كۆكچىش(BlueTooth)نى(خەنچە 蓝牙) نۇرغۇنلىرىمىز ئاڭلاپ باققان. شۇنداقلا بازاردىكى 20 سوملۇقتىن 20000 سوملۇققىچە بولغان تېلفونلاردا ئاساسەن ئوموملاشتى، باشقا ھەركەتچان ياكى بىقىندى ئۈسكىنىلەرمۇ بۇ خىل مۇھىت
نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. لىكىن ئالما مەھسۇلاتلىرىدىكى كۆكچىش(BlueTooth) بىر قەدەر ئالاھىدە بولغانلىقتىن يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر تۈگۈل پىشقان ئالمىچىلارمۇ تولۇق پايدىلىنىپ بولالمىدى.
Appleنىڭ قايسى خىل مەھسۇلاتى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسەن دېگۈدەك كۆكچىش(BlueTooth)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنجى سەۋەبى، دەل كۆكچىش تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قەدەر پىشقان يىقىن ئارىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش كىلىىشمى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئۈسكىنىلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن. ئۈچىنچىدىن، بۇنداق ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۆزئارا قوللاشچانلىقى ياخشى، قوللىنىلىش دائىرسى كەڭ.تۆتىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئىشلىتىدىغان سىگىنالنىڭ قاپلاش دائىرسى يىتەرلىك، شۇنداقلا بۇ سىگىنالنىڭ چاستوتىسى ھەقسىز، ھىچقانداق ئورۇنغا ھەق تۆلىمەيلا بۇ چاستوتىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
appleمەھسۇلاتلىرى ئامىركانىڭ «ئۈن-سىن بۇيۇملىرى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى» دىكى بەلگىلىمە ۋە شىركەت ئۆزىنىڭ نەشىر ھوقۇقى تۈزۈمى بويىچە ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى چەكلەنگەن. لىكىن تىڭشىغۇچقا ئۇلاپ ئاۋاز ئۇزۇتۇشقا ياكى تور سېگىنالىنى ئورتاق تارقىتىشقا بولىدۇ.
تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنلۇق دەپ ئېلان قىلىغاندىن كىيىن نۇرغۇن 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى بارلىققا كەلدى. ئاساسلىقى BlueTooth IM ,BlueTooth Image ,BlueTooth logo theme, BlueTooth Mode, BlueToothToy…. دېگەندەك. ئىقتىدارلىرى ھەرخىل، بۇ يەردە ھەممىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايمىز، زۆرۈر بولغاندا ئۇدۇللۇق تەھلىل قىلساق كۇپايە . ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يۇقىرى، شۇڭا ئۈسكىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللاردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ ھاجىتىمىزدىن چىقىشقا تىرىشىمىز.
مەن تۆۋەندە كۆكچىش(BlueTooth) دىن پايدىلىنىپ iPhone, iPodTouch, iPad دا ئادەتتىكى تېلفونلارغا ئوخشاش ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشنى تونۇشتۇرىمەن. تەپسىلىي بولسۇن ئۈچۈن باسقۇچقا كۆپ بۆلىۋەتتىم، ئەمما ئوڭاي.
1. ئۈسكىنە چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
2. Cydia غا apt.178.com ئادىرىسلىق مەنبەنى قوشۇڭ. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ، شۇنداقلا تۆۋەندىكى دېتاللارنى ئىمكان بار مۇشۇ مەنبەدىن قاچىلاڭ.
3. Cydia دىن نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى مەشغۇلات باشقۇرۇش دېتالى sbsettings نى قاچىلاڭ. دەرسلىك . بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى كۆپ، خالاستان بىلوگىمىز بۇرۇنمۇ تەشەببۇس قىلغان يەنە ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad نىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى بىۋاستىلا كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.
4. Cydia دىن ھۆججەت مەشغۇلاتى دېتالى iFileنى قاچىلاڭ. بۇ دېتالمۇ ھۆججەت مەشغۇلاتى ساھەسىدە ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىدۇ. iPhone ئىچىدىكى ھەرقانداق ھۆججەتنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى، ئۆچۈرۈش-كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 2.9MB
ئەگەر تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad قاتارلىقلارغىلا ھۆججەت يوللاشقا بولىدۇ.
5. Cydia دىن يۇقارقى دېتاللارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىشلەيدىغان ، كۆكچىش(BlueTooth) باشقۇرۇش جەھەتتە ئەڭ قولاي دېتال Celeste نى قاچىلاڭ.
6. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.
7. iPhone نىڭ 设置-通用-蓝牙 دېگەن بەلگىلەش تاللانمىسىدىن كۆكچىش نى تاقىۋىتىڭ. ئىكراندىكى باتارىيەنىڭ يىنىغا كۆكچىش بەلگىسى چىقىۋالمىسىلا بولىدۇ.
8. ئىكراندا سائەتنىڭ بەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز رەسىمدىكىدەك ئىقتىدار تاللانما كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن Celeste نى ئاچىسىز(يىشىل رەڭ ئوچۇق). ئەسكەرتىش: ئالدى بىلەن Cydia نىڭ ئىچىدىن Sbsettings نىڭ قاچىلانغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئاندىن ئىكرانىدىكى سائەت تەگلىكى رايونىدا قوش چېكىڭ، ئوڭ-سولغا سۈرۈڭ،ياكى بېسىپ تۇرۇپ… چوقۇم بىر خىل ھالەتتە قوزغىلىدۇ.
9. iFileنى ئېچىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت (ھۆججەت قىسقۇچ بولسا پىرىسلاڭ!) نى تاللاپ ئۈستىدە بارماقنى توختاتسىڭىز بىر ئىقتىدار تېزىملىكى چىقىدۇ.
بۇ تاللاشتىن 选择 نى تاللاپ چىققان بەتنىڭ ئاستىدىن رەسىمدىكىنى تاللايسىز.
كىيىنكى قەدەم
ئەمدى ئۈسكىنە ئەتراپىدىكى 蓝牙 ئېچىلغان ئۈسكىنىلەرنى ئىزدەيدۇ. ۋە سىز بىرنى تاللىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدەك
جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يۇقاردا كۆرۈنگەن نومۇرنى ھۆججەت يۆتكىمەكچى بولغان ئۈسكىنىگە تولدۇرسىڭىزلا ئىش تامام.
قوشۇمچە:
بۇ دېتالدا تۇرۇپ يەنە باشقا ئۈسكىنىلەردىن ھۆججەت قوبۇللاشقىمۇ بولىدۇ. تەرتىپى يۇقارقى تەرتىپتىكى 9- قەدەمگىچە(iFileنى ئاچقان ھالەت) بولىدۇ.باشقا ئۈسكىنىدىن يوللايمىز. قوبۇل قىلغان ھۆججەتلەر /var/mobile/received دە بولۇپ، ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن يۆتكەپ ئىشلىتىمىز.
قوشۇمچە2:
8-باسقۇچتا تاللاش ئىناۋەتسىز بولىۋالغانلار
http://dl.dbank.com/c0xe0n1mi1
ئۇلىنىشتىن
mobilesubstrate_0.9.3367-1_iphoneos-arm.deb دېتالنى چۈشۈرۈپ
دە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا قويۇپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغاتقاي.
سىز قاچىلىغان بىرەر قىستۇرما چاتاق چېقىرۋاتامدۇ قانداق؟ ماڭا رەسىم تۇتۇپ بەرسىڭىز.
ئاشۇ بەتتىكى 讯雷下载دېگەن يەردىن چۈشۈرىسىز
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
مەن 9. باسقۇچتا مەسىلىگە يولۇقتۇم:
Celeste نى قوزغاتتىم لىكىن iFile نى ئېچىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئۈستىدە بارماقنى توختاتسام، 选择 چىقمىدى ( باشقىلار رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك نورمال، پەقەت مۇشۇ 选择 لا يوق ) بۇ نىمىنىڭ كاشىلىسىدۇ ؟
yahxemu sez nazare apan de maga mawuni kandak quxurux ususl ni dap bar segez bot kan http://dl.dbank.com/c0xe0n1mi1
mobilesubstrate_0.9.3367-1_iphoneos-arm.deb ni zade kanda k quxur miz?
قارشى تەرەپ ئۈسكىنىنىڭ ئوچۇق بولىشىغا دىققەت قىلىڭ.
مەن ئاخرىغىچە نورمال قىلىلىدىم ،لىكىن ھۆججەت يوللايدىغان چاغدا باشقا ئۈسكىنىلەرنى تاپالمىدى ،قانداق قىلسام بولا
[...] [...]
مەندە شۇنداق نورمال غۇ.مىنىڭمۇ شۇ نەشرى بولمىسا.مەن يەنە ئىزدىنىپ تېمىنى تەھرىرلەپ قوياي، رەھمەت.
سىز تىمىڭىزدا يازغان مەشغۇلات تەرتىبى بويىچە مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم. ھەم باشقا تىلىفونلارنى تونۇتتۇم ھۆججەت يوللاش مەشغۇلاتىنى قىلىپ باقسام ئۆز ئارا نورمال تونۇدى ئەمما ھۆججەت قوبۇل قىلامسىز دىگەن ئۈچۈر قارشى يانفوندا نورمال كۆرۇندىيۇ لىكىن 10 مىنۇت ساقلىساممۇ ھۆججەتنى قوبۇل قىلىش جەريانى كۆرۇنمىدى ھەم ھىچقانداق ھۆججەت چۈشمىدى..
مەن ipod touch4 دا سىنىغان ئىدىم سېستىما نەشىرى 4.3.3
بولسا يۇقارقى ھۆججەتلەرنى قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە قارشى تىلىفونغا ھۆججەت يوللاش جەريانىنى سىن ھۆججەت قىلىپ تارقاتقان بولسىڭىز بەكلا ياخشى بولاتتى
ios نىڭ ھەرقانداق نەشرىنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ.
ئاساسىې بەلباغنىڭ 4.0.2 دىن تۆۋەنگە ماس نەشرىنى يەشكىلى بولىدۇ.
ھازىرقايسى نەشىرگىچە يەشكىلى بولىدۇ? 4。2 نىڭ يۇقۇرسىغا يەشكىلى بولامدۇ
سىز سىستىمىنىڭ ئۈستىگە قايتا تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ. ھىچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.
سيديا يوقاپ كەتتى . قايتاقوزغاتساممۇ يەنە يوق ، سىيدىيادىن قاچىلىغان نەرسىلەر مۇ يوق. يول كورسىىتىڭ نەزەرباي
مەن Sbsettingsنى خىلى بۇرۇنلا قاچىلاپ بولغان… Sbsettingsنى قوز غاتساملا ئايفوننىڭ رەسىم ئاپراتى ئىچىلىۋالىدۇ بۇنى قانداق تەڭشىسەم بولا….
مۇشۇ مەسىلىگە يۇلۇققان بۇرادەرلەر
http://dl.dbank.com/c0xe0n1mi1
ئۇلىنىشتىن mobilesubstrate_0.9.3367-1_iphoneos-arm.deb دېتالنى چۈشۈرۈپ
../wp-content/uploads/2011/05/222.jpg دە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا قويۇپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغاتقاي.
قارىغاندا سىز Celeste نىڭ باشقا قوشۇمچە بولاقلىرىنى چۈشۈرۈپسىز.
كامىدا 2MB كىلىدىغان بىر قاچىلاش پىروگراممىىسنى چۈشۈرۈڭ
ئۈستىدىن قايتا تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ. ھىچقانداق تەسىرى يوق
تور مەسىلىسى بولىشى مۇمكىن.باشقا مەنبەلەر بولسىمۇ بولىدۇ.
چۈشۈرگەندە Theme دەپ يېزىلغىغىنى ئەمەس بەلكى Network,网络工具 دەپ يېزىلغان، سىغىمى 2MB دىن چوڭ بولغانلىرىنى تاللاڭ.
مەن ھەممىسىنى قاچىلاپ بۇلۇپ Celesteنى ئېچىپ يېشىل ھالەتكە ئەكىلىپ قۇيۇپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۈتسەم通过 Celesteقىلغاندىن كىيىن Discovery Dismissدىگەن كۆرسەتمە چىقىپلا داۋاملاشتۇرغىلى بولمىدى.ھەمدە Sbsettingsئىچىدىكى Celesteيەنە قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قاپتۇ،قايتا قايتا سىناپمۇ قىلالمىدىم. ياردەم قىلغان بولسىڭىز!!!!
مەن Cydia دىن Celeste نى قاچىلاپ يانفۇننى قايتا قوزغاتتىم، ئەمما SBsettngs نىڭ ئىچىگە ياكى يانفۇننىڭ تەڭشىكىگە بولسۇن، ئىشقىلىپ ھېچقانداق يەردە Celeste يوققۇ، تاپالمىدىم،
ئەمما سېيدىيا دىن قاچىلانغىنى ئېنىق ئىدى،
باشقا مەنبەدىن چۇشۇرۇپ ھەل قىلدىم
cydia yo kap kat ti kan dak kiliman.
Celeste蓝牙文件共享 سىز دىگەن مەنبەدىن قاچىلانمىدى
مەن نەزەرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قاچىلاپ بولۇپ ، سائەتنى قوش چەكسەممۇ ئىنكاس بولمىغان ئىدى ، بۈگۈنكى ئىنكاس بويىچە سائەتتنى بېسىپ تۇرۇپ ئوڭ سولغا سۈرۈپ بىقىۋىدىم ، مەزكۇر تېمىدا كۆرسىتىلگەن سۈرەت بويىچى ئېچىلدى ، بەك قولايلىقكەن ..رەھمەت سىزگە .
نەزەرى ئەپەندىم ، مەن بۇرۇنلا SBsettns نى قاچىلاپ ، بۇ دېتالنىڭ قولايلىق باشقۇرۇش، ۋە باشقىلارنىڭ كۆرۈشىنى خالىمىغان دېتاللارنىڭ ئايكونلىرىنى يۆشۈرۈپ قويۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانتىم، راسلا بوپ قويىدىغان دېتالكەن بۇ،
يەنە ifiles نىمۇ قاچىلىغان ، ئەمما ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمىدىم، يەنى بۇ ifils دىن پايدىلىنىپ ئايفۇندىكى ھۆججەت ، ھۆججەت قىسقۇچلارنى كۆرەلمىدىم، ۋە تەھرىرلەش مەشغۇلاتى قىلالمىدىم،
ھازىر بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ Celeste نى قاچىلاي دەپ Cydia ىن ئىزدىسەم ، بۇنداق ئىسىملىك ھۆججەتتىن بىرمۇنچىسى باركەن، سىغىمى 6.7 MB دىن تارتيپ تۆتيۈزنەچچە KB غىچە باركەن، قايسىنى قاچىلاشنى بىلەلمەي قالدىم، قارىسام ئارىدا بىرسى باركەن، ئىسىمى « Celeste for SBsettngs » ئىكەن، شۇنى قاچىلىدىم، چوڭلۇغى 470 KB ئەتراپىدا،
سىزنىڭ دىگىنىڭىز مۇشۇ شۇمۇ ياكى ئاۋۇ 6.7 مىگابىتلىق چوڭىمىتى ؟
يەنە بىر ئىش، بۇ تېمىلاردىكى بىر ئۇلانمىلار قاتارىدا ifiles نى ئىشلىتىش ھەققىدە بىر ئۇلانما باركەن، ئاچسام « بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن ياكى يوللانمىغان » دەپ چىقىۋالدى،
بولسا مۇشۇ ifiles نىى ئىشلىتىش ھەقىىدىمۇ تەپسىلىرەك چۈشەنچە يوللىغان بولسىڭىز بوپتىكەن .
ئۇنداق بولسا سىز ئالدى بىلەن Cydia نىڭ ئىچىدىن Sbsettings نىڭ قاچىلانغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئاندىن ئىكرانىدىكى سائەت تەگلىكى رايونىدا قوش چېكىڭ، ئوڭ-سولغا سۈرۈڭ،ياكى بېسىپ تۇرۇپ… چوقۇم بىر خىل ھالەتتە قوزغىلىدۇ. بۇ خىل قوزغىلىش ھالىتىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
مەن ھەممە باسقۇچنى تېمىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنىمۇ تولۇق قاچىلىغان. ئەپسۇس سائەتنى ئىككى قېتىم چەكسەك ئېچىلىدىغان ھېلىقى سىيرىلما تىزىملىك ئېچىلمىدى. تەڭشەيدىغان يەر بولسا تەڭشىمىدىممۇ يا. قاتتىق خوش بولۇپ كېتىپ بىرەر ھالقىلىق يەرنى ئۇنتۇپ قالدىممۇ نېمە؟!
نەزەرباي ، مەن Cydia دىن بەزى چۆججەتلەرنى چۈشۈرمەكچى بولسام شۇ ھۆججەتنىڭ ئالدىغان قارا رەڭدە سوراق بەلگىسى ؟ چىقىۋالدى ، يەنە باشقا بىر قىسىم مەنبەلەردىمۇ شۇنداق بەلگىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ ، قاچىلىماقچى بولۇپ تاللىىسام قىزىل رەڭاە ياكى سېرىق رەڭدە ئىگىلىزچە خەتلەر چقىدۇ ، ئاندىن Cydia غا قايتىپ كىتىدۇ ، بۇن زادى قانداق مەسىلە ؟
نەچچە كۈن دەم ئالغاننىڭ پايدىسىمۇ بىراقلا بىر نەچچە تىما يوللىنىپتۇ،ئاۋۇ كۆكچىش دىتالى بوپ قويىدىكەن.
[...] iPhone 5 ھەققىدە پەرەزلەر تۇلۇق تېكىستى [...]
ئەجەپ ئېسىل تېمىدىن بىرنى يېزىپسىز نەزەرباي ، مەن مۇشۇنى خىلى ھەپىلىشىپ قاملاشتۇرالماي ، يېرىم يولغا ئەكىلىپ تاشلاپ قويغان ئىدىم ، ئەمدى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە كۆكچىشنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋالاي ، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .