4.3.4نى 4.3.3غا بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولدى

appleتەرەپ تۇيۇقسىز 4.3.3گە چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئېچىپتۇ.4.3.4 غا چېقىپ قالغانلار دەرھال 4.3.3 گە چۈشۈۋىلىڭلار.

خالاستان بىلوگى ھىلىلا 4.3.4 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرىنى بەرگەن.بۇ تېخىمۇ يىڭى خەۋەر.

باسقۇچ: 4.3.3 نىڭ بولىقىنى چۈشۈرۈش، iTunes دا shift نى بېسىپ تۇرۇپ 恢复نى تاللاش. مۇشۇنداق ئاددى.

نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرى

«4.3.4نى 4.3.3غا بىۋاستە چۈشۈرگىلى بولدى»نىڭ 15 ئويلىغانلىرى بار

  1. ۋوي. ئەجىبا بۇنداق نولماسلىقى كېرەكمىتى؟ ھەربىر يېڭى نۇسخىسى بىلەن تەڭ نەشىر چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى ئچىلىشى كېرىتىغۇ؟

  2. نەزەرى ئەپەندىم، 4.3.4 تىن 4.3.3 كە چۈشۈش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدىغۇ ، ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن،

    سىز دىگەندەك ئايتۇنىسنى قوزغىتىپ ، 4.3.3 نىڭ بولىقىنى شېفىتنى بېسىپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن نەشىر يېڭىلاشنى باشلاپ ، بىر ئاز داۋاملاشقاندىن كىيىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ نورمال يانالماي ، چېكىنىپ كەتتى،

    چىققان خاتالىق ئۇچۇرى : “ 20

  3. ياكى باشقا تەڭشەشلىرىمۇ بارمىتى بۇنىڭ ؟

    4.3.3 كە يېنىۋېلىش ھەققىدە بەكمۇ تەپسىلى ، بولسا سۈرەتلىك قىلىپ بىر تېما يوللىسىڭزچۇ ؟

    ئالما شىركىتى 4.3.3 كە يېنىۋېلىش مۇلازىمىتىنى توختىتىۋەتمىسۇن يانا ، تىزراق يېنىۋالايلى،

    ھەي، مۇشۇ تېمىنى بالدۇرراق، يەنى بىر كۈن بۇرۇن يوللىغان بولسىڭىزچۇ ، 4.3.4 كە يېڭىلاپ يۈرمەسكەنمىز .

    ھېلىھەم ياردىمىڭزدە ھەل بوپ قالا بۇ ئىشمۇ . …

  4. شېفىتنى بېسىپ تۇرۇپ ، 4.3.3 نىڭ بولىقىنى كۆرسىتپ بەرسەم ، بىر ئازدىن كىيىن “ 20 “ خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى ،

    ئايفۇننىڭ ئېكرانىدا ئايتۇنىسقا ئۇلىنىۋاتقان بەلگىلا بار،

    ئاندىن قايتىدىن شېفىتنى بېسىپ تۇرۇپ ، 4.3.4 نىڭ بولىقىنى كۆرسىتىپ بەرسەم ئاندىن نورمال ياندۇرۇپ ئايفۇنۇم نورمال يورىدى ،

    ئەمما 4.3.3 كە يانغىلى بولمىدى .

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    بىۋاستىلا ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىغان بوپتۇ دە، موبارەك بولسۇن ، ئەمدى ياخشى بولدى .

    نەزەرى ئەپەندىم، مېنىڭ قىينچىلىغىمنى قانداق ھەل قىلىشىپ بەرمەكچىسىز ؟

    سىز دىگەندەك بىۋاستىلا شېفىت ئارقىلىق 4.3.3 نى تاللاپ قايتۇرۇش نى باسسام بىردەمدىن كىيىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى ، نۇمۇرى « 20 » .

    ئاندىن سىزنىڭ « ئايفۇننىڭ نەشىرىنى تۆۋەتنلىتىش » دىگەن تېمىدىكى بويىچە ، تېن ئامىبىرىللا نى قوزغىتىپ ، ۋە سيدىيا مۇلازىمىتىرىغا ئۇلاپ قويۇپ ، « راننىڭ …. » ھالىتىگە كەلگەندىن كىيىن ئاندىن شېفىت بىلەن 4.3.3 بولىقىنى كۆرسىتىپ بەرسەممۇ يەنە ئوخشاشلا « 20 » خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ، نورمال ياندۇرغىلى بولمىدى ،

    قانداق قىلساق بولا ،

    ماۋۇ

    http://iphone.tgbus.com/tutorial/hacktutorial/201107/20110716094615.shtml

    تېمىدا مۇشۇ توغرىلىق باركەن، خەنزۇچەم ئانچە ياخشى بولمىغاچ بەزى يەرلىرىنى تولۇق چۈشىنەلمدىم، ، كۆرۈپ باقسىڭىز،

  6. ئايفۇنۇمنىڭ كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئاچىمەن دەپ «ئالما مەھسۇلاتلىرىدا كۆكچىشنى ئىشلىتىش» دېگەن تېمىدا كۆرسىتىلگەن قەدەم باسقۇچلارنى تاماملىۋېتىپ (ئۆتكەندە مۇشۇ تېما چىققاندىمۇ ھەپىلىشىپ قاملاشتۇرالمىغان ئىدىم) ئايفوندا ئېغىز نورمالسىزلىق كۆرۈلدى، قوزغىلالمايدۇ، قوزغالغاندىمۇ بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى سىستېمىنى (4.3.3) نى قايتا قاچىلايمەن دەپ زادىلا قاچىلىيالمىدىم… ئامال بولماي ھازىرچە 4.3.4 كە كۆتۈرۈپ نا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ تۇردۇم…
    مەن ئايفۇن ئىشلىتىۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ. بىر قېتىممۇ سىستېما نەشرىنى ئوڭۇشلۇق قايتۇرالمىغىنىمغا بەكلا ئىچىم پۇشىدۇ.
    مەن 4.3.3 تىكى ۋاقتىمدا تالاي قېتىم شاشنى زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلغان. بىرەر قېتىم ئوڭۇشلۇق قىلغاندىمەن ھەر قانچە بولسىمۇ. شۇنداق تۇرۇپ TinyUmbrella-4.21.02 دىن مۇلازىمتىرنى ئۆزگەرتىپ (خالاستاندىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا دېيىلگىنى بويىچە) نېمە دەپ نەشر چۈشۈرەلمەيدىغاندىمەن. نەشر قايتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىپ زاپاسلاش ھالىتىدە بىر ئۇزۇن تۇرۇپ خاتالىق چىقتى (خاتالىقنى سۈرەتكە تۇتۇۋالماپتىمەن دېسە)… تەكرار-تەكرار شۇنداق بولدى.
    DPU ھالىتىگە قانداق كىرىمىز؟

  7. 4.3.5چىقىپتۇدەيانا تۇۋا جوبىس ئولىشتىن ئىلگىرى بىزنى راسا ئاۋارە قىلاي دەمدۇ نىمەماۋۇ4.3.4تىن قۇتلامماي تۇرعاندا دۇنيادا ھەممىدىن iphoneئىشلەتمەك تەس بولدىمۇ ئەم دى

  8. assa lamualaykum buradarla yahximu sila maga yar dam kilgan bolsang la minig tilfunum itunes ka ulan may digan bolop kaldi tilfunum iqiga nhxa yaki sura lik filim jalan mas bolop kaldi man kandak kilsam boli du yar dam kilgan bolsang silar ga kup kin kop rah mat itkan bolat tim bi xahar da bolsak qukum mihman killgan bolat tim

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: