خالاستان ئاگىنتلىقى خەۋىرى: بۈگۈن ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن بىلدۇقكى، Appleنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد ئەقلىفونى iPhone4s كىلەر ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، تنىچ ئوكيان ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10دا apple يىڭى مەھسۇلات قىلىش يىغىنى ئاچىدىغانلىقى توغۇرلۇق تەكلىپنامە تارقىتىپتۇ. بۇ ۋاقىت بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر 1 گە توغرا كىلىدۇ.
10-ئاينىڭ 4-كۈنى appleنىڭ مەھسۇلات قىلىش يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى AllThingsD تىكىلەر ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان بولۇپ ئاخبارات ۋاستلىرى ھەر خىل ئىنكاسلارنى قىلغان. يۇقارقى تەكلىپ چىققاندىن كىيىن ھەممىنىڭ كۆزى بۇ يىغىندا ئېلان قىلىنىدىغان مەھسۇلات ئۇچۇرىغا قارىتىلدى.
تۆۋەندىكىسى كىيىنكى ئەۋلاد iPhoneنىڭ2 پەرەز رەسىمى:
خالاستان بىلوگگېىرىنىڭ پەرىزىچە،بۇ قىتىم ئېلان قىلىنىدىغان مەھسۇلات بەلكىم ئەرزان باھالىق iPhone+، ۋە بەلكىم تېخىمۇ نىپىز،يىنىك، ئىكرانى چوڭ، تىزلىكى بىر ھەسسە ئاشقان iPhone4s بولىشىمۇ مۇمكىن. ئالدىنقى قېتىملىق WWDC ئېلان قىلىنغان iOS5 ئالتە كۈندىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار قاتارىدا بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى خالاستان بىلوگىدىكى مەخسۇس بەتتىن كۆرگەيسىز.
ئەگەر shsh زاپاسلانغان بولسا بولىۋىرىدۇ. ئەگەر بولمىسا پەقەت زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتۇرۇپ ھەممە نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
خا خا
ۋاھ،ئالما شىركىتى بىر بىرىدىن ئىسىل مەھسۇلاتلىرىنى ئوتۇرغا چىقرىۋاتىدۇ دىسە،ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىچىشتۇرۇپ. بىزگە ئوخشاش ئالمىجاننى بالدۇر ئىلىۋالغانلار ،كىيىنكى ئەۋلادقا پۇل يوق ئاغزىمىزنى ئۇمچەيتىپ ئولتۇرۇپ قالدىكەنمىزدە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مەن تىلفۇنۇمنى4.3كە چۈشۈرگەن ئىدىم تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلەتسەم ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن قاچىلاپ يۇرۇپ سۈرئىتى سەل ئېغىرشىپ قالدى.نەشىرنى كۆتۈرۋەتمەي 4.3كەيېڭىلىىغلى بولامۇ؟
مۇكەممەل قېچىشى سەل تەسراق. لىكىن ھازىر نامۇكەممەل قېچىپ بولدى.
iOS5 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچامۇ؟ مەن 5- ئەۋلات ئالمىدىن بەكرەك iOS5 كە ئىنتىلىۋاتىمەن
مېنىڭچىمۇ شۇ، تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، 4-ئەۋلات تېلفۇننىڭ باھاسى 99$ چۈشۈش ئېھتىماللىقى باركەن.
باھاسى 4-ئەۋلادنىڭ باھاسىنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ بەلكىم.
باھاسى نەچچە چىقار ھە!؟