ئايلىق ئارخىپلار: 2012-يىل 04

كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)

كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق(muti-touch) بولسا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىگىشىش نوقتىسىنى تونوش ئىقتىدىدارىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ 1982-يىلى كانادا تورونتو ئۇنۋېرسىتىدا كەشىپ قىلىنغان.
win7پۈتكۇل مەشىخۇلات سېستىمىسىدا 100دىن ئارتۇق تېگىش نوقتىسىنى تەڭلا قوللايدىغان قىلىپ تۈزۇلگەن.Android, ios,linuxھازىرچە 4-5 نوختىنى قوللايدۇ .

بارلىق كۆپ نوقتىلىق سىزىش ئۈسكىنىسى تۆت بۆلەكتىن تۇزۇلگەن بولوپ ئىكران سېنزورى(screen sensor) بولسا بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتتىكى نوقتلىلار(moving points)نى سىزىدۇ،ئىكران كونتروللىغۇچ ۋە قوزغاتقۇچ سېزىلگەن نوقتىلار توپلىمىنى بىرلا ۋاقىتتا OS(مەشىخۇلات سىستىمىسى)كە يوللاپ بىرىدۇ. OS ھەرىكەتتىكى نوقتىلارغا بەلگىلەنگەن تارماق توپلام (subset)بويىچە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. قوللىنىش پروگراممىلىرى ھەرىكەتتىكى سىزىش نوقتىلىرىنىڭ شىفىرىنى يېشىپ ماس ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

سېزىش ئۈسكىنېلىرىنڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ھۆكۆم قىلىدىغان ئۆلچەملەر سىناق ئۈلۈشى(simpling rate)، تۆت بۇلۇڭنى تاق چېكىش ، بېسىش ۋە تۇتۇش، قوش چىكىش شەيتان نوقتا سىنېقى(ghost point test)قاتارلىقلار بولوپ قايسى چىگىلگەن نوقتا كىمگە تەۋە بولۇشقا ھۆكۆم قىلىش تىخى ھەل قىلىنمىدى.كۆپ نوقتا سېزىمچانلىق ئۇسكىنىلىرىنڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى سېستىما كۇتۇلمىگەن ئۇچرىشىش (ئالقاندا تۇتۇش ،بىسىلىش قاتارلىقلار)قا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.

بارماق X ئېلېكترودتىن زەرەت قوبول قىلىپ ئىككى ئېلېكترود تاختىسى ئارىسىدىكى كوندېنساتورنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ بارماق تىگىشكەندە ئېلىكتېر مەيدان سىزىقلىرى ئۆزگىرىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. شۇ ئاساستا  ئۇچۇرتۆت بولەك بويىچە بىرتەرەپ قىلىش تاماملىنىدۇ.

قايسى خىل تىگىشىش ۋاستلىرىنى قوللاش ئېكران سېنزورىنىڭ لايىھلىنىشىگە باغلىق بولوپ بىسىم ئۆزگىرىشچانلىق ،توك ئېقىمى ئۆزگىرىشچانلىق، ۋاقىت كىچىكىشچانلىق ، زەرەت سىغىم ئۆزگىرىشچانلىق،ئوپتىك ئۆزەگىرىشچانلىق،تەسۋىر ئۆزگىرىشچانلىق،كۇچ ئۆزگىرىشچانلىق قاتارلىق تىپلار بار بولوپ ئوخشىمىغان ماركا ۋە مۇھىتتىىكى تېلېفون، كومپيۇتېر، ئويونچوق,POS,ATMقاتارلىقلاردا ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان تىپ قوللىنىلىدۇ.

 

مىكروسوفت ئەڭ چوڭ بۇلۇت ھېسابلاش خېرىدارىنى قولغا كەلتۇردى

 مىكروسوفت ھىندىستان ئاساسلىق مائارىپ سېستىمىسىغا ھەقسىز نەشىر تەمىنلەشكە توختاملاشقاندىن كىيىن ئابونىتلار ۋە يوللىغۇچىلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بۇلۇت ھېسابلاش يۇمشاق دىتالىغا ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ خېرىدارغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.شەخسى كومپيۇتېرلارغا قاچىلىنىدىغان قىممەت باھالىق يۇمشاق دېتاللىرنى سېتىش ئاساسىغا قۇرۇلغان مىكروسوفت گۇگل ۋە باشقىلار  بىلەن بولغان رىقابەتتە تىزسۈرئەتتە ئىشىۋاتقان بۇلۇت ھېسابلاش ساھەسىگە كېڭىيىشكە مەجبۇر بولغان.

 بۇ ئامېرىكا يۇمشاق دىتال پالۋىنى پەيشەنبە live@eduۋە باشقا ھەمكارلىق يۇمشاق دىتاللىرىنى يەتتە مىليون ستۇدېنت ۋە يىرىم مىليون ئوقۇتقۇچىغا ھىندىستان تېخنىكا مائارىپ ھەيئيتى بىلەن بولغان كېلىشىمگە بىنائەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئيىتقان. مىكروسوفتنىڭ مائارىپتىكى يېڭىلىقى بولغان بۇ ھەقسىز مۇلازېمىتى ئې-خەت،ئىشخانا تور پروگراممىلىرى،شۇئان خەۋەرلىشىش ۋەساقلاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.بۇلۇت ھىسابلاش ئابونتلارغا نىسبەتەن ئەرزان ھەم ئاددى بولوپ بۇ  يۇمشاق دىتال قاچىلاش ۋە باشقۇرغۇچىلارغا سەرىپ قىلىدىغان پۇل ۋە ۋاقىتنى  ساقلاپ قالىدۇ.

  مىكروسوفت ۋە گۇگلدەك ساتقۇچىلارغا نىسبەتەن ھۆكۈمەت چوڭ تارماقلىرى ئۇلارنىڭ باش نىشانى ھىسابلىنىدۇ.

 ئۆتكەن ئيۇلدا مىكروسوفت زور كىرىم مەنبەسى بولغان ئىشىخانا يۇرۇشلۇك يۇمشاق دىتالىنىڭ تور نەشىرىنى ئاشكارلىغان ئىدى.

مەنبە:

http://news.yahoo.com/microsoft-wins-biggest-cloud-computing-client-174634758.html

Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش

Cydia بولسا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىلەردە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسى دېتال.

خالاستان بىلوگى بۇرۇن Cydia  ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس تېما يوللاپ ئوقۇرمەنلەرگە ساۋات بەرگەن. تېما ../928.html

يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ModMyi ۋە Thebigboss لار بولسا خەلقئارادىكى ئەڭ داڭلىق Cydia مەنبەلىرى. ئۇلارنىڭ قىستۇرما، ئىقتىدار ياماقلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭىق چىقارغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز.

ئەمما تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىلا Cydia غا ئاپتوماتېك قوشۇلىدىغان مەنبەلەر تۇرۇپمۇ ئۇقۇشماسلىق ياكى قەستەنلىك سەۋەبىدىن ئۆچۈرلۈپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى دېتاللارنى قاچىلىغاندا ياماق تېپىلماي نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىدىغان ياكى ئىشلىمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.ModMyi ۋە Thebigboss لار ئۆزلىرىمۇ ماس Cydia  مەنبەسىنى ئېلان قىلغان.

Thebigboss نىڭ مەنبە ئادېرسى http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/

ModMyi نىڭ مەنبەسى  http://modmyi.com/cydia/

ZodTT& Mac Citi نىڭ مەنبەسى http://cydia.zodttd.com/repo/cydia/

لىكىن بۇ مەنبەلەرنى يۇقارقى دەرىسلىكتىكى چارە ئارقىلىق قوشۇشقا سىستىما ھوقۇقى يەتمەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن تورداشلار (كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق كىتاب ئۆرۈش)دەك Cydia دىكى Thebigboss نىڭ مەنبەسىدىن دېتال چۈشۈرۈشتە قىينالدى. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندە يۇقارقىىدەك يۇقىرى ھوقۇقلۇق مەنبەلەرنى قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.

1. ئالدى بىلەن Cydia نىڭ باش بېتىنى ئاچىمىز. بارلىق يىڭى بەتلەرنى تولۇق چۈشۈرۈشنى ساقلايمىز. ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردا چۈشۈرۈش ھالىتى يوقىسىلا بولىدۇ.

2. سول تەرەپ يۇقىردىن تۆۋەنگە قاراپ More Package Sources دېگەن خەتنى باسقاندىن كىيىن يىڭى بەت ئېچىلىدۇ.

3. بۇ بەتتىن يۇقاردىكى Thebigboss ،ModMyi، ZodTT& Mac Citi ئۈچ مەنبەنى قوشۇپ بولغاندىن كىين تۆۋەندىكى تاللاش مەنبەلىرىنىمۇ تولۇقسىز قوشۇپ دېتال چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش

تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئەپ ئارقىلىق APP Store دا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان 200 ھەقلىق ئەپ ۋە نۆۋەتتە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان چۈشۈرلىشى ئەڭ كۆپ 200 ئەپنى بىۋاستە كۆرەلەيمىز.

قىستۇرما قاچىلاش ئ‍ۈچۈن Cydia غا ModMyi repo نىڭ مەنبەسىنى قوشۇپلا  AppMosaic دەپ ئىزدەيمىز.

چۈشەندۈرۈلىشى

Close[SWF] - AppMosaic

Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى

ھەممەيلەنگەن ئايان، Mac OS كە XCode قاچىلاشتىن مەقسەت دەل ھازىرقى ئەرمەك بولغان iPhone, iPad,  Mac OS لەرگە قوللىنىلىشچان يۇمشاق دېتال (رىۋايەتلەردىكى ئەپ) يېزىش.

بۇرۇن ئۆزۈم قاچىلىغاندا ئۇنچە قىينالمايلا كىيىنكى قەدەم دەۋېرىپ قاچىلىغان. بۈگۈن بىر بۇرادېرىمنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاش زۆرۈر بولۇپ قالغاچ ئۇچرىغان مەسىلىدىن قاچماسلىق ئىيددىيسى بويىچە بۇ مەسىلىنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋالدىم

XCode نىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى MAC OS نىڭ نەشرىگە بىردىن ماس كىلەتتى. ھازىر بىر قىسىم نەشىردىكى XCode نى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.يەنى يۇقىرىدىن تۆۋنگە سېغىشىدۇ. يەنى 10.7.2 گە 4.3.1 ياكى 4.2 ماس كىلىۋىرىدۇ. لىكىن ماۋۇ يىڭى 10.7.3 گە چوقۇم 4.3.2 بولىشى كىرەككەن. بۈگۈن بىر كۈن جاپا تارتىپ چۈشۈرگەن 4.3.1 قاچىلانماي ئاخىر APP Store غا تەلمۈرۈشكە توغرا كەلدى. لىكىن بۇ نەرسىنى APP Store دىن چۈشۈرۈپ بولۇشقا بىرەر ھەپتە كىتەرمىكىن…..

تۆۋەن نەشىردىكى XCode  نى يۇقىرى نەشىردىكى Mac OS كە قاچىلاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ چىقىمىغان بېكەت قالمىدى. ئېنگىلىزچە بېكەتلەردىمۇ ئىنىق ھەل قىلىش چارىسى يوق ئاخىر خەنچە بىر بېكەتتىن بىر جۈملە تېپىۋالدىم، دەپتۇلەركى، «سىستىمىنىڭ ۋاقتىنى بىر يىل كەينىگە سۈرۈۋىتىپ سىناڭ!» ئاخىردا مۇشۇ گەپ بىلەن مەسىلە ھەل بولدى.

مانا ھازىر 10.7.3 دە Xcode نىڭ 4.3.1 نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز

سالام كۆپچىلك!

مەن بۈگۈن كەڭ iPad ئابونتلىرى ئۈچۈن قولنى ئىشلەتمەيمۇ كىتابنىڭ بېتىنى ئۆرۈيدىغان بىر ئېسىل ئەپنى تونۇشتۇراي.

بۇ ئەپ نىڭ نامى MagicReader بولۇپ 2-، 3- ئەۋلاد iPad تە ئىشلەيدۇ. دېتالنى قوزغىتىپلا كىتاب كۆرگەچ باشنى ئوڭ- سولغا تولغىساق ماس يۆنىلىشكە بەت ئۆرۈلىدۇ.

iPad نى بەك يىقىن تۇتۇۋالسىڭىز ياكى مەندەك كۆزەينەك تاقىۋالسىڭىز سىنئالغۇنىڭ ئىنىقلىقىغا تەسىر يېتىپ ئېنكاسى سەل ئاستا بولۇپ قالىدىكەن.

تۆۋەندە ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىككى كىچىك يۇلتۇز بار. ئاشۇر يۇلتۇز يانغاندا ئاندىن نورمال توغىرلانغان بولىدۇ.

Open[SWF] - MagicReader
 

چۈشۈرۈش ئادېرسى http://itunes.apple.com/us/app/magicreader/id505117386?mt=8

تۈرمىدىن قاچۇرۇش (JailBreak) نىڭ 100 خىل پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قاچمامسىز؟

يىقىندا  ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا تۈرمىدىن قېچىش چوڭ يىغىنى( 第二届全球越狱者大会WWJC) دىكىلەر تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى خالىمىغانلار ياكى ئۇنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن تۈرمىدىن قېچىشنىڭ 100 ئەھمىيىتى توغرىسىدا (100 Reasons to Jailbreak) نامدا بىر قىسقا فىلىم ئېلان قىپتۇ.

قىنى ئەتراپىمىزدىكى تۈرمىدىن قېچىشنى چۈشەنگىلى ئۇنىمىغانلارنىڭ نەزىرى تۆۋەندىكى فىلىمدە بولسۇن.

Open[SWF] - تۈرمىدىن
 

ئەپلەرنى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېردا يىڭىلاش

تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن ئەپ يىڭىلاشقا iTools,91,iFunbox,ipakct … دېگەندەك دېتاللار يىتەرلىك.

تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ياكى بىخەتەرلىك، توك تىجەش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتكەنلەر ئۈچۈن ئەپ قاچىلاشتا بىردىنبىر قۇرال دەل iTunes دۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈسكىنىنىڭ ئۆزىدىلا تۇرۇپ App Store  ئارقىلىق يىڭىلاش. كىيىنكى ئۇسۇلدا ئاۋارچىلىق ئاز، بىراق شۇ ۋاقىتتىكى WiFi نىڭ ياكى 3G تورىنىڭ سۈپىتى تەرىپىدىن كىتىدىغان ۋاقىت كۆپ . ھەم كۆپ سىغىمدىكى دېتاللارنى يىڭىلاشقا بەزىدە بىرەر كىچىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئەپلەرنىڭ يىڭىلىنىش سۈرىتى بەكلا تېز. بىر نەچچە كۈندىلا نەشىر يىڭىلاپ تۇرىدۇ. ئەگىشىپ App Store نىڭ ئەڭ بۇرجىكىدە 1دىن باشلانغان رەقەملەر كۆپىيىپ ماڭىدۇ.

ئەو يىڭىلاشتىكى ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل يەنىلا كومپىيۇتېرغا قاچىلانغان iTunes  ئارقىلىق يۇمشاق دېتاللارنى (ئاتالمىش ئەپ) يىڭىلاش.

تەرتىپى تۆۋەندىكچە:

ئۆزىمىزنىڭ apple ID ئارقىلىق iTunes غا كىرىش.

كومپىيۇتېرغا ھوقۇق بېرىش. رەسىمدىكىدەك 

ئاندىن iTunes نىڭ ئوڭ تەرەپ بۇرجىكىدىن 应用程序 تېزىملىكىدىن كومپىيۇتېردىكى ئەپلەرنى كۆرىمىز(بۇ ئەپلەر App Store دىن يۇقاردا كىرگۈزۈلگەن Apple ID ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن بولىشى شەرت).

رەسىمىدىكى ئورۇندىن 检查更新 نى تاللىساقلا iTunes  يىڭىلاشنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ.

بىر ئازدىن كىيىن ئېچىلغان كۆزنەكتە يىڭىلاشقا بولىدىغان ئەپلەر تېزىملىكى كۆرۈنىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تاللاشتىن كىيىن كۈتسەكلا ئەپ تولۇق يىڭىلىنىپ بولىدۇ.

ئاخىردا i فامىلىلىك ئۈسكىنىمىزنى چېتىپلا ماسقەدەم (同步) قىلىۋەتسەك بولىدۇ.

3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش

شىنجاڭ رايۇنىدا تېخى كەڭ كۆلەملىك WiFi سېگىنالى قاپلانمىغان بولغاچ نۇرغۇن قىرىنداشلار 3G فورماتىدىكى iPad سېتىۋالىدۇ. باھا پەرقى 800 سوم بولغان بۇ ئۈسكىنە تۆۋەن سەپلىمىلىك WiFi فورماتتىكىدىن GPS ئۆزىكى ۋە 3G بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىكى ئارتۇق.

بىز تۆۋەندە يۇقارقى 3G ئۆزىكىدىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان شارائىتتا iPad 3G ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى تونۇشتۇرىمىز.

ئالدى بىلەن Cydia غا http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/ دېگەن ئادېرىسنى قوشىمىز. بۇ دۇنياغا داڭلىق، بىردىنبىر ئۇتۇق قازانغان Cydia غا مەنبە تەمىنلەيدىغان تور بېكەت.

ئاندىن ئىزدەش رامكىسىدىن SwirySMS free For Ipad 3g نى ئىزدەپ قاچىلايمىز. بەلكىم 178 نىڭ مەنبەسىدىنمۇ چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. ئوخشاش، ئەمما thebigboss  نىڭ نەشرى يىڭىراق.

قاچىلاپ تاماملانغاندىن كىيىن قوزغاتساق ئېكران سول تەرەپ يۇقىرسىدا چىشلىق چاقنىڭ بەلگىسىنى باسساق بەلگىلەش تەڭشىكى ئېچىلىدۇ.

شۇ يەردە 激活 نىڭ ئۇدۇلىغا ھازىر iPad نىڭ ئىچىگە سېلىنىغان كارتىنىڭ نۇمۇرىنى (+8614527882488 دېگەندەك) كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرۈپ بىر ئاز ساقلىساقلا تېزىملاش مۇۋاپقىيەتلىك بولۇپ ئېچىلىدۇ.

10010 دېگەندەكلەرگە ھەقسىز، ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ھەقسىز. ئەمما باشقا يەرلەرگە ئۇچۇر يوللاشقا 1مو چىقىم كىتىدۇ.

i ئۈسكىنىدىكى ئەپلەرنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش

نۇرغۇنلىرىمىز Wi-Fi ئارقىلىق i جەمەتىدىكى ئۈسكىنىلەرگە ئەپ قاچىلايمىز.

بەزىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا زاپاسلاش ئىھتىياجى بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى خىل چارىنىڭ خالىغىنىدا بۇ خىل ھاجەتتىن چىقىمىز.

1. بىز تولا تونۇشتۇرغان iTools دېگەن دېتالنى قوزغىتىپ ئۈسكىنە نامىدىن كىرگەندىن كىيىن ئ‍ىچىدىكى ئەپلەر كۆرۈنىدۇ. ئۈستىدە چېكىپلا 备份 دېگەنى باسساق پۈتكۈل يۇمشاق دېتال قايتا  ساقلاش ھالىتىگە ئۆتۈپ بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىگە زاپاسلىنىدۇ.

2. كونا ئەرمەك iTunes نى قوزغىتىپ ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ Apple ID ئارقىلىق كىرىمىز. ئاندىن كومپىيۇتېرغا ھوقۇق بېرىمىز (授权).

ئاندىن ئۈسكىنە نامىنى تاللاپ ئوڭ كۇنۇپكىنى چەكسەك تاللاش رامىكىسى كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىدىن 取备份 نى تاللىساقلا تامام.

ئورگان تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي دەرىسلىكىنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.