مىكروسوفت ھىندىستان ئاساسلىق مائارىپ سېستىمىسىغا ھەقسىز نەشىر تەمىنلەشكە توختاملاشقاندىن كىيىن ئابونىتلار ۋە يوللىغۇچىلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بۇلۇت ھېسابلاش يۇمشاق دىتالىغا ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ خېرىدارغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.شەخسى كومپيۇتېرلارغا قاچىلىنىدىغان قىممەت باھالىق يۇمشاق دېتاللىرنى سېتىش ئاساسىغا قۇرۇلغان مىكروسوفت گۇگل ۋە باشقىلار بىلەن بولغان رىقابەتتە تىزسۈرئەتتە ئىشىۋاتقان بۇلۇت ھېسابلاش ساھەسىگە كېڭىيىشكە مەجبۇر بولغان.
بۇ ئامېرىكا يۇمشاق دىتال پالۋىنى پەيشەنبە live@eduۋە باشقا ھەمكارلىق يۇمشاق دىتاللىرىنى يەتتە مىليون ستۇدېنت ۋە يىرىم مىليون ئوقۇتقۇچىغا ھىندىستان تېخنىكا مائارىپ ھەيئيتى بىلەن بولغان كېلىشىمگە بىنائەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئيىتقان. مىكروسوفتنىڭ مائارىپتىكى يېڭىلىقى بولغان بۇ ھەقسىز مۇلازېمىتى ئې-خەت،ئىشخانا تور پروگراممىلىرى،شۇئان خەۋەرلىشىش ۋەساقلاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.بۇلۇت ھىسابلاش ئابونتلارغا نىسبەتەن ئەرزان ھەم ئاددى بولوپ بۇ يۇمشاق دىتال قاچىلاش ۋە باشقۇرغۇچىلارغا سەرىپ قىلىدىغان پۇل ۋە ۋاقىتنى ساقلاپ قالىدۇ.
مىكروسوفت ۋە گۇگلدەك ساتقۇچىلارغا نىسبەتەن ھۆكۈمەت چوڭ تارماقلىرى ئۇلارنىڭ باش نىشانى ھىسابلىنىدۇ.
ئۆتكەن ئيۇلدا مىكروسوفت زور كىرىم مەنبەسى بولغان ئىشىخانا يۇرۇشلۇك يۇمشاق دىتالىنىڭ تور نەشىرىنى ئاشكارلىغان ئىدى.
مەنبە:
http://news.yahoo.com/microsoft-wins-biggest-cloud-computing-client-174634758.html
بۇ پەقەت كۆز ئالدىكىدىن كىچىپ كەلگۈسىگە مەبلەغ سىلىش بۇلىدۇ خالاس .مىكروسوفىت ئۇنچە ئەخمەق ئەمەستۇ………..