[مۇڭ] شادلىق قەسىدىىسى–يۈرەك قەسىدىسى

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم خالاستان بىلوگىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!

نەزەرى يىقىندىن بىرى ھىسىيات تەڭشەش، ئۆزلۈكنى تونۇش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش، ئۆي كۆچۈش، رەتلەش، تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىش… دىگەندەك غەيرى رەسمىي پائالىيەتلەرنىڭ داغدۇغىسىدا بىلوگقا كۆپ نەرسە يوللىيالمىدى. كىچىك بىلوگ بولىشىغا قارىماي كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى كۆيۈنىشى نەتىجىسىدە يەنىلا يۇقىرى زىيارەت مىقدارىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن ھەر بىر زىيارەتچىنىڭ قەدىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھەرقانداق نەرسە قەدىرلەشكە، ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشىشكە تەشنا بولىدىغان ئوخشايدۇ… خالاستان بىلوگىمۇ «ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش» روھى بويىچە داۋاملىق-قەرەللىك يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

خوش، تېمىغا قايتساق، مەن تۇرغان ئۆي بېيجىڭنىڭ شەھەر ئىچى قاتناش مەركىزىگە ناھايتى يىقىن بولغاچ كۆپىنچە شۇ يەردىن ماشىنا ئالمىشىپ باشقا يەرلەرگە بارىمەن. ئالدىنقى ھەپتىدىن تارتىپ شۇ يەردىكى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولدا بىر ھادىسىگە دىققەت قىلدىم. دەسلەپتە شۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۆتۈشمە يولدىلا ئىككى ياشنىڭ ئالدىغا باش كىيىمىنى قويۇپ گېتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىپ  «جاھاندارچىلىق» قىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن. ئەتىسى قارىسام باشقا بىر ئوغۇل بالا ئېغىز گارمونى چېلىۋىتىپتۇ، يەنە بىر كۈنى بىر قىزنىڭ ئىسكىرىپكا چالغىنىنى كۆردۈم. شۇ ئەسنادا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش يۆنىلىشىم، كىشىلىك تاللىشىم، بۇرۇختۇرما خىياللىرىمغا بىر جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم. ھاياتلىقتا يول كۆپكەن. ماڭىمەن دېسەك يول ھەقىقەتەن نۇرغۇنكەن. ئاشۇ كۈنلەردە كاللامدىن پۈتۈن ھىسياتى بىلەن مۇزىكا ئىجاد قىلىۋاتقان Ludwig Von Beethoven، تۇغما تالانىتلىق مۇزىكانت Wolfgang Amadeus Mozart، ھايات مۇزىكانت Elvis Costello، بىزنىڭ پەخىرلىك سەنئەتكارىمىز، «تامبۇر شاھى» نۇرمۇھەممەت تۇرسۇندىن تارتىپ رەسىم ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي غەمكىن يۈرگەن Adolf Hitler، يەنە ئۆزۈمنىڭ كىچىكلىكتىكى ئارزۇيۇم__Pianist بولۇشقىچە، ئۇتۇق قازانغان مىلياردېرلار، دۇنياۋى ھۆرمەتلىك شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىنىمۇ  بېشىمدىن بىر نەچچە ئۆتكۈزۈپ ئۈلگۈردۈم.

غىرىپ «سەتئەنكار»لارغا قاراپ تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى، ئىنىقسىزلىقىنى قايتا ھىس قىلدىم. مۇزىكىۋى ئاڭلار كاللامنى ھەر ياقلارغا قايدۇردى. شۇڭا بۈگۈن مۇزىكا ھەققىدە كۆپرەك جۆيلۈپ باقتىم. كەچكىچە computer,Network,Telecommunication,apple program,English,Exam… دېگەنلەرنى ئويلىغان كاللا music ئۈچۈن ئارزاق ئىشلەپ قويغاي. مەنچە تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت. ئىنسان ۋە جىسىم تەبىئىتىدىكى گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىشقا، ھوزۇرلاندۇرۇشقا، بىغۇبارلىقىدىن شادلىنىشقا ھەتتا نادانلىقىدىن پەخىرلىنىشكە، ۋىجدانسىزلىقدىن ماختىنىشقا، رەزىللىكىدىن ئىپتىخارلىنىشقا مۇمكىن بولىدىغان سەنئەت! قانداق سەنئەت ئەسىرى ياساش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە بىرىلگەن ھوقۇق. ئىسلامى، ئەخلاقى، ۋىجدانى پىرىنسىپ بويىچە ياسالغان ئەسەر ئەلۋەتتە ئىككىلا دۇنيادا ئۆز ھۆرمىتىنى تاپىدۇ.

ئاشۇ كوچىلاردا، يەر ئاستى ئۆتۈشمىلەردە، مىترولاردا ماڭا ئۇچرىغان سەيياھ سەنئەتكارلارغا قاراپ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقەتەن رەڭدارلىقىنى قايتا تەن ئالىمەن. ئۇلارنىڭ غالىپلىق، غىرىپلىق، سەيياھلىق، ئۈمۈدۋارلىق ۋە قەيسەرلىك ئارلاشقان چىرايىدىن ھاياتنىڭ «چىنلىقنىڭ ئارلاشمىسى» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. مەن كىچىكىمدىن «دۇنياغا سەنئەتكارنىڭ كۆزى بىلەن قاراش» قا ئىرادە قىلغاچ نۇرغۇن ئىشلارنى مۇشۇ نوقتىدىن چېقىپ چۈشىنىشكە تېرىشىمەن. شۇڭا مىنىڭ تۇرمۇشۇم دولقۇنلىنىپ تۇرغان دىڭىزدەك شاۋقۇنغا، ھاياجانغا، ئۈمۈدكە، تىنماي تىرىشىش روھىغا باي. ئاخشىمى كۆز يۇمۇش ئالدىدىمۇ بىر كۈنلۈك ھايات خاتىرەمنى سەنئەت لوگىكىسى بويىچە قايتا رەتلەيمەن.

تۈنۈگۈن يەنە شۇ يەر ئاستى يولدىن ئۆتىۋىتىپ بىرقىزنىڭ ساكېس (Natural Horn)تا چالغان مۇزىكىسىغا زوقلىنىپ تۇرۇپ قاپتىمەن. مىنىڭ ھاياتىمدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولغان بىر مۇزىكىنى شۇنداق بىر «جان بېقىش كويىدا» يۈرگەن سەيياھنىڭ ۋاستىسىدە قايتا ئاڭلىدىم. شۇنچىلىك مۇڭ بىلەن چېىلىنغان ئىدىكى مەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىشى ئەتراپىدا تۇرۇپ ئاڭلىدى. شۇ ئەسنادا بۇ مۇزىكىنىڭ ھاياتىمدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان مىنۇتلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى…

نۆۋەتتە: مۇزىكىنىڭ ئاددى كونسىرىتتا ئورۇندىلىشى.

Close[MP3]

21-ئەسىرنىڭ تۇنجى يىللىرى مەن تولۇقسىزدا، مىنىڭ نەدىكى كونا-بۇزۇق ئېلىكتىرونلۇق نەرسىلەرنى تېپىپ كېلىپ چۇۋۇپ ئويناشقا ئامراق ۋاقىتلىرىم، دەرس بىلەن ھەپسىلەم يوق، مۇئەللىم رەنجىمىسلا مىنىڭ نەتىجەمنى كۆرگۈممۇ كەلمەيتتى. قىزلارمۇ «بۇزۇق سائەت» دەپ تىرىكتۈرەتتىيۇ قانداق نەرسىسى بۇزۇلسا ئۇدۇل ماڭا يالۋۇرۇپ ئوڭشىتاتتى، مۇشۇنداق تەكرارلىقلار ئېچىدە ۋاقىتمۇ «غەمسىز» ئۆتەتتى. مەنمۇ نىشانسىز قىيىقتەك خالىغان شاۋقۇنغا سەكرەپ باقاتتىم. بىر كۈنى ياندىكى سىنىپتىن شۇنداق موڭلۇق بىر مۇزىكا ئاڭلاندى. ئەزەلدىن بۇنداق تېنىچلانمايدىغان مەن ئىشىمنى قويۇپ تولۇق ئاڭلاپ چىقتىم. شۇ چاغدىكى ھىسىياتىمنى ئىپادىلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەينى چاغدا كاللامغا كەلگىنى بەلكىم ئۈمۈدتۇ، بەلكىم روھلىنىشتۇ، ياكى بەلكىم ئىللىقلىقتۇ يەنە بەلكىم خىيالچانلىققا، ھىجرەتكە تولغان كەلگۈسۈمدۇ….كىيىن مۇزىكا مۇئەللىمىز بۇ ناخشىنى بىزگىمۇ ئېيتىشنى ئۆگىتىپ قويدى. بۇ ناخشا مىنىڭ 18يىللىق مەكتەپ تارىخمدىكى بىردىنبىر سۆيۈنۈپ ئۈگەنگەن سەنئەت تۈرىدىكى نەرسەمكەن. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن مەن «رىمونۇتچى» لىقنى تاشلاپ مەخسۇس مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ geometria ۋە algebra دىكى ئەڭ تەس مەسىلىلەرنى يېشىدىغان «كىتاب خالتىسى» غا ئايلاندىم.

شۇ تەرىقىدە يىرىم يىللار ئۆتتى، مەن دەرستىن چۈشۈپلا مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ مەسىلە يېشىپ ئولتۇرۇپ كەتسەم كەچ كىرگەننىمۇ تۇيماي قانچە رەت بىنا ئىچىدىن چىقالماي قالاتتىم. لىكىن مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ساراڭدەك ئولتۇرۇپ بىر نەچچە سائەتلىك ئەمەس ئايلىق دەرسلەرنى ئالدىنئالا ئۆگىنىپ بولاتتىم. كىيىن يىللىقلار بويىچە بىرىنچى بولۇپ تولۇققا چىقتىم… شۇ تەرىقىدە ناخشا ئاڭلاپ يۈرۈپ ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىدىنمۇ ناھىيەمىزنىڭ تارىخىي رىكوردىنى بۇزۇپ (ھازىرمۇ ساقلاقلىق) ئۆتۈۋالدىم.

كىيىن تەييارلىق ئوقۇشقا كەلدۇق. ئوقۇشمۇ سۆرۈن، بىسىم ئاز، ئېمتىھاندىن مۇئەللىملەر ئۆتكۈزۈشنى ئويلىسىلا ئۆتۈپ كېتەتتۇق. ئەينى چاغدا مەن π نىڭ قىممىتىنى يادلاپ يۈرگەن ۋاقىتلار، كۆڭلۈمدە چوقۇم ياپونىيەنىڭ toyota شىركىتىدىكى π نىڭ قىممىتىنى يادلاپ دۇنياۋى رىكوردنى ياراتقان ئاداشقا جەڭ ئىلان قىلىمەن دەيتتىم. شۇ كۈنلەردە مەن ماڭا ئوخشاش بۇ مۇزىكىغا ئامراق بىر خەنقىز بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ قىز مەخسۇس مۇزىكىنىڭ رەسمىي «ساراڭ»ى بولۇپ، بۇ مۇزىكىنىڭ 8 خىل تېكىستىدىن ھالقىپ ھەتتا نوتىسىنى ئالدى-كەينى، كىۋادىراتى، كۇپى… دېگەندەك تەرتىپلىرى بويىچە يادا ئالغانىكەن.

يىنىك مۇزىكا نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى

بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ ماڭا يىقىن بىر دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ «ئېغىزتىلى مەشىق» قىلىمەن دېگەن ئويدا يوقلاپ باردىم. ئىككى مۇزىكا سارىڭى بۇ مۇزىكىنى تەھلىل قىلغانمۇ بولدۇق، «ئېغىزتىلى مەشىق» نىمۇ يامان ئەمەس قىلغان بولدۇم. گەپتىن گەپ چىقىپ ئۇنىڭ كىسىلىنى سوراپ ئۇقتۇمكى، ئۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرى مىنىڭ بەدىنىمدىكى بەزى «ئۇششاق ئىشلار» دەپ ئويلىغانلار بىلەن ئوخشاشكەن. چاقچاق قىلىپ سىستىراغا تەكشۈرتۈپلا ھەيران قالدىم… بىردەمدىلا مىنى جىددى قۇتقۇزۇشقا ھازىرلا بېرىشقا بۇيرۇدى. مەن ساق كەلگەن ئادەم بىردەمدە ياتاققا ئېلىندىم… دوختۇرلار ئەتراپىمدا ئالدىراش تەكشۈرۈشلەر بىلەن، مەن ئىشەنگىم كەلمەي تېخىچە ھەيرانلىقتا، ھاڭۋاقماقتىمەن… قۇلاق تۈۋىمدە خۇددى يەنە شۇ مۇزىكا. دوختۇرلارنى ئالداپ ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ ۋېدالاشقان بولدۇم… شۇ باھانىدە «ئەلگەككە بارغان يەردە ئەرگە تېگىپ» دوختۇرخانىدا 1 ئاي يېتىپ، 2 يىل تەييارلىقتا قىلالمىغان ئىش– «ئېغىزتىلى مەشىق»نى قىلدىم. π نىڭ قىممىتىنى يادلاشمۇ قالدى. ئۇ قىزنىڭ كىسىلى جىددى خاراكتىرلىك بولغاچ مەن دوختۇرغا كىرىپ 10-كۈنى ئۇ دۇنياغا كەتكەن بولدى. مىنىڭ كىسىلىم ئاستا خاراكتىرلىك بولۇپ، ياراتقۇچىمىز ئەزرائىلغا تېخى بۇيرۇق قىلمىغاچ شۇ چاغدا ساقىيىپ ھازىرغىچە كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرۈۋاتىمەن.

«تۇرمۇش» رومانىمنىڭ ئورگىنالىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاشۇ مۇزىكىنى دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇناي…

مۇبارەك مۇزىكىنىڭ نامى–شادلىق قەسىدىسى –欢乐颂–An die Freude

نۆۋەتتە «پىئانىنو شاھى» 理查德·克莱德曼(Richard Clayderman) نىڭ ئورۇنلىشىدا.

Close[SWF] - 欢乐颂

ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى شادلىققا تەلپۈنسۇن، شادلىقتىن بەھىرلەنسۇن، شادلىققا شادلىقداش بولسۇن! ئىشەنچ، ئۈمۈدنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ______ شادلىق!
بۇ مۇزىكا داڭلىق كومپۇزېتور بېتخوۋن(Ludwig Von Beethoven) تەرىپىدىن 席勒 نىڭ شۇ ناملىق شىئىرىغا ماسلاشتۇرۇپ 1785 ئىجاد قىلىنغان.

رەسىمدە: Ludwig Von Beethoven بىتخوۋېن

رەسىمدە: 约翰·克里斯托弗·弗里德里希·冯·席勒Johann Christoph Friedrich von Schiller

بۇ مۇزىكىنى مەن 1999-يىلىدىن تارتىپ ئاڭلىغان.

2003-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «ياۋروپا ئىتتىپاقى ناخشىسى» قىلىپ بىكىتىلگەن .

رەسىمدە:  «ياۋروپا ئىتتىپاقى ناخشىسى» ئېلان قىلىنىشى

 

ئەينى چاغدا بىز ئۆگەنگەن تىكىستى ھىلىمۇ يادىمدا:

پاك-گۈزەل شادلىق ئىلاھى نۇر چاچتى كەڭ ئالەمگە،

تولۇپ ئاتەشكە قەلبىمىز كەلدۇق بۈيۈك قەسىرگە.

قۇدرىتىڭىز ئىنسانلارنى ئىناقلىققا يىتەكلەر،

ئىللىق پارلاق نۇرىڭىزدا قان قىرىنداشتەك ئۆتەر.

************گېرمانچە************

Freude, schöner Götterfunken
Tochter aus Elysium,
Wir betreten feuertrunken,
Himmlische, dein Heiligtum!
Deine Zauber binden wieder
Was die Mode streng geteilt;
Alle Menschen werden Brüder,
Wo dein sanfter Flügel weilt.

**********خەنچە**************

欢乐女神圣洁美丽
灿烂光芒照大地!
我们心中充满热情
来到你的圣殿里!
你的力量能使人们
消除一切分歧,
在你光辉照耀下面
四海之内皆成兄弟。
********ئېنگىلىزچە**************
Joy, thou beauteous godly lighting,
Daughter of Elysium,
Fire drunken we are ent’ringHeavenly,
thy holy home!Thy enchantments bind together,
What did custom’s sword divide,
Beggars are a prince’s brother,
Where thy gentle wings abide.

«[مۇڭ] شادلىق قەسىدىىسى–يۈرەك قەسىدىسى»نىڭ 14 ئويلىغانلىرى بار

  1. تەسۋىرلەشلەر ئاجايىپ ھە…؟ ! تېمىنىڭ ئايىغىنى ئوقۇپ بېشىم بىر چۆگىلەپ چىقتى، ‹ كىسىلىڭىز› غۇ يۇقمىغاندۇ ھە ماڭا..؟
    ئىسىل مۇزىكىكەن ماۋۇ…. مەنمۇ ئەزەلدىن ناخشىغا ئانچە ئامراق ئەمەس، بىراق، مۇزىكىنى بەك ياقتۇرىمەن. بىكار قالسام ئايفوندىمۇ ئانچە-مۇنچە تىرىڭشىتىپ قويىمەن… :mrgreen:

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى باي،
    ماۋۇ بلوگىنىمۇ مۇزىكا ئىجاد قىلغاندەكلا يېزىپۋېتىپتۇق ھە! كېسەل پات-پات تۇتۇپ قويسا بولامدۇ نېمە؟
    يازمىڭىز بىر قارىسا باش-ئاخىرى ماسلاشمىغاندەك، ئەمما يەنە بىر قارىسا ناھايىتى جىپسىلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئادەم ئايرىپ چىقاي دەپمۇ زادىلا ئايرىيالمايدىغان ھالەتتە ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ. تىل دېگەندە مۇشۇنداق باي بولسا ھە….

    1. مەن خىيالغا بايكەنمەن،ئەمما تىل ئىپادىلەشتە سىزدەك جانلىق يولنى تۇتالمايدىكەنمەن. مەزمۇنمۇ چۇۋالچاق، يازغانسىرى ئاۋۇپ كېتىپ، تېمىدىن چەتنەيدىكەنمەن.
      ياسىنجان، سىز بىلەن ئۈرۈمچىدە ئوبدان ئەسرا بولۇشقانتىم، بەزىدە كۆڭلۈم شۇ كۈنلەرنى بەك تارتىدۇ. كىتاب خالتىسى بۇرادەردىن 4ى بولسا، كۈندە ئىشتىن سىرىت كىتابنىڭ، بىلىمنىڭ پارىڭىنى قىلىشساق ھە…

      1. كىتاب خالتىلىرىڭىز چوقۇم بىر يەردە بولۇشى مۇھىم ئەمەس قىسقىسى مەيلى قەيەردە بولمىسۇن دائىم پىكىر-مۇلاققەتتە بولۇش مەسىلىسى مۇھىم. بىر يەردە بولسىمۇ ئۆز-ئارا ئورتاق پىكىر بولمىسا، دائىم پىكىرلىشىپ تۇرمىسا بۇنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن دەيسىز؟؟؟؟؟

  3. ئاغىنە ما مۇزىڭاڭلا چورتلا ياقمىدى، سەل ئالدىرايتتىمچۇ مەن. بىر نەرسە ئىزدەپ بىلوگىڭلىغا كىرسەم بەك تەسۋىرلىۋېتىپتىكەنسىلە نېمە ئىش بوپ كەتكەندۇ دەپ ئاڭلىسام داڭ دوڭ داڭ داوڭ دوڭ داڭ داداداڭ دودودڭ دىڭدىڭ

    1. 3 بوتۇلكا ئېچىپ كىرىپ ئاندىن ئاڭلىساڭلا رموڭلۇق ئاڭلىنىدۇ. خا خا
      چامغۇر زەردەكنىڭ سۆيگۈنى باشقا ئەمەسمۇ……

  4. بۇ مۇزىكىنى ئۇنىۋېرسىتېتتا تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس نومۇرىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن تۇرسۇنجان لېتىپ مۇئەللىمنىڭ «مۇزىكا نەزەرىيىسى» دەرسىنى ئوقۇغاندا ئاڭلىغانمەن. شۇ چاغدا تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، ھازىرمۇ قايتىلاپ ئاڭلاپ چىقتىم. ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئاڭلىغان ياكى ئۆگەنگەن ناخشا- مۇزىكىلارغا شۇ چاغدىكى ئىشلار تەبىئىيلا يۇغۇرۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلار مەن ئۈچۈن دائىملىق ئىش. بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى جىددىي ئۆگىنىش پەيتلىرى يادىمغا يەتتى…

  5. كۆپ رەھمەت سىزگە.
    مەن سىزنىڭ مىكروبىلوگىڭىزدىن كۆرۈپلا يىڭىلىغانتىم.
    ماقالە يازغاندا تولۇق بەت ھالىتىنى تاللىسا بەك چىرايلىق چىقىدىكەن.
    باشقا ئالاھىدىكلىرىنى بايقىمىدىم تېخى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: