مەن بۈگۈن بېيجىڭدىكى مەلۇم نەشىرياتنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلىدىغان خەرىتە دىتالىغا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش قوشىدىغان بىر خىزمەت تاپشۇرۇپ ئالدىم.
ۋاقىت قىس، ۋەزىپە جىددى بولغاچ تورداشلاردىن ھەقلىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلىمەن.نەزەرى. ۋەزىپە بۆلۈش تامام! كىيىن قالغانلارغا كىيىنچە يەنە پۇرسەت بولسا مەن ئاۋۋال ئۇقتۇرىمەن، ھەمكارلاشقانلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر، قىرىنداشلىرىم!
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننىڭ بىر قىسمى رەسىمدە كۆرۈنگەندەك:
مۇشۇنداق ھۆججەتتىن جەمئىي 4 جەدۋەل بار، ھەر بىر جەدۋەل تەخمىنەن 150 قۇر ئەتراپىدا. مەزمۇن تەكشىسىز، ئەمما ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر بىر تۈرگە ئىككى قۇر چۈشەندۈرۈش توغرا كىلىدۇ.
تەرجىمە قىلىش ۋاقتى : مۇشۇ مىنۇتتىن باشلىنىپ 10-ئاينىڭ 28-چىسلا كەچ سائەت 23:00 كىچە بولسا بولىدۇ. ئىككىنچى كۈنى سائەت 10 دىن بۇرۇن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. ھەر بىر جەدۋەل ئۈچۈن 120 سوم ئىش ھەققى تەييارلاندى. ئېملا، تەرجىمە دىن ئۆلچەملىك ئۆتسىلا تەرجىمان خالىغان ئۇسۇلدا ئىش ھەققى تاپشۇرۋالسا بولىدۇ.
تەرجىمانغا تەلەپ :
1. ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى EXCLدا ھۆججەت تەھرىرلەش مەشغۇلات قىلالايدىغان بولۇش.
2. ئۇيغۇر-خەنزۇ تىلىدا يەر جاي ناملىرى ئاتالغۇسىدا پىششىق بولۇش ياكى لۇغەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بولۇش.
3.مەسئۇلىيەتچان، سەمىمى بولۇش. خىزمەت كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.
4.كەمىنە نەزەرىگە ئىشىنىپ خىزمەتنى دادىل باشلىيالايدىغان بولۇش. چۈنكى مائاش خىزمەت تاماملانغاندا ئاندىن بېرىلىدۇ.
5. ۋەزىپە ئاز، ئەمما جىددى بولغاچ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىزمەت پەقەت 4لا ئادەم بىلەن تاماملانسا كۇپايە.
ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش ئۈچۈن مۇشۇ تېما ئاستىغا ئېنكاس يېزىڭ ياكى ماڭا ئېلخەت يېزىڭ. admin@../
[...] 4كۈن بۇرۇن خالاستان بىلوگى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەقلىق تەرجىمىگە ئويۇشتۇرغان.../2972.html [...]
ئىنكاسمۇ ئاپتورغا ھۆرمەت، رىغبەت جۈملسىدىندۇر!
نەزەرى ، مەن سىز يوللاپ بەرگەن قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17:50 دە سىزنىڭ چ چ ئېلختىڭىزگە يوللاپ قويدۇم ، كۆرۈپ بېقىڭ .
مەنغۇ كىچىكپ قاپتىمەن ، لىكىن فىزىكىغا ئالاقىدار تەرجىمە بولسا ،چوقۇم قىلاتتىم ، كىيىنكى قىتىم ھەمكارلىشارمىز .
ھە راسىت ،مەن قوشۇمچە ت ر گ (信达雅。توغرا راۋان گۇزەل ) تەرجىمە شىركېتىدە ئشلەۋاتىمەن ، تەرجىمە قوبۇل قىلىمەن ، باھاسى مۇۋاپىق .
ماڭا قالمىدىمۇ؟ ۋاي ئىسىت، كىچىكىپ قاپتىمەن،-دە.
كەچۈرۈڭ. ئېنكاس ۋە ئېلخەت تەرتىپى بويىچە بۆلۈندى. دىققەت قىلغايسىز، كىيىنكى قىتىم يەنە ئۇچۇرسا مەن ھازىر قاتنىشالمىغانلارنى ئالدىن ئويلىشىمەن.
رەھمەت سىزگە.
كەچۈرۈڭ. ئېنكاس ۋە ئېلخەت تەرتىپى بويىچە بۆلۈندى. دىققەت قىلغايسىز، كىيىنكى قىتىم يەنە ئۇچۇرسا مەن ھازىر قاتنىشالمىغانلارنى ئالدىن ئويلىشىمەن.
سزىگە بىر جەدۋەلنىڭ يىرىمى كەتتى. ۋاقتىدا تاماملىغايسىز
ما خىزمەت مېنى قىزىقتۇرىۋالدى جۇمۇ ، بولسا ماڭىمۇ يوللاپ بېرىڭ . كۆپرەك ئادەم قىلسا ، شۇنىڭ ئىچىدىن ياخشىسىنى تاللىۋالمامسىز …. ئۆزۈمنىڭ تەرجىمە قابىلىيىتىمگە بەكلا ئىشەنچىم بار جۇمۇ مېنىڭ .تەرجىمىدە قىلىشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق .جۇغراپىيە ساۋادىممۇ خېلى يامان ئەمەس .
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم. نەزەرى ئەپەندى مىنىڭ ئۇكام جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقىغان ماۋۇ گەپنى قىلسام،مەن تەرجىمە قىلىپ باقسام دەپ بەكلا قىزىقتى ماڭىمۇ يوللاپ بىرىڭە تەرجىمە قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.يۇقاردا كۆرسەتكەن جەدۋەلدىكى يەرناملىرىنى شۇنداق پىششىق بىلىدىكەن.
ئېلىخەت:1505835232@qq.com
ئۇنداقتا مېنىڭ ئورنۇمغا رومانتىك بۇرادەر قىلسۇن. مەندە سەل ۋاقت قىستاڭچىلىقى بوپ قالغۇدەك. ئەتە يەنە ئىمتىھان دەيدۇ. قەتتئىي كەچۈرۈڭ…
ئەگەر ھەممىسى بولسىمۇ مەيلى
ئەسسلامۇئەلەيكۇم، مۇمكىن بولسا مەن يېرىمىنى قىلسام قانداق بولار؟… يەر – جاي ناملىرىنى توغرا تەرجىمە قىلىشتا مەسىلە يوق، ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر تولۇق بار. خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە ترجىمىدىمۇ مەسىلە يوق. تەرجىمە تۈگىگەندە كەنجى كوررىكتوردا ئىملاسىنى تۈزىتىۋەتسەممۇ بولىدۇ.
مەن ماقالىنى ھازىرلا تاپشۇرۋالدىم ، پۈتكەندە پېرىسلاپ سىز ماڭا يوللىغان ئېلخەتكە قايتۇرىمەن .
كۆپ رەھمەت. ئۇنداقتا مەن سىزگە بىرنىڭ يىرىمىنى يوللاپ بىرەي. 1987 غا بىرنىڭ يىرىمىنى بىرەي.
ئىككىڭلارنىڭ يانفونىغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىۋىتەي ئەمسە.
ھازىر يەنە ئىككىسى ئاشتى.
ئۇي\خەن لۇغەتمۇ بىللە كەتتى ئەمسە.
ئاتالغۇلار خەنچە، ئەمما لۇغەت ۋە توردىن تاپقىلى بولىدۇ. ئاتالغۇلارنىڭ تەكرارلىقى يۇقىرى.
كۆپ رەھمەت. ئۇنداقتا مەن سىزگە بىرنىڭ يىرىمىنى يوللاپ بىرەي. 1987 غا بىرنىڭ يىرىمىنى بىرەي.
ئىككىڭلارنىڭ يانفونىغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىۋىتەي ئەمسە.
ھازىر يەنە ئىككىسى ئاشتى.
ئۇي\خەن لۇغەتمۇ بىللە كەتتى ئەمسە.
مەن قىلىپ باقسام قانداق بولا؟؟؟
ئەمما لوغەت بولسا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىغىلى بولاتتى. كۆپىنچە يەر ناملرى ئېنگىلىزچىسى بويىچىمىدۇ…
نەزەرباي ، مەن جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇمىغان بولساممۇ ، لېكىن كەسپى تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، ئەگەر لايىق كۆرسىڭىز ماڭا تېگىشلىك قىسمىنى يوللاپ بېرىڭ ، مەن ھەق ئالمايمەن ، لېكىن مۇشۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن ئېرىشكەن بىلمنىڭ ھۆرمىتى يۈزسىدىن تەرجىمە قىلىپ بىرەي . ماتېرىيالنى پېرىسلاپ 27973623@qq.com يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ ، پۈتكەندە مەن سىز تەمىنلىگەن ئېلخەتكە يوللاپ بىرىمەن .