يول يىراقى بولسا بولسۇن كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن_________ خاتىرەمدىن.
نەزەرى ھازىر پايتەخىتتە، لىكىن كۆڭلى يەنە شۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا دىياردا___ يۇرتتا. بۇ مىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن 7- قىتىملىق روزا ھېيتىم. يەنىلا بۇرۇنقىدەك نامازدىن يىنىپلا بىرەر ۋاخ ئوبدان تاماق يەپ. چوڭلار، كۆڭۈل يىقىنلارغا سلام يوللاپلا ئاخىرلىشىدۇ. بەلكىم كۆنۈپ كەتكەندىمەن. خوش، قانداق بولىشىدىن قەتئينەزەر كۆڭۈللەر خاتىرجەم ئۆتسە بىزگە كۈندە بايرام كۈندە ھېيىت.
تۆۋەندە شىئىرىيىتىمىزدىكى يىڭى بىر ساھەنى ئاچقان، داڭلىق شائىرىمىز، يىتۈك شەخىس ئادىل تۇنىياز نىڭ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ناملىق شىئىرىنى دىققەتكە سۇنىمەن.
ﺳﻪﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ،
ﮔﯘﮔﯘﻡ ﮔﯜﻝ ﻟﯩﯟﯨﺪﻩ ﺋﯚﭘﻜﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ،
ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﻧﯩﻤﻪ ؟ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻧﯩﻤﻪ؟
ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻱ-ﭘﯧﻘﯩﺮ،ﻳﺎﺷﻘﯧﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ.
ﺩﺍﻏﻠﯩﺪﻯ ﺷﻪﻳﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،
ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﮔﻪ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﺭ.
ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ-ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﭖ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﯟﻯ.
ﮔﯜﻝ ﺷﯧﯩﯩﺪﺍﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ،ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ- ﺳﯘ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰ،
ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻳﯘﺭﯗﻕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ.
ﮬﻪﻱ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﻛﻪﻣﭙﯜﺕ ﻳﻪﯕﻼﺭ، ﻳﻪﯕﻼﺭ ﺷﯩﺮﻣﺎﻥ ﻧﺎﻥ…..
ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﻗﯘﺵ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﺪﺍ
ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﭖ.
ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﺋﯘﺳﺴﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﻧﯩﺪﺍ
ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ.
ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻛﺎﯞﯨﻜﯩﺪﺍ
ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻚ.
ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ
ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻏﻪﻡ ﻳﻮﻕ ﻳﯩﺸﯩﻞ ﻳﻪﺭﮔﻪ.
ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﯩﺘﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ
ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ، ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ
ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﺭ ﻛﻪﺑﯩﺪﻩ،
ﺋﯚﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻧﻪﮔﻪ.
شۇنداقراق. ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپيۇتېر يوق بولۇپ قىلىپ،،،،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.نەزەرى ئەپەندى.ھەركۈنى يوقلاۋاتىمەن ھېچبىر يېڭىلىق كۆرمەيمەنغۇ،بەك ئالدىراشمۇ نىمە
ئوماق
تېخىچە چىقمايۋاتىدۇ.
ios5 كە بەلنى باغلاپ تۇرۇۋاتىمىز..
سالام يىڭى سىستىما نەشىرىدىن ھىچ خەۋەر يوقما؟
نەزەرى قىرىندىشىمىزنىڭ بۇ روزى ھىتلىق سوۋغىسىگە كۆپ رەخمەت.سىز گەرچە شۇنچە يىراقتا تۇرسىڭىز مۇ، ھىتنى ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭىز بىلەن ئۆتكۇزەلمىگەن بولسىڭىزمۇ لىكىن بىز سىز بىلەن بىللە.
نەزەرى قىرىندىشىمىز ۋە بارلىق دوسلارنىڭ ئۇلۇغ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن.
رەھمەت! قېرىندىشىم.
ۋەئەلەيكۇم. بىرگە بولسۇن!
دوستلار ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
كۆپ رەھمەت سىزگە. بىرگە بولسۇن!
كۆپ رەھمەت، بىرگە بولسۇن!
ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئېرلىرىنى بۇرۇن ئوقۇپ چۈشىنەلمەي قىيلىنىپ قالاتتىم. ئەمما بۇ شېئېرى سەل چۈشىنىشلىك ئىكەن.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، ھېيىتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئايەم مۇبارەك…
nazar bayning heytini mubarekeymen
ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن قېرىنداشلار !!!