ھەممەيلەن كۆز تىككەن مىنۇتلار— بۈگۈن سەھەر ئامىركىدا appleنىڭ “Let’s talk iPhone” تېمىسىدىكى كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشتى.
خۇددى پەرىزىمىزدەك appleنىڭ 5-ئەۋلاد ئەقلىفونى —- iPhone4s ئېلان قىلىندى.رىۋايەتلەردىكى ئەگمىسىمان iPhone5 بۇ يىلچە ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن.
سىرىتقى شەكىل ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس. ئىقتىدارى خىلىلا ياخشىلىنىپتۇ. ئىسمى جىسمىغا لايىق iPhone4 نىڭ نەشىر كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىكەن.
800W پېكسوللىق ئېنىقلىقتىكى سىنكۆز، A5 قوش نىگىزلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىنىپتۇ. نۇر سەزگۈر ئۆزىكى يىڭىلىنىپتۇ. تېخىمۇ ئىنىق GPS ئۆزىكى ئىشلىتىلىپتۇ. مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئەلۋەتتە بىلوگىمىزدا تونۇشتۇرۇلغان iOS5 ئىشلىتىپتۇ.
بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئومومى ئىقتىدارى بازارلاردىكى بەزى تورپىيۇتېر (上网本) دىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ نۆۋەتتكى ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل ئەقلىفون ھىسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرىت iOS 5 يەنە 200 دىن ئارتۇق يىڭى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ئۇقتۇرۇش مەركىزى، iMessage، يىڭى ibook، يىڭى Safari، FC Freeقاتارلىقلار بولۇپ بىز ئويلاپ يىتەلەيدىغانكى ئىقتىدارلار ئاساسەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندەك.
خۇددى قىرىنداشلىرىمىز خىيىال قىلغاندەك GSM/CDMA2000 نى تەڭلا قوللايدىغان بولۇپ بىرلەشمە، كۆچمە\ تىلگىراف خەۋەرلىشىشلەرنىڭ كارتىسىنى تولۇق قوللايدۇ. ئابونتلار بىۋاستىلا كارتا ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
[...] Maryfi ئارقىلىق كومپيۇتېردىلا ھەقس تۇلۇق تېكىستى [...]