ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 07

iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن ساۋات

بىزگە ھازىر apple مەھسۇلاتلىرى بۇرۇنقىدەك ناتونۇش ئەمەس. لىكىن 越狱  دىگەن ئاتالغۇ نۇرغۇنلىرىمىزغا يەنىلا سىرلىق ئاڭلىنىدۇ. تۆۋەندە ئەلئوغلىنىڭ شۇ ناملىق يازمىسى ئاساسىدا تەييارلانغان مەزمۇن. تۆۋەندىكى iPhone دىگەن ئاتالغۇ ئەمىليەتتە ipod,ipad  قاتارلىقلارغىمۇ ماس كىلىدۇ.

Jailbreak ئەسلى ئېنگىلىزچە گەپ. خەنچىدە 越狱 دەيدۇ، ئۇيغۇرچىدا بىز «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» دەپ ئالدۇق.

iPhone نىڭ iOS باشقا يانفون سىستېمسى (مەسىلەن : Nokia نىڭ Symbian ۋە Google نىڭ Android قاتارلىقلار)بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى  شۇكى، كېيىنكى ئىككىسىدە ئىشلەتكۈچى ھوقۇق چىكى ئىچىۋىتىلگەن بولىدۇ . iOS دە بولسا ئىشلەتكۈچى چەكلىمىسى تۆۋەن . ئاددىيلا قىلىپ ئىيتقاندا كېيىنكى ئىككىسىدە ئىشلەتكۈچىنىڭ RW (يېېزىش،ئوقۇش) قوقۇقى بولىدۇ ،لېكىن iOS ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ R (پەقەت ئوقۇشلا)ھوقۇقىلا بولىدۇ .شۇڭلاشقا iOS ئىشلەتكۈچىلىرى پەقەت ئالما تەستىقىدىن ئۆتكەن (Apple Store دىن سىتىۋالغان) قوللىنىشچان پىروگراممىلارنىلا ئىشلىتەلەيدۇ ،باشقىلىرى سىستېمىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارالمايدۇ . مانا بۇ apple مەھسۇلاتلرىغا سىلىنغان بىر قۇلۇب ۋە مەھسۇلات سۈپىتىگە قىلىغان بىر كاپالەت.

شۇنىسى ئىنىق بولسۇنكى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە قاچۇرۇشتىن كىيىن يۇمتاللارنىڭ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ھوقۇقى ئۆزگەرمەيدۇ ، پەقەت قاچۇرۇلغاندىن كىيىن IPA دىن باشقا دىتاللارنى قاچىلاپ ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلىندىغان قىلىشقا (ھەقىقى مەنىدىكى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ئەمەس) بولىدۇ.

يەنى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن ھەرقانداق يۇمتالنى خالىغانچە قاچىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دىگەن گەپ.

تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتسىڭىز ئارتۇقچىلىقى :
1. توك تىجەيدۇ.
2.سىستېما مۇقىم ئىشلەيدۇ.
3.apple store دىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان دېتالنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولىدۇ .
4.apple store دىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان دېتاللارنى (ipa شەكلىدىكى)ئۆچۈرگەندە قالدۇق ھۆججەتلەر قالمايدۇ ،يەنى سىستېمىدا ئەخلەت ھۆججەتلەر بولمايدۇ .
كەمچىللىكى :
1.تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن زۆرۈر بولغان سىستىما ئىقتىدارلىرى(قويغۇچ،ئىغىرلىق سەزگۈچ) قاتارلىقلاردىن سىرىت سىسىتمىلارغا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ھوقۇقى بىرىلمەيدۇ. شۇڭا بەزى ئەۋزەل قوللانىچلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
2.كەلگەن نومۇر،ئۇچۇرلارنىڭ تەۋەلكىنى كۆرسىتىش ،flash قاتارلىقلار دېتاللارنى تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ مەڭگۈ ئىشلىتەلمەيسىز .91 يانفون ياردەمچىسىنى ئىشلىتىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
3.سىستېما چەكلىمە بەك تۆۋەن .مەسلەن : سىستېما ھۆججەتلىرىگە قارىتا ئۆچۈرۈش،تەڭشەش ،ئۆزگەرتىش مەغۇلاتى ئىلىپ بارالمايمىز ،مەلۇم پىروگراممىغا قارىتا مەخپىيلەشتۈرۈش، ھەتتا كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش،باشقىلار ئاچقان كىرگۈزگۈچ (بەيدۇ،سوگو قاتارلىق) قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .نېمىشقا ؟ ئەسلى ئاچقۇچىلار apple store غا چىقىرىشنى ئويلايدۇ،لېكىن ئۇلار جون نىڭ گىپنى ئاڭلىمىسا بولمايدۇ دە .
4.يىشىۋىتىلگەن پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .
5.يانفون تور كۆرگۈچىدە ماتىرىيال چۈشۈرۈش ۋە چۈشۈرگەن ماتىرىياللارغا قارىتا ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارالمايسىز .
تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئارتۇقچىلىقى :
1.ئارقا سپۇدا ئىجرا بولدىغان سىسىتمىلارنىڭ سانىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
2.سىستېما چەكلىمىسى يۇقىرىلايدۇ .سىستېمىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بارالايسىز ،تېخىمۇ كۆپ دېتال ۋە پىروگراممىلارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .مەسىلەن : كەلگەن نومۇر،ئۇچۇرلارنىڭ تەۋەلكىنى كۆرسىتىش ،flash قاتارلىقلار دېتاللارنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.كۆك چىش ئارقىلىق ھۆججەت ئۇزۇتۇش تېلېفۇن ئۇرغاندا قارشى تەرەپكە تېلىفۇن ئۇلانغان ھامان يانفون تىتىرەش قاتارلىق دېتاللارنى قاچىلاپ يانفوننى تېخىمۇ قولاي قىلغىلى بولىدۇ .
3.يىشىۋىتىلگەن دېتال،پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز .
4.يانفون ئۇسلۇبى ، سىن بەلگىسى ،قىسقا ئۇچۇر ۋە يانفون قوڭغىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز .
5.ئۈچىنچى تەرەپ يانفون ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ يانفوننى بارماق دىسكا قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسز . بۇ يەردە ifunbox دېتالىنى تەۋسىيە قىلىمىز .

6. خالاستان بلوگى تارقاتماقچى بولغان ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بىمالال قاچىلىيالايسىز. 

كەمچىللىكى :
1. توكنى بەك سەرپ قىلىدۇ ،تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن سىستېمىدا بەزى ھۆججەتلەر ئىجرا بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا توك سەرپ قىلىشىمۇ جىقراق بولىدۇ .
2.سىستېما مۇقىم ئىشلىمەسلىكى مۇمكېن . دىتاللار ھەممىسى يىشىۋىتىلگەن بولغاچ 3-تەرەپنىڭ يۇمتاللىردا ھەرخىل خەتەر يوق دىگىلى بولمايدۇ.
3. يانفون سىستېمىسى يېڭىلانغاندا ۋاقتىدا يېڭىلىيالمايسىز . تۈرمىدىن قاچۇرۇش خىلى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچ ئادەتتە يىڭى سىستىما چىقىپ بىرەر ئايدا ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش تېخنىكىسى چىقىدۇ.
ئەمدى ئىككىسىنىڭ ئورتاقلىقى :
1.apple store دا تەمىنلىگەن ھەقسىز دېتال ياكى سىتىۋالغان دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،تەسىرگە ئۇچىرىمايدۇ .
2.يانفون قاتتىق دىتالىغا نىسبەتەن ھىچقانداق خىيىم خەتىرى ياكى بۇزۇلۇش بولمايدۇ ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش يانفوننىڭ ھىچقانداق قاتىق دېتالىغا زىيانلىق ئەمەس .

Yanni ئورۇندىغان مۇڭلۇق كۈيى With an Orchid

بۇ مۇزىكا Yanni نىڭ يەنە بىر ئىجادىيتىى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ مۇزىكىنى جۇڭگوغا كىلىپ ئاندىن ئىجاد قىلغانىكەن،ھەم خان سارىيىدىكى ئويۇندا تۇنجى قىتىم ئورۇندىغان ئىكەن.心系兰花 دىگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كەلگەنىكەن. بۇ مۇزىكىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەمنى مەن تېخى ئۇچراتمىدىم.

مەن توردىن باشقىلار كىرىشتۈرگەن بىر فىلىمنى تاپتىم. ۋەقەلىك دەل ياشلارغا ماس كىلىدىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەن.كۆرۈپ باققۇلۇق.

تورداشلارنىڭمۇ چوقۇم ياقتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈشۈرۈش لازىم بولسا يۇقارقى ھالقىلىق سۆز بىلەن ئىزدىسڭىزلا بولىدۇ.

مەڭگۈ نەخ مەيداندا ئاڭلىغىلى بولمايدىغان مۇزىكا

بۇ ھەپتىلىك «ھەپتىدە بىر مۇڭ» سەھىپىسىگە بۇ مۇزىكىنى يوللاپ دوستلارغا يىڭىچە ئېلىكتىرونلۇق بىرىكتۈرمە ئۈنۈمنىڭ كارامىتىنى بىر كۆرسىتۈپ قوياي!

تۆۋەندىكى مۇزىكا كومپيۇتېردا كىرىشتۈرۈلگەن بولغاچ مەڭگۈ نەخ مەيداندا ئاڭلىيالمايسىز دىدۇق. ئەسلى داڭلىق ئېلىكتىرونلۇق مۇزىكا ئىشلەش كۇلۇبى Animusic نىڭ نادىر مۇزىكىلىرىن بىرى . مەن قىسقا بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككى بۆلەكنى يوللىدىم. ھوزورلانغايسىزلەر.

تۆۋەندىكىسى بۇ فىلىمنىڭ تولۇق 2- قىسمى

تۆۋەندىكىسى بۇ فلىمنىڭ تولۇق 1- قىسمى

北京 دا ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىپ بېرىمەن

يىقىندا ئوقۇشۇم پۈتۈپ، بېيجىڭدا ھىجرەت تەييارلىقى ۋە ئۆگىنىش بىلەن تۇرۇپ قالدىم. ئۆيۈم قاتناش قولاي يەردە، ۋاقتىم پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا بولغاچ بېيجىڭدىن ئىشەنچلىك ئىش بىجىرگۈچى ئىزدىگەنلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلەشنى ئويلاشتىم.بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىلى 6 يىل بولدى، ئاساسەن پىششىق. يىقىندىن بىرى شىنجاڭدىكىلەرگە ۋاكالىتەن بىر نەچچە ئىش بىجىرىپ بەردىم. قارىسام ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان چارىكەن. iPhone ۋاكالىتەن سېتىۋىلىش دېگەندەك ئىشلارمۇ بولىدۇ.

قانۇن دائىرسىدىكى، ۋاكالىتەن بىجىرىشكە بولىدىغان ھەر قانداق ئىش بولسا مەن ئۆگىنىشتىن سىرىت ۋاقتىمدا بىجىرىپ بىرىمەن. ئىشنىڭ مۇھىملىقى، ۋاقىتچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى دەرىجىسى بويىچە ھەق ئالىمەن. مەن كامىدا كىلەر يىلى 3-ئايغىچە بېيجىڭدا بار.

ئالاقىلاشقۇچىلار خالاستان بىلوگىغا خەت قالدۇرسا ياكى admin@../ نامىدىكى QQ ۋە ئېلخەت بىلەن ئالاقە قىلسا كىچىكسە 12 سائەتتە جاۋاب قايتۇرىمەن. تېخىمۇ ئالدىرايدىغانلار ئالىم ئەھەد مۇئەللىم، پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىم، ئالپسوفت ئەپەندى،ئىنتىل ئەپەندى،ئابدۇرشىت ئېلى، جېك، قۇدرەتجان، باتۇش، ئۆمەر14،ئەلئوغلى… قاتارلىق ئۇستازنىڭ خالىغان بىرىدىن مىنىڭ ئالاقە تېلفون نومۇرۇمنى سورىۋالسا بولىدۇ. ئەسكەرتىش: مىنىڭ ئىشىم بىلەن يۇقاردا ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. پەقەت كۆپچىلككە قولاي بولۇپ قالسا پايدىلانغاي.

نەزەرى.

ئەقلىفوننىڭ 10 يىللىق تارىخى

ئەقلىفون(ئەقلىي تېىلفون) ھازىر ھەممىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. بۇرۇنقى قىممەت پۇللۇق مەھسۇلات ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىستىمالچىلارنىڭ ئستىمال سەۋىيەسىدىكى مەھسۇلات بولۇپ قالدى. تۆۋەندە 10 يىلدىن بۇيان بازارغا سىلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدىن 20 دانە تىپىك ئەقلىفوننى تونۇشتۇرىمىز.
دەسلەپكى 5 يىلدا apple ۋە android نىڭ مەھسۇلاتلىرى بولمىسىمۇ كىيىنكى 5 يىلدا بۇ خىل ئەقلىفونلارنىڭ بازارنىڭ ئاساسلىق تاللىشى بولۇپ قالدى.

تۆۋەندىكىلىرى ھەر قايسى يىللاردىكى ۋەكىللىك مەھسۇلاتلار:

2000/2001

爱立信 R380

爱立信 R380 بولسا 爱立信 R380——P800 ۋە P900 نىڭ دەسلەپكى لاھىيەلىرى بولۇپ Symbian تۈرىدىكى ئەقلىفونلارنىڭ ئاتىسى. بەزىلەر بۇخىل ئەقلىفونلارنى تۇنجى ئەقلىفون دەپ ئاتايدۇ.

nokia9120

nokia ئەسلى 1996-يىلى 9000 تىپتىكى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى ياسالغان. 9120 بولسا تۇنجى رەڭلىك ئىكرانلىق يانفون .ئەينى چاغدا nokia يىڭىچە بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىپ ARM9 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتكەن Symbian سىستىمىغا كۆچكەن. بۇ ئەقلىفوننىڭ ئىقتىدارى ھازىرغىچە باشقا ئەقلىفونلارنىڭ ئىقتىدار سىلىشتۇرمىسى قىلىنىۋاتىدۇ.

2002

Handspring Treo 180

Handspring Treo 180 نى ھازىرقى Palm نىڭ قۇرغۇچىسى قۇرغان بولۇپ ئەينى چاغدا تەسىرى كۆپ بولمىغان لىكىن، تەدرىجىي ئىتىراپ قىلىنىشى ئەڭ ياخشى بولغان مەھسۇلات.

索尼爱立信P800

索尼爱立信P800 بولسا sony بىلەن Ericsson نىڭ تۇنجى بىرلەشمە مەھسۇلاتى. شۇنداقلا sony نىڭ سىرىتقى لاھىيەسى Ericsson نىڭ قۇرۇلما تېخنكىسى مۇكەممەل بىرلەشكەن مەھسۇلات.

2003

Pocket PC Phone Edition

Pocket PC Phone Edition بولسا كىيىنچە Pocket PC دەپ ئاتالغان Windows مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ باشلىنىشى.

Palm Treo 600

QWERTY تولۇق كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلەتكەن ئەقلىفون بولۇپ رەڭلىك ئۇچۇر ۋە سىنكۆزى قاتارلىق جەھەەتلەردە يىڭلىق ياراتقان.

2004

6210 blackberry

قارا بۆلجۈرگەننىڭ ئەڭ مۇۋاپپەقىيەت قاشانغان ئەقلىفونى .

Palm Treo 650

320×320 ئۆلچەملىك ئىكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ EDGE/CDMA ئۆلچەملەرنى ئەڭ بۇرۇن قوللانغان ئەقلىفوندۇر. ئىكران سىزىمچانلىقى جەھەتتە iPhone غا باشلامچى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.

2005

V3

بۇ ماركىنى بىلمەيدىغان كىشى بەلكىم يوقتۇ. خىلى بىرچاغقىچە كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن چىقمىغان ئەقلىفون دەل motorola v3

HP iPAQ 6500

بۇ ئەقلىفون Pocket PC PDA دىن تەرەققىي قىلغان. Windows Mobile غا جەڭ ئىلان قىلغان مەھسۇلات.

2006

Danger Hiptop 3 / T-mobile Sidekick 3

Sidekick دەپ ئاتالغان تېلفون بولۇپ تولۇق كۇنۇپكا تاختىسى سەۋەبىدىن بەك ئالقىشقا ئىرىشكەن.

HTC / Cingular 8525

Android ئارقىلىق داڭق چىقارغان مەھسۇلات بولۇپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە.

2007

iPhone

ئىنقىلاب خاراكتېرلىك مەھسۇلات يەنىلا iPhone دۇر.

N95

بۇ مۇ nokiaنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان تېىلفونى. ئىتقدار جەھەتتىن ھەقىقەتەن ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ. دەۋرىمىز ئەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل تاللىشى بولۇپ قالغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى.

2008

iPhone 3G

ئىككىنچى ئەۋلاد iPhone بولۇپ سۈرەت ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئالقىشقا ئىرىشكەن. شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ جوڭگوغا كىرگەن iPhone .。

HTC Dream / T-mobile G1

android  ئەقلىفونلارنىڭ ئەڭ ئالدى شۇنداقلا ۋەكىللىك مەھسۇلاتى. تاكى ھازىرغىچە قوغلىشىپ سىتىۋالىغان ئەقلىفون.

2009

摩托罗拉 Droid

Android سىستىما ئىشلىتىلگەن motorola بولۇپ كەڭ تىلفون ھەۋەسكارلىرىنىڭ قوشۇمچە تاللىشى بولىدۇ.

Palm Pre

Palmنىڭ مەھسۇلاتى بۇلۇت ھىسابلاش، بۇلت ساقلاش دىگەنلەر بىلەن باغلىنىشلىق مەھسۇلات بولۇپ نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ مۇلاھىزىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئەقلىفونلارنىڭ بىرى.

2010

iPhone 4

بۇنىڭغا قىلچە چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ. ئىنىقكى بۇ بىر دەۋر ئەركىسى ئەقلىفون!!

Galaxy S

نۇرغۇن شىركەتلەر كۆز تىكىۋاتقان داڭلىق مەھسۇلات بولۇپ بازار باھاسى ھەر ھالدا ياخشى.

ماقالىدە بەزى مەزمۇنلار ئىھتياج تۈپەيلى قىسقارتىلدى. تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى خالاستان بلوگىدىن كۆرگەيسىز.

4.3.4نى 4.3.3غا بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولدى

appleتەرەپ تۇيۇقسىز 4.3.3گە چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئېچىپتۇ.4.3.4 غا چېقىپ قالغانلار دەرھال 4.3.3 گە چۈشۈۋىلىڭلار.

خالاستان بىلوگى ھىلىلا 4.3.4 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرىنى بەرگەن.بۇ تېخىمۇ يىڭى خەۋەر.

باسقۇچ: 4.3.3 نىڭ بولىقىنى چۈشۈرۈش، iTunes دا shift نى بېسىپ تۇرۇپ 恢复نى تاللاش. مۇشۇنداق ئاددى.

نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرى

iOS4.3.4 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچماسلىقى مۇمكىن

يىقىندا apple تەرەپ iOSنىڭ 4.3.4 نەشرىنى ئېلان قىلدى.بۇ نەشىر يىڭىلىنىشتا ھىچقانداق ئىقتىدار ئۆزگىرىشى يوق. پەقەت 4.3.3 دە بايقالغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش يوچۇقى(JailbreakMe)نى ئەتتى.

داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى Dev Team يىقىندا 4.3.4 نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلدى. پەقەت ئۈسكىنىنى قايتا قوزغاتقاندا كومپيۇتېردا يىتەكلەپ قوزغىتىشقا موھتاج بولىمىز، باشقا يەرلىرى چەكلىمىگە ئۇچۇرمايدۇ. ئەمىليەتتىمۇ iPhone نى ئۆچۈرمەي بىر ئۆمۈر ئىشلتىىشكە بولىدۇ(ماۋۇ پور گەپ ئەمەس! iPhone دا سىستىما نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن باشقا چاغدا قايتا قوزغىتىش زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ).

شۇڭلاشقا خالاستان بىلوگى كەڭ iPhone ھەۋەسكارلىرىنى 4.3.4 گە نەشىر كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىدۇ.

خالاستان بىلوگى تېزلا 4.3.4 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى ۋە shsh زاپاسلانغان iPhone لار ئۈچۈن 4.3.3 گە نەشىر چۈشۈرۈش دەرسلىكىنى رەتلەپ بېرىدۇ(ھەممە دەرسلىك ھازىر بىلوگدا بار).shsh  ھەققىدە 

قوشۇمچە: ھازىر 4.3.4 ۋە iOS5 نىڭ Beta نەشرىگە ماس shsh نى زاپاسلاشنى iTools قوللاشقا باشلىدى. ماۋۇ بەتتىن ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ shsh نى زاپاسلىۋالغايسىزلەر. 

RSS ھەققىدە مۇپەسسەل بايان

بۇ يازمامنى ئەسلى كومپيۇتېر تەجىربىخانىسىغا يوللىغان. ئۇ بېكەت ۋاقتىنچە ئېچىلماي ئىنتىل سەيناسىدىن قايتا كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم.نەزەرى.

RSSھازىر كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقانلار ئۇنچە ناتونۇش بولمىسا كىرەك. خەلقئارا نوقتىدىن ئېيتقانداق بۇ خىل ئۇچۇرغا ئىرىشىشىتىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچى چوقۇم ھەر بىر ئىنسانغا تونۇش بولۇشى كىرەك ئىدى. ئەپسۇس، دىيارىمىزدا تېخى ئۇچۇرغا تاللاش خاراكتىرلىك قوبۇل قىلىش ئىڭى تېخى تۇرغۇزۇلمىغان بولغاچ مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلار قەدەمدە بىر، مۇھىم ئۇچۇرلار ئەكسىچە كىچىكىپ ئوقۇرمەن بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. شۇڭا مەن بۇ ھەقتە بىر ماقالە تەييارلاپ، RSS توغۇرلۇق ئازتولا چۈشەنچە بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

RSS دىگەن ھەرخىل پەندە ھەرخىل ئېنگىلىزچە سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئوخشىمغان مەنىلەرگە ئىگە. مېدىتسىنادا rectosigmoidoscope نىڭ، فىزىكىدا Relative System Sensitivity نىڭ، ماتىماتىكىدا root-sum square دىگەن مەنە بۆلەكلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ بۇ ماقالىدەITساھەسىدىكى Really Simple Syndication خەنچە 聚合内容، ئۇيغۇرچە «تەرمە مەزمۇن» دىگەن مەنىسى تەھلىل قىلىنىدۇ. شۇنداقلا تور بەتلەردە ئۇچرايدىغان RSS دىگەن سۆز Really Simple Syndication نىڭ قىسقارتمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
RSS بولسا مەزمۇندىن پەيىتداش ئورتاقلىشىدىغان بىر سۇپا.پەيىتچانلىقى يۇقىرى تور بىكەتلەردە RSS ئارقىلىق ئۇچۇرلارغا دەل ۋاقتىدا ئىرىشكىلى بولىدۇ.تور بەت زىيارەت قىلغۇچىلار ئابونت نوقتىسى ئارقىلىق RSS تەرمە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ياردىمىدە نىشان تور بەتنى ئاچمايلا شۇ تور بەتتە يىڭلانغان مەزمۇندىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولىدۇ.
RSS نىڭ ئالاھىدىلىكى:

كۆپ مەنبەلىك، شەخسىيلەشكەن «يىغما» بولۇش؛ مەنبە-مەزمۇن زاكاس قىلغۇچى ھەر خىل مەنبەلىك ئۇچۇلارنى ئۆزىنىڭ قىززىقىشى بويىچە زاكاس قىلالايدۇ.
ئۇچۇر يوللاشنىڭ پەيتچانلىقى، تۆۋەن چىقىمىلق بولۇش؛ بۇ خىل بەتلەرنى ياساش تەننەرخى تۆۋەن، يىڭىلىنىشى تېز(مەزمۇن يوللانغان پەيتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇچۇر تاپشۇرۋىلىشقىمۇ بولىدۇ).
ئەخلەت ئۇچۇر يوق، يەرلىكتىكى مەزمۇننى باشقۇرۇشقا قولاي بولۇش؛ ئارتۇق ئىلان، ئەخلەت مەزمۇنلار ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ، مەزمۇننى چۈشۈرۋىلىپ تورسىز مۇھىتتا كۆرۈشكە قولاي.
مۇلازىمتېرغا يۈكى ئاز بولۇش؛ ھەرخىل بىلوگ، تور بەتلەر RSS مەنبەسىنى باشقا تورلارغا يۈكلەپ بەرسە تور بەتكە كىرىدىغان ئىقىمنى ئازايتىپ مۇلازىمتېرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
تەرەققىياتى:

Really Simple Syndication بولسا تور بەت مەزمۇنىنى ئىزاھلاش ۋە مەزمۇننى ماسقەدەملەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللنىلغان فورمات بولۇپ نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان مەزمۇندىن ئورتاقلىشىش قوللىنىشى.

Really Simple Syndicationنىڭ ئىشلىتىلىش پىلانىنى 1995 يىلى Ramanathan V. Guha ۋە Appleشىركىتى نىڭ تېخنىكلىرى ئاچقان Meta Content Framework قا باغلاشقا بولىدۇ. 1999-يىلى 7-ئايدا 网景 شىركىتىدىن Dan Libby يىڭى بىر نۇسخىدىكى Really Simple Syndication نى چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن RSS 0.91 مەيدانغا كەلدى.
RSS نىڭ ئىشلىتىلىشى:
BLOG قا مۇشتەرى بولۇش؛ خىزمەتكە ئىھتىياجلىق ھەر خىل تېخنىكىلىق BLOG لارغا ياكى ئۇنىڭ مەلۇم يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ يىڭى مەزمۇنلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىشقا بولىدۇ.
خەۋەرلەرگە مۇشتەرى بولۇش؛ خەۋەر مەنبەلىرىگە مۇشتەرى بولۇپ قويۇپلا ئابونت نوقتىسىدا يىڭى خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن توربەتمۇ توربەت كىزىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت مۇشتەرى بولۇپ قويۇپ مەزمۇن يىڭىلانغان مەزمۇننى ئابونت نوقتىسىدىلا كۆرۈشكە بولىدۇ.
RSS گە مۇشتەرى بولۇش؛ RSS مەزمۇنلىرىغا مۇشتەرى بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قىممەتلىك مەزمۇنلۇق مەنبەنى تاپىسىز. ئاندىن RSS مۇشتەرى ئابونت يۇمشاق دىتالىنى چۈشۈرىسىز(كىيىنكى يازمىدا تەپسىلىي تونۇشتۇرىمىز). ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئادىرىسنى RSS مۇشتەرى ئابونت يۇمشاق دىتالىغا يۈكلىسىڭىزلا تامام. شۇ بەتلەرگە يىڭى مەزمۇن يوللانسا RSS مۇشتەرى ئابونت يۇمشاق دىتالى سىزگە ۋاقتىدا ئەسكەرتىدۇ.
RSS مۇشتەرى ئابونت نوقتىسىنىڭ تۈرلىرى:

كومپىيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان ئابونت نوقتىسى . بۇلاردىن Awasu、FeedDemon和RSSReader،周博通،,看天下,博阅 قاتارلىقلار بار. ئۇيغۇرچە قۇت بىلوگى ياساپ چىققان يەنە بىر دىتالمۇ بار.
كومپيۇتېردىكى مەلۇم يۇمشاق دىتالغا يۈكلەنگەن RSS ئىقتىدار بۆلىكى. Outlook،Internet Explorer،UT, … دىگەندەك يۇمشاق دىتاللارمۇ قوشۇمچە قىستۇرما ئىقتىدار تەمىنلىگەن بولۇپ RSS تەرمىسى ئالالايدۇ.
WEB RSS ئوقۇغۇچىسى. تور يۈزىدە ئوقۇيدىغان تەرمە بولۇپ، ھازىر ئىشلىتلىشى ئەڭ كۆپ بولغان شەكىلدۇر. ھەرقانداق يەردە تور بولسىلا بىمالال ئوقۇشقا بولىدۇ، بۇرۇن ئوقۇپ بولغانلىرى تەكرارلانمايدۇ، چالا قالمايدۇ. بۇلاردىن Google Reader،鲜果،抓虾،netvibes、pageflakes،Tencent,… قاتارلىقلار بار.
يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەر RSS ئوقۇغۇچىسى. ھەرخىل زامانىۋى ئالاقە، ئويۇن ئۈسكىنىلىرىگىمۇ بۇخىل يۇمشاق دىتال ياكى قىستۇرمىلار ئارقىلىق RSS تەرمە ئىقتىدارى قوشۇلغان. بۇنىڭغا قۇت بىلوگ ياسىغان ئوقۇغۇچى شۇنداقلا SBSH GoNews、Spb News、NewsBreak、MiHome、维信مۇ كىرىدۇ.

بۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىدىن تېخىمۇ كۆپ يازمىلارنى كۆرۈڭ.../tag/rss

iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپلا قاچىلايدىغان دېتاللار

Apple ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇملۇق، ئۈسكىنە (iPhone,iPodTouch,iPad) نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىقتىدارلار ئېچىلىدۇ. جۈملىدىن ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش، كۆكچىش، سىستىما ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار. بۇ مەھسۇلاتلارمۇ قىممەت، شۇڭا ئىقتىدارلىرىدىن قانچە كۆپ پايدىلىنالىساق بىز ئۈچۈن شۇنچە ئەرزانغا چۈشكەن بولىدۇ.

تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن بىر نەچچە يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بۇ ئېسىل ئۈسكىنىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ زور چەكتە ئاچقىلى بولىدۇ.

ئالدىنقى قىتىم ئىككى تېمىدا ئازراق تونۇشتۇرۇلغان.مەن يىقىندىن بىرى تولا سىستىما قاچىلاپ ئازراق تەجىربە توپلىدىم. ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر مۇھىم دەپ قارالغان دېتاللارنى تونۇشتۇراي.

بۇرۇنقى تونۇشتۇرغان دېتالنى مۇنۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز. تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1) ×××× تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا2)

تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلغان دېتاللارنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەنلىرىدىن باشقىلىرىنى Cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.

تەۋسىيەلىكCydia  مەنبەلەر:

apt.thebigbus.com

apt.weiphone.com

apt.178.com

Cydia ئىشلىتىش دەرسلىكىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

appcync

  قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 5  ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 0 قاچىلىنىش مىقدارى 4

رولى: iPhone تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىنىكى مەقسەت ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش. يۇقارقى دېتالنى قاچىلغاندا ئاندىن IPA فورماتىدىكى ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە فونت

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 3

رولى: Apple دېكىلەر ئۇيغۇرنىڭ فونتىنى كۆرمەيلا ئۇيغۇرغا فونت ياساپ بەرگەن بولغاچ فونتتا ھىچقانداق گۈزەللىك-بەدىئىي تۇيغۇ يوق. شۇڭا BILIGART،ElOghli,alpsoft قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەمگىكى نەتىجىسدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرچە فونتنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئەھلىنىڭ قاچىلىشىغا تەۋسىيە قىلىمەن.

 

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 2

رولى: خالاستان بىلوگىدا نوقتىلىق تونۇشتۇرۇلغان كىرگۈزگۈچ بولۇپ iOS نىڭ iPad باشقىلرىغا قاچىلاشقا ماس كېلىدۇ. قاچىلاش جەريانى ئاددى، قوللىنىلىش دائىرىس ھەقىقەتەن كەڭ.

Installous

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 3

رولى: بۇ دېتال بولسا توردىن يېشىۋىتىلگەن ھەر خىل ئويۇن، قوللىنىشچان دېتاللارنى قاچىلاش ياردەمچىسى بولۇپ iTunes دەك مۇرەككەپ ئەمەس، شۇڭا ئىشلەتكۈچىلىرى بىر قەدەر كۆپ، ئەمما 3-تەرەپ ئاچقان بولغاچ توردىن چۈشۈرۈش سۈرىتى بىر قەدەر ئاستا، مەنبەلەرمۇ چەكلىك. دۆلەت ئىچىدە ماس كىلىدۇ.

iFile

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 4

رولى: ئەڭ ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى . مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

winterboard

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى 3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 3 قاچىلىنىش مىقدارى 3

رولى: بۇ دېتالنىڭ ئەسلى نامى iPhone دىكى كەينى سۇپا ئىجرا ھالىتى نامى SpringBoard نى دوراپ قويۇلغان بولۇپ ئۈسكىنىگە قوشۇمچە كۆرۈنمە يۈزى ئىقتىدارلارنى قوشۇش رولى ئەڭ كۆرۈنەرلىك. يۇقارقى كىرگۈزگۈچمۇ مۇشۇ دېتالنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىشلەيدۇ.

sbsettings

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 5 قاچىلىنىش مىقدارى 4

رولى: بۇ دېتالنىڭ ئەسلى نامى SpringBoard Settings بولۇپ ئۈسكىنىدىكى بارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ ھەقتىكى مەخسۇس يازمىغا دىققەت قىلغايسىز.

 

Backgrounder

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 3 قاچىلىنىش مىقدارى 2

رولى: كەينى سۇپىدا ئىجرا قىلىش كۆلچىكى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنى تاللاپلا قويساق كەينى سۇپىدا بىللە ئىجرا قىلىدۇ.

Remove Backgrounder SBSettings

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 3 قاچىلىنىش مىقدارى 3

رولى: يۇقاردا تونۇشتۇرۇلغان sbsettings (خەنچە 傻逼设置 دەپ قويىدۇ) نىڭ ئىجرا قىستۇرمىلىرى بەكلا كۆپ، شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا سىستىمىنى ئاستىلىتىپ قويىشى مۇمكىن.بۇنداق ۋاقىتتا

Remove Backgrounder SBSettings ئارقىلىق ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان بارلىق 傻逼设置  نىڭ قىستۇرمىلىرىنى توختىتىدۇ.

MobileTerminal 

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 2 قاچىلىنىش مىقدارى 2

رولى: بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق Linux نىڭ بۇيرۇق قۇرىدا مەشغۇلات قىلغاندەك ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز. ھەم يۇقىرى ھوقۇقلۇق مەشغۇلاتلانى قىلالايمىز.

safaridownloaer 

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى3 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى 4 قاچىلىنىش مىقدارى 1

رولى: بۇ قىستۇرما ئارقىلىق چۈشۈرۈش قوللىمايدىغان iPhone دىمۇ جاھاننامە ئارقىلىق ھەر خىل ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغىلى بولىدۇ.

lockinfo 

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى4 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى3 قاچىلىنىش مىقدارى 2

رولى: بۇ قىستۇرما iPhone نىڭ ئىكرانى قولۇپلانغاندا ھەر خىل كۆپ ۋاستە ئۇچۇرلىرى(ھاۋاراي، باتارىيە، كالىندار، ئۇچۇر، ئېلخەت…) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

Frashl

قاچىلاش تەۋسىيە كۆرسەتكۈچى5 ئەمەلىي قوللىنىلىشچانلىقى4 قاچىلىنىش مىقدارى 3

رولى: بۇ قىستۇرما ئارقىلىق iPhone  نىڭ جاھاننامىسى Safari For iOS كە Adobe نىڭ كوزۇرى Flash  نى قوللاتقىلى بولىدۇ.