كومپيۇتېردا ipod,iphone,ipadكە توك قاچىلاش ئۈچۈن iTunes نىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى كىرەك بولىدۇ.
ئەڭ يىڭى iTunes نى بۇ تېمىدىكى ئورۇندىن چۈشۈرگەيسىز.897.html
مانا Apple نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىشلىتىپ بولۇپتىمەن. ئۆزۈمگە تەۋە2 iPad مۇ قولۇمدا. ئىشلەتكەندىكى بىرىنچى تۇيغۇ شۇ بولدىكى، پۇلىغا يۈز كىلەلەيدىكەن.! بۇ توغۇرلۇق گەپنى ئايرىم يازمىدا تەپسىلىي دەي.
بىر ئاخشام باتارىيە بىلەن تورنى سىنايمەن دەپ كىنو كۆرۈپ مەن ئۆزۈم توكنى تۈگىتەلمەي ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىگەن قارىسام 33% توك قاپتۇ. ئاپىرىپلا كومپيۇتېرغا چېتىپ قارىسام توك قاچىلانمىدى دىگەن ئەسكەرتىش تۇرىدۇ. بېشىمدىن تۈتۈن چىقتى، يەنە چىقتىمۇ بۇمەسىلە؟؟؟
دەررۇ ساتقۇچى قىزغا تېلفون قىلسام، «سەھەردە شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزدىڭىز يىگىت، مىنىڭكىدە نورمالتى سىز قايتا سىستىما قاچىلاڭ» دەيدۇ. ipad نى قانداق ئۆچۈرۈشنىمۇ بىلمەيدىغان بايقۇشتىن باشقا جاۋاب چىقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ تورغا ئىلتىجا قىلدىم.
ئەسلى apple دىكىلەر تۆۋەن بىسىمدا باتارىيەگە توك قاچىلاپ ۋاقىت ئىسراپ بولۇشتىن قورقتىمۇ قانداق windows شارائىتىدا ئەسكەرتىش چىقىرىۋالىدىكەن. لىكىن ئىچكى قىسىمدا توك قاچىلاۋىرىدىكەن. پەقەت سۈرەت ئاستا بولۇپ، تولۇق تولدۇرۇشقا 7-8 سائەت كىتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. imac ئارقىلىق توك قاچىلىسا 3-4 سائەتتىلا توشارمىش. ئۆزىنىڭ توك مەنبەسىدىمۇ شۇنداق تېز قاچىلىنىدىكەن.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن بىر قوزغىتىش پروگراممىسى چۈشۈرۈپلا ئىشنىڭ تېگىنى بىلدىم. ئەسلى windows شارائىتتىمۇ توك قاچىلىنىدىكەن، لىكىن سۈرەت ئاستىكەن. بۇ قوزغىتىش پىروگراممىسى ئىكراندا چىقىدىغان «توك قاچىلانمىدى» دىگەن ئەسكەرتىشنى يوقىتىشقىلا كارغا كىلىدىكەن.
ئىھتىياجلىق دوستلار تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى چۈشۈرگەي. كونا تېما قايتا يىڭىلاندى.
ۋە نەزەرباي، نۇرقۇتتا ئۇچۇر قالدۇرسام جاۋاب بەرمىدىلە، زەم-زەمنى يۆتكەپ بولغان بولسىلا شالاققىدە ئۇچۇر قايتۇرسىلا، بۇ ئىنكاسنى تەستىقلىمىسىلىمۇ بولىدۇ!
ئاۋۋال يېشىسىز ئاندىن Fontدېگەن مۇندەرىجىنىڭ ئېچىگە ukij.org/fonts دېگەن تور بەتتىن symbian ئۈچۈن ياسالغان فونتنى چۈشۈرۈپ قاچىلىڭسىزلا تامام.
يېشىش ئۈچۈن توردىن aymbian一键破解 دەپ ئېزدىسىڭىزلا ناھايتى كۆپ.
minig bir nokia n97 bar idi unigha pakat uyghurqa tunutalmidim silardin yar dam kutiman qq 657539823 yardam kilimasilar kirindaxlar?
ئالدىراش ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغايلا
1.بۇنىڭ ئۈچۈن ماۋۇ تېمىدا كۆرسىتىلگەن ئادىرىسىتىن iTunes نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىلا بولىدۇ.897.html
2. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە فونت ئارقىلىق خۇددى كومپيۇتېردا كۆرگەندەك (ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق) ئۇيغۇرچە خەت كۆرگىلى بولىدۇ. كىرگۈزۈش ئۈچۈن خالىغان تور بەتنىڭ ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىگە يېزىپ كۆچۈرۈپ چاپلىساقلا بولىدۇ.
3.يۇمشاق دىتال قاچىلاش دەرسلىكىنى مەن ئەتىگىچە تۈزۈپ يوللاي.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،نەزەرىي! مەن سىز ئۈرۈمچىدە ۋاقتىدا بىر ئەقلىفۇن ئېلىش ھەققىدە مەسلىھەت سالسام،3 كۈندىن كېيىن ياردەم قىلاي دېگەنچە ئۇ 3 كۈننى تاپالماي،ئاخىرى بىر ئالما ئەقلىفون 2-ئەۋلاتتىن بىرنى ئالدىم.ئەمما بۇ تىلفون بەك ئىلغار مەن بىلىمسىز بولغاچقا ئىشلىتىش جەھەتتە دەسلەپكى قەدەمدە مۇنداق ئىشقا دۇچ كەلدىم.(1) تېلېفوننى كومپيۇتېرغا تونۇتالمىدىم، شۇڭا 16 گ سىغىمدىن پايدىلىنالمىدىم.(2)ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى نورمال كۆرەلىگەن بولساممۇ، تىمىغا ئۇيغۇرچە ئىنكاس يازالمىدىم.(3) چ.چ بولمىغاچ بۇرادەرلەر بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشالمىدىم. مېنىڭ بۇ تېلېفوندا تۇنجى قېتىم دۇچ كەلگەن بۇ قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىشقا بولارمۇ؟
جاۋابىڭىزغا تەلمۈرۈپ تۇرغۇچى:يادىكار
iphone قولاي. لىكىن ئۇنىڭ ئىكرانى كىچىك، ئۇزۇن مۇددەت كىتاب كۆرۈشكە ماس كەلمەيدۇ.
ipad بىلەن iphone قايسى ئەڭ قۇلايلىق ؟
ئۇنداقتا مىنى بىر جازالىۋەتسە، ئاچچىقلىرى چىقىپ قالار…
سىلىنىڭ ئاچچىقلىرى كەپ قالسا ھەر كۈنى ئىلاننى بىر چىكىدىغان خۇيلىرى بارتى، مىنىڭ بلوگىمغا ئاشۇ ھۈنەرنى ئىشلەتسىلىمۇ مەن خاپا بولمايمەن.
مىڭنىڭ رەسىمىم تۇرىدا ھاجىم..بۇ سىز سۇرەت ھوقۇقىمغا دەخلى قىلدىڭز ھە..
شۇنداقكەن. مەن قالدۇرغان دىتالمۇ دەل شۇ.
AiCharger_V10006_XpVistaWin7 نى قاچىلىسىڭىزلا بۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالايسىز.