يىقىندىن بىرى خالاستان بلوگىwww. نىڭ چېكىلىش قىتىمى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىپ كۈندىلىك IP سانى 2500 ئەتراپىدا بولۇپ ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ ئالدى بولۇپ قاپتۇ.alexaقىممىتىمۇ كۈنىگە 1 مىليۇندىن ئالغا سۈرۈلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تورداشلار ھەر نىمە دەپ باقتى.
تۆۋەندە بىر قىسىم بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈش خاراكتىرىدە يېزىلغان بلوگنىڭ چىكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش خام خىياللىرىنى ئاڭلاپ باقىلى، خالاستان بلوگىمۇ شۇنداق قىلغانمۇ يوق؟؟
داڭلىقلار دەيدۇكى:
بلوگنىمۇ تەشۋىق قىلىپ يۈرەمدۇ؟؟ ئەخمەق! ئۆزىمىزنىڭ مالىماتاڭ سۈرىتىدىن بىر نەچچىنى چىقىرىپلا قويساق چېكىلىش سانىنىڭ ئاشمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي!!!!!
ئىشچىلار دەيدۇ:
ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى ئايايلى! سەل كونىراق مائۇستىن بىر نەچچىنى تېپىپ خالىغانچە چىكىپ ئوينىساقلا بولدىغۇ؟
دىھقانلار دەيدۇلەركى:
چەتئەلدىكى بىر بولكا دۇكىنى بولكا ياساش جەريانىنى پۈتۈنلەي سۈرەتكە ئېلىپ توردا قويۇپتىكەن، شۇ ھامانلا نەچچە يۈزمىڭ ئەخمەق شۇنى كۆرۈپتۇ. مەنمۇ بۇغداي تېرىش جەريانىنى رەسىمگە تارتىپ قويسام كۆرەرمۇ؟
ئېلان سودىگىرى ئەجەپلىنىپ كىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
ماقالىگە راۋرۇس قاتۇرۇپ ھەيۋات ماۋزۇدىن بىرنى قويساقلا ئىش پۈتتى. مەسىلەن:«مەن ئاخشام 赵薇نى يۇيۇپ قويدۇم»… دىگەندەك. ئەلۋەتتە ئۇنداق ساراڭلار بەك ئاز قالدى ، لىكىن يەنە 10 نىڭ ئىچىدىن بىرەرسى چىقىپ قالىدۇ……
ھورۇن يۇقارقىلارغا تېخى بىپەرۋا:
ھوي، ئىشنىڭ ئوڭىنى قىلىپ، ھازىر راۋرۇس يۈز تىپىپ قىززىغان داڭلىقتىن بىرنى تىپىپ راسا تىللايمىز. دىققەت قىلمىسا تاكى دىققەت قىلغۇچە تىللايمىز، قانچە ئاچچىق گەپلەر بىلەن تىللىساق شۇنچە ياخشى. بىر تەرەپتىن بلوگىمىزغا ئېقىم توپلايمىز يەنە بىر تەرەپتىن داڭىق چىقىرىمىز، ئۇلارغا ئۆچلەر بىلەن ئاغىنە بولىۋالساقمۇ ئەرزىيدۇ.
ئالدامچى مۇنداق جۆيلۈيدۇ:
مەن بەتتىكى بارلىق مەزمۇنلارنى يوشۇرۇن قىلىپ قويىمەن. باشقىلار ئاچسا ھىچنىمە يوق، شۇنىڭ بىلەن توختىماي بەت يىڭىلايدۇ . مۇشۇنداق قىلىپ مىنىڭ بلوگىمنىڭ ئىقىم مىقدارى ئاشمامدۇ؟؟؟؟؟
ئوغرى يۇقارقىلارنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بىشىنى بىر قاشلاپ مۇنداق دەيدۇ:
ئالدى بىلەن داڭلىق بىرسنىڭ ماقالىسىنى كۆچۈرۈپ ئەكىلەپ پەقەت ئىسمىنىلا ئۆرگەرتىپ بلوگىمغا چاپلايمەن، ئاندىن كىيىن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىمەن. بىر نىمە دىسە ياخشى، دىمەي قالسا بارلىق ماقالىلىرىنىڭ ھەممىنى كۆچۈرۈپ بولۇپ ئادەم توپلاپ ئۇنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلدى دەپ بىر ئەرز قىلىمەن . قارا چىقمىغان داڭىق، ئاشمىغان ئىقىمنى مەن بىر كۆرەي………
خوش، يۇقۇردا جىددىيلەشكەن نىرۋىلىرىمىز ئۈچۈن ئازراق يىنىكلەش بەردۇق.
بلوگنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ كۆرۈرمەنگە قانچىلىك بەدىئىي زوق ۋە يىڭىچە بىلىم بىرەلىشىدە.
توغرا تاپتىڭىز…….
تەكلىماكان ئاكام كونا بۇ ساھەگە، بىز بىلوگچىلىقتا قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيمىز…….
ماۋۇ توزاققا كىرمىگەن ئادەم قالمىغان چاغۋا!، مەنمۇ كىرگەن بولىۋالاي.
لىكىن خالاستان تەكلىماكان ئەپەندىمگە شاگرىتقا كىرگەندەكلا كۆرنىۋاتىدۇ ماڭا!
ئالامەت ، بۇگۈن خالاستان باشقىچىلا قىزىپ كېتىپتىغۇ ؟
بۇ بىلوگ مەزمۇنى ياخشى بولغاچ ئادەمنى تەبىيلا ئۆزىگە قىزىقتۇرىدۇ.
خا خا
ئۆزلىرى بۇ يولدا كونا، ھۈنەر ئۈگەتمىگەندىن كىيىن ئۆزىمىز مۇشۇنداق يول تاپقاچ تۇردۇققۇ. خا خا
ھاھاھا، ماۋۇ نەزەرباي قالتىس بولۇپ كېتىپتۇ دېسە….
نېمە دەپ يېقىندا بىلىكتە ھە دېسە خالاستان بلوگى دەپ داۋراڭ سالىدىكىن دەپتىمەن.
شۇنداق. ھازىر پۇتلىرىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ كىچىككىنە باسمالارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
نەۋرۇز مۇبارەك ئاغىنەم.
كومپيۇتېرنىڭ نىمىلىكىنى كۆرمەي تۇرۇپ cpu نىڭ پۇتىنى ساناپ شۇنىڭ بىلەن
cpuنىڭ پۇتىنى تۇلا سۇندۇرۋېتىپ ئىنژىنىرلىرىمىز پۇتى يوق cpu ئىشلەپ قۇياپ
ئولتادى مىنا.
[...] بىزنى بۇنداق يازمىدىن بەھرىلەندۈرگەن قېرىندىشىمىز نەزەرىگە [...]
شۇنداق. بۇ سانلىق مەلۇمات ھىچنىمىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى زىيارەتچىنىڭ قايتا كىلىشچانلىقى
مەنمۇ ئىشەنمەيلا قالدىم…بۇنداق ئېقىم بولغانلىقىغا….
كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن دوستۇم! سىزنىڭ قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! كۈن-تۈن تەڭلەشكەن بۇ كۈندە بارلىق دوستلارنىڭ «نورۇز بايرىمى»غا شادلىق تىلەيمەن.
رەھمەت،
مىنىڭ ئۇلىم سەل پۇختا شۇڭا خا خا
نەزەرباي نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك!
cpu نىڭ قانچە پۇتى بارلىقىنى مەنمەن دىگەن نوچىلار ئۇقمايدۇ تېخى.
دىمەك سىلى ئوبدانلا پىشقەدەملەردىن. كەمتەرلىك قىلمىسىلا.
خا خا
مەنغۇ تورغا يىڭى كەلداخون چاغلايمەن ئۆزۈمنى. ھەممە بالىلار QQ ئوينىسا مەن كومپيۇتېرنىڭ نىمىلىكىنى كۆرمەي تۇرۇپ cpu مۇنچە پۇتى بار دەپ يۈرىيتتىم.
بىزمۇسىلىدك 4 5 يىل چاپساق چوقۇم سۇ كىلىدۇ ھاھاھا
شۇنداق. ئەڭ ئاخىرقى بىر قۇردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى كىنايە
ۋاھ، كارامەت ئېسىل ئۇسۇللاركەن بۇ ، لېكىن بۇ يازمىدا ئېغىر مەسخىرە، كىنايە بارمۇ قانداق ، مەن بۇنى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تېما دەپ چۈشەندىم.
قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولدىلا ئۆزلىرى
يارايلا نەزەرباي.ھەممەيلەننى تەڭ ئەخمەق قىلىپ مۇشۇ قۇرۇق گەپكە پالاقشىتىپ ئەكىلەلىگەندىكىن.
ئەسلى بىرتىللاپ داڭ چىقىراي دىگەن بوپتۇ خەر ھاھاھاھا…
قىزىپ كىتىپتىغۇ…
كۆپ رەھمەت. سىز بىزگە ئۇستاز سۈپەتسىز. ھەرۋاقىت تەلىمىڭىزگە موھتاجمەن.
بۇرادەر، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى بېسىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
خا خا
مۇشۇ يازما ئارقىلىق سىزدەك ئۇستاملارنى بۇ يەرگە كەلتۈرەلىگەن ئىكەن نەزەربايمۇ يامانكەن جۇمۇ
دەسلەپكى 5 كۈندە كۈنىگە مىليونلۇق سۈرەت بىلەن ئاشقان. ھازىر سۈرەت ئاستىلاپ كەتتى. Google يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ،
ئەمىليەتتىمۇ ئۇنداق ئېشىش تەدرىجىي ئاستىلايدىغان گەپ. قاراپ باقمامدۇق
مەن تېخى نىمە مەخپى تېخنىكا باركىن دەپتىمەن، نەزەرباي سۇنى لېيىتىپ بىلىق تۇتۇپتۇ ،-دە…خەپ
كۈنىگە بىر مىلىيوندىن ئالدىغا سۈرۈلگىلى تۇرسا 4 لا كۈندە google نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈدەك ئەمىسە.
تورداشلاردىن سورايدىغان مۇنداق بىر سۇئال چىقىپ قالدى ، ئايفون تىلفونۇم 2-ئەۋلات ،نەشىرى 3.1.3 ئىدى ،GPRS ئىقىم تۈگەپ كىتىپ تېلفونۇم ئەتىسلا بىرمۇنچە قەرىزگە بوغىۋەتتى ، نەخ گەپنى قىلسام ئەگەر سىلەردە مۇشۇ GPRSنى ئەتكىلى بولىدىغان ياكى كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدىغان سىستىمىلار بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار ،لىكىن ھەرگىز GPRSمۇلازىمىتىنى مۇلازىمەت زالىغا بىرىپ ئىتىۋىتىڭ دىمەڭلار ھە !! ،مەن شۇ مۇشۇنداق بىر سىستىمىغا ئىھتىياجلىق بوپ قالدىم ، توردىنمۇ جىق ئىزدىدىم ،لىكىن كوپىنچە چىققىنى تۆۋەن نەشىرنىڭكىكەن ، ئەگەر بىلسەڭلا ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلە!!!!!!!
ئۇمۇ بولىدىغان ئىش. لىكىن بىلىكتىكىلەر بىر نەرسە چىقمايدىغان تور بەتكە بىر كىرىدۇ ئىككى كىرمەيدۇ…..
سىزدەك بىلىكدە دەبدەبىلىك ئىمزا قوللانسىچۇ؟