ip دىگەنلىك Internet protocol نىڭ قىسقارتمىسى بولۇپ خەلقئارا تور كىلىشىمى دېيىلىدۇ. بۇ كىلىشىم ئىشلىتىلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە پەقەت كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمتېرلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن، كىيىنچە مەخسۇس ئورگان(ICANN) تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ سودا، پەن تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ھەقلىق سېتىپ بېرىلگەن. نۆۋەتتە يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرنىڭ تورغا بىقىنىشچانلىقى بەك يۇقىرى، شۇڭا ھەركەتچان ip ئارقىلىقمۇ مەلۇم مىقداردىكى ئۈسكىنىنىڭ تورغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا كەسپىي كىتابلارنى رەتلەۋىتىپ دەرسىلىكتىن ipv6نىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىنى iPhoneنىڭ ئومۇملىشىشىغا باغلاپ تۇرۇپ پەننىي ماقالىدىن بىرنى تەييارلاشنى ئويلاپ قالدىم.چۈنكى يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرنىڭ سانى ئاشسا تورغا بولغان تەلەپ تىز ئاشىدۇ. بولۇپمۇ apple ئۈسكىنىلىرىنى تورغا بىقىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ، تورسىز مۇھىتتا 2 سائەت ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى بىر جاپا.
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8- كۈنى خەلقئارا ipv6 كۈنى قىلىپ بىكىتىلىپ، دۆلەت-رايۇنلار ئارا يىڭى نەشىردىكى ip غا قوللاش، تەشۋىق ئېلىپ بىرىلدى. ئەلۋەتتە، تورغا چېقىدىغان ئۈسكىنە كۆپەيسە ئۇنىڭغا كىرەكلىك سالاھىيەتمۇ كۆپىيىدۇ. قىنى بۇ ھەقتە ئەڭ مۇھىم بولغان ipنىڭ يىڭى نەشرى ipv6 ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆپ ئاڭلايدۇ، ھەم ئاز-تولا چۈشەنگەچ تۇرسا شىنجاڭدا شىنجاڭ ئونىۋىرسىسىتىدىن باشقا جايلاردىمۇ ipv6 ئېچىلسا ھەممەيلەن بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ھەر بىر كومپيۇتېر خەلقئارا تورغا چىقىشى ئۈچۈن چوقۇم ip ئادېرىسقا ئىرىشىشى كىرەك. Ip ئادېرسى بولمىغان كومپيۇتېر توردا باشقا كومپيۇتېر تەرىپىدىن بايقالمايدۇ، ھەم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرمۇ شۇنداق. تۆۋەندىكى يازمىدىكى تورغا چېقىدىغان ئۈسكىنى تېپىغا بارلىق تورغا ئۇلىنىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان مەھسۇلاتلار كىرىدۇ. مەيلى مۇقىم تور، كەڭ بەلباغ،wifi، ياكى GPRS بولمىسۇن ھەممىسى مۇشۇ كاتىگورىيەگە كىرىدۇ. ئادەتتە قىسقارتىپ ئېيتىلغان ip سۆزى نۆۋەتتە بىز ئىسلىتىۋاتقان ipv4 نى كۆرسىتىدۇ. ئككىسىنىڭ ئادىرىس كەڭلىدىن باشقا ماھىيەتلىك پەرقى يوق.
1.نىمىشقا ipغا ئىھتىاجلىق بولىمىز؟
تۇرمۇشىمىزدا بىز يوللىغان ھەر بىر خەت ئىككى ئادىرىسقا ئىگە بولىدۇ. كەلگەن ئادىرىس ۋە بارىدىغان ئادىرىس. توردىكى ھەر بىر سانلىق-مەلۇمات بولىقىمۇ ئوخشاشلا ئىككى ئادىرىسقا : كەلگەن ئادىرىس ۋە نىشان ئادىرىس قا ئىگە. بۇ ئادىرىسلار ئۇچۇرنىڭ ئوخشىمىغان كومپيۇتېر، مۇلازىمتېر ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېرلار ئارسىدا يەتكۈزۈلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بەزى كومپىيۇتېرلار سىرىتقا نىسبەتەن بىر نەچچە ئادىرىسقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىر نەچچە ياكى بىر نەچچە يۈز كومپيۇتېرمۇ سىرىتقا نىسبەتەن بىرلا ئادىرىسقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ ئادىرىسلار دەل بىز دىمەكچى بولغان ip ئادىرىسنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئادىرىسلار پەقەت قىسمى توردا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن 192.168.1.1 دېگەندەك. بەزىلىرى چوقۇم ئاشكارا توردا ئىشلەيدۇ، مەسىلەن 111.123.23.43 دېگەندەك. ئاشكارە توردا ھەر بىر كومپيۇتېر ياكى مۇلازىمتېر پەقەت بىرلا ئادىرىسقا ئىرىشىدۇ، لىكىن قىسمى تورلاردىكى ئادىرىسلار سىرىتقا كۆرۈنمىگەچ ئايرىم قىسمى تورلاردا ئوخشاش ئادىرىس تەكرارلانسا بولىدۇ. خەلقئارالىق ئاشكارە توردىن قىسمى توردىكى مۇلازىمتېر(تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق ئۈسكىنە ئۇچۇر تارقاتسىلا مۇلازىمتېر بولالايدۇ)نى قىسمى تورغا بىرىلگەن ئاشكارە ئادىرىس (كوممۇتاتور)ئارقىلىق زىيارەت قىلىمىز، قىسمى تور ئىچىدىكى كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىشتا ئاۋۋال ئاشكارە ئادېرستىن قىسمىي تور مۇلازىمتېرى(بۇ بەلكىم بىر كومپيۇتېر ياكى روتور بولىشى مۇمكىن) ئادىرسىنى تېپىپ ئاندىن قىسمى تور ئىچىدىكى ئۇلىنىش ئىغزىغا ئاساسەن نىشان كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىمىز. مەسىلەن 111.123.23.43 نىڭ ئىچىدىكى بىر كومپىيۇتېرنىڭ قىسمى تور ئادىرسى 192.168.1.1 بولسا، ھەم قىسمىي تور مۇلازىمتېرى بۇ كومپيۇتېرغا سەپلەپ بەرگەن ئۇلىنىش ئىغىزى 2345بولسا بىز 111.123.23.43:2345 ئارقىلىق بۇ كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىمىز. بۇ جەريان كومپيۇتېر تورى تېخنىكىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق نوقتىلارنىڭ بىرى . قىسقارتىلىپ NAT تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
2.ip ئادىرسى بىز ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بىرىدۇ؟
ھازىر نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دېتاللار چوقۇم ip ئىشلىتىدۇ. لىكىن بىز نۇرغۇن ئىشلىتىلىش ئورنىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرمەيمىز خالاس، مەسىلەن: كومپيۇتېرنىڭ تۆۋەن قاتلام ئالاقىسى. ئەڭ ئاددى قوللىنىلىشىنى ئېلىپ ئېىيتساق، بىر توربەتنى زىيارەت قىلىش ئىھتىياجىمىز تۇغۇلسا بىز تور كۆرگۈگە قارشى تەرەپنىڭ تور بىكەت ئادىرسىنى يازىمىز. تور كۆرگۈ دەرھاللا بىر پىروگرامما-ئادىرىس چۈشەندۈرگۈچى (DNS) نى قوزغىتىپ تور بىكەت ئادىرسىنى ماس ھالدىكى ip غا ئايلاندۇرىدۇ. تور كۆرگۈ يۇقاردا ئىرىشكەن ip ئارقىلىق بىزگە مەنزىل بىكەتنى كۆرسىتىدۇ.
3.ip ئادىرسى سانى قانچە؟
بۇرۇن ۋە ھازىر كۆپىنچىمىز ئىشلىتىۋاتقان ipv4 نىڭ لاھىيە ئۆلچىمى 32 خانىلىق 2لىك سىستىمىدىكى رەقەم ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا 2نىڭ 32 دەرىجىسى دانە ip ئادىرىس بولۇپ 2نىڭ 32 دانە(4 294 967 296) ئۈسكىنە خەلقئارا تورغا بىۋاستىلا ئۇلىنالايتتى. ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ئېچىدىن ھەقىقى خەلقئارالىق تورغا بېرىلگەن ئادىرىس سالمىقى ئاز، دۆلىىتمىزگە بىرىلگەن سانى تېخىمۇ ئاز بولۇپ سان جەھەتتىن ماسساچۇستىس سانائەت ئونىۋىرىسىتىتى ئىگە بولغان ip سانى بىلەن تەڭ دېگۈدەك. نۆۋەتتە ئىشلىتىش تەكىتلىنىۋاتقان ipv6 لاھىيەسىدە 128 خانىلىق 2 لىك سىستىمادىكى ئادىرىس تەمىنلەنگەن بولۇپ 2نىڭ 128 دەرىجىسى دانە ئادىرىس بار بولۇپ قىممەت جەھەتتىن 34نىڭ كەينىگە35 نۆل قويۇلغان سانغا تەڭ. بۇ ئادىرىسلاردا يەر شارىدىكى ھەر بىر قۇم دانچىسىغا ئادىرىس بېرىلسىمۇ يەنە ئىشىپ قالىدۇ. مەڭگۈ تۈگىمەس ئادىرىس دېيىشكە بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئىگە بولغان ئادىرىس بۇنىڭ 1% گە يەتمەيدۇ، لىكىن نورمال ئىھتىياجدىن چىقىدۇ.
4.بىز ipv4 نى تولۇق ئىشلىتىپ بولساق قانداق مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ؟
ئاسىيا رايۇنىدا يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەر ئەڭ تىز سۈرەتت ئىشىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە تىلگىراف تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر پەقەت قىسمى تور شەكلىدە مەۋجۇت بولغاچ بۇ مەسىلە بەك ئوتتۇرغا چىقمىدى. ھەممە ئۈسكىنىلەر بىۋاستە ip غا ئىرىشىشىنى تەلەپ قىلسا پەقەتipv6 غا تايىنىپلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز.
5.ipv4نىلا قوللايدىغان تور بىكەتنى ipv6 توردا زىيارەت قىلىشقا بولامدۇ؟
بولمايدۇ. چۈنكى ipv4 بىلەن ipv6 نىڭ ماس ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى يوق. بەزى بىكەتلەر (google) ئۆزلىرى ipv4,ipv6 قوش ئادىرىس ئىشلىتىدۇ. بەزىلىرى بولسا پەقەت بىرنىلا. مەسىلەن: خالاستان بىلوگى پەقەت ipv4 ئادىرىس قوللايدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى تورلىرى دىگۈدەك ipv6 نىلا قوللايدۇ.
6. IPv6دا ipv4 بىكەتنى قانداق زىيارەت قىلىمىز؟
پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇنداق ماس ئالماشتۇرۇش يوق، لىكىن نۇرغۇن مۇلازىمەت تورلىرى ۋاستىلىك ھالدا ئۆزلىرى ipv4 بىكەتلەردىن ئىرىشكەن ئۇچۇرلارنى ipv6 لاھىيەسىدە فورماتلاپ(ipv4نى ipv6دا غىلاپلاش بولۇپ كەسپىي ئاتالغۇسى تونىل تېخنىكىسى) باشقىلارغا ھەقلى-ھەقسىز مۇلازىمەت شەكلىدە تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى vpn بىلەن ئوخشاش بولۇپ NAT64 دەپ ئاتىلىدۇ. Ipv4 دا ipv6نى زىيارەت قىلىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن. يۇقارقى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئىچكىردە پەن-تەتقىقات ياكى ئىھتىياج ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە ئېچىلمايدىغان youtube,tWritter,FaceBook… دېگەندەك تورلارغا چىقىدۇ.
7.ipv4 يەنە قانچىلىك مەۋجۇت بولىدۇ؟
ئەگەر ئۈسكىنە خەلقئارالىق تورغا بىۋاستە ئۇلىنىپ خەلقئارالىق ئادىرىسقا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلمىسا ipv6 نى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت سىرىتقا ئېچىلغان مۇلازىمتېرلا ipv6 قوللىسا، بۇ ئادىرىسنى ئىچكى قىسىمداNAT ئارقىلىق ipv4 غا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش مۇمكىن. شۇڭلاشقا كەلگۈسى 10 نەچچە يىل ئىچىدە قىسمىي توردىكى ipv4 مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
8.بىكەت ipv6 دا قۇرۇلغان بولسا ipv4 دىكىلەر قانداق زىيارەت قىلىدۇ؟
6ipvنىلا قوللايدىغان تور بىكەتنى ipv4 توردا زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ. ھازىرقى تورلار ئاساسەن ھەر ئىككى خىل مۇھىتنى قوللايدۇ، بارلىق كومپيۇتېرلارغا ipv6 ئادىرىس تەقسىملىنىپ بولۇنغاندا ئاندىن ipv4 ئشىتىن توختايدۇ. شۇڭا بۇنداق شارائىتتا يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان NAT تېخنىكىسى ئارقىلىق بىكەتنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
9. نىمىشقا NAT نىلا ئىشلىتىپ (يەنى قىسمى توردىكى مۇلازىمتېرنى سىرىتتىن ئادىرىس+ئىغىز شەكلىدە زىيارەت قىلىپ) ipv6 غا كۆچۈشتىن ساقلانمايمىز؟
بۇ خىل ئۇسۇل بۇرۇن كارغا كەلگەن، ھازىر قىسمى توردىمۇ كومپيۇتېرلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئىشىۋاتىدۇ. NAT مۇلازىمتېردىمۇ چەكلىك ئادىرىس بار، شۇنداقلا NAT مۇلازىمتېرىنىڭ ئىجرا سۈرىتى تورنىڭ بىۋاستە سۈرىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. Ipv6 غا تولۇق كۆچۈپ بولغاندا NAT تېخنكىسى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
10.شىنجاڭدىكى ipv6 سانى قانچىلىك بولار؟
رايۇنلار ئۆزلىرى ئىگە بولغان مۇلازىمەت سانىغا ئاساسەن نىسبەتلەشتۈرۈپ ئۈلىشىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى ئىستىمالچىلارنىڭ بۇنىڭغا باش قاتۇرىشى ئارتۇقچە. پەقەت پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن باشقا يەرلەرمۇ ipv6 ئادىرسى ئىشلەتسە ھازىرقىدەك مۇقىم ip قىممەت بولۇش مەسىلىسگە خاتىمە بەرگىلى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە چەكسىز كۆپ ئۈسكىنىگە خەلقئارالىق تور ئادىرىسى (سالاھىيەت ئىسپاتى) بەرگىلى بولىدۇ. ئۇ چاغدا يەنە بىر مەسىلە DNS مۇلازىمتېر تەلىپى يۇقىرى مەسىلىسى چېقىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىمۇ تور تېخنىكلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى مۇمكىن.
تەييارلىغۇچى : خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى.