تۈنۈگۈندىن تارتىپ بېيجىڭ 中关村 گە ئامىركىدىن سۇ يولى ئارقىلىق كىرگەن بىر تۈركۈم ipad2 سېتىلدى.
پۈتۈنلەي wifi نۇسخىدىكىسى بولۇپ، ئۇيغۇر قىرىنداشلار بەك تەلمۈرگەن 3G نۇسخىسى تېخى يوق. ئۇنداق بولىشىغا قارىماي جوڭگودا تۇنجى سېتىلغان مەھسۇلات بولغاچ باھاسى ئەسلى باھادىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا قىممەتكەن.
16G لىق wifi نۇسخىلىق نىڭ ئەسلى باھاسى 3200 يۈەن،بولۇپ بۇ يەردە سېىتىلىش باھاسى 6000 دىن ئارتۇقراق، باھا تالاشقىلىمۇ بولمايدىكەن.
32G لىق wifi نۇسخىلىق نىڭ ئەسلى باھاسى 3900 يۈەن بولۇپ بۇ كۈنلەردە بېيجىڭدىكى باھاسى 7000 سومدىن ئېشىپ كەتتى.
شۇڭا ئۇيغۇر ئىستىلمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى ، بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇرۇن ipad2 نى سېتىۋىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھازىر apple نىڭ تىزىملىكىدە جوڭگودا (ھەتتا شىياڭگاڭ، تەيۋەن) بازارغا سېلىش پىلانى يوقكەن.
بۇنداق بولغاندا ipad2 كە قارىغاندا ipad نىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ipad نى سېتىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل ھازىر، 2- ئەسلاد جوڭگوغا كىرگەندىن كىيىن بىرىنچى ئەۋلاد يىڭىسى ئاساسەن بىر يەرگە بىرىپ قالىدۇ، ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا ياكى ئېچىلغان بولۇپ چىقىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك باھا ئۇچۇرى www.../ ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ.
ئىككى مەھسۇلاتنىڭ پەرقىنى كۆرۈڭ.../567.html
ئىككى مەھسۇلاتنىڭ ئامىركا باھاسىنى كۆرۈڭ ../558.html
بۇرادەر..مۇشۇ ئالمىنىڭ بىر نۇمۇر ئالدىغان تىما يوللاپ قويغان بولسىڭىز.بىزمۇ بىر نۇمۇرلۇق بوپ قالساق بوپتىكەن.
ئۇنداقتا ئايپەد 2 نى سېتىۋىلىش ئۈچۈن خىلى ساقلايدىكەنمىزدە؟