كۆپچىلىككە ئۆزى كىچىك ئەمما رولى چوڭ بولغان مۇھىم بىر دېتالنى تونۇشتۇرغۇم كىلىۋاتىدۇ،گەرچە ئالمىغا نىسبەتەن يېڭى ئوقۇغۇچى بولساممۇ مەزكۈر دېتالنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھىس قىلدىم .ئادەتتە ئايتۇنىز ياكى 91 ياردەمچىسىدىن پايدىلىنىپ توردىن يۇمشاق دېتال چۈشەرگىنىمىزدە كۆپىنچە ئەھۋالدا كېڭەيتىلگەن نامى pxl ياكى ipa بولغان ھۆججەتنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بېلىمىز (deb دەپمۇ ھۆججەت بار لىكىن يازمىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا سۆزلەنمىدى) .pxl تپىدىكى يۇمشاق دېتاللار قاچىىنىشتا ئىگە بولىدىغان ھوقۇق root ھوقوقى بولۇپ root ھوقۇقى بولسىلا سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دېگەن گەپ، دېمەك بۇ ھوقۇق بولغاندا ھەرقاچان سىستېما ھۆججەتلىرىگە خەۋىپى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىلىدىغان «ئاق ئالما» بولۇپ قىلىش (كىسەكمۇ دەپمۇ قويىتمىز ھا ھا) كۆپىنچە root ھوقوقى بېرىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ سېستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ياكى ۋاستىلىق ھالدا سىستېما Collapse بولغاندا مۇشۇ خىل ھوقۇق بىرىلگەن ھۆججەتلەر(يۇمشاق دېتاللار) نىڭ سىستېمىنى «ئاق ئالما» قىپ قويۇش خەۋىپى بولىدۇ.
ipa قىلىپ ئورالغان يۇمشاق دېتلاللاردىكى ھوقۇق بولسا mobile ھوقوقى بولۇپ بۇنىڭدا سىستېما ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ،بۇ ھوقۇق بولمىغاندىكىن ھەتتا سىستېما شۇ دېتالنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا Collapse بولغان تەقدېردىمۇ بۇ خىل دېتالنىڭ «ئاق ئالما» قىلىپ قويۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ipa دېتاللىرىنى ئايتۇنىز ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزغا باكۇپلىيالايسىز، ھەقىقەتەن قۇلايلىق.
يۇقاردا بىرمۇنچە نەزىريە سۆزلىۋەتتىم گەپنىڭ نان تىگىدىغان يىرىنى ئەمدى دەيىتمەن….ئوبدان تېڭشاڭ….
تۆۋەندىكى ئايلاندۇرغۇچ ئارقىلىق pxl شەكىللىك يۇمشاق دېتالنى ipa شەكىللىك دېتالغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدىغان بولۇپ ئىشلىتش ناھايىتىمۇ ئاسان .
مۇشۇ بەتنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بار بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسىڭىزيۇقارقى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك پەيدا بولىدۇ، بۇ يەردىن بىرىنچى كىرگۈزۈش رامكىسىغا كومپيۇتېرىڭىزدىكى پىرىسلىغۇچ Winrar نىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز . ئاستىدىكى رامكىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان pxl شەكىللىك ھۆججەتنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز ئاندىن ئاستىدىكى «ئايلاندۇر» دېگەن كونۇپكىنى باسسىڭىز پىرىسلىغۇچ قوزغىلىپ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ، تاماملىنىپ بولغاندىن كىيىن سىز pxl بار فولدىرغا قارىسىڭىز ئوخشاش ئىسىمدىكى ipa شەكىللىك ھۆججەتنى بايقايسىز، شۇنى خاتىرجەم قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
مۇشۇنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى باسىمىز
ئەسكەرتىش: ئەگەر سز قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دېتال راستىنلام root ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئىھتىياجى بولۇپ قالسا سىز بۇ دېتالنى ipa گە ئايلاندۈرۋەتسىڭىز خاتالىق كۆرۈلۈپ ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ، ياكى نورمال ئىجرا بولمايدۇ.
[...] يۇمشاق دېتالنى بۇنداق قاچىلىسىڭىز بولمايتتى» 789.html دىگەن تېمىدا PXLنىIPA گە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلىنى [...]
91 دىگەن ئاداش بۇرۇن ipa نى pxlغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن قاچىلايتتى. خەقلەر تولا تىللاپ يۈرۈپ ipaنى ipa پىتى قاچىلايدىغان بولدى. 91 دا ipa نى قاچىلاشقا بولىدۇ.
بۇ دېتالنى مەنمۇ ئاڭلىغان، لېكىن ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن… بىر گەپ، ipa شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى 91 ئارقىلىق قاچىلىساقمۇ تېلفۇنغا يەنە تەسىرى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ…؟
xcode دەيدىغان ئېچىش مۇھىتى. بۇ پەقەت aplleنىڭ كومپيۇتېرلىرىدا (قىسمەن PCدا) ئىشلەيدىغان مەشغۇلات سىستىمىسى mac os نىڭ 10.5 تىن يۇقىرى نەشرىدە ئېشلەيدۇ. windows شارائىتىدا ئاچقان دىتالنى ئالمىغا قاچىلىغىلى بولمايدۇ. xcode تا دىتال ئېچىپ، تەقلىدى مۇھىتتا دىتالنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ، ھەقىقى ئۈسكىنىگە قاچىلاش ئۈچۈن شەخىسلەر 99 دوللارغا ھىساب نومورى ئالىدۇ، شىركەتلەر 199 دوللارغا ئالىدۇ. ئاندىن بىر تەستىق نومورىغا ئېرىشىدۇ، appstore غا قويۇش شەرىپىگە ئېرشىكەندىن كىيىن ئاندىن ھەقىقى ئۈسكىنىگە قاچىلاشقا بولىدۇ.
يۇمشاق دىتال ئېچىش مۇھىتى نى خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە نىمە دەيدۇ؟ مەن سەل تەپسىلىرەك بىلىپ باقاي دېگەن.
پۈتۈن جوڭگولۇقلارنى قورقۇتىۋەتكىدەك قىممەت ئەمەستۇ؟؟؟ ھې..ھې..چاقچاق…
ھەر بىر يۇمتال لاھىلىگەندە ھەق تۆلەيدىغان ئىشمۇ ؟
ئالمىغا يۇمشاق دىتال يېزىشىنىڭ پىرىنسىپى تەس ئەمەس. c/c++ دا يىزىلىدۇ. لىكىن يۇمشاق دىتال ئېچىش مۇھىتى بىر قەدەر قىممەت. xcode دەيدىغان ئالما تەرەپ تەمىنلىگەن ئېچىش مۇھىتى بولۇپ پەقەتلا macosنىڭ 10.6 دىن يۇقىرى نەشرىدە ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلەيدىغىنى يوق. شۇڭا جوڭگولۇقلار ئاچقان دىتاللار ناھايتى ئاز. كۆپىنچىسى چەتئەلنىڭ دىتاللىرى. ئېشىك بۇنداق بولمىغان بولسا نەزەرىمۇ رەسمىي ئالما پىروگراممىرى بولۇپ كىتەتتى، ھەي… شۇڭا مەنمۇ ئالما ھەۋەسكارىلا بولۇپ قالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىر سۇئال سورىۋالاي…
ئالمىغا يۇمشاق دېتال ياساش شۇنداق تەسمۇ؟؟؟ مەن ئايتيۇنىزدىن بەزى بىر كىچىك كىتابچە شەكلىدىكى (بىر نەچچە كۆزنەكتىنلا تۈزۈلگەن كىچىك ئوقۇشلۇقلار)نى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنتىم.شۇلارغا قاراپ مېنىڭمۇ بەزى بۇرادەرلىمىزگە ياردىمى بولاردە شۇنداق يۇمشاق دېتال ياساب باقاي دېسەم،توردا بەك يۇمشاق دېتال ياساش تەس قويۇپتۇ.مەن ئويلاپ قالدىم شۇنداق تەس بولسا ئۇنچە كۆپ يۇمشاق دېتاللىرى بولماستى بەلكىم…ماڭا ئازراق كۆرسەتمە بەرسىڭىز مەنمۇ بىر ھەپلىشىپ باقاي…