بۇ تېما بىلىك كۇلۇبىدا قىززىۋاتقان بولۇپ، ئالماغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچ كۆچۈرۈپ كەلدىم.
بۇرۇن ئالما مەھسۇلاتىنى قىممەت دەپ ھەۋىسىم بولسىمۇ سېتىۋالغۇدەك شارائىت يوق ئىدى،مانا ئەمدى بىر نەچچە مەھسۇلاتى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بۇ مەھسۇلاتقا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلاشتى .يېقىندا ipad2مۇ ئېلىپتىمەن. تورلارغا قارىسام بىزدە iphone.ipadمەستانلىرى ۋە ئىشلەتكۈچلىرى خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.ئويلىغنمدىنمۇ ئارتۇقراق….ئالى مەكتەپكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا قارىساقمۇ 5000سوملۇق شۇ ئايفونلار تۇرغان……..ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ سېستىمىنىڭ خېرىدارى بارغانسىرى كۆپىيشىگە ئەگىشىپ شۇنى ئويلاپ قالدىم.
بۇرۇن بىر ۋاقىتتا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگودىكى ئىجرائىيەسى شىنجاڭغا كېلىپ قارلۇق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹قارلۇق ئالما تەتقىقاتچىلار تەجرىبخانىسى›قۇردى.ئۇ ۋاقىتتا خېلى داغدۇغا بولۇپ كەتتى.بىلۋال تور بېتىدە پەخردىن قارلۇقنىڭ ئامرىكغا بېرىپ apple شىركىتى بىلەن كۆرۈشتى.قارىسام توردا خۇددى قارلۇق ئالما شىركىتىنى سېتۋالغىلى بارغاندەك داغدۇغا قوزغاپ كەتتى،ھىچ بولمىسا مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم ئالما مەھسۇلاتىدا ئۇيغۇرچىگە بولغان قوللىشى ،دىتاللار پەيدا بولدىغان بولدى دەپ . لىكىن ھازىر 4يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ. قارلۇق ئالما تەجرىبخانىسى رەسمى قۇرۇلدىمۇ ياكى قۇرۇلىۋاتامدۇ .قۇرۇلماقچىمۇ؟شۇ 4يىلدا قانداق تەتقىقاتلار ئېلىپ بىرىلۋاتىدۇ ئۇنىمۇ بىلمىدۇق؟ياكى مەن بىلمەي قالغاندىمەن. بەزىدە ئاڭلاپ قالىمەن ئىچكى سىناقتا دەپ……شۇ ئىچكى سىناق قاچان بىز بىلەن كۆرۈشەر دەپ.ئاددىسى ھازىر ipad,iphoneلاردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق(يەنى ئەپتىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلاش مۇمكىن ئەمەس،تۈرمىدىن قاچۇرۇپ كۇنۇپكا تاختىسىنى قوشىۋاتقانلار بار ئىكەن) . قارىسام iphoneلارغا ئۇيغۇرچە ئەپلەر خېلى چىقىپتۇ ھىس قىلشمچە ئاۋۋال ئالمىڭزنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش كىرەكقۇ دەيمەن.مىنىڭ ھازىرچە تۈرمىدىن قاچۇرغۇش پىلانىم يوق. بۈگۈن قارلۇق يىلنامىسىنى كۆرۈپ بۇ ئىشلار ئىسمگە كېلىپ قالدى.
http://www.qarluq.com/history/
ھەمكارلىق 2007》ئۆتكۈزۈلدى.
پەخرىدىن قارلۇق ئامېرىكىدا Apple ۋە Gnomon شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
قارلۇق ئالما تەتقىقاتچىلار تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى
قارلۇق Apple تەتقىقاتچىلار يىغىنى ئىچىلدى.
ئابلەت ئابلا ۋە ئەكبەر ئىبىراھىم قاتارلىق ئۈچەيلەن Apple ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئەمدى سورايدىغىنم ، مۇشۇ يىغىن مۇشۇ تەجرىبخانا قۇرلۇشنىڭ بىرەر پايدىسى بولدىمۇ؟پايدىسى بولسا قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بولىۋاتىدۇ مەنمۇ بەھرلەنسەم ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى app storeغا 5~10دوللاردىن ساتسىمۇ ئالاتتىم.
app storeغا ئەپ چىقارسا يىلىغا 99دوللار ئالدىكەن.مەنچە بولسا قارلۇق ئۈچۈن ئۇ پۇلمۇ ھىچقانچلىك ئەمەس ئىدى. زادى بىلمدىم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەت بىلەن قۇرغان تەجرىبخانا نىمگە ئىشلتۋاتقانلىقىنى.
يەنە بىر ئىش،app storeدا كىرگۈزگۈچ ئىزدىسەك ھەقسىز ئەرەپچە پارسچە كىرگۈزگۈچلەر بار يان تەرىپىدە ئاپتور بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولدىغان يەرمۇ بار.شۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى لايىھەلەتكىلى مۇمكىن بۇلارمۇ؟ ياكى بۇنىڭمۇ بىرە قانۇنى ھۇقۇق مۈلۈك ئىشلىرىغا چېتىلامدۇ؟ مەن پەقەت ھەۋەسكار بولغاچ جىق ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن.ئەمما سادىق قوللىغۇچىسىمەن.
ئىزدە تورىدا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئىزدىسەممۇ خېلى بار ئىكەن.
http://www.qarluq.com/news/content.jsp?id=11
http://www.qimbulak.com/info.asp?id=3732&tpg=infovis.asp بۇنىڭدىكى خەۋەرنى كۆرسەم …….كىلەر يىلى دەيدۇ.لۇغەت پۈتۈپتۇ كىرگۈزگۈچ پۈتۈپتۇمىش.
شۇ ئەمەسمۇ ؟ مەنمۇ 2011-يىلنىڭ بېشىدا بۇ يىل قارلۇق شىركىتى ئايفون ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى بازارغا سالىدىكەن ،دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان ، بۇنى مۇشۇ بىلىكتىكى نەزەربايمۇ شۇنداق دەپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدى (بۇ تېمىغا قاراڭ ../keyboard)، لېكىن بۇ يىل چىقىپ كىتىشكىمۇ ئازلا ۋاقىت قالدى ، يەنە كىلىپ يېڭى ئەۋلاد iphone مۇ يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنماقچى ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قارلۇق شىركىتىنىڭ iphone نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش،ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھەققىدىكى ئىشلىرىنىڭ ‹‹ سۇغا چۈشكەن تاشتەك›› جېمىپ كىتىشى ، سرلىقلىشىپ كىتىشى ھەقىقەتەنمۇ iphoneچىلارنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە . مەنمۇ iphone ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئەقلى ئىقتىدارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا (ھەتتا ۋىندوۋس كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسىدىمۇ)ئۇيغۇرچىنىڭ نىسبەتەن مۇكەممەل يۈرۈشىكىنىنى iphone دىن باشقا ئەسۋابلاردا تولۇق ھېس قىلىپ بولالمىدىم . كەمىنە مۇشۇ يىرىم يىل جەريانىدا خىلى نۇرغۇن جايلارغا باردىم ، گەرچە تەپسىلى سىتاتستىكا قىلىپ باقمىغان بولساممۇ ، مەركىزى شەھەردە ياشايدىغانلاردىن تارتىپ ، تاكى يىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى ، چەت چېگرا بويلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ، ياشاۋاتقان ئۇيغۇرچە تىل-يېزىق قوللىنىدىغانلارنىڭ قولىدا iphone بارلىقىنى كۆردۈم ، يەنە نۇرغۇن بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ئەگەر iphone دا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولسىلا قەتئى ئىككىلەنمەي iphoneئېلىش نېيتىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم . ئاساسلىقى ئۇنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىدە ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇرچە يېزىقنى نىسبەتەن مۇكەممەل قوللايدىغانلىقىغا قايىل ئىكەن . شۇڭا مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا تەپسلى ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار ، iphoneچىلار ۋە شۇ كويدا بولۇۋاتقانلارنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى يوققا چىقمىسا .
مېنىڭچە بۇ ھەمكارلىقنىڭ قانچىلىك پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى يۇمشاق دېتال ياكى كىرگۈزگۈچ…. دېگەندەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن ھېسابلىغىلى بولمايدۇ، قانچىلىك «پايدا» بولغانلىقى بەلكىم سودا مەخپىيەتلىكى بولۇشىمۇ، ياكى بولمىسا قارلۇق شىركىتىنىڭ مەخسۇس «جاكارچىسى» بولمىغاندىكىن تورداشلار خەۋەرسىز قالغان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. ئاشۇ بىرنەچچە سەپدىشىمىزنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمۇ بەلكىم نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك «پايدا» ھېسابلىنىشى مۇمكىن، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرسە ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئېلىپ كېلىدىغان «پايدا» نى پۇل بىلەن ئۆلچىسەك قاملاشماس، بەلكىم.
«ئەرك ئۇيغۇر» سىز كۆرگەن خەۋەرلەر بىرەر يىل بۇرۇنقى خەۋەرلەر شۇ، تور بېكەتلەردە كۆچۈرۈلۈپ ئېقىپ يۈرۈپتۇ.
مەن دەسلەپ iPhone سېتىۋالغاندا بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ قويۇش ئىدى، ئالگورىزملار تەييار بولغاندىكىن ئۇنى Objective C بىلەن يېزىپ چىقساقلا بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما كۆپ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇنىڭ ھازىرچە (ياكى ئاشۇ ئىزدەنگەن ۋاقتىمدا) مۇمكىن ئەمەسلىكىنى جەزملىدىم.
iOS مەشغۇلات سىستېمىسىغا يۇمشاق دېتال لايىھىلىگەندە XCode قاتارلىق ئېچىش قوراللىرىنى ئىشلىتىمىز، ئالما شىركىتىمۇ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارغا نۇرغۇنلىغان مىسال پىروگراممىلار ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى تەمىنلىگەن، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كىرگۈزگۈچ لايىھىلەش توغرىلىق ھېچقانداق تېخنىكىلىق ماتېرىيال تەمىنلىمىگەن ئىكەن، كىرگۈزگۈچ ياساش غېمىدە يۈرگەنلەر يالغۇز ئۇيغۇرلار بولماستىن بەلكى خېلى كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئورتاق باش قېتىنچىلىقى ئىكەن، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئىنگلىزچىنى يامىداپ تەرجىمە قىلىپ يۈرۈپ، ئالما شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار تور بېكەتلىرىدە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى كۆرگەنىدىم، شىركەت خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى مەخپىيەتلىك بولۇپ، ھازىرچە ئالما شىركىتى كىرگۈزگۈچ ياساش تېخنىكىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىكەن.
خەنزۇلاردا ئېقىپ يۈرگەن Sogou قاتارلىق شىركەتلەرمۇ دەل ئاشۇ تېخنىكا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ كىرگۈزگۈچىسىنى iPhone غا ماسلاشتۇرۇپ بولالماي يۈرگەنىكەن، بۇنى خەنزۇلارنىڭ بىر مۇنبەر تورىدىن كۆرگەنىدىم، بەلكىم ھازىر ياساپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر بۇ ئىشلارغا بىرەر يىل بولۇپ قالدى، بەلكىم ئالما شىركىتىمۇ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىغاندۇ، ياكى بولمىسا پارتىزانچە يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەر تەمىنلىگەن تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ كىرگۈزگۈچ لايىھىلەش تامامەن مۇمكىن. ئەينى ۋاقىتتا Cydia دىن بىرقانچە يۇمشاق دېتال چۈشۈرگەن، ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى خۇددى Microsoft Keyboard Layout Creator غا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى كونۇپكىدا قايسى ھەرپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ بەرسەكلا شۇ خىل كىرگۈزگۈچ پۈتۈپ چىقاتتىكەن. ئەمما بۇنىڭ كەمچىلىكى iPhone چوقۇم تۈرمىدىن قاچقان بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياسىغان كىرگۈزگۈچلەر ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەر ئارىسىدا كۆرۈنمەيدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ ياساش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئىنگلىزچىنى پىششىق بىلىدىغانلار ئالمىنىڭ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار تور بەتلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ باقسا بەلكىم ھازىر يېڭىچە تېخنىكىلار ئاشكارىلانغان بولۇشى مۇمكىن.
بىخلان توغرا دەيدۇ. بەيدۇ، QQ دېگەندەكلەرنىڭ كىرگۈزگۈچلىرىگىمۇ App Store دىن ئورۇن بېرىلمىگەن، پەقەت شۇلارنىڭ بېتىگە بېرىپ چۈشىرىۋېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرغان يانفونلارغىلا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. iOS قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئايرىم ياسىغاندىن، iOS نىڭ ئۆزىدە بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان قىلىشنى قولغا كەلتۈرسەك بۇ باشقا گەپ. بىراق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەڭ يېڭى iOS 5 تىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ توغرىلىق مەلۇمات يوق.
ھەمكارلىق 2007 گە مەنمۇ قاتناشقان، يىغىن ئاجايىپ يۇقىرى كەيپىيات بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ھەقىقەتەن، بۇ تۆت يىلدىن بېرى قارلۇق تەرەپتىن گەرچە iOS نى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغانلىق توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە تېخى ئاشكارىلانغىنى يوق. قارلۇقتىكىلەرمۇ Apple دەك مۇتلەق مەخپىي تۇتۇپ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا تاشلاپ كۆپچىلىكنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىۋېتىشنى ئويلاشتىمىكىن دېسەم، بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر شۇ ئىلگىرى بىر قېتىم چىققان پېتى بېسىقىپ كەتتى. بەلكىم مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى، بۇ توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قويۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. نۆۋەتتە قارلۇق يولغا قويغان مىكروبلوگ، SNS مۇلازىمەتلىرى قارلۇقنىڭ ئومۇمىي تەتقىقات نىشانىنىڭ باشقا جايغا بۇرالغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟
مەن ئورگان بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بىخلان ئەپەندىنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن قالدۇرغان ئېنگىلىزچە ياردەم تېمىلىرىنى كۆرگەن، ھازىرغىچە جاۋاب يوق. يازدىنمۇ بىز بىر نەچچە ھەۋەسكار، كەسپىيلەر بىللە بولۇپ خىلى ئېتىشۇق، ئىلگىرلەش بەكلا ئاز. ../keyboard
مەن ئەتىيازدىن قارلۇقنى زىيارەت قىلغاندا لۇغەت نى كۆرگەن. ios ئۈچۈن ياسالغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ كۇنۇپكا تاختا لاھىيەسىنى كۆرگەن(بۇ لاھىيەدىن مەن بەك رازى بولغان، ئاشكارلاش زۆرۈرىيىتى يوق). شۇنداقلا بىزنىڭ ئايرىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىشىمىزنىڭ ئورنى يوق ئىدى، ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىىللەر ئاساسەن ھەل بولۇپ بولغان ئوخشايدۇ.(ئۇيغۇرچە APIمۇ پۈتۈپتىكەن. مانا مۇشۇ قارلۇقنىڭ ئوڭ چوڭ تۆھپىسى!). كىيىنچە ئۇيغۇرچە ئەپ يازساق تىلغا ئۇيغۇر نى قوشىۋەتسەكلا ئاساسلىق كۆزنەكلىرى مەشغۇلات سىستىما تەرىپىدىن بىۋاستە تاماملىنىدۇ.
مىنىڭ پەرىزىم: بىزدە تېخى ئالما نىڭ دىققىتىنى قوزغغىدەك ئىستىمال توپى شەكىللەنمىدى. شۇڭا ئۇلارمۇ بۇنداق مەسىلە ھەل قىلىشقا ئالدىرمايدۇ. قارلۇقتىكىلەرمۇ ئالما ئالدىرتىپ، پۇلنى تەڭلەپ ئۇيغۇرچىغا ئائىت ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرمىسا ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ ئىستىقبالىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ قالىدۇ. كىيىنكى يۇقىرى ئىستىمال تىپىغا كرىىدىغان ئەقلىفون بازىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا قانچىلىك ئالقىشقا ئىرىشىدىغانلىقىنى ئالدىنقى قىتىمقى قۇتلانكام يوللىغان، بىخلان ئەپەندى تەنبىھ بىلەن ياندۇرغان تېمىدىكى كەيپىياتتىن كۆرۈش مۇمكن! دىمەك تېخى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال يېزىپ جىنىنى باقالىغۇدەك بازار تېخى يوق. بازار يوق نەرسىنى كىم قوللايدۇ؟ قارلۇقمۇ پۇل تېپىشى كىرەكقۇ؟ ئۇلارمۇ جىق ئىشلارغا مەبلەغ سالدى، تاكى ھازىرغىچە پايدىغا ماڭمىدىمۇ دەيمەن(پەرەز). كىيىنكى مەشغۇلات سىستىمىسىدا يوقلۇقى بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بولمايدىغنالىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
بىرەر كىرگۈزگۈچنى دېگەن كىيىنكى تاماق بولاقلىرىدىلا تارقىتىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بىز ئۆزىمىز ياسىغان كىرگۈزگۈچ appstoreغا چىقالمايدۇ، شۇڭا ئورگان تەرەپ قوشۇپ بېرىشى كىرەك.
لىكىن بىزنىڭ iphoneئېلىش ئالماسلىقىمىز نوقۇللا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئۇيغۇرچە دېتاللارغا تەلمۈرۈپ قالسىمۇ مۇۋاپىق بولماسمىكىن دەيمەن. بۇ مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل بولىدۇ.
بىلىك مىنىڭ (mac os x,lion,chrome) مۇھىتىمدا نورمال سىز. يۇقاردا بەلكىم ئىملا خاتالىقى باردۇ، ئەوۇ قىلغايسىزلەر.
2007- يىلدىكى گەپنى پاكىت دەپ يوللىدىڭىزمۇ؟ تورداشلارنى ئانىي تاپمايلى.
[...] قارلۇق – ئالما ھەمكارلىقى تاراتقۇ تۇلۇق تېكىستى [...]