ھەربىر Apple مەھسۇلاتى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن iTunes تىن مۇھىم قورال بولمىسا كىرەك. لىكىن ئىشلەتكەن ۋاقىتنىڭ ئىششىغا ئەگىشىپ iTunes تا زاپاسلانغان ھۆججەتنىڭ سىغىمى كۈنسايىن ئاشىدۇ. دەسلەپتە نەچچە يۈز KB بولسا، تەدرىجىي نەچچە يۈز GB غىمۇ يېتىپ قالىدۇ. جۈملىدىن مىنىڭمۇ ئىككى كۈندىلا 20GBغا يىقىن بوشلۇق iTunes تەرىپىدىن «ئەسىر»گە چۈشۈپتۇ. ھەر بىر قىتىم iphone غا سىستىما قاچىلىغاندا بىر قىتىم زاپاس يىڭىلايدىغان بولغاچ(iphone دىكى بارلىق نەرسىلەر iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېرغا زاپاسلىنىدۇ. ئۈسكىنە ئالماشسا يەنە يىڭى ھۆججەتلەر قوشۇلىدۇ) سىستىما رايۇنىمنىڭ يىرىمى iTunes نىڭ زاپاسخانىسى بولۇپ كىتىپتۇ.
بۈگۈن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بۇ «مەخپىي ئۇۋا» نى تاپتىم. سىستىما رايۇنى كۆپ ئىگەللىۋىلىنغان تورداشلار تۆۋەندىكى مۇندەرىجە بويىچە قاراپ باقسا بولىدۇ.
سىستىمىدىكى ئادىرسى مۇنداقكەن C:\Users\nazary\AppData\Roaming\Apple Computer\MobileSync\Backup
بۇ يەردىكى Backup دىگەن مۇندەرىجىنىلا ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ. يۇقارقى مۇندەرىجە ئادىرسىدىكى nazary دىگەننىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز ئىشلەتكۈچى نامىڭىزنى كىرگۈزگەيسىز. مىنىڭ سىسىتمام Win7 . باشقا سىسىتمىدىكىلەر Backup دىگەن نام ئارقىلىق ئىزدەپ تاپسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرىت يەنە سىسىتىمىنىڭ 我的音乐,Mymusic دىگەن مۇندەرىجىسىدىمۇ iTunes بىلەن نام قويۇلغان بىر ھۆججەت بار. شۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتسەكمۇ نۇرغۇن بوشلۇق چوڭىيىدۇ.
يۇقارقى ئىككى مۇندەرىجە پەقەت زاپاس ھۆججەت مۇندەرىجىسى بولغاچ سىستىمىنىڭ نورمال ئىجرا بولىشىغا تەسىرى يوق. شۇڭا خاتىرجەم ئۆچۈرگەيسىز. لىكىن زاپاس ماتىرياللارنىڭ ئالاھىدە قىممىتى بار دەپ قارىغۇچىلار ساقلاپ قويسا كىيىن ئۈسكىنىگە ئوڭايلا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
شۇنداق. سىز مۇشۇ ھۆججەتنى قايتا كۆچۈرۈپ ئەسلىگە قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. لىكىن iTUnes دا قاچىلىمىغان دېتالنى iTunes دا زاپاسلىغىلى بولمايدۇ.
رەخمەت سىزگە،ئەسلى مۇنداق ئشكەندە،سىزدىگەن بۇ ھۆججەت پىروگىرام فايلىس مۇندەرىجىسىدە ساقلىنامدۇ ياكى ۋىندوۋس مۇندە رىجىسدىم؟
ئېپا فورماتىدىكى ئۆزىمىز قاچىلىغان دىتاللارنى مۇشۇ ئورۇندىن ئايرىم زاپاسلاپ ساقلىۋالغىلى بولامدۇ؟