«قوشۇمچە»بىلىك كۇلۇبىغا مۇنداق تېزىملىتىسىز

بىلىك كۇلۇبى ئۇيغۇر تېخنىكا تور بەتلىرى ئارسىدىكى ئەڭ پىشقان بىكەت بولۇپ خالاستان بىلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئاساسەن بىلىك كۇلۇبىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى ۋە باشقا تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى. يىقىندىن بىرى مىنى ئىزدەپ بىلىك كۇلۇبىنىڭ تەكلىپ نۇمۇرى سورايدىغانلار كۆپىيىپ قالدى.
مەن «يوق» دىسەم ئۇلار «سىز دىگەن ئەتىۋارلىق ئەزاكەنسىز، ھەممە تېمىغا كىرىپ ساقال غىرىچلاپلا يۈرگىنىڭىزنى كۆرىمەن. سىزدىمۇ بولمىسا كىمدە بار؟» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.
بىرنەچچەيلەنگە ئۈستىدىكى كۆككەپتەرنىڭ تىما ئادىرسىنى يوللاپ بەرسەممۇ چۈشەنمىگەن ئوخشايدۇ.
شۇڭا بىر تېما يوللاپ بىلىككە كىرەلمىگەنلەرگە يول كۆرسىتەي.
1.كۇلۇبقا كىرەلمىگەن كونا ئەزالار تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قىلساڭلار:

كۇلۇبقا كىرەلمىگەن ئەزالار ئېلخەت، QQ ياكى MSN قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسىدە bilikadmin@126.com ئارقىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسا، بۇرۇنقى ئۇچۇرلىرىغا دەخلى يەتمىگەن ئاساستا ئەزالىق ئارخىپى ۋە پارولى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىلىدۇ.

2.كۇلۇبقا يىڭىدىن ئەزا بولماقچى بولغانلار :

بىلىك كۇلۇبى نەشىرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن، كۇلۇبتىكى ئەزالار ئۇچۇرلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۇلۇبقا ئەزا بولۇش، بۇرۇنقى بىۋاستە ئەزا بولۇشتىن، بۇرۇنقى كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ تەكلىپنامىسىگە ئاساسەن ئەزا بولۇش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىلدى. يىڭىدىن ئەزا بولماقچى بولغانلار، كۇلۇبتىكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تەكلىپ نۇمۇرىغا ئىرىشسە ۋە شۇ نۇمۇر ئارقىلىق كۇلۇبقا ئەزا بولسا بولىدۇ. يىڭىدىن ئەزالىققا تىزىملىتىشتىكى شەرىتلەر تەمىنلەيدىغان ئۇچۇرلار:
1. بۇرۇن ئەزا بولغانمۇ يوق؟ (ئەگەر بۇرۇن ئەزا بولغان، ھازىر كۇلۇبقا كىرەلمىگەن بولسا، بۇرۇنقى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق يىڭى پارول ئىلتماس قىلسا بولىدۇ.)
2. يىڭىدىن تىزىملاتماقچى بولغان ئەزالىق نامى؟ (ئەزالىق نامى چوقۇم ئۆلچەملىك ULYبويىچە يىزىلغان بولۇشى كىرەك، ئەزالىق نامىغا رەقەم ئارىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق يالغۇز رەقەمنىلا ئەزالىق نامى قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ.)
3. ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادىرىسىڭىز؟ (ئەزالىق نۇمۇرىنى تاپشۇرۋىلىش ۋە كىيىنكى كۇلۇب بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا توغرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.)
4. باشقا MSN, Skype, QQ قاتارلىق ئۇچۇرلار…يۇقۇرقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش ئارقىلىق كۇلۇبقا ئەزالىققا ئىلتىماس قىلسىڭىز، ناھايىتى تىزلا تەكلىپ نۇمۇرىغا ئىرىشىپ، بىلىك كۇلۇبىمىزنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنالايسىز.
قوشۇمچە: كۇلۇب ئەزالىق مەركىزىدىكى بەزى مەسىلىلەر تۈپەيلى، تەكلىپ نۇمۇرىنى ھازىرچە كۇلۇب باشقۇرغۇچىلىرىلا ئەۋەتەلەيدۇ. سىز bilikadmin@126.com غا يۇقۇرقى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ ئىلتىماس ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.

بىلىك كۇلۇبىدىكى شۇ ناملىق تېمامدىن كۆچۈرۈلدى.
 

««قوشۇمچە»بىلىك كۇلۇبىغا مۇنداق تېزىملىتىسىز»نىڭ 12 ئويلىغانلىرى بار

  1. بۇرۇن تەكلىپ نومۇرى دىگەن گەپ يوق ۋاقىتىا تىزىملاتماپتىمەن .ھالبۇكى بۇ كۇنلەردە تەكلىپ نومۇرى بولمىسا تىزىملاتقىلى بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ .تەلەپ بويچە خىلى كۆپ ئىلخەت يوللاپ بولدۇم باشقۇرغۇچىلار نەزرىگە ئلمىدىمۇ قانداق ،ھازىرغىچە ھىچبىر سادا يوق.خىلى ئۇزاق بولدى كۆك كەپتەر ئەپەندىممۇ بىلىك تورىدا كۆرۇنمەيدۇ.تەكلىپ نومۇرى بىرىدىغان ئشنى ئەگەر ۋاقىت چىقرالىسىڭىز سىز ،ياكى بولمىسا بىدار قۇتلان ئاكمىزغا ئوخشاش پىشقەدەم باشقۇرغۇچىلارقىلىپ بەرسىمۇ بوپتىكەن. 

  2. ئاڭلىسام ھەر ئىككى ئايدا بىر ئەزا قوبول قىلىۋىتىپتىمىش.بىلىك تورىغا ئوخشاش بىلىم ئگىلىرى توپلانغان سورۇن بۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ.بۇرۇن مىھمان سۇپۇتىدە تەكلىپ -پىكىر بەرگىلىمۇ بولاتتى ،ھازىر ئۇنىمۇ چەكلىۋىتپتۇ .بولسا سىز مۇشۇ ئش توغۇرلۇق پىكىر-تەكلىپ بىرىپ قويسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: