Close[SWF] - ئايدىڭ
ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 03
ئالمىچىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم_SHSHنى زاپاسلاش
بۇ يەردە زاپاسلانغان ھۆججەت TinyUmbrella نىڭ مۇلازىمتېرىدا ۋە يەرلىك كومپيۇتېردا تەڭ ساقلىنىدىغان بولغاچ ھەر بىر i فامىلىلىك ئۈسكىنە ئىشلەتكۈچى بۇ قەدەم ئارقىلىق ئۈسكىنىنىڭ shsh ھۆججىتىنى زاپاسلاپ قويسا ‹جامائەتكە پايدىلىق› ئىش قىلغان بولىدۇ.
مۇڭلۇق كۈي(جۇدا)__ ئاڭلىماي تۇرالمايسىز
بۇ مۇڭنى خىلى بۇرۇن ئاڭلىغان، كىيىن بىلقۇت تورىنىڭ «سەرسان روھ» رومانىغا يانداش مۇزىكا قىلغىنىنى ئاڭلاپ ئاۋازنى ئايرىپ مۇزىكا قوراشتۇرۇپمۇ باققانتىم.
كىيىن ئەلئوغلىنىڭ شاپائىتىدە بۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ يۇقىرى ئىنىقلىق نەشرىگە ئىرىشكەن. مانا مۇشۇ كۈنگىچە تىڭشىغۇچلىرىمدا ئۈزۈلمەيدىغان مۇڭلۇق مۇزىكىلارنىڭ بىرى سۈپىتدە تۇرۇپتۇ.
خاتالاشمىسام «سەرسان روھ» نى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم بۇ مۇزىكىنىڭ تەسىرىدە شۇ جاپالىق سەپەر، سىغىنىش، پىراق…. ئانا يۇرتقا مۇھەببەت قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى ھىس قىلالايدۇ.
چارچىغان مىڭىمىز ئازراق ئارام ئالسۇن ئەمسە، مۇڭنى ئاڭلاپ ھوزورلىنىڭ
Close[SWF] - Juda,www.../
ھەي-ھەي مۇبارەك!نوروز مۇبارەك!ئايەم مۇبارەك!
2009-يىلى 9-ئايدا ب د ت «نورۇز» بايرىمىنى ئىناسانىيەتنىڭ غەيرى-ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزدى.
2010-يىلى خەلقئارالىق بايرام سۈپىتدە تۇرغۇزۇلدى. بۇ يىلمۇ بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتالىق چوڭ شەھەرلەردە ھەرخىل كۆلەملىك تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى
تۆۋەندە بايانىمىز نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى چۈشەنچىدە بولسۇن
نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۇنى ئۆتكۇزىلىدىغان مىللى ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى. قومۇلدا بۇ بايرام "سەھراخەتمە" دەپ ئاتىلىپ ھەر يىلى "نورۇز بايرىمى" ئۆتكۇزۇلىدىغان كۇنگە توغۇرلىنىپ دىنىي تۈس ئالغان ھالدا ئۆتكۇزىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا، يېقىنقى دەۋرلەرگىچە "نورۇز بايرىمى"، "نورۇز مەشرەپلىرى" ساقلانغان. كېيىن شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتى غەرەزلىك ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرغان، نۇرغۇن تارىخى پاكىتلار ئۇيغۇر "ئون ئىككى مۇقامى" تەركىبىدە "نورۇز مۇقامى" دەپ ئاتالغان بىر مۇقامنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇ "نورۇز مۇقامى" تۈركى خەلقلەردە ھەر خىل شەكىلدە گەۋدىلەنگەن ۋە ئۈستۇنلىكنى ئالغان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ، رايۇنلارغا كەڭ تارقالغان،ھەمدە ئۇنىڭ "نورۇز بوزرۇك"، "نوئۇرز ھۆسەينى"،"نوئۇرز بۇ سېلىڭ"،"نورۇز راست"،"نورۇز سۇلتانى" قاتارلىق كۆپلىگەن ۋارىيانتلىرى بولغان. بىراق، بۇ قەدىمى مۇزىكا گۇرۇپىلىرىنىڭ روشەن نەمۇنىلىرى ساقلانمىغان، گەرچە قومۇل مۇقاملىرىدىمۇ "نوئۇرز مۇقامى" دەپ ئاتالغان تىپىك مۇقام گۇرۇپىسى ساقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق ئىچىدە نورۇز بايرىمىدا ئېيتىلىدىغان قوشاقنىڭ ئاز بىر قىسىم ئۈلگىلىرى ساقلانغان. ئەپسۇسكى،يوقۇرىدا ئېيتىلغان نورۇز قوشىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاھاڭى يوقىلىپ كەتكەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ نورۇز قوشىقىنى ئەينى دەۋىرلەردىكى "نورۇز مۇقامى" نىڭ بىر بۆلىكى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزدىن يەنىلا ۋاز كېچەلمەيمىز. بۇ نۇقتا يېقىن كەلگۇسىدە ئەلۋەتتە ئىسپاتلانغۇسى. 80-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بۇ قەدىمكى بايرىمىنى قايتىدىن ھەر يىلى تەبرىكلەپ كەلمەكتە
كەڭ ساي مۇنبىرىدىن نورۇز ھەققىدە رىسالە
نورۇز-يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش بايرىمى.
نورۇز-مېھىر-شەپقەت بايرىمى.
نورۇز-ئادەمگەررچىلىك،ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى.
نورۇز-ياش ئەۋلادلارغا ئۆتكەن تارىخلارنى سۆزلەپ بېرىش بايرىمى.
نورۇز-ئەدەب-ئەخلاق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بايرىمى.
نورۇز-پاكىزلىق ۋە موھىت ئاسراش بايرىمى.
نورۇز-يېشىللىق، گۈزەللىك، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش بايرىمى.
نورۇز-ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىش بايرىمى.
نورۇز-ئەقىل-پاراسەتنى سىناش بايرىمى.
نورۇز-ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بايرىمى.
نورۇز-ئەدەبىيات-سەنئەت بايرىمى.
نورۇز-تەنتەربىيە بايرىمى.
نورۇز-شاد-خۇراملىق بايرىمى.
نورۇز-تەبىئەت دونياسىنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى.
نورۇز-پۈتكۈل مىللەتنى يامان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەپ،ياخشى ئىشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش بايرىمى.
نورۇز-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەپ، مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈش بايرىمى.
نورۇز-گۈل-گىياھ، خۇشپۇراق، ھىد مەۋسۈمى بايرىمى.
نورۇز-چوكانتال بايرىمى.
نورۇز-دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى
ئەڭ ئاخىردا بلوگگېر نەزەرى ھەممەيلەننىڭ يىلدا بىر كىلىدىغان نورۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!..
ئالمىڭىزغا يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى
كۆپچىلىككە ئۆزى كىچىك ئەمما رولى چوڭ بولغان مۇھىم بىر دېتالنى تونۇشتۇرغۇم كىلىۋاتىدۇ،گەرچە ئالمىغا نىسبەتەن يېڭى ئوقۇغۇچى بولساممۇ مەزكۈر دېتالنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھىس قىلدىم .ئادەتتە ئايتۇنىز ياكى 91 ياردەمچىسىدىن پايدىلىنىپ توردىن يۇمشاق دېتال چۈشەرگىنىمىزدە كۆپىنچە ئەھۋالدا كېڭەيتىلگەن نامى pxl ياكى ipa بولغان ھۆججەتنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بېلىمىز (deb دەپمۇ ھۆججەت بار لىكىن يازمىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا سۆزلەنمىدى) .pxl تپىدىكى يۇمشاق دېتاللار قاچىىنىشتا ئىگە بولىدىغان ھوقۇق root ھوقوقى بولۇپ root ھوقۇقى بولسىلا سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دېگەن گەپ، دېمەك بۇ ھوقۇق بولغاندا ھەرقاچان سىستېما ھۆججەتلىرىگە خەۋىپى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىلىدىغان «ئاق ئالما» بولۇپ قىلىش (كىسەكمۇ دەپمۇ قويىتمىز ھا ھا) كۆپىنچە root ھوقوقى بېرىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ سېستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ياكى ۋاستىلىق ھالدا سىستېما Collapse بولغاندا مۇشۇ خىل ھوقۇق بىرىلگەن ھۆججەتلەر(يۇمشاق دېتاللار) نىڭ سىستېمىنى «ئاق ئالما» قىپ قويۇش خەۋىپى بولىدۇ.
ipa قىلىپ ئورالغان يۇمشاق دېتلاللاردىكى ھوقۇق بولسا mobile ھوقوقى بولۇپ بۇنىڭدا سىستېما ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ،بۇ ھوقۇق بولمىغاندىكىن ھەتتا سىستېما شۇ دېتالنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا Collapse بولغان تەقدېردىمۇ بۇ خىل دېتالنىڭ «ئاق ئالما» قىلىپ قويۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ipa دېتاللىرىنى ئايتۇنىز ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزغا باكۇپلىيالايسىز، ھەقىقەتەن قۇلايلىق.
يۇقاردا بىرمۇنچە نەزىريە سۆزلىۋەتتىم گەپنىڭ نان تىگىدىغان يىرىنى ئەمدى دەيىتمەن….ئوبدان تېڭشاڭ….
تۆۋەندىكى ئايلاندۇرغۇچ ئارقىلىق pxl شەكىللىك يۇمشاق دېتالنى ipa شەكىللىك دېتالغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدىغان بولۇپ ئىشلىتش ناھايىتىمۇ ئاسان .
مۇشۇ بەتنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بار بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسىڭىزيۇقارقى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك پەيدا بولىدۇ، بۇ يەردىن بىرىنچى كىرگۈزۈش رامكىسىغا كومپيۇتېرىڭىزدىكى پىرىسلىغۇچ Winrar نىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز . ئاستىدىكى رامكىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان pxl شەكىللىك ھۆججەتنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز ئاندىن ئاستىدىكى «ئايلاندۇر» دېگەن كونۇپكىنى باسسىڭىز پىرىسلىغۇچ قوزغىلىپ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ، تاماملىنىپ بولغاندىن كىيىن سىز pxl بار فولدىرغا قارىسىڭىز ئوخشاش ئىسىمدىكى ipa شەكىللىك ھۆججەتنى بايقايسىز، شۇنى خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
مۇشۇنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى باسىمىز
ئەسكەرتىش: ئەگەر سز قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دېتال راستىنلام root ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئىھتىياجى بولۇپ قالسا سىز بۇ دېتالنى ipa گە ئايلاندۈرۋەتسىڭىز خاتالىق كۆرۈلۈپ ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ، ياكى نورمال ئىجرا بولمايدۇ.
بلوگنىڭ چېكىلىشىنى مۇنداق يۇقىرى كۆتۈرىسىز
يىقىندىن بىرى خالاستان بلوگىwww.../ نىڭ چېكىلىش قىتىمى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىپ كۈندىلىك IP سانى 2500 ئەتراپىدا بولۇپ ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئالدى بولۇپ قاپتۇ.alexaقىممىتىمۇ كۈنىگە 1 مىليۇندىن ئالغا سۈرۈلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تورداشلار ھەر نىمە دەپ باقتى.
تۆۋەندە بىر قىسىم بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈش خاراكتىرىدە يېزىلغان بلوگنىڭ چىكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش خام خىياللىرىنى ئاڭلاپ باقىلى، خالاستان بلوگىمۇ شۇنداق قىلغانمۇ يوق؟؟
داڭلىقلار دەيدۇكى:
بلوگنىمۇ تەشۋىق قىلىپ يۈرەمدۇ؟؟ ئەخمەق! ئۆزىمىزنىڭ مالىماتاڭ سۈرىتىدىن بىر نەچچىنى چىقىرىپلا قويساق چېكىلىش سانىنىڭ ئاشمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي!!!!!
ئىشچىلار دەيدۇ:
ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى ئايايلى! سەل كونىراق مائۇستىن بىر نەچچىنى تېپىپ خالىغانچە چىكىپ ئوينىساقلا بولدىغۇ؟
دىھقانلار دەيدۇلەركى:
چەتئەلدىكى بىر بولكا دۇكىنى بولكا ياساش جەريانىنى پۈتۈنلەي سۈرەتكە ئېلىپ توردا قويۇپتىكەن، شۇ ھامانلا نەچچە يۈزمىڭ ئەخمەق شۇنى كۆرۈپتۇ. مەنمۇ بۇغداي تېرىش جەريانىنى رەسىمگە تارتىپ قويسام كۆرەرمۇ؟
ئېلان سودىگىرى ئەجەپلىنىپ كىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
ماقالىگە راۋرۇس قاتۇرۇپ ھەيۋات ماۋزۇدىن بىرنى قويساقلا ئىش پۈتتى. مەسىلەن:«مەن ئاخشام 赵薇نى يۇيۇپ قويدۇم»… دىگەندەك. ئەلۋەتتە ئۇنداق ساراڭلار بەك ئاز قالدى ، لىكىن يەنە 10 نىڭ ئىچىدىن بىرەرسى چىقىپ قالىدۇ……
ھورۇن يۇقارقىلارغا تېخى بىپەرۋا:
ھوي، ئىشنىڭ ئوڭىنى قىلىپ، ھازىر راۋرۇس يۈز تىپىپ قىززىغان داڭلىقتىن بىرنى تىپىپ راسا تىللايمىز. دىققەت قىلمىسا تاكى دىققەت قىلغۇچە تىللايمىز، قانچە ئاچچىق گەپلەر بىلەن تىللىساق شۇنچە ياخشى. بىر تەرەپتىن بلوگىمىزغا ئېقىم توپلايمىز يەنە بىر تەرەپتىن داڭىق چىقىرىمىز، ئۇلارغا ئۆچلەر بىلەن ئاغىنە بولىۋالساقمۇ ئەرزىيدۇ.
ئالدامچى مۇنداق جۆيلۈيدۇ:
مەن بەتتىكى بارلىق مەزمۇنلارنى يوشۇرۇن قىلىپ قويىمەن. باشقىلار ئاچسا ھىچنىمە يوق، شۇنىڭ بىلەن توختىماي بەت يىڭىلايدۇ . مۇشۇنداق قىلىپ مىنىڭ بلوگىمنىڭ ئىقىم مىقدارى ئاشمامدۇ؟؟؟؟؟
ئوغرى يۇقارقىلارنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بىشىنى بىر قاشلاپ مۇنداق دەيدۇ:
ئالدى بىلەن داڭلىق بىرسنىڭ ماقالىسىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلەپ پەقەت ئىسمىنىلا ئۆرگەرتىپ بلوگىمغا چاپلايمەن، ئاندىن كىيىن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىمەن. بىر نىمە دىسە ياخشى، دىمەي قالسا بارلىق ماقالىلىرىنىڭ ھەممىنى كۆچۈرۈپ بولۇپ ئادەم توپلاپ ئۇنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلدى دەپ بىر ئەرز قىلىمەن . قارا چىقمىغان داڭىق، ئاشمىغان ئىقىمنى مەن بىر كۆرەي………
خوش، يۇقۇردا جىددىيلەشكەن نىرۋىلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق يىنىكلەش بەردۇق.
بلوگنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ كۆرۈرمەنگە قانچىلىك بەدىئىي زوق ۋە يىڭىچە بىلىم بىرەلىشىدە.
iTunesھىساب نۇمۇرىنى ھەقسىز ئېلتىماس قىلىڭ
iTunes ھىساب نۇمۇرى بولسا appleمەھسۇلاتى ئىشلەتكۈچىلەردە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك نۇمۇر بولۇپ سىزنىڭ apple غا سالاھىيىتىڭىزنى بەلگىلەپ بىرىدىغان ئىسپات.
ئېلتىماس جەريانى ئاددى بولىشىغا قارىماي نۇرغۇن ئادەم كىچىككىنە باسقۇچنى تالىيالمايwww.taobao.com دىن پۇلغا ھىساب نۇمۇرى سېتىۋالىدۇ، بۇ بىر ئەخمىقانىلىك!
تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق سىز 中国غا تەۋە بىر ھىساب نۇمۇرى ۋە USA گە تەۋە ھىساب نۇمۇرىغا ئىرىشەلەيسىز. 中国 نامىدىكى ھىساب نۇمۇرىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان دىتاللار بولۇپ، ھەقسىز دىتاللار ئازراق، ئەمما كۆپىنچىسى 中文 يىزىقتا.USA گە تەۋە ھىساب نومورىدا ھەممىسى دىگۈدەك Englishيىزىقىدىكى يۇمشاق دىتاللار بولۇپ نەچچە يۈزمىڭ خىل ھەقسىز دىتال سىزنىڭ چۈشۈرىشىڭىزنى كۈتىۋاتىدۇ.
قارىسام نۇرغۇن تورداشلار iTunes ھىسابى ئالالماي تەمىتىرەپ يۈرگەن ئوخشايدۇ. مەندىنمۇ مەسىلىھەت سوراپ ئالاقىلەشكەنلەر ئاز ئەمەس.شۇڭا كۆپرەك ئادەم ئۈگىنىۋالسۇن دەپ ئايرىم تىما يوللىدىم.
ئەمسە مەن iTunes نىڭ تارىخىي كىلىپ چىقىشى، ئەھمىيىتى، رولى … قاتارلىق قائىدىۋى تېما ئۇسلۇبىدىن دادىللىق بىلەن ھالقىپ نەخ گەپنىڭ ئۆزىگە ئۆتەي.
1.سىز ئالدى بىلەن iTunes نى www.apple.comدىن چۈشۈرۈپ ، قاچىلاپ ، قوزغىتىسىز. ئاندىن app store دىگەن يەردىن يۇمشاق دىتال بار بەتكە كىرىسىز
2. بۇ بەتتىن سىز خالىغان بىر Free دەپ يىزىلغان —- ھەقسىز تامغىسى بىسىلغان يۇمشاق دىتالنى تاللاپ Free دىگەن خەتنى باسىسىز.
3. سىزدىن ھىساب نۇمۇرى سورايدۇ. سىز نۇمۇرۇم يوق تېزىملىتىمەن دىگەنى تاللايسىز.
4. كىيىنكى بەتتىن سىز دۆلەت دىگەنگە جۇڭگونى تاللاپ داۋاملاشتۇرىسىز(بۇ قەدەم مۇھىم)
5. ئەڭ ئۈستىدە سىز ھايرانلىق ئىچىدە بايقايسىزكى، بىر نەچچە خەلقئارالىق بانكا نۇمۇرى تاللايدىغان يەر ۋە None —– بانكا كارتا نۇمۇرى يوق دىگەن تاللاش بار. سىز None نى تاللايسىز.
6. كىيىنكى قەدەمدە سىز ئېلخەت ۋە مۇناسىۋەتلىك نۇمۇرلارنى تولدۇرىسىز. پارولغا چوقۇم چوڭ يىزىلغان بىر ھەرپ بىر نەچچە كىچىك يىزىلغان ھەرپ شۇنداقلا سانلار كىلىشى كىرەك. كىيىنكى قەدەم نى باسىسىز.
7. ئېلخەتكە قاراڭ.
ھىساب پۈتتى.
خوش يۇقارقى ھىسابتا سىز پەقەت خەنزۇچە بەتتىلا ھەقسىز دىتال چۈشۈرەلەيسىز.
***************** رىۋايەتلەردىكى ئايرىش سىزىقى***********************
تۆۋەندىكى باسقۇچتا USA — ئامىركىغا تەۋە ھىساب نومورىدىن بىرنى ئېلتىماس قىلىمىز.
يۇقارقى ئۇسۇلدا كۆرسىتىلگەن باسقۇچتىكى يۇقاردىن تۆۋەنگە تەكرارلاپ 4- قەدەمدە ئامىركا دىگەنى تاللىسىڭىزلا كىيىنكى بەتلەر ئېنگىلىزچە بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك يەرلەر ئوخشاش.
5- قەدەمدە سىز توردىن ئامېركا تېلفون نۇمۇرى ۋە پوچتا نومۇرى قاتارلىقلارنى تولدۇرىسىز، پارول ئوخشاشلا يۇقارقى تەرتىپكە ئوخشايدۇ.
پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قالدۇردۇم(قالايمىقان يازسىڭىز كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتمەيدۇ)
美国凯莱投资集团
地址:美国科罗拉多州利特尔顿市皮埃尔斯南大街7470号
邮编:80128
电话:+1-206-339-2884
传真:+1-206-339-2874
يۇقاردا يېزىلغان ئېلخەتنى ئاچسىڭىزلا ھىساب نۇمۇرى تەييار بولغان بولىدۇ.
مۇبارەك بولسۇن سىز يەنە بىر ھىسابقا ئېرىشتىڭىز.
www.../ نەزەرى
دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!
مىلادىيە 2011-يىلى 3- ئاينىڭ 10 كۈنى سەھەردە apple تەرەپ بۇ يىلقى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك نەشىر بولىقى iOS 4.3نى ئىلان قىلدى. نۆۋەتتە مەشغۇلات سىستىمىنىڭ بۇ نەشرىگە قارىتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى تېخى ئىلان قىلىنمىدى. بۇرۇنقى نەشىردىكى ياماقلار يامالغان بولغاچ يىڭى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىغا بىر مەزگىلى كېتىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بارلىق apple ئۈسكىنە ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ itunesچىتىلغاندا چىقىدىغان نەشىر كۆتۈرۈش ئەسكەرتىشىنى ئىنكار قىلىۋىتىشىنى سەمىگە سالىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا خىلى بىر مەزگىلىگىچە ئۈسكىنىگە فونت قاچىلاش، تور قۇلۇبىنى يېشىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولمايدۇ.
نۆۋەتتە بۇ يىڭى نەشىر كۆتۈرۈش تەمىنلەنمەيدىغان ئۈسكىنىلەر iPhone 3G ۋە iPhone بىرىنچى ئەۋلاد. ipod2G ۋە ipodبىرىنچى ئەۋلاد(دىمەك، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا نەشىر كۆتۈرۈش ئاخىرلاشتى،سېتىۋىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.) . ئامىركىدا بازارغا كىرگەن CDMA نۇسخىدىكى iphoneغىمۇ بۇ قىتىملىق نەشىر كۆتۈرۈشنىڭ پىلانى يوق. بۇ يىل يازدا 4.5 نەشىر بولىقى بىللە چىقىشى مۇمكىن.
iphone3gs ۋە iphone4 كە قارىتا بۇ نەشىر كۆتۈرۈشنىڭ باشقا ئەھمىيىتى يوق. ئاساسلىق ئۆزگىرىش، Mac OS X نىڭ نىگىزى بولغان Nitro JavaScript نى قوشۇش ئارقىلىق safari نىڭ سۈرىتى تىزلىشىپتۇ ،JavaScript قوللاش ئىقتىدارى بىر ھەسسە تېزلىشىپتۇ.
يەنە بىر ئۆزگىرىشى شۇكى يىڭى نەشىردە itunesىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئائىلە ئىچىدە ئورتاقلىشىش ئىشقا ئاشقان بولۇپ ماسقەدەملەشتۈرۈشتىن مۇستەسنا ھالدا بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھازىرقى ساقلاش سېغىمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ ماتىريالىنى بىمالال قويالايدۇ.
iphone4 كە سىمسىز روتور ئىقتىدارى سەپلىنىپتۇ، 5 ئۈسكىنىگە بىرلا ۋاقىتتا سىگىنال تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. لىكىن iphone3gs كە بۇ ئىقتىدارنى 3-تەرەپ يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.
iPad كە نىسبەتەن يۇقارقى ئۆزگىرىشلەردىن سىرىت يەنە يان تەرەپ يۆتكەلمە كۈنۈپكىنىڭ رولىنى ئاپتوماتىك تەڭشەشكە بولىدۇ. ھازىرقى ھالەتتە يۆتكەلسە تېنىچ ھالەت ۋە ئاۋازلىق ھالەتكە ئالمىشىدۇ، نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن ئىكراننىڭ ئايلانما ئىقتىدارىنى تاقاش كۇنۇپكىسىغىمۇ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
Iphone,ipad,ipodtouch ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى خالاستان بلوگى ۋە يىقىندا ئېچلماقچى بولغان ”شىنجاڭ مەك ھەۋەسكارلىرى“ تورىدىن كۆرۈڭ.
ipad2 جوڭگودا ئامىركىدىن بىر ھەسسە قىممەت
تۈنۈگۈندىن تارتىپ بېيجىڭ 中关村 گە ئامىركىدىن سۇ يولى ئارقىلىق كىرگەن بىر تۈركۈم ipad2 سېتىلدى.
پۈتۈنلەي wifi نۇسخىدىكىسى بولۇپ، ئۇيغۇر قىرىنداشلار بەك تەلمۈرگەن 3G نۇسخىسى تېخى يوق. ئۇنداق بولىشىغا قارىماي جوڭگودا تۇنجى سېتىلغان مەھسۇلات بولغاچ باھاسى ئەسلى باھادىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا قىممەتكەن.
16G لىق wifi نۇسخىلىق نىڭ ئەسلى باھاسى 3200 يۈەن،بولۇپ بۇ يەردە سېىتىلىش باھاسى 6000 دىن ئارتۇقراق، باھا تالاشقىلىمۇ بولمايدىكەن.
32G لىق wifi نۇسخىلىق نىڭ ئەسلى باھاسى 3900 يۈەن بولۇپ بۇ كۈنلەردە بېيجىڭدىكى باھاسى 7000 سومدىن ئېشىپ كەتتى.
شۇڭا ئۇيغۇر ئىستىلمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى ، بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇرۇن ipad2 نى سېتىۋىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھازىر apple نىڭ تىزىملىكىدە جوڭگودا (ھەتتا شىياڭگاڭ، تەيۋەن) بازارغا سېلىش پىلانى يوقكەن.
بۇنداق بولغاندا ipad2 كە قارىغاندا ipad نىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ipad نى سېتىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل ھازىر، 2- ئەسلاد جوڭگوغا كىرگەندىن كىيىن بىرىنچى ئەۋلاد يىڭىسى ئاساسەن بىر يەرگە بىرىپ قالىدۇ، ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا ياكى ئېچىلغان بولۇپ چىقىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك باھا ئۇچۇرى www.../ ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ.
ئىككى مەھسۇلاتنىڭ پەرقىنى كۆرۈڭ.../567.html
ئىككى مەھسۇلاتنىڭ ئامىركا باھاسىنى كۆرۈڭ ../558.html
iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
قولۇمدا ئەسلى kanat ئەپەندىم ئالغان iPad بار ئىدى. ئاخشامدىن بىرى ئىشلىتىپ ھەقىقەتەن رازى بولۇپ كىلەر ھەپتە wifi دىن بىرنى ئالىمەن دەپ تۇرغان. ئەتە-ئۆگۈن kanat ئەپەندىم ئۆزىنىڭكىنى ئېلىپ كەتسە مەندە ئالما يوق بولۇپ قالىدۇ. بايام بىر ھاجەتمەندىن iPad 3G+WiFi 32Gدىن بىرى ئەرزانراق ئۇچراپ قالدى. بىر يىللىق سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىگە ئالما مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرى ئىگە بولىدىكەن(توردىن چىقىدۇ).
ماڭا تېلفوندا مال بۇيرۇتقانلار خىلى بار، لىكىن مەن تەپسىلىي تۇتالمىغاچ مۇشۇنداق ئادەم كىرىدىغان يەرگە يوللاشقا موھتاج بولۇپ قالدىم.مەھسۇلات 99% يىڭى، ھىچقانداق سۈرۈلۈش، ئىز يوق. مەن 80 دىن ئارتۇق دىتال قاچىلاپ، تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، فونت قاچىلاپ تەييار قىلىىپ قويدۇم. wifi دا ياكى بىرلەشمە، كۆچمەلەرنىڭ ھەرقانداق كارتىسىنى سالسىلا تورغا چىقىۋىرىدۇ. ئەسلى زاۋۇت توك قاچىلىغۇچى، ئەسلى زاۋۇت ئۇچۇر سىمى، ئالىي دەرىجىلىك خۇرۇم غىلاپ بار ، ئىكران ئاسراش پەردىسى چاپلاندى.سېتىۋىلىش ئويى بارلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ.مەھسۇلات ئىچكى دىتاللىرى :