iPhone4S چەتئەلدە 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سېتىلىدۇ

جوڭگودا قاچان بازارغا كىرىشى تېخى ئىنىق ئەمەس. تۆۋەندىكىسى يىڭى ئەۋلاد iPhone نىڭ قېپى.

 تەھلىلچىلەرنىڭ پەرىزىگە  قارىغاندا باھاسى 4000سوم ئەتراپىدا بولغۇەك، ئەمما يىڭى يى كىرىشتىن بۇرۇن 5000 سومدىن تۆۋەن باھادا ئالغىلى بولىشى ناتايىن.

«iPhone4S چەتئەلدە 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سېتىلىدۇ»نىڭ 15 ئويلىغانلىرى بار

  1. بۇغۇ ھەقىقەتەن خوشخەۋەر ئىكەن ، لېكىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان iphone4 لىرىمىزنىڭ نەشىرىنى يېڭى چىققان iphone نىڭ نەشىرىگە كۆتۈرەلەمىزمۇ ؟ يەنە بىر گەپ ، يىل بېشىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان قارلۇق شىركىتىنىڭ iphone نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى مۇشۇ يېڭى نەشىردىكى iphone بىلەن ئوتتۇرغا چىقارمۇ ياكى سۇغا چۈشكەن تاشتەكلا يوقاپ كىتەرمۇ ؟ قىممەت بولسىمۇ سىتىۋالساق بولاتتى ئۇيغۇرچىلاشقان سېستىمىسىنى ، بەكلا تەقەززا قىلىۋەتتى . مەن راستىنى ئېيتسام مۇشۇ iphone نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللىشىنى كومپىيۇتېردىكىدىنمۇ ياخشى قوللايدۇ دەپ قارايمەن . ھەر قانداق بىر ئۈسكۈنىدە (كومپىيۇتېرلاردىمۇ)ئۇيغۇرچە يېزىقنى iphone دەك راۋان ، نورمال قوللاپ باققاننى كۆرمىگەن . iphone نىڭ ئۇيغۇرچىنى شۇنچە راۋان قوللايدىغانلىقىغا بەكلا قايىلمەن . ئۇيغۇرچىنى بۇنداق نورمال قوللاشنى ھەتتا windows مۇ ھېس قىلغىلى بولماس .

    1. دەل شۇنداق. مەن iPhoneغا دېتال ئېچىش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى iOS رەسمىي كۆپ تىللىق سىسىتىما ئكەن، شۇڭا تىگىدىن كۆپ تىللىق قىلىپ يېزىلغان ئىكەن.
      5-ئەۋلاد چىقسا 4-ئەۋلادقىمۇ iOS5نى قاچىلىغىلى بولىدۇ. پەقەت سۈرىتى ئاستا بولۇپ قالمىسىلا باشقا ئىقتىدارى تەڭلىشەلەيدۇ.

    2. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئۇيغۇرچە فونت، ئۇيغۇرچە تىل بولاقلىرى كىيىنكى نەشىر (iOS5) تە يوق. لىكىن مىنىڭ ۋاقتىم چىقسا تىل بولىقىنى تارقىتىمەن.

    1. ھازىر ئۆزۈمنىڭ قولۇمدا ئالما يوق بولۇپ قالدى. شۇڭا ھازىر كىرگۈزگۈچنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەن.تىل بولىقى ياسايدىغان ۋاقىتتا سىزنى مەن ئىزدەيمەن.

  2. ناھايتى ئۇلۇغ ئىشلارغا تەرەددۇت قىلىۋاقاندەك قىلىسىز نەزەرباي بۇرادەر ، نەچچە كۈندىن بىرى نەزەرباي مېنىڭ ئىنكاسىمغا قانداق جاۋابنى قايتۇرۇپ ، يېڭىلىق ئېلىپ كىلەر دەپ تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلاپ تۇرغان ئىدىم ، ئاخىرى بۈگۈن بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرۇپسىز . تىل بولىقى ياسايدىغان ۋاقتىڭىزدا ھايت دېۋەتسىڭىز ، بىزمۇ ياردەملىشىدىغان ئىشلار بولسا قاراپ تۇرمايمىز جۇمۇ :razz: مەسىلەن ،سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ سايسىدە ، ئايفوندىكى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ، سېتىما يېزىش ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش ، نەشىرنى يۇقىرلىتىش ، سىناش دېگەنلەرگە <> بولۇپ كەتتۇق :lol: ، ۋاقتى كەلگەندە ئايفونۇمدا ھەر قانداق چاتاق چېقىشتىن قورقماي تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەمدەم بولۇشقا تەييارمەن . سىزنىڭ چ چ نومۇرىڭىز مەندە بار ، ئىش بولسا ھايت دەڭ ، مەنمۇ تەييار.

  3. بەك ياخشى ئشقا تۇتۇش قىپسىز،قارلۇقتىكىلەرگە ئشتەي ساقلاپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرغىلى نەۋاخ.ھىچبىر سادا يوق يوقاپ كەتتى ،ئادەمنى بەكمۇ ئۇمۇدسىزلەندۇرۇپ .ھازىر فونىتمۇ بار بولدى ،ئەڭ مۇھىم مەسلە ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچتە قالدى.ئۆلچەملىك ھەرقانداق نەشىردىكى ئايفۇنغا ماس كىلىدىغان كىرگۇزگۇزگۇچنى ياساپ تىزراق تارقاتسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى .ھەقلىق تارقاتسىڭىز مۇ مەيلىتى .سىزنى قوللاش يوزىسىدىن بولسىمۇ بىرىنچى بولۇپ مەن سىتىۋالغان بولاتتىم .سىزنىڭ بۇ ئشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بەكمۇ مەنمۇن بولدۇم .جاۋابىڭىزنى ساقلايمىز.

  4. بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتامسىز؟ بلۇگىڭىزدا يېڭىلىنىش بولمايۋاتىدۇ… قولىڭىزدا ئالما يوق شۇڭا تەتقىقات-ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قېلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ كۈندە دېگۈدەك بىر نەچچە قېتىم كىرىپ يېڭى تېما يوق كۆڭلۈم يېرىم چىقىپ كېتىۋاتىمەن…

  5. توردا iOS5 نى نا مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھەققىدىكى تېمىلار ۋە خەنزۇچە دەرسلىكلەر خېلى كۆپ. بىراق مەن بىر قانچە قېتىم سىناپ ئوڭۇشلۇق تۈرمىدىن قاچۇرالمىدىم. مەشغۇلات توغرا بولغاندەك قىلسىمۇ Cydia نورمال ئەمەس. مەنبە قوشەن دېسەم ياكى دېتال ئىزدىسەملا چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى چاغدا قوزغىلىپ يېڭىلاش باسقۇچىدىلا چېلىنىپ كېتىدۇ. ئايفوننى قايتا قوزغاتسام نورمال قوزغىلىدۇ. يېتەكلىگىلى سالمايدۇ…

  6. رەشىدكامنىڭ مەسىلىسىگە مەن بۈگۈن تولا ئۇچراپ ئاخىر ھەل قىلدىم. خۇدا خالىسا ئەتە مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش ۋە يىتەكلەش، ئاۋۇ مەسىلىلەرنى تۈزەش دەرسىلىكىنى يوللايمەن.

  7. ئېسىمگە كەلگەندە يەنە بىر مەسىلىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋالاي، دەرسلىك تەييارلىغاندا دىققەت نەزەرىڭىزدە بولار:
    باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا iOS5 تە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇشتا بەزى ئاۋارىچىلىقلار كۆرۈلگەندەك. شۇ سەۋەبتىن iOS5 كە كۆتۈرگەنلەر4.3.3 كە چۈشۈۋېلىۋاتقاندەك. مېنىڭ ھەرگىز كەينىگە يانفۇن يوق. iOS5 تىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تاللاپ ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى ۋە خومى كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان AssistiveTouch ئىقتىدارى مېنى ئەڭ جەلىپ قىلىۋالدى. iCloud ئىقتىدارىنى تېخى ئاڭلىق ھالدا چۈشىنىپ يەتكۈدەك بولمىدىم. دەرسلىك تەييارلىغاندا يۇقىرىقى مەسىلىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: