گۈرۈچفون (小米手机) ھەققىدە بايان

يىقىندىن بىرى تورلاردا (گۈرۈچچاق ئەقلىفونى، قىسقارتىپ گۈرۈچفون دەپ تۇردۇق)小米手机دەپ تولا ئاڭلاپ كەتتۇق. تۆۋەندە خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا تەپسىلىيراق مەلۇمات بېرىدۇ.

قوشۇمچە خەۋەر: ئورگان تەرەپ مەھسۇلات سۈپىتىگە ۋە بازار باھاسىغا قارىتا چەكلىك سېتىش سىتىراتىگىيىسى قوللانغان بولۇپ 9-ئايدىن باشلاپ ئورگان بېتىدە مۇنبەر ئەزالىرىغا چەكلىك سېتۋىلىش نومۇرى تارقاتقان. ھازىر سېتىۋىلىش نومۇرى 300 سوم ئەتراپتا. ھەم نومۇرنى سېتىش- سېتىۋىلىش چەكلەنگەن. بۈگۈنكى خەۋەردىن بىلىشىمىزچە ھازىر ئەڭ بۇرۇنقى ئەزالارغا مال تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ باشقا تىزىملاتمىغان (ئەركىن بازار) دىكىلەرگەن كىلەر ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مال تەمىنلىنىدۇ. مال پەقەت بىۋاستە سېتىش ئۇسۇلىدا تەمىنلىدىغان بولۇپ ھەرقانداق 3-تەرەپتىن مال سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.

ھازىر گۈرۈچفون (小米手机) نىڭ قۇرغۇچىسى 新浪微博 دا CDMA 2000 فورماتتىكى گۈرۈچفون (小米手机)  ئىشلەشكە پىكىر توپلاۋاتىدۇ. بەلكىم قوللىغۇچىلىرى كۆپ بولۇپ قالسا بازارغا كىرىشى مۇمكىن. بۇ يەردىن كىرىپ پىكىر بېرىڭ.

小米手机بولسا ئالتۇنتاغ (金山) يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ CEO سى 雷军 نىڭ مەبلەغ چېقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان گۈرۈچچاق تېخنولوگىيسى(،北京小米科技有限责任公司小米科技) نىڭ بىردىنبىر مەھسۇلاتى.小米手机 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئەرزان قوش نېگىزلىك ئەقلىفون دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. 雷军 بولسا دىيارىمىزدىكى ھەربىر IT خادىمى تونۇيدىغان مەبلەغ سالغۇچى .  دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق پىروگراممېرلىقتىن چوڭ ئۇتۇق قازانغان ئادەم. ئېلگىرى كىيىن بولۇپ 金山公司 نىڭ ئېچىش بۆلۈم باشلىقى، لىدىرى، 卓越网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، 逍遥网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، بېيجىڭ شەھرىنىڭ ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى، 北京UC优视 نىڭ لىدىرى شۇنداقلا ھازىرقى 小米科技 (گۈرۈچچاق تېخنىلوگىيىسى)نىڭ قۇرغۇچىسى. تولۇق تەرجىمىھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. كەسىپداشلارنىڭ مۇنداق بىر باھاسى بار : 美国有乔布斯,中国有雷军!

iPhone نى ئامېركىنىڭ ئىستىمال مۇھىتىغا، ئادىتىگە ماسلاشقان مەھسۇلات دېسەك گۈرۈچفوننى جوڭگولۇقلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى ۋە بازىرىغا ماسلاشقان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ مەھسۇلات ئەرزان بولغاچ جوڭگولۇقلارغىلا خاس، سۈپىتى ناچار دېگەنلىك ئەمەس. بىر نوقتا ئىسىمىزدە بولسۇن، ھەممەيلەن ناھايتى چوڭ بىلىپ كىلىۋاتقان iPhone4s نىڭ بارلىق تەننەرخى ئاران 1200 يۈەن خەلق پۇلى. ئەمما ھازىر 6200 يۈەندىمۇ مال يوق!!! iPhone ۋە گۈرۈچفون (小米手机) ئوخشاشلا جوڭگودا ئىشلەنگەن ، بىرى جوڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى دورامچىلىق سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلسا يەنە بىرى ئامېركىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات ئېچىش سەۋىيىسىگە ۋەكىلىك قىلىدۇ خالاس.

小米手机نىڭ سەپلىمىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ دۆلىتىمىزدە تەتقىق قىلىپ ئىشلەنگەن ئەقلىفونلار ئېچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىستمىسىغا ئالقشىقا ئىرىشىۋاتقان Android ۋە 小米 ئۆزلىرى ئاچقان، Android ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسى MIUI ئىشلىتىلگەن. ئىككى سىستىمىنى تاللاپلا ئەركىن ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.  شۇڭا ھازىرقى بازاردا ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئەقلىفون دەل گۈرۈچفون (小米手机) دۇر. مەن ئۆزۈممۇ پۇرسەت بولسا سېتىۋىلىش ئويىدىمەن. ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سېتىۋالالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىدۇ.

يۇقاردا يانداشما گەپنى كۆپ يېزىپ كەتتىم، گۈرۈچفون (小米手机)نىڭ سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە :

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى 高通MSM8260 1.5GHz قوش نېگىزلىك. ئىچكى ساقلىغۇچ 1GB RAMۋە 4GB ROM. ئىكرانى 4 سۇڭ، FWVGA ئۆلچىمىدە، يەنى 854×480 سىزىمچانلىقتا. سىنكۆز 8 مىليون پېكسول.1930mAh سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن.

مۇشۇنداق يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىفون ئاران 1999 يۈەن. شۇنداقلا ”جوڭگودىكى تۇنجى قوش نىگىزلىك ئەقلىفون“ دېگەن نامغا ئىگە. iPhone سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمىگەن، مۇرەككەپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش، دېتال قاچىلاش … قاتارلىقلارغا كۆنەلمىگەنلەر مۇشۇ ئەقلىفوننىلا سېتىۋالساڭلار غىمىڭلار ئازىيدۇ.

تۆۋەن بۇ ھەقتە ئەڭ يىڭى فىلىمدىن ھوزۇرلىنايلى

Close[SWF] - 小米手机

«گۈرۈچفون (小米手机) ھەققىدە بايان»نىڭ 15 ئويلىغانلىرى بار

  1. مىنىڭچە بۇ تىلىفۇننى تاغ -تۇرا دىگىلى بولماسمىكىن.قاتتىق دىتال جەھەتتە ئايفۇندىن يۇقرى تۇردىكەن .مىنىڭچە ئىلىشقا ئەرزىگۇدەك.

  2. بەرىبىر تاغ تۇرا تېلېفونى ھامان تاغ تۇرالقىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ ، قاتتىق دىتال سەپلىمىسى يۇقىرى بولغان بىلەن شۇنىڭغا ماس بولغان يۇمشاق دىتال سېسىمىسى بولمىسا ، سېتىشتىن كېيىننكى سېتىملىق ، ئەتىراپلىق مۇلازمىتى بولمىسا ، شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس ھالدا زور كۆلەمدىكى قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى ئاچقۇچىلار ……بولمىسا ھەر قانچە يۇقىرى سەپلىمە سەپلىۋەتسىمۇ بەرىبىر بىكار، مە ئايفوننىڭ ئۇتۇق قازىنىشنى 20% قاتتىق دىتال سەپلىمىسى ئىگىلىسە 80% نى iOS نىڭ ۋە سانى ناھايتى سانى ناھايتى كۆپ بولغان قوللىنىشچان پىروگراممىلاردىن دەپ قارايمەن . بۇنداق گۈرۈچلەر ئايفوندەك دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت ، مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ، قايىل قىلىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ، خۇددى QQ جۇڭگودىن چىقالمىغاندەكلا .
    美国有乔布斯,中国有雷军! ، ماۋۇ گەپ بەكلا مۇبالىغە بولۇپ كىتىپتۇ ، بۇ ئىككىسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن ؟ بىرسىنى يەرشارىلىقلا بىلىپ كەتكەن ھەم ئىتىراپ قىلغان تۇرسا ، يەنە بىرسى ئەمدى ئۆسۈۋاتقان شال مايسىسى تۇرسا ، مۇشۇنداقمۇ ئوخشىتىپ ئادەمنىڭ كەلمىگەن كۈلكىسىنى زورلاپ كەلتۈرەمدىغاندۇ ؟
    مەيلى تېخنىكا ، سەنئەت ، قوللىنىشچان پىروگرامما ياكى قاتتىق دىتال بولسۇن گۈرۈچفو بىلەن ئايفوننى بىر قاتاردا قويۇپ سېلىشتۇرۇش تولىمۇ كۈلكىلىك .

  3. بەرىبىر تاغ تۇرا تېلېفونى ھامان تاغ تۇرالقىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ ، قاتتىق دىتال سەپلىمىسى يۇقىرى بولغان بىلەن شۇنىڭغا ماس بولغان يۇمشاق دىتال سېسىمىسى بولمىسا ، سېتىشتىن كېيىننكى سېتىملىق ، ئەتىراپلىق مۇلازمىتى بولمىسا ، شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس ھالدا زور كۆلەمدىكى قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى ئاچقۇچىلار ……بولمىسا ھەر قانچە يۇقىرى سەپلىمە سەپلىۋەتسىمۇ بەرىبىر بىكار، مە ئايفوننىڭ ئۇتۇق قازىنىشنى 20% قاتتىق دىتال سەپلىمىسى ئىگىلىسە 80% نى iOS نىڭ ۋە سانى ناھايتى سانى ناھايتى كۆپ بولغان قوللىنىشچان پىروگراممىلاردىن دەپ قارايمەن . بۇنداق گۈرۈچلەر ئايفوندەك دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت ، مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ، قايىل قىلىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ، خۇددى QQ جۇڭگودىن چىقالمىغاندەكلا .
    美国有乔布斯,中国有雷军! ، ماۋۇ گەپ بەكلا مۇبالىغە بولۇپ كىتىپتۇ ، بۇ ئىككىسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن ؟ بىرسىنى يەرشارىلىقلا بىلىپ كەتكەن ھەم ئىتىراپ قىلغان تۇرسا ، يەنە بىرسى ئەمدى ئۆسۈۋاتقان شال مايسىسى تۇرسا ، مۇشۇنداقمۇ ئوخشىتىپ ئادەمنىڭ كەلمىگەن كۈلكىسىنى زورلاپ كەلتۈرەمدىغاندۇ ؟
    مەيلى تېخنىكا ، سەنئەت ، قوللىنىشچان پىروگرامما ياكى قاتتىق دىتال بولسۇن گۈرۈچفون بىلەن ئايفوننى بىر قاتاردا قويۇپ سېلىشتۇرۇش تولىمۇ كۈلكىلىك .

    1. بۇ تېلفوننى تاغتۇرافون دېيىشكە بولمايدۇ. رەسمىي ئىجادى مەھسۇلات دېمىسەكمۇ ئۇنچە چۈشۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس. ئەلۋەتتە، iPhone ئەڭ پەچەت، ئەمما باشقىلارنىڭمۇ ياخشى تەرىپىنى بىزمۇ كۆرىمىز، iPhone مۇ ئىتىراپ قىلىدۇ.
      بۇ تېلفوننىڭ سېستىمىسى دەل شۇ iPhone نىڭ رىقابەتچىسى Google ئاچقان Android . مەنچە سېتىۋىلىشقا ئەرزىيدۇ. مەن چوقۇم سېتىۋالىمەن.

  4. Android سىستىمىسى قاچىلانغان يانغۇنلارنىڭ بازار ئىگەللەش نىسپىتى ئايغۇندىن يۇقىرى.ئۇ بىر ئوچۇق كودلۇق سىستىما بولغانلىقى ئۇچۇن يۇمشاق دىتال مەنبەسىمۇ خىلىلا كەڭرى،Android سىستىمىلىق يانغۇنلارمۇ خىلىلا كىشلەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشىۋاتىدۇ.

  5. كومپىيوتىر سىتىۋالساق ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىمىز ئۇنىڭ ماركىسى ھەم قاتتىق دىتال سەپلىمىسى،ھازىرقى بەزى تىلىغۇنلار بارغانسىرى كۇمپىيۇتىرنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۇرۋاتقان بۇلغاچقا كومپىيوتىردا قىلىدىغان خىلى كۆپ ئشلارنى ھازىرقى يۇقرى ئقتىدارلىق ئەقلغۇنلار ئارقىلقمۇ قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ كەتتى ،شۇڭلاشقا قاتتىق دىتالنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ.قاتتىق دىتال سەپلىمىسى قانچە يۇقرى بولسا مەشغۇلات شۇنچە تىز ھەم قولاي بولۇپ قالماي ،مەشغۇلات سىستىمىسىنى قانچىكى يۇقرى نەشرىگە كۆتۇرۇش ئىمكانيىتى شۇنچە يۇقرى بۇلىدۇ.بۇ تىلىغۇننىڭ باھاسىمۇ تۆۋەنكەن،لاھيەسىمۇ خىلى ياخشى ئىكەن،چەتئەلدە ئشلەنگەن قاتتىق ھەم يۇمشاق دىتال سەپلىمىسى مۇشۇنۇڭغا تەڭداش يانغۇنلارنى ھەرگىزمۇ 4000-5000 يۇەندىن تۆۋەن ئالغىلى بولمايدۇ.مىنىڭچە ئىلىپ ئشلىتىشكە تامامەن ئەرزىيدۇ

  6. ھاجىكا، ماۋۇ گۈرۈچچاقنى بۈگۈن پۈتۈن كۈن دېگۈدەك ئىز قوغلاپ چىقتىم،(دەرستىن قاچتىم جۇمۇ توغرىسى) خاپۇمماي مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بولسا «يەڭ ئىچىدە»دىيىشىۋالىلى :lol:

  7. بۇ تېلېفوننى ئىشلەپچىقۇرغىلارمۇ تاغتۇرا مەھسۇلات دەپ ئېتىراپ قىلدى، ئەمما بارلىق تاغتۇرا تېلېفونلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قالتىسى مۇشۇ تېلېفون بولسا كېرەك. لېكىن گۈرۈچچاقتىكىلەر داۋاملىق تىرىشسا كېيىنكى تېلېفونلىرى بەلكىم جۇڭگودىن چىققان تېلېفونلار ئىچىدە بىردىنبىر ماركىلىق تېلېفون بولۇپ قىلىشى مۇمكىن

  8. پۇلۇم بولغان بولسا چۇقۇم ئالغان بۇلاتتىم، ئايپۇن ئايپۇنلا دەيدىكەن، ئايفۇن دىگەن كومپىيۇتېر بىلمەيدىغان ئادەم ئىشلىتىدىغان تېلفۇن ئۇ.

  9. بۇ دېگەن بىر تىجارەت.ئۇنىڭ ئەرزان بولىشىدا سەۋەب كۆپ.
    بۇ تېلىفوننى ئالما بىلەن سېلىشتۇرماڭلار،بۇ گۈرۈچ ئالمىنىڭ يېنىغىمۇ يېقىن كېلەلمەيدۇ.
    Androidقاچان يۇمشاق دېتال بازىرىنى رەتكە سالمىغىچە تەرەققىياتى ياخشى بولمايدۇ.

    يەنە بىر گەپ.美国有乔布斯,中国有雷军 بۇ بىر يۇمۇر گەپ بوپتۇ…..بۇ خۇددى مېنى ئا.ئۆتكۈر بىلەن سېلىشتۇرغاندەك ئىش بوپتۇ…. :lol:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: