iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى

ئالدىنقى قېتىم 91 دىن يىراق تۇرۇش تەشەببۇسى../1054.html چىققاندىن كىيىن نۇرغۇنلىرىمىز iTunes دا يۇمشاق دىتال قاچىلاپ سېنىدۇق.  بەزى يىڭى ئۈگەنگۈچى تورداشلار يەنىلا ئاڭقىرالمىغاننىڭ ئىنكاسىنى قىلدى.

شۇڭا بۈگۈن نەزەرى تېخىمۇ قولاي، يىنىك، يېشىل بولغان ئالما (ipod,ipad,iphone) مەھسۇلاتلىرىغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش، ھۆججەت ساقلاش، ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش دېتالى  iTools نى تونۇشتۇرىدۇ.

بۇ دىتالنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر 91 نىڭ رەزىلللىكىگە ئىنكاس سۈپىتىدە ياساپ چىققان بولۇپ نۆۋەتتە ئەڭ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىۋاتىدۇ. ئىشلىتىلىش قېتىمى شىددەت بىلەن ئىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا نۇرغۇن مەشغۇلاتچىلارنىڭ كونا مەشغۇلات تەرتىپىگە ئۇيغۇن، كۆرۈنۈشى ئىخچام، ئاددى بولغاچ مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمەن.ئىجرا قىلىپلا iTunes نىڭ ئىچىدكى بارلىق قولايسىز مەشغۇلاتلارنى  ئاددىي، ئېدىتلىق يوسۇندا قىلالايسىز.  بۇ يۇمشاق دىتال ناھايتى كىچىك، قولاي بولۇپ بىرەر بوشلۇققا ياكى ساقلىغۇچقا ئىلىۋىلىپ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ناھايتى باب.بولۇپمۇ باش بەتتىكى ئۈسكىنە ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئىقتىدار بۆلىكى بارلىق ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بەكمۇ قولايكەن.

لىكىن شەرت شۇكى، ئالدى بىلەن http://www.apple.com.cn/itunes/ دىن iTunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى قاچىلايسىز.iTunes نىڭ ئۆزى لازىم بولمايدۇ،بىراق بىللە قاچىلىنىدىغان قوزغاتقۇچلار iTools نىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسى. يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەك.تۈرمىدىن قاچىمىغان ئۈسكىنىگە پەقەتلا iTunes ئارقىلىق يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە  ھۆججەت باشقۇرۇش، بارماق دىسكا قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ بارلىق ئالمىچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىشىنىمەن.

 1.يۇمشاق دېتال قاچلاش ئۈچۈن سول تەرەپ يۇقىردىكى 程序库 چۈشۈرگەن IPA نى تارتىپلا ئەكىرىپ ئاندىن 安装 نى بېسىپ قاچىلاشقا بولىدۇ. ئىچىدىكى بۇرۇن قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارغا تەسىرى بولمايدۇ.

DEB فورماتىدىكى دېتاللارنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى CYdia安装目录 نىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ ئاندىن ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىپ قاچىلاشقا بولىدۇ.

2.ناخشا-مۇزىكا،سۈرەت-سىنلارنىمۇ تارتىپلا ئەكىرىپ كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

3.ئىكراننىڭ تەگلىك رەسىمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن

چۈشۈرۈش ئادىرسhttp://itools.hk/cms/?page_id=12داۋامى بار

 

«iTools ئارقىلىق iPhone نى باشقۇرۇش دەرسلىكى»نىڭ 39 ئويلىغانلىرى بار

    1. ئالدىرمىسا ، ئۇ كۈنلەرمۇ كىلىپ قالىدۇ.
      دەرسنى ئوبدان ئۈگىنىلى!!! چەتئەلدە بۇنداق نەرسىلەر بەك ئەرزان. ئەرزاننى ئىشلىتىمىز………..

  1. nazari burader, anglisam iPod ta GPS yoqkenghu? siz Bilik toridiki mushu temingizda torsizmu ishleydighan yol bashlash ambirining gepini qipsiz… nawada bu usul iPod timu ishleydighan ish bolsa mandaq bizgimu tewsiye qilmamsiz? men AutoNavi ning yeshiwetilgen nushisini qachilighantim, tor bolmisa ishlimeydiken u.. sighimi 2G dek kilidu bolmisa… bolsa mushu heqte meslihet bergen bolsingiz…? (uyghurche herp chiqqili unimidi(

    1. ipodتا GPSيوق. شۇڭا ئورۇن بەلگىلەشتە WIFI تارقاتقۇچى پونكىتنىڭ ئورنىغا ئاساسلىنىدۇ، ئۇمۇ بولمىسا Bluetouch ئارقىلىق سىرىتقى ئۈسكىنىنىڭ GPS كە ئۇلىنىپ تاپىدۇ. ئۇمۇ بولمىسا ئورۇن بەلگىلىيەلمەيدۇ. شۇڭا مەن GPS ياكى Wifi ئىشلىتەلمىگەن ئەھۋالدا يول باشلىغۇچ ئەمەس بەلكى خەرىتە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىمەن. سىز چۈشۈرگەن دىتالمۇ شۇنداق. مىنىڭ ئىشلەتكىنىم 凯迪拉 مۇ دىگەندەك دېتال(ئۈسكىنە يىنىمدا يوق. ئىسمى ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ)

  2. ha, mundaq deng, siz ishletkiningiz 凯立德 iken emise,,, bu hil GPS mashinamda bar, telfun nushisimu barkentuq… lekin yishiwetilgen nushisini tapalmighantim man buning…

    undaqta yenila shu tor bolmisa bolmaydikende..

  3. ئىنىم راست گەپنى قىلسام ،مانا بۇگۈن 3يىل بولغان iphoneغا ئۆزۈم قول سېلىپ ناخشا ،ئېلىكترونلۇق كىتاپ كۆچۈرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت .سىلەر بىلەن ھاياتىمىز گۈزەل ،ئۈمۈدىمىز ئىشەنچكە تولغاندۇر.

  4. بۇ يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئالمىغا يىشىۋېتىلگەن يۇمشاق دىتاللارنىمۇ قاچىلاشقا بولامدۇ؟

  5. بۇدىتالنىغۇ مەن چۇشۇرۋالغان ئىدىم بىراق بۇنۇڭدىن پايدىلىنىپ بىرەر دىتالمۇ قاچىليالىمىدىم ،قايسى ئورۇندىن قاچلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم .پەقەت ناخشا ،كىىنو دىگەندەك نەرسىلەرنى قاچلاپتىمەن .بۇ دىتالنىڭ يۇمتال قاچىلايدىغان بىرەر يىرىنى بايقىمىدىمغۇ ؟

    1. 应用程序 دىگەننىڭ ئىچىدە 本地 دەيدىغان بىر تاللاش بار. شۇنى بىسىۋەتكەندىن كىين سىز 导入 دېگەن يەردىن ھۆججەتنى تاللاپلا 安装 دېگەن خەتتىن قاچىلاڭ.

  6. 91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار دېگەن تەشەببۇسىنى ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تور بەت ۋە مۇنبەر ، بلوگلاردا كۆرگەن بولساممۇ ، <> لىق قىلىپ ، يەنە شۇ 91 چوماقچىسىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە تەجرىبىسى بولمىسا 91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار ، دەپ جار سالمايتتى ، مەن گەپ ئاڭلىمىغانلىقىتىن چاتاق ئاخىرى يۈز بەردى . ئۈلۈشكۈن يانفونغا بىر تال ئەپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن (يەنە شۇ 91 چوماقچى بىلەن قاچىلىمامدىم) ، ئايفون قايتا قوزغلىپ ، بىخەتەر ھالەتكە ( it safe mode) تە تۇرۇۋالدى ، ئايفوننى قايتا قوزغاتسام قەتئى نورمال ھالەتتە قوزغىلالمىدى ،ئاق ئالما بەلگىسى چىقىپ نەچچە سائەت قىتىپلا تۇرىۋالدى ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ زادى ئەسلىگە كەلمىگەندىن كېيىن ، يەنە شۇ 91 دېگەن چوماقچى دەللال بىلەن ئېچىپ ، 白苹果修复工具 نى بېسىپ ، ئوتتۇردىكى ئىككىنچى تۈر ئارقىلىق ئۈچىن تەرەپ قوزغلىش تۈرلىرىنى پۇتۈنلەي يۇيىۋىتىپتىمەن ، :sad: ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايفونمۇ ھېسابتا قايتا نورمال قوزغالدى ، ئارقىدىنلا مەسىلە يەنە كۆرۈلدى ، يەنى cydia دىن قاچىلىغان deb فورماتىدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ قوزغىلىش ھۆججىتىنى تولۇق يۇيىۋىتىپتۇ ، 设置 نىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدىغان deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سىنبەلگىسى يوق ، لېكىن 91 دېگەن چوماقچى بىلەن كومپىيۇتېردا قارىسام deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسى تۇرىدۇ ، لېكىن 设置نىڭ ئىچىدە يوق ، شۇنىڭ بىلەن بىر توردىشىمىزنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئايفوننىڭ ئۆزىدە cydia دا ، ئەپ بولىقى (软件包) غا كىرىپ قارىسام ، ئىلگىرى ئايفونغا قاچىلىغان deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېزىملىكى باركەن ، يەنى ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇلغان ، cydia دا تۇرۇپ ، شۇ ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى 1 سائەتتە دېگۈدەك قايتا قاچىلاپ چىقتىم ، كېيىن ئاندىن 设置 نىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىسام deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسى يەنە كۆرۈنمىدى (لېكىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نورماللىشىپتۇ ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاق ئالما ھالەتتىن يېڭى ئوڭشالغاندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ نورمال ئىشلىمىگەن ) ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ 设置 نىڭ ئىچىدىكى deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسىنى قەتئى ئەسىلىگە كەلتۈرۈەلمىدىم ، يەنە شۇ پىتى تۇرىدۇ ، بولسا بۇنىڭ ھەل قىلىش لايھىسىنى ئوتتۇرغا قويساڭلار ئايفونۇمنى قۇتقۇزىۋالسام ، (ئاچچىقىمدا بىراقلا 4.3.5 غا بىراقلا كۆتۈرۋەتمەكچىمۇ بولدۇم ، لېكىن 4.3.5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بولمىغاچقا بۇ نېيتىمدىنمۇ ياندىم ) .
    تەسىيە قىلىدىغىنىم : ئايفوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 91چوماقچىسى (91助手) قەتئى ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تەشەببۇس قىلىمەن .
    نەزەرباي ۋە باشقا بۇرادەرلەر ، ماڭا ھەل قىلىش لايھىسىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار .

  7. ھەي….قاچانغىچە ئالمايىگەنلەرگە قاراپ شۆلگەي ئېقىتىپ يۈرەرمىز. دىققەت قىلىڭلار ھەي باللا ئېچىم چۈشۈپ قالىدۇ.

  8. مەن نەزەرباي مۇشۇ دېتالنى تەۋسىيە قىلغاندىن باشلاپ ئىزچىل مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن… بۇ دېتالنىڭ ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىدىكەنمىز. بۇ دېتال بىلەن بىر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش dep فورماتىدىكى دېتاللارنى قاچىلىغىلى بولمايدىكەن. مۇشۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كەتسىغۇ قالتىس بولاتتىكەن.

  9. 不知道怎么原因没法输入维吾尔语,只能写汉字了。我的汉语也不是那么好,希望版主谅解。
    这个Itools 能单独安装一些程序吗?也就是Ipa程序。我现在用Itune遇到的最大痛苦是,不同的电脑上同步的时候该死的Itune 把我另从另外一个电脑上同步的资料全抹掉,很不方便啊。因为经常去别的城市,找到喜欢的Ibook 书后想装在touch 里面,但有害怕之前的程序,书都抹掉而不敢安装新的程序和书。
    第二个问题是这个能装Ipa程序吗?谢谢

    1. سىزنىڭ يۇقارقى باش ئاغرىقلىرىڭىزنى تۈگىتىدىغان دېتال مۇشۇ iTools. كىيىن نەرسە قاچىلىسا بۇرۇنقىسىنى ئۆچۈرۋەتمەيدۇ. كەچۈرۈڭ، نەچچە كۈندىن بىرى سىرىتلاردا ئالدىراش بولۇپ قىلىپ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ چىقىرىپ قويدۇم بىراق جاۋابقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ئەسلى باشقا ھەۋەسكارلارمۇ جاۋاب بىرەلەيتتى.

  10. ئىنكاس:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى، مېنىڭ ئايفونۇم 2- ئەۋلاد ئايفون ئىدى. سىستېمىسى IOS4.2.1 بولۇپ، تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان. مەن بۈگۈن مۇشۇ قۇرال ئارقىلىق IPA شەكىلدىكى ئەپلارنى قاچىلىغان ئىدىم. بىراق قاچىلانغا ئەپلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپلا ئۈچىۋالىدۇ. مەن قاچىلىغان ئەپلەر نىڭ چۈشەندۈرىشىگە قارىسام بۇ ئەپلەرنىڭ ھەممىسى IOS 3.0 دىن يۇقىرى نەشىرىدە ئىشلەيدۇ دېيىلگەن ئىكەن. بۇ مەسىلىنى قانداق قىلغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟
    بىر ياردەم قىلغان بولىسىڭىز.

  11. بۇ دىتال ئارقىلىق پ د ف شەكلىدىكى ئىلكىتاب قاچىلىدىم . ئەمما ئايفۇن ئىچىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم-يا قاچىلىغان نەرسەمنى .ibooks ئىچىدىمۇ يوق

    1. ئاۋۋال 51ipa.com غا چىقىپ goodreaderنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. ئاندىن itoolsدا goodreaderنىڭ مۇندرىجىسىنى ئېچىڭ، pdf نى goodreader ئېچىدىكى documents دېگەن مۇندەرىجىگە تاشلىسىڭىزلا goodreader دىن پايدىلىنىپ كۆرەلەيسىز.
      ئۇ نەرسە بەك كۆپ ھۆججەتنى قوللايدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: