ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەتلىرىمىز! ئوبدان تۇرۇشۇپلىمۇ؟ نەزەربايمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن پالاقشىپ يۈرۈپ ئازراق تورغا چېقىش پۇرسىتى بولغاچقا باشقىسى بولمسىمۇ ئۇچۇر يوللىغاچ تۇراي.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنىڭ چىقمىقى بەسى مۈشكۈل بولدى. ھەم تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى Appleدىكىلەر دۋاملىق تۈردە ھەرخىل ياماقلارنى چىقىرىپ يوچۇقلارنى ئېتىپ تۇرغاچ پارتىزانلارنىڭ كۈنى تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.
Cydia دا نۇرغۇن ياخشى ئەپلەرنى قاچىلاپ كۆنۈپ قالغان ئادەم بىراقلا تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىگە چاپلىشىپ قالسا ھەقىقەتەن قولايسىزلىق ھىس قىلىدىكەن. ھەم ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلار ئۈچۈنمۇ تەسكەن.
يىقىندا يەنە بىر داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى Pod2g دىكىلەر iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنى ئېلان قىلدى. كۆرۈلگىنى iPhone4 بولۇپ نۆۋەتتىكى iPod Touch نىڭ ھەممە نەشرى، iPhone نىڭ 4s تىن باشقا نەشرى، iPad1 قاتارلىق ئۈسكىنىلەر مۇكەممەل قاچىدۇ. بۇنى ئېلان قىلىشقا ھەپتە ۋاقىت كەتمەيدۇ.
Apple يىڭىدىن ئىشلەتكەن A5 تىپلىق CPU دىكى قوش نىگىزلىك iPad2, Iphone4s لەرنىڭ لاھىيەسىدە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن خاككېرلار تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ بولالمىدى. ئەمما ناھايتى ئۈمۈدۋارلىق بىلەن بىزگە يىقىندا بۇ ئىككى داڭلىق ئۈسكىنىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى كۈتۈشىمىزنى قەيىت قىلدى.
مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقسا خالاستان بىلوگى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكنى ئېلان قىلىدۇ. نەزەرى، شەھرىستان-ئۈرۈمچى، سارايى-ئاق تا يېزىلدى.
ھەرخىل iphone لارنىڭ قۇلۇپىنى يىشىمەن،، بۇ ultrasn0w دىن پايدىلىنىپ قۇلۇپ ئېچىش ئۇسۇلى ئەمەس، مەڭگۈلۈك قۇلۇپ ئېچىش.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەندىكى تېلېفۇن iPhone 4, iOS 5.0.1, baseband 4.11.08 بولۇپ، نۆۋەتتىكى 5.0.1 دىن باشقا، زاپاسلانغان SHSH يوقكەن. بۇ ئەھۋالدا يىشىش (unlock) ئۇسۇلى ھازىرچە يوقكەن. taobao دا miracle vold دېگەن كارتا ماسلاشتۇرغۇچ بىلەن يەشكىلى بولىدۇ، دېگەن خەۋەر چىقىپتۇ. سىزنىڭچە بۇ ئىشلەرمۇ؟ ياكى باشقا ئۇچۇرنى بىلەمسىز؟ رەھمەت.
ھازىر مەنمۇ شۇنداق. قولۇمدا iPhone4s,ipad2 بار. تۈرمىدىن قاچۇرۇلماي ھەقسىزلىرىنى ئىزدەپ يۈرىمەن. ھەممىنى پۇلغا ئالساق بىزگە ئىغىر كىلىدىكەن ھازىر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى ئەپەندىم مەن ھەركۇنى مۇشۇ 91نىڭ باش بىتىگە دىققەت قىلىپ كۆزۇم تىشىلەي دىدى…چۇنكى مىنىڭ تىلڧونۇم مۇكەممەل تۇرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئىدى….
خوشخەۋرىڭىزنى كۇتىمىز…