ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 12

2012-يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

ئەزىز تورداشلار ئوبدان تۇرۇپسىلەرمۇ؟ مەنمۇ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ھەلەكچىلىكىنى بولدى دېگۈچە تارتىپ ئۈرۈمچى دېگەن شەدە مىھمانخانىدا يېتىپ يىڭى يىلنى كۈتمەكتىمەن.

ئالدى بىلەن سۆيۈملۈك تورداشلارنىڭ يىڭى يىلىنى مۇبارەكلەيمەن. يىڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يىڭىچە خۇشاللىق، بەختكە ئىگە بولىشىغا تىلەكداشمەن.

كىچىك ۋاقتىمىزدا ھەرخىل تەبرىك ئاتكىرىتكىلارنى يوللاش ئارقىلىق ئۆزئارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشاتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە تەبرىكلەش ئادەتلىرىمىزمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن بىر داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋىتىپ ھەرخىل كىيىنگەن كىچىك ساۋاقداشلارنىڭ توپلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاندىن ئەتىنىڭ يىڭى يىلللىقىنى قايتىدىن ھىس قىلدىم. ئەمما قارىسام ھەممە نەرسە ئوخشاش. لىكىن ئەستە تۇتايلىكى ، ئەتە ھەممەيلەن يىڭى بىر ياشقا كىرىمىز.

خوش، يەنە كۆرۈشكىچە ئامال بولساق كىلەر يىلى يىڭى يازمىلاردىن ئۈمۈد كۈتكەيسىزلەر!

redsn0w 0.9.10 ئارقىلىق 5.0.1نى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ

خۇددى كۈتكىنىمىزدەك 5.0.1 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى.
دوستلارنىڭ redsn0w 0.9.10 نى چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ۋاقىت قىس دەرسلىكنى يەنە يوللاپ قويىمەن.

خالاستان بىلوگى 2012-يىللىق ئون چوڭ بىلوگدا…

تۆۋەندىكى يازما يۈكسەل بىلوگىدىن كۆچۈرۈلدى. تورداشلار قاراپ چىقىپ مۇۋاپىق بىلوگلارغا باھالاش ئېلىپ بارسا. خالاستان بىلوگىمۇ تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق باھا -ئاۋاز بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.ئەرىشكە تەڭداش ئايپەدتە يېزىلدى.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى›› شۇ تاپتا، ئۇدا يېرىم ئايغا سوزۇلغان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى باھالاپ رەسمىي نامزات بلوگلارنى تۇرۇغۇزۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يىللىق 10 چوڭ بلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى.  نامزات قوبۇل قىلىش ۋە نامزات بېكىتىش باسقۇچى ئارقىلىق 20 بلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 27-دېكابىردىن يەنى بۈگۈندىن باشلاپ تاكى 31-دېكابىر كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدىغان، 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ تىزىلدى.

 
بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : 27-دېكابىردىن 31-دېكابىرغىچە جەمئىي 5 كۈن.
2. بېلەت تاشلاش سورۇنى: ئىزدىنىش مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى، بىلىك مۇنبىرى، نۇرقۇت مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى (جەمئىي 5 مۇنبەر)
3. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
4. ساختا بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنى ھېسابلانغان مۇنبەرلەرنىڭ يېڭىدىن ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى ياكى بېلەت سىستېمىسىغا 27-دېكابىردىن ئىلگىرى تىزىملانغان ئەزالارلا بېلەت تاشلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
5. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال ‹‹ ئۇزبلوگ ئۇلىنىشلىرى›› دىكى ‹‹ 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ نامزاتلىرى ›› دېگەن تۈردىكى بلوگلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
6. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر سوفېت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى
شىنجاڭ مىسرانىم ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن مىسرانىم ئەپەندى

شىنجاڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىن ئوسمانجان نوھ بىلىگيار
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز)
كروران تورى ۋە بلوگىدىن كروران (قىز)
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل

10 چوڭ بلوگقا نامزات قىلىنغان بلوگلار

 

بلوگ ئىسمى  

ئومۇمىي ئېرىشكەن نومۇرى

1

80خالتا بلوگى

630.4

2

ئالىم ئەھەت بلوگى

619

3

قىسمەت بلوگى

615.3

4

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

614.1

5

ئىلقۇت بلوگى

611.6

6

جېك بلوگى

610.2

7

تەدبىركار بلوگى

606.5

8

ۋەتەن بلوگى

604.6

9

شاھ ئۇيغۇر

598.7

10

كۆككەپتەر بلوگى

596.3

11

پرېستان بلوگى

588.3

12

پاسىبان بلوگى

585.7

13

تورخۇمار بلوگى

580.2

14

خالاستان بلوگى

580.1

15

تۇرپان تەزكىرىسى

579.4

16

نۇھ بلوگى

575.1

17

لوپنۇرى تور خاتىرىسى

574

18

ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بلوگى

570.9

19

كروران بلوگى

570.7

20

باي دادام بلوگى

569.9

 

مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى

 
بىلكان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئۈزۈپ چىققان 10 چوڭ بلوگنى زادى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، ماۋۇ ‹‹2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش›› سەھىپىسىگە نەزەر سېلىڭ!

 

ئەمسە تۆۋەندىكى مەنزىللەردىن كىرىپ، بېلەت تاشلاشنى باشلاڭ!

 

1. ئىزدىنىش مۇنبىرى

2. مىسرانىم مۇنبىرى

3. بىلىك مۇنبىرى

4. نۇرقۇت مۇنبىرى

5. كروران مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يىڭى قارا iPhone4,16G دىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ

يىڭى مەھسۇلات، 港行 بولۇپ، ئۆزۈم ئىشلىتىشكە ئالغان، ئەمما باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ماڭا مۇۋاپىق كەلمىدى. قولۇمدا باشقا apple مەھسۇلاتلىرى بار.

ئۆزۈم ئۈرۈمچىدە كاماندۇرۇپكىدا، شۇڭا iPhone مۇ مىنىڭ قولۇمدا. ھەپتە ئاخىردا ۋاقىت چىقىرىپ، نەق مەيداندا سىناپ بېرىشكە ياكى خالىغان ئادېرىسقا سېلىپ بېرىشكە بولىدۇ. زاۋۇتتىن چىققان بارلىق سەپلىمىلىرى تولۇق. ئىكران پەردىسى، تىڭشىغۇچ ئاسرىغۇچ… دېگەندەك قوشۇمچە نەرسىلىرىمۇ بار. نەشرى 5.0

لازىم دەپ ئويلىغانلار ئالاقىلىشىپ يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلدا سېتىۋالسا بولىدۇ. سۈپىتىگە بىر يىل كاپالەت بېرىلىدۇ. باھاسى 3900 سوم. باشقا كونكىرىت ئىشلارنى Email دە دېيىشسەك. admin@../

iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەتلىرىمىز! ئوبدان تۇرۇشۇپلىمۇ؟ نەزەربايمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن پالاقشىپ يۈرۈپ ئازراق تورغا چېقىش پۇرسىتى بولغاچقا باشقىسى بولمسىمۇ ئۇچۇر يوللىغاچ تۇراي.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنىڭ چىقمىقى بەسى مۈشكۈل بولدى. ھەم تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى Appleدىكىلەر دۋاملىق تۈردە ھەرخىل ياماقلارنى چىقىرىپ يوچۇقلارنى ئېتىپ تۇرغاچ پارتىزانلارنىڭ كۈنى تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.

Cydia دا نۇرغۇن ياخشى ئەپلەرنى قاچىلاپ كۆنۈپ قالغان ئادەم بىراقلا تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىگە چاپلىشىپ قالسا ھەقىقەتەن قولايسىزلىق ھىس قىلىدىكەن. ھەم ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلار ئۈچۈنمۇ تەسكەن.

يىقىندا يەنە بىر داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى Pod2g دىكىلەر iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنى ئېلان قىلدى. كۆرۈلگىنى iPhone4 بولۇپ نۆۋەتتىكى iPod Touch نىڭ ھەممە نەشرى، iPhone نىڭ 4s تىن باشقا نەشرى، iPad1 قاتارلىق ئۈسكىنىلەر مۇكەممەل قاچىدۇ. بۇنى ئېلان قىلىشقا ھەپتە ۋاقىت كەتمەيدۇ.

Apple يىڭىدىن ئىشلەتكەن A5 تىپلىق CPU دىكى قوش نىگىزلىك iPad2, Iphone4s لەرنىڭ لاھىيەسىدە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن خاككېرلار تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ بولالمىدى. ئەمما ناھايتى ئۈمۈدۋارلىق بىلەن بىزگە يىقىندا بۇ ئىككى داڭلىق ئۈسكىنىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى كۈتۈشىمىزنى قەيىت قىلدى.

مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقسا خالاستان بىلوگى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكنى ئېلان قىلىدۇ. نەزەرى، شەھرىستان-ئۈرۈمچى، سارايى-ئاق تا يېزىلدى.

Halastan بىلوگ قۇرغۇچىسى نەزەرى بىلەن ئالاقە قىلدىغانلار سەمىگە

سالام كۆپچىلىك!

مەن مۇشۇ مېنۇتتا جىددى كاماندورۇپكا ۋە ساياھەت ئىھتىياجى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتنى باشلاش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن (ھازىر ماشىنىغا ماي قاچىلاپلا ماڭىمەن). پۇرسەت بولسا سەپەر خاتىرسى تەييارلىنىپ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان سەپەر ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ كۈندىن ئىتىبارەن توردا داۋاملىق مۇلازىمەت تەمىنلىيەلمەيمەن. يەنى QQ,MSN قاتارلىقلارنى ئېچىشقا ئىمكان بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا MacBookPro,iPad, iPhone لار ئالمىشىپ تۇرغاچقا پاراڭنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالمىغۇدەكمەن.

شۇ سەۋەبتىن دوستلارنىڭ ماڭا ئې.خەت يېزىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا سېتىلغان مەھسۇلاتلارغا مۇلازىمەت، ۋە ھازىر ئېلتىماس قىلىنىۋاتقان GoogleAdsense ئېلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار داۋاملىشىدۇ. شۇنداقلا لايىقىدا مۇلازىمەت ئۇچۇرى تەمىنلىنىدۇ. ئې.خەتكە ئەڭ كىچىككەندىمۇ 24 سائەت ئىچىدە جاۋاب قايتىدۇ.

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 50 كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ يەنىلا EMail دە ئالاقە ساقلايمەن. خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك QQ ئېچىشقا پۇرسەت بولمايدۇ. ئەپۇ قىلغايسىزلەر.

قوشۇمچە: GoogleAdsense  ئېلانى داۋاملىق تەمىنلىنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلەش نوقتىئنەزىرى بويىچە باھا تالاشتۇرۇلمايدۇ، ۋە بىلوگدا ئېلان قىلىنمىغان ئىشلار ھەققىدە بىۋاستە پىكىرلەشمەيدۇ.

خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ

يىقىندىن بىرى مىنىڭ كۆپ ۋاقتىم ئۆگىنىش، ھەر خىل تاللاش بىلەن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن سىرىت خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتجان بىلەن ھەمدەمدە بولۇشتۇق. بۇيىل 3-ئايدا بېيجىڭدا تونۇشۇپ، ئەسرالاشقاندىن تارتىپ ماڭا ئاكا سۈپەت كىلىدىغان بۇ دوستۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆپ كۆردۈم. شۇ چاغدىكى قىسقىغىنە بىر ھەپتىدىمۇ كەلگۈسۈمگە قۇدرەتجاننىڭ ھاياتى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بولدى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى بىر مەزگىلدە ھەممەيلەن ئالدىراش. مۇشۇ دەقىقىلەردە يەنە قۇدرەتجاننى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئەگرى- توقايلىققا تولغان بىر ھاياتنىڭ شاھىتى بولغان «ئاكا ئاغىنەم» بىلەن قايتا ئەسرالىشىۋاتىمەن.

خوش، قالغان گەپنى يەنە ئاڭلاشقا پۇرسەت بولار. تۆۋەندە قۇدرەتجان ھەققىدە يېزىلغان بىر كۇبلىت شېئىرنى دىققەتكە سۇناي. مەنبە يانغىن

خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ

(مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ قۇدرەت ياقۇپ ھەققىدىكى رادىئو زىيارىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن)

«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،ئاپپاي يىغلىدى ئۆكسۈپ.
«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،داداش تىترىدى،كۈلۈپ.

كىچىكىڭىزدە،
ئاپپاي ئېيتقان خارۋارد رىۋايىتى،
قەلبىڭىزگە چوڭقۇر ئويۇلغانمىدى؟!
چېچەنلىكىڭىز ،زېرەكلىكىڭىز،
سىزنى يىڭى بىر دۇنياغا__
خارۋاردقا تۇتاشقان يولغا،
باشلاۋاتقاندەك تۇيۇلغانمىدى؟!

2001-يىلى،
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى،
سىزنى ئارماندا قالدۇرغىنىدا،
دۈشمەنلەر كۈلۈپ دوستلار يىغلىغىنىدا،
ئاتا ئانىڭىز ھەسرەت بىلەن باققىنىدا،
يۈرۈكىڭىز پارە پارە بولغانمىدى؟!
بېشىڭىزدا چاقماق چاققانمىدى؟!
شۇنداقلا،
«ياق.مەن تىز پۈكمەيمەن.
ياق،مەن خارۋارددا ئوقۇيمەن»دەپ،
ئىرادىڭىز تولۇپ تاشقانمىدى؟!

ئاشۇ كۈن،
كېيىنكى يول ئۈچۈن،
قارار چىقىرىلىپ،
پويىز شاڭخەيگە قاراپ گۈدۈك ئۇرغىنىدا.
سىز يىغلىمىدىڭىز،
ئاپپاي يىغلىمىدى،
داداش يىغلىمىدى.
كۈلۈپ خوش دىيىشتىڭلار،
لېكىن قەلبىڭلار،
مۇمكىن بولغان ھىجران،پىراق ئۈچۈن،
چۇل چۇل بولغانتى ھە؟!
«يۈزلەر گۈلگۈن،يۈرەكتە لىق ياش»
يىڭى مۇساپە باشلانغانتى، دە…

بېيجىڭدىكى كۈنلەردە،
ئىرادىڭىز،
تىرىشچانلىقىڭىز،
يەنە بىر مېۋىسىنى بەردى.
تۆت ئايلىق ئۆگىنىش،
ئىنگىلىزتىلىنى سىزگە بويسۇندۇردى.
شۇ كۈنلەردە،
مۇۋاپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسى،
روجەكلىرىنى سىزگە ئاچتى.
يىڭى بىر قۇياش،
سىزگە ئىللىق كۈلۈپ باقتى.
مۇئەللىملىك قىلغان كۈنلەردە،
ئىرادىڭىزدە تەۋرىنىش بولغانمىدى؟!
سېغىنىش پىراقى،
ۋۇجۇدىڭىزدا،
گۈلخان بولۇپ يانغانمىدى؟!
ياق،
خارۋارد چوقۇم،
سىزگە تېخىمۇ يېقىن،تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنگەنىدى…

2003-يىلى،
13مەكتەپتىن تەڭ كەلگەن چاقىرىق،
چوقۇم،
سىزگە يىڭى بىر مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى بەخشەندە ئەتتى.
پايتەختتىكى بىر كۈنلۈك دىدار،
كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن،
تېخىمۇ گۈزەل پايانداز سالدى.
ئاپپاي يەنە بىر قېتىم خوش ئېيتتى،
«يۈزلەر گۈلگۈن،يۈرەكتە لىق ياش»
خىياللار يەنە خارۋارد تامان كەتتى…

2003-يىلى،گوللاندىيە،
يەنە تىرمىشىش،
يەنە تىرىشىش…..

2004-يىلى،يازدا،
ئامىركا جورج ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرسىتىتى،
سىزگە قۇچاق ئاچتى.
چوقۇم،
بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر ھەققىدە،
يىڭى يىڭى داستانلارنى يازدىڭىز،
قايىللىق ئىپادىلىرى ئىچىدە،
خاۋاردقا قاراپ،
تېخىمۇ جەسۇر،
تېخىمۇ مەزمۇت قەدەملەرنى باستىڭىز…

2005-يىلى،
كۈتكەن مىنۇتلار ،
ئاخىرى كېلىۋاتاتتى.
نەچچە يىللىق ئارمان،
شۇ مىنۇت،
تېخىمۇ كۈچلۈك يېنىۋاتاتتى.
تۇمان تاراپ،
يىڭى بىر قۇياش كۆتۈرلىۋاتاتتى…
شۇ مىنۇت،
ئېلخەتنى ئېچىپ،
سىز ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن تۇيۇلغان بىر سىكۇنتىنى كۈتىۋالدىڭىز.
ئاندىن بېسىپ كەلگەن خاتىرجەملىك،
يېنىكلىك،
«ئۇف»دەپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالدىڭىز.
تېلفۇن يۈرەكلەرنى ئۇچراشتۇرغاندا…
نەچچە يىللىق ھاردۇق،
يىراقلارغا ئۇزىدى تىزلا.
ئاپىنىڭ ئۆكسىشى،
دادىنىڭ رەھمىتى،
چوقۇم سىزنىمۇ،
ھاياجاندىن قاتتىق ئۆكسۈتتى.
بەلكىم،
ئاپاش داداشلار،
ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىك مىنۇتلارنى،
بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزدى.
خارۋارد،
سىزنى ئاخىرى كۈتىۋالدى،
جاراڭلىق كۈلكە،
جەسۇر سىما.
خارۋارد ھويلىسىغا،
يىڭى زىننەتلەرنى قوشىۋالدى.
……
……
«جاپانى كىم تولا چەكسە،
گۆھەرنى شۇ ئالار تاشتىن،
گۆھەر ئالغۇچە شۇ تاشتىن،
نى سەۋدا ئۆتىدۇ باشتىن.»
بەرھەق،
سىزنىڭ نىشانىڭىز،
ئەزەلدىن ئايدىڭ ئىدى.
ئەستايىدىللىق،
ئىرادە.
تىرىشچانلىق،
ئۈنۈملۈك پىلان،
ئاتا ئانا دۇئاسى،
سىزگە ھەر ۋاقىت يار ئىدى.
ئارمان ئۈچۈن چېكىلگەن جاپا،
سىز ئۈچۈن ھېچنىمە شۇنداققۇ؟!
سىزدىكى جاسارەت ئىشەنچ،
تارىخلاردىن بۇيان كۈيلەنگەن،
سىزدىكى ئىرادە،پاراسەت
مۇۋاپىقىيەتكە يۈزلەنگەن.
شۇنداققۇ؟!

10يىلدىن كېيىنكى ۋىسال،
يۈرەكلەرنى قانداق شاتلىققا چۆمدۈرگەندۇ؟!
خارۋارد ھاياتىدىكى غەلبىلەر،
سىزنى قانداق شانۇ شەرەپكە ئورىغاندۇ؟!
دادا مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا كۈلگەندە،
ئانا ھاياجاندا ئۆكسىگەندە،
يۈرىكىڭىز قانداق بىر تۇيغۇغا چۆمۈلگەندۇ؟!

قاراڭ،
سىز ئۈچۈن يەنە بىر قۇياش كۆتۈرۈلدى،
قاراڭ،
سىز ئۈچۈن يىڭى تىلەكلەر يېغىۋاتىدۇ.
سىزنى يىڭى غەلبىلەر كۈتىۋاتىدۇ…

«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،ئاپپاي يىغلىدى ئۆكسۈپ.
«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،داداش تىترىدى،كۈلۈپ.
«ئاپا،مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»
دېدىڭىز،ئۇيغۇر« يارايسەن» دېدى.
«ئاپا،مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»
دېدىڭىز،تەڭرىتاغ نۇرغا چۆمۈلدى.

GoogleAdsense كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا

ئېلان كىرىمىنى كىڭەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئورگان تەرەپ تەۋسىيەسى بولۇپ تۆۋەندە مەن ئورگان تەرەپ دەرسلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇناي. مەزمۇنى خەنچە بولغىنى بىلەن، ناھايتى چۈشىنىشلىك ئىكەن. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىگە خالاستان بىلوگى تېخنىكىلىق ياردەم قىلىدۇ.

ھەم بۇ تېمىنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ.../3375.html

Close[SWF] - GoogleAdsense教程

ئۆزگىچەGoogleAdsenseئېلانى تەمىنلەيمەن

مەن ئالدىنقى ئايدا 3 بۇرادەردىن GoogleAdsense ئۈچۈن ھەق تاپشۇرۇپ ئالغان. مانا بۈگۈنگىچە ئېلان ئېلتىماسى ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلدى. مەنمۇ شۇ ئىككى ئون سومنى تاپاي دەپ كۆپ تىرىشىتىم، ئىلاج بولمىدى. سەۋەبىنى مەن بىز ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق بولدى دەپ چۈشەندۈرمەيمەن، ھەم چۈشەندۈرەلمەيمەن. چۈنكى نۇرقۇت تورى، تورخۇمار، ئەلشات… لارمۇ ئۇزۇن ئىسىمدا ئېلان كىرىمىنى نورمال ئېلىۋاتىدۇ. خالاستان بىلوگىمۇ 4 خەتلىك ئىسمىدا تۇنجى قىتىملىق 188$ نى ساق تاپشۇرۇپ ئالدى.

مۇشۇ مېنۇتتا مەن يۇقارقى GoogleAdsense ئېلانى تېزىملاتقان بۇرادەرگە مۇنداق تاللاش بېرىمەن. ھازىرلا ماڭا خالىغان بانكا ھىساباتى ياكى تېلېفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇڭ. مەن ھىساب ئاغدۇرۇپ تۆلىگەن پۇلىڭىزنى قايتۇرىمەن.

يۇقارقى تاللاشنى خالىمىغان ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى بارلىق GoogleAdsense ئېلانى ئېلتىماس قىلغۇچىلارغا يەنە بىر تاللاش:

مەن خەنچە ئىسىمدا GoogleAdsense ئېلانى ئېلتىماس قىلىپ بىرىمەن (توغرىلىقى، قانۇنلۇقلىقى، ئىزچىللىقى كاپالەتكە ئىگە). بارلىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن، PIN نى ئېلىپ بىرىمەن. بۇ جەريان ئۈچۈن 50 سوم تۆلەيسىز. كىيىن GoogleAdsense ئېلانى كىرىمى 100 $ دىن ئاشقاندا مەن يەنە مۇناسىۋەتلىك ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، GoogleAdsense ئېلانى ئېچىدىكى پۇلنى ئېلىپ بەلگىلىگەن كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىمەن. ھەم شۇ مېنۇت- سېكۇنتقىچە بارلىق تېخنىكىلىق قوللاشلاردا ھەمدەمدە بولىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ چاغدىكى GoogleAdsense ئېلانى كىرىمىدىن 100 يۈەننى ماڭا ئايرىپ بېرىسىز. دىققەت: سىز ھىساباتتىكى پۇل تاپشۇرۋىلىش كودى، قارشى تەرەپ نامى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بەرمىسىڭىز بىز پۇل ئالالمايمىز، شۇڭا GoogleAdsense ئېلانى كىرىمىدىن خاتىرجەم بولۇڭ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى خالاستان بىلوگىدىن نەزەرىگە ئىشەنسىڭىزلا كۇپايە.

گەپ ئوچۇق بولدىمىكىن؟ قىنى بېكەت باشلىقلىرى ئويلىشىپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ ئاندىن قارارىڭلارنى كەمىنىگە يەتكۈزگەيسىزلەر.

GoogleAdsense ئېلانى ئېلتىماس ھەققىدە يىغما تېما ../vip

GoogleAdsense ئېلانى توختاپ كەتكەنلەر ئۈچۈن تەۋسىيەلىك تېما ../2685.html

ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش باشلاندى

يۈكسەل بىلوگىدا ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىنىڭ باشلانغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپلا تەشۋىق مەقستىدە يوللىشىم. خالاستان بىلوگى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ.ھەم غەلبىلىك ئاياغلىشىدىغانلىقىغا، تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىغا مۇناسىپ باھا بىرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداشلار، بلوگگېر دوستلار!
ھەممەيلەننىڭ خەۋرىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
گەپنى قىسقارتىپ، سۆزنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتقاندا، بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇشۇ بىر پائالىيەت ئۈچۈن 3 ئاي سەرپ ئېتىلگەن بولسا، ئەمدى قىسقا ۋە جىددىي قىلىپ پەقەت 20 كۈنلا سەرپ ئېتىلمەكچى. ئىلگىرى پائالىيەت پەقەت يۈكسەل بلوگىدىلا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئەمدى يۈكسەل بلوگنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا بىرقەدەر نوپۇزلۇق  بولغان ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە بىراقلا ئۆتكۈزۈلمەكچى. ئىلگىرى مۇكاپات سۈپىتىدە بۇيۇملار تارقىتىلغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، بۇ قېتىم مۇكاپات ئۈچۈن نەق پۇل بېرىلمەكچى…

2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى

1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.

3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.

4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. داۋاملىق ئوقۇش