ئالما ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە فونتتىن قالسىلا ئەڭ ئېھىتىياجلىق نەرسىسى دەل ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى. گەرچە قارلۇق شىركىتى(ئالدىنقى ئايدا مەن قارلۇقتا زىيارەت-سۆھبەتتە بولغاندا پەخىردىن قارلۇق ئەپەندى ماڭا كۆرسەتتى.) ئاللىبۇرۇن ياساپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ بولغان بولسىمۇ لىكىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىلان قىلىنىشنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلىپتۇ. ھەم بۇ ھەقتە ئىنىق ۋاقىت يوق، بەلكىم بۇ يىل ئىچىدە چېقىشى مۇمكىن.(iPhone,iPod Touch,iPad) لەر ئۈچۈن پارتىزانلارچە ياسالغان كىرگۈزگۈچ مانا ھازىر تەۋەللۇت بولۇپتۇ.
ئۆگەنگۈچى ئەپەندى ھازىر ئەرەبچە كىرگۈزگۈچ ئاساسىدا كومپيۇتېرنىڭ QWERTY كۇنۇپكا تاختا ئۆلچىمىگە مەسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ چېقىپتۇ، كۆپ رەھمەت!. گەرچە قاچىلاش سەل ئاۋارچىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئازراقلا دىققەت قىلسا، كېتەرلىك دېتاللارنى تولۇق چۈشۈرۈپ تەييار بولسىلا ھەممە ئىش شۇنداق ئوڭاي.مەن شۇ يازمىلارنى يۇغلاپ تەپسىلىيراق تىلدا، يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماسراق قىلىپ بۇ دەرسلىكنى يېزىۋاتىمەن. تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا خالاستان بىلوگىدا تېخنىكىلىق قوللاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئۆگەنگۈچى ئەپەندىمنىڭ يەنە ياخشى تېخنىكىلىق تېمىلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
قاچىلانغاندىن كىيىنكى ئۈنۈمى:
1. كىتەرلىك قۇراللارۋە باسقۇچلار:
1. بۇرۇن قوشۇلغان 搜狗输入法,QQ输入法,A4输入法 دىگەن دەك كىرگۈزگۈچلەرنى تولۇق ئۆچۈرۈڭ. پەقەت سېستىما ئۆزى ئىچىگە ئالغان كىرگۈزگۈچلا قالسۇن. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ بولۇپ يەنە قاچىلاشقا بولىدۇ، سغىشىدۇ.
2.تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان i فامىلەلىك ئۈسكىنە(ipod,iphone,ipad). تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكىنى ../1509.html دىن كۆرۈڭ.
3.winterboardۋە Keyboard Fixer IOS 4.3 نى cydia نى دا تۇرۇپ قاچىلاڭ. دەرسلىكىنى ../928.html دىن كۆرۈڭ.
4.تۆۋەندىكى بەتتىن deb فورماتىدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ. http://dl.dbank.com/c087sam6cl
ئاندىن itools ئارقىلىق تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.
بۇ يەردىكى autoInastall دىگەن مۇندەرىجە بولمىسا ئۆزىڭىز قۇرۇڭ. ھۆججەتنى تارتىپلا ئوڭ تەرەپتىكى قۇرۇق ئورۇنغا تاشلاڭ. ھۆججەت كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، نورمال.
5. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.
6. 设置-winterboard-选择主题دىگەن تەرتىپتىن Uyghur دەپ تاللاڭ. uyghur دىگەن خەت كۆرۈنمىسە 4- باسقۇچنى قايتا سىناڭ.
7.设置-通用-键盘-国际键盘-添加新键盘 دىگەن تەرتىپ بويىچە 阿拉伯文 دىگەننى تاللاڭ. ئاندىن 键盘دىگەن كۆزنەكتىكى كۆرۈنگەن كۇنۇپكا تاختىلىرى نامىدىن 阿拉伯文 دىگەننى تاللاڭ. 软件键盘布局 دىگەن تاللاشتىن Uyghurنى تاللاڭ.
8. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ. سىناپ بىقىڭ، چوقۇم مۇۋاپقىيەتلىك بولدى. ئىنىقسىز بولغان يەرلەرنى خالاستان بىلوگى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.نەزەرى.
مىنڭ 5.0.1نەشرتىى…………….
سىزنىڭ قايسى نەشىر؟
مىنڭ تى سىز دىگەندەك ئۇسۇل بۇيىنچە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسنى قاچىلغانتىم تەڭشەيدىغان يەرلەرنى مۇ ئوخشاش قىلغان ئۇيەرمۇ نورمال لىكىن خەت يازدىغان يارنى ئاچساملا تېلفۇن كەينىگە يېنىپ كەتۋاتدۇ باشقا خەتلەرمۇ كۇرۇنمەيدۇ ھىچ قايسى كۇنۇپكا تاختىسى كۇرۇنمەيۋاتدۇ…..نىمە ئىشتۇ پەقەتلا بىلمىدىم….iPhone4
تىلنى قانداق ئۆرگەرتكىنڭىزنى بىلمىدىم.
سىز قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ سىناپ بېقىڭ.
مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم iphone 3Gs , 8GB ، زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى 2010 – يىلى 11 – ئاي ، سېستىما نەشىرى 4.3.3 .
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان .
Cydia ھازىر نورمال ئىشلەۋاتىدۇ ، پەقەت يانفۇننىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىۋەتسەم نورمال ئەمەس ، ئەمما خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە ھالىتىدە C ydia نورمال .
سىز قايسى ئۈسكىنە نىڭ قايسى نەشىردە؟ قانداق تىل بولىقى قاچىلىغان؟ تەپسىلىي دەپ بىرىڭ. ھەل قىلىش چارىسى چىقىپ قىلىشى مۇمكىن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
سېيدىيا نىڭ نورمال ئىشلىمەسلىك سەۋەبىى ئاخىر ئۆزەم تاپقاندەك قىلىمەن .
مەن باياتىندىن بېرى قايتىدىن سېستىما يېڭىلاپ ، ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ Cydia نى سىنىسام نورمال ئىشلىگەن ،
ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىى قاچىلاپ ، تىل موھىتىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئاندىن Cydia نى قوزغاتسام ، بۇرۇنقىدەك قوزغىلالماسلىق كۆرۈلدى،
شۇنىڭ بىلەن تىل موھىتىدىن گۇمانلىنىپ ، تىل موھىتىنى قايتىدىن خەنزۇچىغا تەڭشەپ ئاندىن Cydia نى قوزغاتسام شۇنداق نورمال ئىشلىدى ، قارىغاندا Cydia ئۇيغۇرچە تىل موھىتىدا نورمال ئىشلىمەيدىكەن .
تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى تەكرار قىلىۋەرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ نېگىزىدە cydia تۇرىدۇ.
ھازىرقى مەزگىلدە تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن مەقسەتنى cydiaقاچىلاش دەپ قىسقارتساق ئارتۇق كەتمەيدۇ. سىز خاتالىق ئۇچۇرىنى قالدۇرۇڭ. ۋېروسخور، ئوتتىن ساقلىنىش تېمى قاتارلىقلارنى ئېتىپ ئاندىن سىنىغايسىز.
مەن قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇراي دەپ ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە redsn0w نى ئىشلىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى ،
بۇرۇن بۇ redsn0w بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرغاندا ئۇنداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقمىغان .
شۇڭا تېخى بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسا ئىككىنچى قېتىم قايتا قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ،
قايتا سىناپ باقتىم ، يەنىلا ئوخشاش .
تىلىفۇننىڭ ئۆزىدە تۇرۇپلا خۇددى نوكىيا يانفۇنلىرىنى قاتتىق فورماتلىغاندەك بۇ ئايفوننىمۇ زاۋۇتتىن چىققان ، تۈرمىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ ؟
[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]
بۇنىڭ دورىسى ئوڭاي. سىز ھىچقانداق مەشغۇلات قىلماي مۇشۇ سىستىما ئۈستىگە يەنە بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ھىچقانداق دېتال تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
ئايفون 3 نى مۇۋەپپىقىيەتلىك تۈرمىدىن قاچۇرغان ، ئېكرانغا سيدىيا مۇ چىققان ئىدى ، سيدىيا نى تۇنجى قېتىم قوزغاتقىنىمدا نورمال قوزغىلىپ سيديا باش بېتىگە كىرىپ ، ئاپتۇماتىك بىر قاتار يېڭىلاشلارنى قىلدى ، سيدىيا دىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كىين
سيدىيا ئىككىنچى نورمال قوزغىلالمىدى ، قوزغاتساملا ….. Loading دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ .
باشقا تور دېتاللىرى ، ۋە توربەتلەر نورمال ئۇلىنىدۇ . ئېچىلىدۇ ، پەقەت مۇشۇ سيدىيا مۇشۇنداق ،
باشقا دوسلىرىمنىڭ ئايفونىدىكى سيدىيا نورمال .
مەن GPRS , WiFi ھەممىسىدە سىنىدىم ئوخشاشلا .
سيدىيا نى ئۆچۈرىۋېتىپ قايتا قاچىلاش كېرەكمۇ ؟ ھەم قانداق قاچىلايمىز ؟ ياكى باشقا ئامال بارمۇ ؟
تۈرمىدىن قايتا قاچۇراي دىسەم خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى ، بەلكىم بىر قېتىم قاچۇرۇپ بولغاننى قايتا قاچۇرغىلى بولمامدۇ قانداق ا؟
سېستىمىنى قايتىدىن يېزىپ قايتىدىن قاچۇراي دىسەم كۆپ ئىش كەتكۈدەك ،
مەسلىھەت بەرسىڭىز ‘
كۆپ رەھمەت!
بىلوگگېرنىڭ ھاردۇقى چىقىدىغان گەپ بولۇپتۇ.
مەنچە ئايپەد كۆپ كىتاب كۆرۈدىغان ، ئۆگىنىشچان تىپتىكى ئادەملەرگە بەكراق ماس كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ CMDA2000 نۇسخىدا تېخى مەھسۇلات يوق. شۇڭا سىز ئۇنى 3G توردا ئىشلىتەلمەيسىز. پەقەت ئىكرانى چوڭ، ئەمەلىي قوللىنىلىشى ئازراق.
لىكىن ئايفون نىمىلا دېگەن بىلەن بىر تېلفون، كۆتۈرۈپ يۈررۈشكە ئەپلىك، تەجىربە، سىناقلارغىمۇ قولاي.
تەكلىۋىم، يىقىندا جوڭگو تېلىگىرافى CMDA2000 نۇسخىدىكى iPhone4نى بازارغا سېلىشنىڭ گېپىنى قىلۋاتىدۇ. ھەم جوڭگونىڭ تورىدا نورمال ئىشلەيدىغانلىقى مەلۇم.
شۇڭا سەل ساقلاپ CDMA2000 نۇسخىسدىكى iPhone4 ياكى 9-ئايدا بازارغا كىرىدىغان iPhone4S سىتىۋىلىڭ.
راستىنى ئېيتسام مەن ئايفون4 توغۇرلۇق بۇرۇن كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ، لېكىن ئايفون4 نى تۇتۇپمۇ باقمىغان ، يېقىندا بىر تۇققىنىم ئايفون4 دىن بىرنى ئېلىپ ھېچقانداق قىلىپ ئوينىيالماي ، ماڭا « سىز تېلېفونلار بىلەن خىل كۆپ ھەپىلىشىسىز ، مۇشۇنى سىز بىرەر ئىككى ئاي ئىشلىتىپ ، ئۇيغۇرچىلاش ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش ، ئويۇن ۋە يۇمتال قاچىلاشنى ئۈگتىپ قويسىڭىز ›› دەپ نەچچە يۈز كېلومېتېر يىراقلىتىن ئەۋەتىپتىكەن ، مانا بۈگۈن قولۇمغا ئالغىلى 7-8كۈن بولۇپ قاپتۇ ، مۇشۇ جەرياندا قولۇمغا تەگكەن كۈندىن باشلاپلا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ، يۇمتال قاچىلاش ، ئۇيغۇرچە فونت ، قوشۇش ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش دېگەندەكلەرنى نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئۈگىنىپ تاماملاپ بولدۇم بۇ جەرياندا خالاستان بىلوگىدىكى مەزمۇنلار ناھايتى بەكمۇ ئەسقاتتى ، مانا نەچچە كۈن ئېچىدە ئالما ئوينايدىغان ئالمىچى بولۇپ كەتتىم ، بۇرۇندىنلا سىمبىيان بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرەتتىم ، ئۇنىڭدىن زېرىكىپ (بولۇپمۇ ئۇيغۇرچىنى ياخشى قوللىماسلىقىدىن) ، ئاندىروئىد سېستىمىلىقتىن بىرنى ئالايمىكىن دەپ ، شۇ خىيالدا تۇرغىنىمدا ماۋۇ قولۇمدىكى ئايفون4 تېگىشى بىلەنلا ئۇيغۇرچە يېزىقنى ناھايتى ياخشى قوللىشى ۋە ئىكراندىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى خەتلەرنىڭ تولىمۇ يېقىشلىق كۆرۈنۈشى ، مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ بەكلا راھەت بېغىشلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئالمىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋىلىش قارارىغا كەلدىم . ئايفون4 ماڭا ئېلىپ كەلەەن راھەت ۋە خوشاللىقنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە تولىمۇ ئاجىزلىق قىلمەن .
مانا ئەمدى ، ئايفون ئالسام بولارمۇ ياكى ئايپەد2 نى ئالسام بولارمۇ دەپ تولىمۇ تېڭىرقاش ئېلكىدە تۇرۇپتىمەن ، مەندە تېلېگرافنىڭ 3G كارتىسىدىن بىرسى بار ئىدى ، يىللىق ھەققىنى بىر قېتىم تۆلەپ قويساملا ۋاقىت ، ئېقىم مىقدارى چەكلىمىس يوق ، كومپىيۇتېر بىلەن تورغا چىققاندا شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم نەزەباي ، سىز ماڭا ياخشى مەسلىھەتتىن بىرنى بەرسىڭىز ، زادى ئايفون4 نى ئالايمۇ ياكى ئايپەد2 نى ئالايمۇ ؟
ئومدان…..
بىلوگنى مۇشۇنداق ئومدان يازىلا سىلى شۇڭا جىق ئادەم كىرېۋالىدۇ
بۇ كىرگۈزگۈچ پۈتۈنلەي ئايرىم بىر كىرگۈزگۈچ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئەرەب تىلىغا ئوخشاش ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەبچە كونۇپكا تاختىسىغا قىستۇرما قىلىپ قوشۇشقا مەجبۇر بولغان(iOS3 تە ئۆزىمىز خالىغانچە كونۇپكا تاختىسى قوشقىلى بولاتتى، لېكىن iOS4 تە چەكلىمىلىك كۆپ ئىكەن) بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەرەبچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستىگە قاچىلانمايدۇ، پەقەت ئەرەبچە كونۇپكا تاختىسىغا «ئۇيغۇر» دېگەن بىر تاللاشنى قوشۇدۇ. ئەگەر ئەرەبچە كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، كونۇپكا تاختىسىنى ئەرەبچىگە توغرىلىسىڭىز، ئەرەبچىمۇ نورمال كىرىدۇ.
3- باسقۇچنى قايتا سىناڭ.
مەن ئادەتتە خالاستان بىلوگىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان، شۇنداقلا ئالما ئۈسكىنىلىرىنى تۇنجى قېتىم قولىغا ئالغان ئادەمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تېما يازىمەن. شۇڭا بىر قەدەر سىستىمىلىق، ئېنىق چىقىدۇ.
مەن بۇ بىلىكتە تېما ئېلان قىلىنغاندا شۇ بويىچە قاچىلىغان، ئۇيغۇرچىنى يازالماقتا يوق، ئېغىر نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ئۆچۈرۈپ تاشلىغان، ئۆچۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنمۇ نورمالسىزلىق تۈگىمەي سىستېمىنى قايتا يازغانىدىم…
بۈگۈن تۇرۇپلا ماۋۇ تېما بويىچە قىلىپ باقمايمۇ، يارىماي قالسا شۇ باھانىدا 4.3.2 گە قايتىشنى سىناپ باقارمەن دەپ مەشغۇلات قىلسام شۇنداق نورمال قاچىلىنىپ مېنى خوش قىلىۋەتتى.
ھازىرچە ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمىدى، ئۇيغۇرچە بىلەن باشقا يېزىقنى ئارىلاش كىرگۈزۈپمۇ باقتىم، شۇنداق نورمال.
نەزەرى ئېنىمىزنىڭ سىستېمىلىق تېما تەييارلاپ بىزگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگىنىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت!
MAN KAQLIDIM LEKIN KONUPKISI KORUNMAY TURWALDI MINING IPHONE 4 IDI
مېنىڭ يېنىمغا كىرىڭلا …مەن ۋىندوۋس دا خالاستان نامىدا قىلىپ بېرەي… ھەقسىز…
ھەي بۇ ئۇبۇنتۇدا يەنە ئەپلەشمىدى دەيمىنا .قانداق قىلساق بولا ئەمدى.
ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ cydia مەنبەيىمىز بولغان بولسا ھەممە ئىش cydia دىلا پۈتۈپ كېتەركەن شۇنداقمۇ؟
نەق ۋاقتى….كېيىن قالمىدىڭلا….
مەن كېيىن قاپتىمەنغۇ بۇ ياخشى ئىشتىن ،قىنى باشلىۋەتتىم
ۋەششىي نوچى چىقتى….
رەھمەت…
ۋاھ كۆپ رەخمەت !!! ھەقىقەتەن بىر چوڭ ياردەم بولدى كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ جۇما مەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان بىر كىرگۈزگۈچ ياساي دەپ ئويلىغان لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق شۇ توغتاپ قالغانتىم دەڭلا ئاداش ھەقىقەتەن ئەمگىكىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!!!!!!!!!
يەنە بولمىدى بۇ! بىلىكتىكى ماۋۇ ئىنكاستىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:http://bbs.bilik.biz/redirect.php?goto=findpost&ptid=24048&pid=185473&fromuid=2151
بىلىكتە كۆرۈپ پەقەت چۈشىنەلمىگەنتىم، قېنى سىناپ باقاي.
ئۈنۈم رەسىملىرىگە قارىسام بوشلۇق ۋە تامام دېگەن كۇنۇپكىلار ئەرەبچە تۇرىدۇ.ئەرەبچە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستىگىلا قاچىلىنىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئۇنداق بولسا ئەرەبچە كىرگۈزگىلى بولمامدۇ؟