كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)

كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق(muti-touch) بولسا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىگىشىش نوقتىسىنى تونوش ئىقتىدىدارىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ 1982-يىلى كانادا تورونتو ئۇنۋېرسىتىدا كەشىپ قىلىنغان.
win7پۈتكۇل مەشىخۇلات سېستىمىسىدا 100دىن ئارتۇق تېگىش نوقتىسىنى تەڭلا قوللايدىغان قىلىپ تۈزۇلگەن.Android, ios,linuxھازىرچە 4-5 نوختىنى قوللايدۇ .

بارلىق كۆپ نوقتىلىق سىزىش ئۈسكىنىسى تۆت بۆلەكتىن تۇزۇلگەن بولوپ ئىكران سېنزورى(screen sensor) بولسا بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتتىكى نوقتلىلار(moving points)نى سىزىدۇ،ئىكران كونتروللىغۇچ ۋە قوزغاتقۇچ سېزىلگەن نوقتىلار توپلىمىنى بىرلا ۋاقىتتا OS(مەشىخۇلات سىستىمىسى)كە يوللاپ بىرىدۇ. OS ھەرىكەتتىكى نوقتىلارغا بەلگىلەنگەن تارماق توپلام (subset)بويىچە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. قوللىنىش پروگراممىلىرى ھەرىكەتتىكى سىزىش نوقتىلىرىنىڭ شىفىرىنى يېشىپ ماس ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

سېزىش ئۈسكىنېلىرىنڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ھۆكۆم قىلىدىغان ئۆلچەملەر سىناق ئۈلۈشى(simpling rate)، تۆت بۇلۇڭنى تاق چېكىش ، بېسىش ۋە تۇتۇش، قوش چىكىش شەيتان نوقتا سىنېقى(ghost point test)قاتارلىقلار بولوپ قايسى چىگىلگەن نوقتا كىمگە تەۋە بولۇشقا ھۆكۆم قىلىش تىخى ھەل قىلىنمىدى.كۆپ نوقتا سېزىمچانلىق ئۇسكىنىلىرىنڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى سېستىما كۇتۇلمىگەن ئۇچرىشىش (ئالقاندا تۇتۇش ،بىسىلىش قاتارلىقلار)قا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ.

بارماق X ئېلېكترودتىن زەرەت قوبول قىلىپ ئىككى ئېلېكترود تاختىسى ئارىسىدىكى كوندېنساتورنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ بارماق تىگىشكەندە ئېلىكتېر مەيدان سىزىقلىرى ئۆزگىرىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. شۇ ئاساستا  ئۇچۇرتۆت بولەك بويىچە بىرتەرەپ قىلىش تاماملىنىدۇ.

قايسى خىل تىگىشىش ۋاستلىرىنى قوللاش ئېكران سېنزورىنىڭ لايىھلىنىشىگە باغلىق بولوپ بىسىم ئۆزگىرىشچانلىق ،توك ئېقىمى ئۆزگىرىشچانلىق، ۋاقىت كىچىكىشچانلىق ، زەرەت سىغىم ئۆزگىرىشچانلىق،ئوپتىك ئۆزەگىرىشچانلىق،تەسۋىر ئۆزگىرىشچانلىق،كۇچ ئۆزگىرىشچانلىق قاتارلىق تىپلار بار بولوپ ئوخشىمىغان ماركا ۋە مۇھىتتىىكى تېلېفون، كومپيۇتېر، ئويونچوق,POS,ATMقاتارلىقلاردا ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان تىپ قوللىنىلىدۇ.

 

«كۆپ نوقتا سىزىمچانلىىق ( multi-touch)»نىڭ 4 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلوگىڭىزدا كىچىك چاتاق بار ئىكەن. تور ئۈستى كىرگۈزگۈچى كودى ئىككى قېتىم يېزىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. بىر ھەرپ ئىككى قېتىم چىقىۋالىدىكەن. ئۆزىڭىز بىر ئىنكاس يېزىپ تەكشۈرۈپ، ئوڭشاپ قويسىڭىز بولغۇدەك. بۇ خەتنى باشقا ئورۇندا يېزىپ ئېلىپ كەلدىم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: