ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻏﻪﻡ ﻳﻮﻕ ﻳﯩﺸﯩﻞ ﻳﻪﺭﮔﻪ.
ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﯩﺘﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ
ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ، ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ
ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﺭ ﻛﻪﺑﯩﺪﻩ،
ﺋﯚﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻧﻪﮔﻪ.

apple داھىيىسى Steve Jobs بۈگۈن ئستىپا بەردى

بۇ پىرسۇناژنىڭ تەرجىمىھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈش مۇمكىن.

بۇ توغۇرلۇق ھازىرچە يۇقارقى ئاددى خەۋەرنىلا بىلىپ قالساق كۇپايە.

گەپ يۇقارقىدەك.
خالاستان بىلوگى بوۋاينىڭ ئۆتمۈشىگە ھۆرمەت،بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ.

iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى

ئالدىنقى قېتىم 91 دىن يىراق تۇرۇش تەشەببۇسى../1054.html چىققاندىن كىيىن نۇرغۇنلىرىمىز iTunes دا يۇمشاق دىتال قاچىلاپ سېنىدۇق.  بەزى يىڭى ئۈگەنگۈچى تورداشلار يەنىلا ئاڭقىرالمىغاننىڭ ئىنكاسىنى قىلدى.

شۇڭا بۈگۈن نەزەرى تېخىمۇ قولاي، يىنىك، يېشىل بولغان ئالما (ipod,ipad,iphone) مەھسۇلاتلىرىغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش، ھۆججەت ساقلاش، ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش دېتالى  iTools نى تونۇشتۇرىدۇ.

بۇ دىتالنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر 91 نىڭ رەزىلللىكىگە ئىنكاس سۈپىتىدە ياساپ چىققان بولۇپ نۆۋەتتە ئەڭ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىۋاتىدۇ. ئىشلىتىلىش قېتىمى شىددەت بىلەن ئىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن مەشغۇلاتچىلارنىڭ كونا مەشغۇلات تەرتىپىگە ئۇيغۇن، كۆرۈنۈشى ئىخچام، ئاددى بولغاچ مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمەن.ئىجرا قىلىپلا iTunes نىڭ ئىچىدكى بارلىق قولايسىز مەشغۇلاتلارنى  ئاددىي، ئېدىتلىق يوسۇندا قىلالايسىز.  بۇ يۇمشاق دىتال ناھايتى كىچىك، قولاي بولۇپ بىرەر بوشلۇققا ياكى ساقلىغۇچقا ئىلىۋىلىپ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ناھايتى باب.بولۇپمۇ باش بەتتىكى ئۈسكىنە ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئىقتىدار بۆلىكى بارلىق ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بەكمۇ قولايكەن.

لىكىن شەرت شۇكى، ئالدى بىلەن http://www.apple.com.cn/itunes/ دىن iTunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى قاچىلايسىز.iTunes نىڭ ئۆزى لازىم بولمايدۇ،بىراق بىللە قاچىلىنىدىغان قوزغاتقۇچلار iTools نىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسى. يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەك.تۈرمىدىن قاچىمىغان ئۈسكىنىگە پەقەتلا iTunes ئارقىلىق يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە  ھۆججەت باشقۇرۇش، بارماق دىسكا قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ بارلىق ئالمىچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىشىنىمەن.

 1.يۇمشاق دېتال قاچلاش ئۈچۈن سول تەرەپ يۇقىردىكى 程序库 چۈشۈرگەن IPA نى تارتىپلا ئەكىرىپ ئاندىن 安装 نى بېسىپ قاچىلاشقا بولىدۇ. ئىچىدىكى بۇرۇن قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارغا تەسىرى بولمايدۇ.

DEB فورماتىدىكى دېتاللارنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى CYdia安装目录 نىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ ئاندىن ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىپ قاچىلاشقا بولىدۇ.

2.ناخشا-مۇزىكا،سۈرەت-سىنلارنىمۇ تارتىپلا ئەكىرىپ كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

3.ئىكراننىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن

چۈشۈرۈش ئادىرسhttp://itools.hk/cms/?page_id=12داۋامى بار

 

«قوشۇمچە»بىلىك كۇلۇبىغا مۇنداق تېزىملىتىسىز

بىلىك كۇلۇبى ئۇيغۇر تېخنىكا تور بەتلىرى ئارسىدىكى ئەڭ پىشقان بىكەت بولۇپ خالاستان بىلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئاساسەن بىلىك كۇلۇبىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى ۋە باشقا تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى. يىقىندىن بىرى مىنى ئىزدەپ بىلىك كۇلۇبىنىڭ تەكلىپ نۇمۇرى سورايدىغانلار كۆپىيىپ قالدى.
مەن «يوق» دىسەم ئۇلار «سىز دىگەن ئەتىۋارلىق ئەزاكەنسىز، ھەممە تېمىغا كىرىپ ساقال غىرىچلاپلا يۈرگىنىڭىزنى كۆرىمەن. سىزدىمۇ بولمىسا كىمدە بار؟» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.
بىرنەچچەيلەنگە ئۈستىدىكى كۆككەپتەرنىڭ تىما ئادىرسىنى يوللاپ بەرسەممۇ چۈشەنمىگەن ئوخشايدۇ.
شۇڭا بىر تېما يوللاپ بىلىككە كىرەلمىگەنلەرگە يول كۆرسىتەي.
1.كۇلۇبقا كىرەلمىگەن كونا ئەزالار تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قىلساڭلار:

كۇلۇبقا كىرەلمىگەن ئەزالار ئېلخەت، QQ ياكى MSN قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىدە bilikadmin@126.com ئارقىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسا، بۇرۇنقى ئۇچۇرلىرىغا دەخلى يەتمىگەن ئاساستا ئەزالىق ئارخىپى ۋە پارولى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىلىدۇ.

2.كۇلۇبقا يىڭىدىن ئەزا بولماقچى بولغانلار :

بىلىك كۇلۇبى نەشىرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن، كۇلۇبتىكى ئەزالار ئۇچۇرلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۇلۇبقا ئەزا بولۇش، بۇرۇنقى بىۋاستە ئەزا بولۇشتىن، بۇرۇنقى كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ تەكلىپنامىسىگە ئاساسەن ئەزا بولۇش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىلدى. يىڭىدىن ئەزا بولماقچى بولغانلار، كۇلۇبتىكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تەكلىپ نۇمۇرىغا ئىرىشسە ۋە شۇ نۇمۇر ئارقىلىق كۇلۇبقا ئەزا بولسا بولىدۇ. يىڭىدىن ئەزالىققا تىزىملىتىشتىكى شەرىتلەر تەمىنلەيدىغان ئۇچۇرلار:
1. بۇرۇن ئەزا بولغانمۇ يوق؟ (ئەگەر بۇرۇن ئەزا بولغان، ھازىر كۇلۇبقا كىرەلمىگەن بولسا، بۇرۇنقى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق يىڭى پارول ئىلتماس قىلسا بولىدۇ.)
2. يىڭىدىن تىزىملاتماقچى بولغان ئەزالىق نامى؟ (ئەزالىق نامى چوقۇم ئۆلچەملىك ULYبويىچە يىزىلغان بولۇشى كىرەك، ئەزالىق نامىغا رەقەم ئارىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق يالغۇز رەقەمنىلا ئەزالىق نامى قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ.)
3. ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادىرىسىڭىز؟ (ئەزالىق نۇمۇرىنى تاپشۇرۋىلىش ۋە كىيىنكى كۇلۇب بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا توغرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.)
4. باشقا MSN, Skype, QQ قاتارلىق ئۇچۇرلار…يۇقۇرقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش ئارقىلىق كۇلۇبقا ئەزالىققا ئىلتىماس قىلسىڭىز، ناھايىتى تىزلا تەكلىپ نۇمۇرىغا ئىرىشىپ، بىلىك كۇلۇبىمىزنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنالايسىز.
قوشۇمچە: كۇلۇب ئەزالىق مەركىزىدىكى بەزى مەسىلىلەر تۈپەيلى، تەكلىپ نۇمۇرىنى ھازىرچە كۇلۇب باشقۇرغۇچىلىرىلا ئەۋەتەلەيدۇ. سىز bilikadmin@126.com غا يۇقۇرقى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ ئىلتىماس ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.

بىلىك كۇلۇبىدىكى شۇ ناملىق تېمامدىن كۆچۈرۈلدى.
 

[ئالدىراڭ]Nokia E5-00 ئەرزان سېتىلىدۇ

بۇ تېما بۇرۇن بىر يوللانغان،بىر نەچچە بۇرادەر  مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەسلىدىكى باھانى سەل قىممەت كۆرگەچ بۇ قېتىم باھانى چۈشۈردۈم.

ئەسلى تېمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. ../soda

بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا 1400گە ئالغان Nokia E5-00

ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىگە كاماندورۇپكا ئىھتىياجى بىلەن تېلفون يوق، ئالدىراپلا ئالغان. باتارىيەسى بەك ئۇزاق يېتىدۇ دەپلا ئالغانتىم.ھازىر iPhone بىلەن بولۇپ ماۋۇسى بىكار قالدى. باتارىيەسى ھازىرمۇ 3-4كۈن يېتىدۇ (ماۋۇ راست گەپ)

رەسىمى:

3G تېلفون بولۇپ بىرلەشمىنىڭ 3G تورى(WCDMA)دا ۋە كۆچمە،بىرلەشمىنىڭ 2g تورى(GSM,GPRS)دا ئىشلەيدۇ.مەن ئادەتتە wifi ئارقىلىق ھەقسىز skype,smartvoip قاتارلىق دېتاللاردا ھەقسىز تېلفون ئۇرىمەن.

تەپسىلاتى:

上市日期 2010年04月 手机类型 3G手机智能手机拍照手机商务手机 外观设计 直板 主屏尺寸 2.36英寸 主屏材质 TFT 主屏分辨率 320×240像素 主屏色彩 26万色 网络模式 GSMWCDMA 数据业务 GPRS,EDGE,HSDPA 支持频段 2G:GSM 850/900/1800/1900

3G:WCDMA 850/900/1900/2100MHz 操作系统 Symbian 9.3 S60 3.2(S60第三版FP2) 用户界面 S60 V3.2 CPU型号 ARM11 CPU频率 600MHz 可用空间 250MB 机身内存 512MB ROM+256MB RAM 存储卡 MicroSD卡 扩展容量 32GB 电池容量 1200mAh 理论通话时间 450分钟(2G),290分钟(3G) 理论待机时间 600小时(2G),545小时(3G) 其它使用时间 音乐播放时间:38小时 键盘类型 QWERTY全键盘 机身颜色 碳黑色,粉雾白色,银灰,棕色,蓝色 手机尺寸 115×58.9×12.8mm 手机重量 126g 机身特点 纠错物理按键:导航键,选择键,同换件,结束键,全键盘,音量键,拍照键,解锁键 基本功能

输入法 中文输入法,英文输入法 输入方式 键盘 通话记录 已接+已拨+未接电话 产品特性 GPS导航 内置GPS,支持A-GPS 地图软件 支持Ovi Maps,支援免费导航 拍照功能 摄像头 内置 摄像头像素 500万像素 传感器类型 CMOS 闪光灯 LED补光灯 焦距/范围 3.3mm,50cm 光圈 f/2.4 数码变焦 3倍数码变焦 拍摄场景 自动,用户自定义,特写,肖像,风景,运动,夜间模式,夜间肖像 照片特效 普通,深褐色,黑白,逼真,补色 图像尺寸 最大支持2592×1944像素照片拍摄 连拍功能 支持 视频拍摄 480p(640×480,15帧/秒)视频录制 其它功能 白平衡,消除红眼 娱乐功能

  • 电子书

视频播放 支持 音频播放 支持mp3,AAC,AAC+,eAAC+,WMA等格式

内置Real Media Player播放器 铃音描述 支持MP3/MIDI/WMA/AMR/AAC/AAC+/eAAC+等格式 图形格式 支持JPEG/EXIF等格式 收音机 支持(87.5-108.0MHz/76-90MHz) 游戏 内置 Java扩展 支持Java MIDP 2.1 SNS支持 支持MySpace,Facebook等 即时通讯 支持QQ,MSN,飞信,Google Talk等 应用程序 RSS阅读器 服务特色 支援Ovi Store,Ovi Share,Flickr 数据功能

蓝牙传输 支持蓝牙2.0+EDR+A2DP WLAN功能 WIFI WWW浏览器 支持OSS浏览器 数据接口 Micro USB v2.0 耳机插孔 3.5mm 商务功能

电子邮件 支援 Yahoo! Mail,Gmail,Windows Live,Hotmail,Ovi Mail

支援 Microsoft Exchange、IBM Lotus NotesTraveler 商务电子邮件 办公工具 Quick Office 其他功能 其它功能 支持简讯远端锁定手机 手机附件 包装清单 诺基亚E5 x1

诺基亚电池BL-4D x1

诺基亚数据线CA-101D x1

诺基亚立体声耳机WH-102 x1

诺基亚旅行充电器AC-8 x1

诺基亚2GB microSD卡MU-37 x1

用户手册 可选配件 诺基亚立体声耳机WH-701

诺基亚蓝牙耳机BH-108

诺基亚蓝牙立体声耳机BH-214

诺基亚移动支持CR-115

诺基亚16GB MicroSDHC卡MU-44

诺基亚电源DC-11

ھازىر 95% يىڭى، مەن ئالغاندىن بىرى 3 قىتىم ئاسراش غىلاپتىن چېقىرىپ باتارىيە ئالماشتۇردۇم. سۈرۈلۈش يوق. ئىكرانغىمۇ ئاسراش پەردىسى چاپلىغان. 1ئەسلى، 1 سودا باتارىيە (جەمئىي2) بار. ئۇچۇر سىم، تېڭشىغۇچ، ئۆزىنىڭ توك قاچىلىغۇچى، ئىشلىتىش قوللانمىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپمۇ باقمىدىم. شۇچاغدا ئالغان 8G لىق ساقلاش كارتىسىنى قوشۇپ بېرىمەن.نورمال ئەھۋالدا باتارىيەسى 4-7كۈنگىچە يىتىدۇ. ئشلىتىشڭىز بەك كۆپ بولسا 2كۈنى يىتىدۇ.

مۇقىم باھا،1000 سومغا سېتىلىدۇ. ئىھتىياجى بارلار ئالاقىلەشسەڭلار. سېتىشتىن كىيىنكى تېخنىكىلىق مەسلىھەتكە خالاستان بىلوگىدىن مەن مەسئۇل بولىمەن. ساتقۇچى تەمىنلىگەن سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتمۇ 2012-يىلى 4-ئايدا توشىدۇ.

«دەۋر ھەپتىلىكى»باھالاپ چىققان 2010-يىللىق50پەچەتiOSئەپلىرى

«ئەپ» دېگەن گەپ ئەسلى ئېنگىلىزچە application نىڭ قىسقارتىلمىسى، ئوقۇلۇشى [ˌæpliˈkeiʃən] بولۇپ «قوللىنىلىشچان پروگرامما» دېگەن مەنىلەردە. خەنچە 应用程序 قىلىپ يېزىلىدۇ، ئوقۇلۇشى:Yìngyòng chéngxù. خالاستان بىلوگى بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئاتالغۇنى رەسمىي قوللانمىغان، بۇنىڭدىن كىيىن كەسپىي ئۇستاز – دوستلارنىڭ تەشەببۇسى بويىچە داۋاملىق قوللىنىدۇ.

دەۋر ھەپتىلىكى (时代周刊)نىڭ تارىخ ھەپتىلىكى دەيدىغانمۇ چىرايلىق نامى بار. ئامېركىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ھەپتىلىك ژورنال ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار يىقىندا iOS ئۈچۈن يېزىلغان 470 مىڭدىن ئارتۇق ئەپنىڭ ئېچىدىن 6چوڭ تۈر بويىچە 50 خىل ئەپنى باھالاپ چېقىپتۇ. ئالما ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىمىز بار ئەلۋەتت.

تۆۋەندە ئۇلار ئېلان قىلغان 50 خىل ئەڭ ياخشى ئەپنى ئاددىيلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.بەزىلىرىنى پىقىر نەزەرىمۇ ئىشلىتىپ باقمىغان. بىللە كۆرۈپ باقايلى.

一、ئويۇنلار

1、غەزەبلەنگەن قۇشقاچ (喷奴的小鸟) ،بۇنى مەن ئارتۇق تونۇشتۇرماي.ھازىر پۈتۈن دۇنيا مۇشۇ ئويۇن تەرىپىدىن ئوينىلىۋاتىدۇ.

2、Scrabble، بۇ بىر ھەرپ كىرىشتۈرۈش ئويۇنى

3、Plants v. Zombiesبۇنىمۇ مەن تونۇشتۇرمايمىكىن… ھا ھا .بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئويۇن «ئۆسۈملىك جەسەتلەر سوقۇشى»،«植物大战僵尸»

4、Doodle Jumpرەسىملەرنى قىمىرلىتىپ ئوينايدىغان قىستۇرمىغا ئوخشاش ئويۇنلار ئوخشايدۇ.

5、fruit Ninja مىۋە توغراش. كىچىك دوستلار ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئويۇن

6、Cut the Ropeئارغامچا كېسىش ئويۇنى، قىيىنلىقى خىلى يۇقىرى

7、Picturekaبېرىلگەن سۆزگە ئاساسەن جىسىم ئىزدەيسىز

8、Wurdleبىر سۆز بېرىلىپ سىزدىن ئەڭ تېز سۈرەتتە قوراشتۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ

9、GeoDefense Swarmكۆزنى ئالا-چەكمەن قىلىدىغان بىر ئويۇنكەن،تەرجىمان نەزەرىدىن

二、ساياھەت

1、Kayakبۇ ئاساسلىقى مىھمانخانا، رىستۇران ئىزدەيدىغان ئەپ

2、yelpبۇ كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس. داڭلىق تەنقىدى توپلاملار تورى ئېپى

3、Word Lensيولدا تونۇمايدىغان يىزىقتىكى خەتلەر ئۇچۇرسا دەل بۇنىڭدىن پايدىلىنىسىز

4、Weather Channelھاۋاراي ياردەمچىسى

5、OpenTableتاماق زاكاس قىلىش تورى بولۇپ، ھازىر ھورۇنلار ئۈچۈن بىرىنچى تاللاش

6、Wikipediaبۇنى بىلمىگەنلەر خالاستان بىلوگىدا ئەمەس

7、HopStopيول بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بىر قۇرال

8、AroundMeئورۇن بەلگىلەش دېتالى بولۇپ Google Latitudeنى بىرىنچى بولۇپ قوللانغان سىرىتقى API

9、Google Earthبۇنى ياخشىسى كومپيۇتېردا ئوينايلى

10、Zipcarماشىنا ئىزدەيمىز دەيدۇغۇ

三、تۇرمۇش

1、Amazonئامېركىلىقلارنىڭ بىرىنجى تاللىشى

2、Epicuriousتاماق رىسالىسى

3、Mixologyھاراق-ئىچىملىك تىزىملىكى

4、Paypalتوردا پۇل تاپشۇرۇشنىڭ باشلامچىسى

5、Shop Savvyمال سېتىۋىلىش ھەمبەھرى

6、Mint

7、WebMDدوختۇرلارلا ئۈچۈن ئەمەس

8、Lose Itئورۇقلاش ئۈچۈن كالورىيە ھىساباتى

9、Springpad قالايمىقان ئايكونلارنى بۇنىڭدا رەتلەيمىشمىز

四、كۆڭۈل ئېچىش

1、Netflixپېلاستىنكا ئارىيەت ئېلىش، كىنو كۆرۈش ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا تاللاش ئازدەك…

2、IMDbكىنو رىسالىسى

3、ESPN’s ScoreCenterپەچەت كۆرۈنۈشلۈك ھەركەتلەر جەمگاھى

4、Instapaper ئوقۇغۇچ

5、Kindle نى بىلەمسىز؟ amazonنىڭ ئوقۇغۇچىسىغۇ…

6、PulseNews ئاپقاچتى خەۋەرلەر مۇشۇ يەردىن چىقىمىشقۇ

五、دوستلىشىش

1、Facebookتونۇشتۇمايمەن دېگەنتىم جوڭگولۇقلارنى بىلمەسلىكى مۇمكىن

2、twitterدۆلىتىمىزدىن باشقا يەرلەردە ئىشلىتىدىغان بىر خىل مىكروبىلوگ

3、Google

4、AIMبارلىق سۆزلىشىش قۇراللىرىنىڭ يىغمىسى

5、Skypeمەن بىردىنبىر رازى بولغان سۆزلىشىش قۇرالى

6、Foursquareئورۇن بەلگىلەپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش

7、Bumpبۇنى مەنمۇ سىناپ باقمىدىم، نۇرغۇن ئادەم ياقتۇرىدىكەن

六、مۇزىكا ۋە رەسىم

1、Mogنى بىلمەمسىز؟spotifyغا ناھايتى ئوخشاش

2、Pandoraپايچىكى بازارغا كىردى ، كۈچلۈك

3、SoundHoundبىردەم ناخشا ئاڭلاپ بىقىپ ئاندىن سىزگە ناخشا نامىنى ئېيتىپ بېرىدۇ

4、Bloomئىشلىتىپ باققانمۇ؟

5、Camera+ ئەڭ كەسپىي رەسىم دېتالى

6、Photoshop Expressھەقسىز، قوللىنىلىشى كۆپ، پەيزى!

7、Hipstamatic

4.3.5نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە يىتەكلەش دەرسىلىكى

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ دەرسلىكى كامىدا 4 قېتىم يوللاندى، نۇرغۇن بۇرادەرلەر دەسلەپكى DFU غا كىرىشتىن تارتىپ تىنەپ تەمىتىرەپ مەشغۇلات قىلىپ ھازىر مۇستەقىل تۈرمىدىن قاچۇرغىدەك بولۇپ يىتىشىپ چىقتى. كەسپىي بىلوگگېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەمىنە نەزەرىمۇ ئىنتايىن خۇرسەن.

ئەمدى تېمىغا قايتساق.مەن بۇرۇندىن تارتىپ ئالما ھەۋەسكارلىرىغا shsh نى زاپاسلاشنى تەكىتلەۋاتىمەن. چۈنكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم نەشىر نۆۋەتتىكى تېخنىكلار يىشەلەيدىغان دائىردە بولىشى كىرەك. بۈگۈنگە قەدەر ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان نەشرى 4.3.3 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن، نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان نەشرى 4.3.4 ۋە 4.3.5 . تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم SHSHبولىشى كىرەك.

توختىماي چالۋاقىغان shsh ھەققىدىكى بايانلىرىمنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز.

4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى ../2495.html

نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى دېگەنلىك مەلۇم ياماقنىڭ كەمچىللكى تۈپەيلىدىن ئۈسكىنە ئۆچكەندىن كىيىن قايتا قوزغىلالمايدىغان ھالەت. ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتسا ئىكراندا بىر ئاق ئالما پەيدا بولۇپلا تۇرىدۇ.ھىچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمەيدۇ. بۇنىڭ چارسى پەقەتلا Jailbreak مۇتەخىسسىلىرىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى كۈتۈش، ئۇلار مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن ئۈستىدىن بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرۋەتسەكلا ئۈسكىنە نورماللىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۈسكىنىگە بۇرۇن قاچىلانغان ھىچقانداق ماتىريال يوقىمايدۇ.تۈرمدىن قاچۇرۇش مۇتەخىسىسىلىرى پەقەت پارتىزانلار بولۇپ ، بىرى ھەق بەرمەيدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ قاچان تەتقىق قىلغۇسى كەلسە شۇ چاغدا تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلىدۇ. ئەسكەرتىش:4.3.5 ۋە 4.3.4 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئىقتىدارى ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن.شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر 4.3.5 نى ياكى 4.3.3نى تاللىسا مۇۋاپىق.

تۆۋەندىكى يازمىلاردىن بەدىئىي زوق ئالاي دېسىڭىز ئاۋۋال ئۈسكىنە نەشىرنى 4.3.5 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن تۆۋەندىكى دەرسلىككە ئوخشاش تەرتىپ بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ.../1509.html

دىققەت1: يۇقارقى دەرسلىكىتىگە ئوخشاش بارلىق دېتاللارنىڭ يىڭى بولىشىغا دىققەت قىلىڭ.

دىققەت2: redsnow نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .http://u.115.com/file/e6dk5w3c

دىققەت3: 4.3.4 ۋە 4.3.5 دىكى ئابونىتلار iTunes دا نەشىر كۆتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى چۈشۈرۈڭ (دىققەت نەشرى قانچە بولىشىدىن قەتئينەزەر redsnowدا تاللاپ بەرگەندە چوقۇم 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى كۆرسىتىپ بىرىڭ). چۈشۈرۈش ئادېرسى :http://www.app111.com/iOS.html#touch4

***********************************************************************************

ئەمدى سىزنى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى دەپ قاراپ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىنكى قايتا قوزغىتىش ،كومپيۇتېردا يىتەكلەش جەريانىنى سۆزلەيمەن.

1)نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان 4.3.5 ۋە 4.3.4 دىكى ئابونتلار تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىڭ

1.iTunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى http://ad-apac.doubleclick.net/clk;232010527;55922606;w?http://www.apple.com.cn/itunes

2.ئۈسكىنىگە ماس 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى . نەشرىڭىز 4.3.5 ياكى 4.3.4 بولسا ئوخشاشلا 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى چۈشۈرىسىز. http://www.app111.com/iOS.html#touch4

3. redsnow نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .http://u.115.com/file/e6dk5w3c

4. بۇ باسقۇچ ئەمەس، ئەسكەرتىش: يۇقارقى دېتاللارنى كىيىن ھەر بىر قىتىم كومپيۇتېردىن يىتەكلىگەندە ئىشلىتىسز ، ساقلاپ قويۇڭ.تۆۋەندىكى باسقۇچ تېخنىكا!

5.redsnow نى قوش چېكىپ قوزغىتىڭ. Browse دېگەن تاللاشقا 4.3.4 نىڭ بولىقىنى كۆرسىتىپ بىرىڭ (دىققەت! ئۈسكىنە نەشرى 4.3.5 ياكى 4.3.4 بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا 4.3.4 نى تاللاپ بېرىسىز).

6. كىيىنكى قەدەمدە Just boot ththered right now نى تاللايسىز.

7. تۆۋەندىكى رەسىم كۆرۈنگەندىن

كىيىن ئۈسكىنىنى DFU ھالەتكە كىرگۈزىمىز.بۇ جەرياننى تۆۋەندىكى دەرسلىكتىن تەپسىلىي كۆرۈڭ ../32.html

8. يۇقارقى تېمىنى كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز . iPhone نى ئۆچۈرۈڭ.

9. كومپيۇتېردىكى كۆزنەكتە Next نى بېسىش بىلەن تەڭلا ئۈسكىنىنى DFU ھالەتكە كىرگۈزۈشنى باشلاڭ. ئىكراندا ساناق ساناپ سىزگە كۆرسىتىپ قويىدۇ.جەمئىي 28 سىكونتلىق جەريان.

ئەمىليەتتە 8-،9- باسقۇچلار دەل DFUغا كىرىش جەريانى .مەن پەقەت ئايرىپ تەپسىلىي يوللاپ قويدۇم.بۇ باسقۇچنى بىر نەچچە قىتىم قىلسىڭىزلا پىشىپ كىتىسىز.

10. ئۈسكىنە DFU غا كىرگەندىن كىيىنلا ئىكراندا ئۆزگىرىش بولۇپ نورمال قوزغىلىدۇ.

قايتا نورمال قوزغالغان كىيىن ئاڭ ئاۋۋال Cydiaنى قوزغىتىپ ، تورغا ئۇلاپ يىڭلاڭ، ۋە Cydia ئشلىتىش دەرسىلىكى بويىچە مەنبە قوشۇپ قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنغان تۆۋەندىكى دېتاللارنى قاچىلاپ چېقىڭ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا ئىمكان بار ئۈسكىنىنى ئۆچۈرمەسلىك كىرەك.

Tencentنىڭ 微信 مۇ يىڭىلاندى

Tencentنىڭ 微信 نى كۆپىنچىمىز ئىشلىتىپ كۆرگەن. بۇ ئاساسلىقى 腾讯 نىڭ مىكروبىلوگ(微薄————微型博客) ۋە دوستلىشىش بىر گەۋدىلەشكەن يىڭى مەھسۇلاتى. QQ نومۇرى ياكى ئېلخەت ئادىرسى ئارقىلىق كىرگىلى بولىدۇ.

خوش، يۇقارقىسى بۇ تېمىنىڭ يارقىن نوقتىسى ئەمەس. گەپكە كەلسەك، ھازىر Google,twitter,facebook,قاتارلىق  چوڭ تور بىكەتلەر ئاساسەن ئورۇنغا ئاساسەن ئالاقە ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئېچىۋاتىدۇ. 维信مۇ دەل مۇشۇ خىل يۈزلىنىشكە ئاساسەن ئېچىلغان بولۇپ بۇرۇنقى ئاددى دوستلىشىشتىن جۇغراپىيلىك ئورۇنغا ئاساسەن تېخىمۇ مەخسۇسلاشقان ئالاقە مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ. بۇ تېخنىكىنى ئەڭ باشتا GoogleMaps قوللانغان بولسا ھازىر بارلىق دوستلىشىش بىكەتلىرىنىڭ تۇنجى تاللىشىغا ئايلاندى. مەن ئۆتكەن يىلى قىشتا مەن (نەزەرى) پىراكتىكا قىلغان شىركەتمۇ پەقەت مۇشۇنداق بىرلا مەھسۇلات ئارقىلىق مەۋجۇت بولغان، ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى بىلمىدىم. ئادېرسى http://www.ufriend.cn/

بىر تەھلىلدە دېيىلىدۇ:“كىيىنچە 腾讯نىڭ رىقابىتى بولسا 腾讯نىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى ئارسىدىكى رىقابەت!“ . ھازىر 腾讯 پەقەت تور سودىسى، ئىزدەش بېتى ئىككى ساھەدىلا ئۇتۇق قازانسا ، بارلىق ساھەدە ئازتولا ئورۇن ئىگەللىگەن ITكارخانىسى بولۇپ قالىدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ IT زومىگىرى بولغان 腾讯 نىڭ داڭدار مەھسۇلاتى QQھازىرچە ئۇيغۇرچە قوللىمايدۇ، ھەم 3-تەرەپ ئاچقان ئابونت نوقتىلىرى چەتكە قىقىلىدۇ. لىكىن يۇقاردا تىلغا ئالغان 微信 بۇنداق ئەھۋال يوق. بىزنىڭ تېخنىكلارمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ياكى ئۇيغۇرچە ئابونت نوقتىسى ياساپ ئۈنۈملۈك پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ نۇسخىسىدا 腾讯 يەنە نۇرغۇن يىڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپتۇ. قىنى ئىشلىتىپ تەسىرات ئالماشتۇرۇپ باقىلى.

يىڭى نەشىرنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى : iPhone,Android,Symian ئۈچۈن

http://weixin.qq.com/cgi-bin/download302?check=false&uin=&stype=&promote=&fr=www.google.com.hk&url=s60v5

手机飞信(ئۇچار خەت)نىڭ wifi نۇسخىسى چىقتى

手机飞信(ئۇچار خەت)نى جوڭگو كۆچمە تېلىگىرافى (中国移动) ئابونتلىرى ئاساسەن بىلىدۇ. كىشىنى رازى قىلىدىغان يېرى بۇ دېتال ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى قوللايدۇ. ئادەتتە 电脑,iPhone,Android,قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بېرىدە ئۇيغۇرچە بىمالال يىزىقلىق پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.

بۇ بىر ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللاش، دوستلىشىش، پاراڭلىشىش، ئاۋازلىق ئالاقە دېتالى بولۇپ شىنجاڭ رايۇنىدا يەنە ھەقسىز تېلفون قىلىشقىمۇ بولىدۇ(ھەر ئىككى تەرەپ 飞信 مۇلازىمىتى ئاچتۇرغان بولسىلا). مۇلازىمەت ھەققى يوق، ئېقىم تىجەيدىغان بۇ دېتال نۇرغۇن دوستلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن بولۇپ نۆۋەتتە جوڭگو بازىرىدا 腾讯نىڭ QQسىدىن قالسىلا ئابونت مىقدارى جەھەتتىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تېزىملىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە تېلفون نومۇرىڭىزنىلا تولدۇرۇڭ https://feixin.10086.cn/account/register/

ئالدىنقى قېتىم 飞信 سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ئىقتىدارى ئاچقان.كىيىن android ۋە iPhone ئۈچۈن wifi شارائىتىدا ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى چىقىرىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشكەن ئىدى. لىكىن GPRS تور سۈرىتىنىڭ ئاستا بولىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن Symbian ئەقىلفون ئابونتلىرى تاكى ھازىرغىچە wifi شارائىتىدا 飞信 ئىشلىتىشكە مۇۋەپپقق بولالمىغان.

يىقىندا 中国移动飞信开发部 ئۇچۇر چىقىرىپ Symbian ئابونتلىرى ئۈچۈنمۇ wifi مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان 飞信تارقاتتى. چۈشۈرۈش ئادېرسى:http://space3.feixin.10086.cn/frame/863?utm_source=huodong&utm_medium=qw1&utm_campaign=xtxx