ئالما مەھسۇلاتى ئىشلىتىۋاتقان ھەممەيلەن يولۇققان بىر مەسىلە شۇكى، جاپا تارتىپ AppStoreدىن تاپقان يۇمشاق دېتالىمىز بىزنىڭ رايۇنلارنىڭ تور تىزلىكى سەۋەبلىك بىرەر ئىككى سائەت ئەمەس ھەتتا بىرەر ئىككى كۈندە (نەزەرباي AppStoreدىن XCodeنى 3 كۈندە چۈشۈرۈپ بولالماي ئاخىر ب ت دا جايلىدى.) چۈشۈرۈپمۇ بولالمايمىز. قولاشمىغان يېرى، چۈشۈپ بولالمىغان يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا بولمايدۇ،
ياكى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ھەر بىر قېتىم تورغا ئۇلىساق چۈشۈرۋاتىمەن دەپ بىر تۇرسا ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنى ئۆتكەن.
ئاۋۋال iPhone,iPodTouch,iPad تىكى چۈشۈپ بولالمىغان دېتاللارنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئىككى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.
1.IFUNBOX ياكى iToolsدېگەندەك دېتاللار ئارقىلىق \user\media\downloads\ مندەرىجىگە كىرىپ ئىچىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىپ قايتا قوزغىتىمىز.
2.ئاۋۋال iTunes ئارقىلىق ئۈسكىنىدكى يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا تەڭقەدەم(同步)لەپ ئاندىن كومپيۇتېردىكى iTunes ئارقىلىق ئۆچۈرۈپ تاشلاش.
ئەمدى Mac OS X تىكى چۈشۈپ بولالمىغان دېتاللارنى ئۆچۈرۈشنىڭ بىرئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.
launchpad كە كىرگەندىن كىيىن بارلىق يۇمشاق دېتاللار كۆرۈنىدۇ. option نى باسساق چۈشۈپ بولالمىغان دېتالنىڭ ئۈستىدە كۆپەيتىش بەلگىسى چىقىدۇ. شۇ بەلگىنى چەكسەكلا چۈشۈپ بولالمىغان دېتال سەللىمازا يوقايدۇ. Mac OS X تە تىزىملاش جەدۋىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھەرقانداق دېتالنىڭ ئىجرا بەلگىسىنى بىۋاستە ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋتسەك شۇ دېتال تولۇق ئۆچىدۇ.
ئىنكاس: پەرقى 100 پىرسەنت بولىدۇ. ئاخىرى 240 ياكى 241 بولغان مۇلازىمېتىر IP سىغا ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. تەپسىلىي قايتا سىنىسىلا
ئۇنىمۇ سىنىغان. مەن شۇ كۈنىلا windows,mac os xتە ئايرىم ئايرىم سىنىدىم. زادى تورنىڭ ئىشىمىكىن دەيمەن. تۈززۈك پەرقىنى ھىس قىلمىدىم. مەنغۇ تېخى 澳门 دىكى مۇلازىمتېرغا يۈكلىگەن.
تېز چۈشۈرۈش ئۇسۇلى كۇلۇبتا بار. شۇ ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە چۈشۈرگىلىمۇ بولىدۇ. كۈنلەپ ساقلاشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. سىناپ باقالا نەزەرباي. ئايفوندىكى، iTunes تىكى ھەم Mac تىكى ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ. ھەممىنى تېزلەشتۈرىۋالدىم.