i جەمەتىدىكى ئۈسكىنىلەر (iPhone,ipad,ipod)نىڭ باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئىسىتىمال سەۋىيىمىزدىن ئىشىپ كەتكەن. نەچچە يىل جاپا تارتىپ پۇل يۇغلاپ ئالغان نەرسىمىزدە خالىغان فورماتتىكى ھۆججەتنى قويالماي قىينىلىۋاتقانلىرىمىزمۇ نۇرغۇن. چۈنكى ئالما شىركىتى بىخەتەرلىكنى ۋە ئابروينى كۆزدە تۇتۇپ بەزى خىلى ئومۇملاشقان ئىقتىدارلارنىمۇ ئۈسكىنىگە سىڭدۈرمىگەن. مەسىلەن يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى كىنو كۆرۈش، WMV,WMA,RMB,…. دىگەندەك فورماتلارنى كۆرۈش دىگەندەك.
تۆۋەندكى باسقۇچلار ئارقىلىق ئالمىڭىزدا ھەرقانداق ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز. قىممەت پۇللۇق نەرسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرسىنى كىڭەيتىپ ھىسسىي تەڭپۇڭلۇققا ئىرىشەلەيسىز. باسقۇچلار تۆۋەندىكىدەك:
1. ئۈسكىنىڭىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. بولمىسا تۆۋەندىكى دىتاللارنى قاچىلىيالمايسىز. دەرسلىك: ../897.html
2. IPA يامىقىنى ئۇرۇڭ. بولمىسا يېشىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللار قاچىلانمايدۇ. دەرسلىك:../1054.html
3.بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى يۇمشاق دېتال ۋە ھۆججەت باشقۇرۇش قۇرالىمىزنى چۈشۈرۈڭ: ../1124.html
4. مۇناىسۋەتلىك IPA فورماتىدىكى يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرۈڭ.
سىن-ئاۋاز قويۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش Oplyerنى چۈشۈرۈڭ: http://dl.dbank.com/c05hocmcjl
ئىشخانا ھۆججەتلىرى ۋە ئوقۇشلۇق PDF,كۆرۈشتىكى بىرىنچى دېتال goodreader نى چۈشۈرۈڭ : http://dl.dbank.com/c0djrttyis
يۇقارقى باسقۇچلار كۆپىنچە ھاللاردا تامام بولغان بولىدۇ. ئەمدى دەرسلىكىمىزنىڭ مېغىزىغا كىلىمىز.
3- باسقۇچتا چۈشۈرگەن يۇمشاق دىتالنى قوزغىتىپ بارلىق مۇندەرىجىلەرنى بىر قاتار كۆرۈپ چىقىپ تونۇشۇڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىم كۆرسىتىلگەندەك باسقۇچ ئارقىلىق چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتالنى قاچىلاڭ.
تولۇق قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن 应用程序 ئىچىدىكى 设备程序نىڭ ئىچدە قاچىلاپ بولغان يۇمشاق دىتاللار بار. مەسىلەن يۇقاردا چۈشۈرگەن ھەممىباب كۆپ ۋاستە قويغۇچ oPlayer ۋە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن ھۆججەت(مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆججەتنى ئوقۇيالايدۇ) كۆرۈش دىتالى Goodreader قاتارلىقلار.
كىيىنكى قەدەمدە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك باسقۇچلار ئارقىلىق PDF,JPG,PNG,JIF,WORD,EXLS,PPT,…… دىگەندەك فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى goodreader نىڭ documents دىگەن مۇندەرىجىسىگە قويۇمىز.
RMVB,RM,AVI,MKV,WMA,WMV,OVI,………. قاتارلىق سىن -ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى Oplyer نىڭ ئاستىدىكى documents نىڭ ئىچىگە تاشلايمىز.
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام. ئۈسكىنىدىن Oplyer نى ئاچساقلا يۇقاردا قاچىلىغان سىن-ئاۋازلار كۆرۈنىدۇ، goodreader نىڭ ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش. يۇقارقى ئىككى دىتالدىمۇ ئوقۇتالمىغان ھۆججەت بولسا خالاستان بىلوگى يەنە ھەل قىلىشقا تەييار.
رەھمەت
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئايفونغا نىسبەتەن سىن ھۆججىتىنى قويۇشتا AV Player تەۋسىيە قىلىمەن.
رەھمەت
ئۈن-سىن قويۇدىغانغا VLC media player نىڭ iPhone نۇسخسى باركەن، سىناپ باقارسىز.
ھېچ يەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن بولمىسا … قايتا نەچچە رەت سىناب باقتىم ، ھەرقېتىم ئوخشاشلا …
Oplayer نىڭ 设置 دەيدىغان بېتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنمۇ؟ ئۆزگەرتكەن يەرلەرنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۋېتىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …
Oplayer غا قاچىلانغان فىلىملەرنى ئاچسام 你的平台上只能使用quick time插件播放影片 دەپ چىقىۋالېلىپ ھېچقايسى فىلىم قويىلمىدى … بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟
office2دەيدىغان بىر دېتال بارتى.شۇنى بىر سىناپ بېقىڭ.
ئشخانا ئاپتۈماتلاشتۇرۇش دىتالى كۆردىغاندا ۋورىت ھۆججىتى چۇشۇرۇپ كۆرۇپ باقتىم نورمال كۆرگىلى بولدى،ئەمما تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن.،
نەزەرى بۇرادار،ئشخانا ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش ئىقتقدارى بار ياخشىراق يىشىۋىتىلگەن يۇمتاللاربولسا تەمىنلسىڭىز بوپتىكەن.
كۆپ رەخمــەت نەزەرى بۇرادەر ،بۇلار ھەققەتەن ئىسىل دىتالكەن .مەندە ئنتايىن نورمال .(.رىم ۋىبى ) دىن باشقىلىرىنى ھەممىسىنى قاچىلاپ كۆرۇپ باقتىم ھەممىسى نورمال قويۇلدى.توردىن چۇشۇرگەن يۇقرى ئىىنىقلىقتقكى(رىم ۋىبى )فورماتىدىكى سۇرەتلىك ھۆججەتلەرنى ئايفۇن4لا مۇۋەپپىقىيەتلىك قويالىشى مومكىن.ئۇنىڭغا سەپلەنگەن 1000 مىگا گىرتىسلىق يۇقرى چاستوتىلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ مىنىڭچە تامامەن ئۇنىڭ كودىنى يىشىپ قويالايدۇ.1-ئەۋلاتتىن باشقىلىرى بۇ قويغۇچتا خىلى كۆپ فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قويالايدۇ.
[...] iphone,ipod touch,ipad قاتارلىقلار adobe نىڭ جىنى بولغان flash نى قوللىمايدۇ. Frash نى قاچىلاش ئارقىلىق safari ئارقىلىق تور بەتلەردىكى flash ھەركەتلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ. لىكىن يەنىلا flash فورماتىدىكى فىلىملەرنى بىۋاستە قويالمايدۇ. بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس قويغۇچ دېتاللارنى ئېھتىياجلىق بولىمىز. بۇ ھەقتە مەزمۇن خالاستان بىلوگىدىكى تۆۋەندىكى تېمىدا بار. ../1134.html [...]
deb فورماتىدىكى ھۆججەتلەر ئادەتتە Linux شارائىتىدا قاچىلىنىدىغان ھۆججەتلەر بولۇپ ھازىر terminal بىلەن cydia ئىككى قۇرال بۇ خىل ھۆججەتنى قاچىلىيالايدۇ. iTools تېخى چىققىلى ئۇزۇن بولمىدى. شۇڭا بۇنى قوللاپ بولىشى ناتايىن.
مەنمۇ terminalدا تۇرۇپ deb قاچىلاشنى ئۈگىنىۋاتىمەن، سال پىشسام بىلوگىمدا يوللايمەن.
[...] تەرتىپى ../1134.html بىلەن [...]
dep فورماتىدىكى دېتالنى ماۋۇ iTools ئارقىلىق قاچىلىغىلى بولمايدىكەنغۇ. dep فورماتىدىكى پروگراممىلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىزكەن.
مەن توردىن mpg فورماتىدىكى ھۆججەت چۈشۈرۈپ،iToolsدا سىناپ باقتىم. شۇنداق نورمال.
ئەمىليەتتە mpg دەيدىغان فورمات يوق. ئادەتتە mpeg نى قىسقارتىپ شۇنداق دەۋالىمىز. كىڭەيتىلگەن نامىنى mpeg غا ئۆزگەرتىپ سىناپ بىقىڭ.
مەن Oplayer نىڭ documents مۇندەرىجىسىگە MPG فورماتىدىكى سىن ھۆججىتىنى كۆچۈردۈم، بىراق Oplayer نى قوزغىتىپ قارىسام قويۇش تۈگۈل ئۇنىڭ ئىچىدە ھېلىقى مەن كۆچۈرگەن MPG فورماتىدىكى سىن ھۆججىتى يوق. بۇ مەشغۇلاتلارنى iTools ئارقىلىق قىلغان…
Oplayer قويغۇچ MPG فورماتىدىكى ھۆججەتنى قوللىمامدۇ قانداق؟ قوللىمىسىمۇ كۆرۈنۈشى كېرەك ئىدى…
دىققەت: Quick Time Player دا قويۇش دىگەن تاللاش تاللىنىپ قالمىسۇن.
دېتالنىڭ ئىچىدىكى مۇشۇ يەرگە دىققەت قىلىڭ.
مەن يولۇقمىغان مەسىلە ئىكەن.
ئىمكان بار باشقا سيىستىمىلاردىن تولۇق چېكىنىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىپ بىقىڭ.
مۇشۇ قويغۇچنىڭ 设置 دەيدىغان بىر يىرى بار. سىز شۇ يەردىن ئازراق تەڭشەپ بىقىڭ.
دىققەت: Quick Time Player دا قويۇش دىگەن تاللاش تاللىنىپ قالمىسۇن.
oplayer نىڭ ھەقسىز-ھەقلىقى بار. ipad ئۈچۈن ھەقلىقىنى قاچىلىمىسا بولمايدۇ. شۇنداقلا goodreader ئۈچۈن قېچىشى كىرەك، شۇڭا ئەسكەرتكەن.
ئىككىسىنىڭ تور قۇلۇبىدىن باشقا يىرى ئوخشايدۇ. تورغا قۇلۇپ چۈشكەن iphone تۈرمىدىن قېچىشتىن بۇرۇن ھىچقانداق مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدۇ، قاچقاندىن كىيىن ئۇنىڭ رولى GPS+iPod Touch قا تەڭداش بولىدۇ. سىز مۇشۇنىلا بىلىپ يېزىۋەرسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن بولۇپ تازا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشا تىلەكداشمەن.
مەنمۇ نورمال قاچىلىدىم ،لىكىن يۇقاردا دىيىلگەن ھۆججەت شەكلىدىكى فىلىملەرنى قاچىلاپ قويسام قارا ئىكىران بۇلۇپ بۇ يۇمشاق دىتالدىن چىكىنىپ چىكىتىپ بارىدۇ،ياماقلارنى قاچىلىغان بولمىسا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
oplyer نى تۈرمىدىن قاچۇرمىسىمۇ ھەقسىىز قاچىلىغىلى بولىدىغۇ؟؟؟
مەن ھەقسىز ئىشلىتىپ خالىغان ئۈن-سىن ماتىرىياللارنى قويالايمەن.
ھەراس .مەن ئالدىنقى قېتىم دېگەن ئې-كىتاب ئىشىغا بىرنەچچە ھەپتىنىڭ ياقى ئىمتىھان دەپ تازا قارىيالمېدىم. بىراق توردىن ئانچە مۇنچە ئاختۇرسام ،ئايفوننىڭ ئىشى ئايتاچقا قارىغاندا بەكلا جىقتەك قىلىدۇ.تورقۇلۇپى دېگەندەك ئىشلارنى ئۆزەمدە بولمىغاچ تازا چۈشىنەلمىدىم…
مەن ئىزدىنىپ باقاي. ھەل قىلالىسام تېما يوللاپ ئىلان قىلىمەن.
ipod touch2 نىڭ 32g دىن بىرى بار ئىدى oplyer نى قاچىلىسام rmvb ھۆججىتىنى قوللىمايدۇ دەپ قويالمىدى. لىكىن iphone دا قويسام قويۇلدى ipod touch2 دە قويۇشقا ئامال بارمىدۇ؟