2011-يىلى 6- ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە Apple شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار يىغىنى(يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىدۇ)- WWDC (Worldwide Developers Conference)ئامىركىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىن 14 يىلدىن بىرى ھەر يىلى بىر قىتىمدىن ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىننى appleنىڭ ئەڭ يىڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ئەڭ كاتتا مۇراسىمى دەپ ئاتاشقا ھەقلىقمىز. بۇ يىغىن ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى wikipedia دىن كۆرۈش مۇمكىن. بۇ يىغىنغا قارلۇق شىركىتىدىكىلەر 2007-يىلى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر يىزىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ۋە تېخنىكىلىق مەسلىھەتلەرنى بىرىپ كەلگەن. پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ ئامىركىدىكى يىغىن ئەھۋالى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوكيان قامۇسىدىن كۆرگەيسىزلەر.
WWDC 2011 ھەقتە تور دۇنياسىدىكى خەۋەرلەرمۇ بەكلا كۆپ. كۆپ قىسىم تورداشلار مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلاردىن ئازتولا خەۋەر تاپقانمۇ بولدى. مەن نەزەرىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يىغىنغا ھازىرچە قاتنىشىش نىسىپ بولمىغان(چوقۇم مۇمكىن بولىدۇ) بولسىمۇ ، نەخ مەيدان ئۇلاپ تارقاتمىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، قاتتىق ھاياجان ئىچىدە appleنىڭ مەھسۇلاتلرىغا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئېشىپ، كۆز ئالدىم بىلەكچىلا يورۇغاندەك بولدۇم.
يىغىنغا يەنە بۇرۇنقىدەكلا staveJobs بوۋاي باشتىلا قىزغىن چاۋاكلار بىلەن كىرىپ كەلدى. بۇرۇنقىدەك پادىچىلار ئىشىتىنى، كىلاسسىك كۆزەينىكى…..بوۋاي قىرىپتۇ، ھالسىزلىنىپتۇ، كىسىلى تېخىمۇ ئىغىرلىشىپۇ…. خوش، يىغىن تەسۋىرى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، تۆۋەندە ئوقۇرمەنگە نان بېرىدىغان مەزمۇنلارنى يازىلى.
WWDC 2011 ئاساسلىق مەزمۇنى شۇكى :
1.ئالما شىركىتى amazonۋە google دىن كىيىنلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇلۇت سۇپىسى iCloud نى ئېلان قىلدى.
بۇمۇ بىر خىل غايەت زور ھىسابلاش ماشىنىسى ئامبىرىنى ئىشلەتكۈچىگە تەمىنلەش مۇلازىمىتى بولۇپ ھازىرقى پىلاندا ھەقسىز ۋە ھەقلىق ئىككى خىل مۇلازىمەت ئېچىلغان. ھەقسىز سۇپىدىمۇ itunes دىن چۈشۈرگەن بارلىق ناخشا-مۇزىكا، يۇمشاق دېتال ۋە بەلگىلەشلەرنى بۇلۇتقا ماسقەدەملەش تەمىنلىگەن بولۇپ سىسيتېما نەشىر كۆۈرۈلسە ياكى ئىشلەتكۈچى ئۈسكىنە ئالماشتۇرسا بىر ھىساب نومۇرى بىلەنلا ھەممە ماتىريالنى قايتا چۈشۈرەلەيدۇ. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان ئايرىم تېمىدا.
2.apple يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى ئۈچۈن يىڭى مەشغۇلات سىيستېمىسى iOS5 نى ئېلان قىلدى.
بۇ نەشىردە يىڭىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ. بۇلۇت ئىغىزى تەمىنلەنگەندىن سېرىت ئىشلىتىش قولايلىقى ۋە تورسىز كومپيۇتېر بىلەن ماس قەدەملەشتۈرۈش قاتارلىق يىڭىلىقلار قوشۇلغان.ئەسلى نۇرغۇن تەھىلىلچىلەر بۇ يىغىندا iPhone نىڭ 5-ئەۋلاد ئۈسكىنىسى iPhone4Sنى ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىغان، لىكىن مەزمۇت قەدەم بېسىشنى شەرت قىلغان apple يىغىندا بۇ مەھسۇلات توغۇرلۇق توختالمىدى، ئىنىقكى يۇقارقى يىڭىلىقلار ھەممىسى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone4S ۋە يىل ئاخىردا ئېلان قىلىنىدىغان ipad3 دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ios5 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە خالاستان بىلوگىدا ئايرىم تېما يوللاندى. مەنزىل
3. leopard دىن ھالقىغان LIon مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى.
ھەممەيلەن بىلىمىز apple ئاچقان Linux نىڭ darwin نېگىزىدىن ئايرىلىپ چىققان MAC OS X بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن مەشغۇلات سىيىستىمىسى. بۇ ھەقتە باياننى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. مەشغۇلات سىيستېمىسى پەقەت Macintosh قىلا قاچىلىنىدۇ. ھەم ھەقسىز ياكى ھەقلىق نەشىر كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.
بۇ سيسستىما ئادەتتكى PC لارغا تەمىنلەنمىگەن، شۇڭا جوڭگودا بۇ سيىستىمىنى ئىشلىتىش شەرىپىگە ئىرىشكەن ئادەم بەكلا ئاز. ئۇيغۇرلار ئېچىدىمۇ پەقەتلا قارلۇق شىركىتى مۇنتىزىم ھالدا Macintosh مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تەربىيلەش-سېتىش مۇلازىمىتى ئېلىپ بارىدۇ. چەتئەلدىكى تېخنىكلار pc غا قاچىلايدىغان يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى تارقاتقاچ بەزى ھەۋەسكارلار ئۆزلىرى قاچىلاپمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ.تېخنىكا تەلىپى يۇقىرىراق، لىكىن قاچىلىمىسا iphone غا يۇمشاق دېتال يازىدىغان xCode نى ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا نەزەرى قاتارلىق ئالمىچىلار pcدا mac os x ئىشلىتىدۇ.
بۇ قىتىم ئېلان قىلىنغان نۇسخسىنىڭ نامى Lion — شىر. سېتىلىش باھاسى بۇرۇنقى نەشىرلەردىن تۆۋەنرەك، ئىقتىدارى جەھەتتە كۆپ بارماق ئورنى سېزىش، Mission Control(ئىجرا ۋەزىپە باشقۇرۇش)،Mac App Store، نەشىر كونتىرولى، ئۇچۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈش… قاتارلىقلار ئىقتىدارلاردا ياخشىلىنىش بولغان. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي بايانلارنى خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس بولغان «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تور بىتى»(يىقىندا ئېچىلىدۇ)دىن كۆرگەيسىزلەر.
[...] بۈگۈنكى كۈندە مانا بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ قاچان رەسمىي ت… [...]
xjmac.com
«شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تور بىتى» تېزراق قورۇلسا ياخشى بولاتتى
[...] ھازىرقى ئورنىڭىز : باش بەت >APPLE>مەزمۇنى RSS ئالدىنقىسى كېيىنكىسى iCloud ھەققىدە چۈشەنچە ئېلان قىلىنغىلى [...]
كۆپ رەھمەت. مەن ئۇستاز دەرىجىسىدە ئەمەسمەن. ئەگەر مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قالساممۇ خالاستان بىلوگىدا خىزمىتىمدىن مەلۇمات بىرىپ تۇرىمەن.
يىڭلىقلار خىلى كۆپكەن.ئالما مەھسۇلاتلىرى يىىڭىىلىق يارتىش ئىقتىدارىغا باي بولغاچقا،شۇڭلاشقائالقىشقا ئىرىشىۋاتىدۇ.شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىپ نەزەرى ئۇستازنىڭ مەك شىركىتىدە خىزمەت قىلغانلىق خۇش خەۋرىنى ئاڭلاشنى بەكمۇ خالايمەن.ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بىلوگىڭىزنى تاقاپ قويماسسىز -ھە،نەزەرى ئۇستاز.
ئوبدان بوۋاي بۇ .
بۇ قېرى يەنە بىرمۇنچە يېڭىلىقلارنى ئىلىپ كەپتۇدە ……
3GS ke iOS5 ni qachilisam sestimining eghir yiniklik derijisige tesir yitermu he..?
[...] تېمىمىزدا iOS5 نى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، تونۇشتۇرۇپ بولدۇق. تېخى WWDC 2011 دا ئەمدى ئېلان قىلىغان iOS5 نىڭ سىناق نەشرى بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى خاككىرلار [...]
[...] WWDC 2011 غا كۆز تىككەن ھەر بىر تورداشقا مەلۇمكى، بۇ يىغىندا بۇلۇت، mac os x نىڭ يىڭى نەشرى ۋە iOS5 ئېلان قىلىندى. ماقالىنى خالاستان بىلوگىدىن كۆرۈڭ. [...]