قارلۇق iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ھەقسىز تارقاتتى

يىقىندىن بىرى دىيارىمىزدا قارلۇق شىركىتى ھەققىدە خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. مۇشۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىمۇ خەۋەر بەرگەن.

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرنى ”شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى“دىن كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوش بولدۇم. قارلۇق شىركىتى تۇنجى ئاشكارلانغان ئەمگەك مىۋىسى— iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئېلان قىلدى.

 6-دېكابىر app store  (ئالما قوللىنىشچان ئەپ ماگزىنى) غا ئالما شىركىتىنىڭ سەرخىل كوزۇرى بولغان ipad ئۈچۈن باشقا مەلۇم سۇپىلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئاساس قىلغان تۇنجى ئەپ —-« خاتىرەم» نى ھەقسز چىقىرىپتۇ ، بۇ  app store   تاكى ھازىرغىچە دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ  app store   غا چىقارغان تۇنجى مىۋىسى بولۇپ ، ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ ، يەنى كىلىپ ھەقسىز ئەپ ئىكەن . ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپ مەيدانغا كەلەەندىن كېيىن ، iphone ئۈچۈن مۇشۇ شەكلىدىكى ئەپنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئانچە ئۇزۇن قالمىدى دېگەن گەپ ، كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ، ئاخىرىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يادروسىدىنلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

يۇقارقىسى مايور يازمىسى بۇ دېتالنى apple نىڭ appstore دىن ھەقسىز چۈشۈرۈش بىۋاستە ئادېرسى

قارلۇق تەرەپ ئېنكاسى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەدتە ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى ”كىلاسسىك ئۆلچەم“ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
☜ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى.
☜ يازمىنى گۈدۈك، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
☜ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
☜ پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى

«قارلۇق iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ھەقسىز تارقاتتى»نىڭ 5 ئويلىغانلىرى بار

  1. قارلۇق شىركىتىنڭ بۇ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۇر،خۇشاللىقىمدىن ئىغىزىم گەپكە كەلمەيۋاتىدۇ دىسە،كونۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ بىزبۇرۇندىن كۆنگەن ئەنئەنىۋى كونۇپكا ئۆلچىمىدە بولۇپتۇ.ئايپەتنىڭ پۇتكەنكەن ئايفۇنغىمۇ قەدەم يىراق ئەمەس دىگەن گەپ،بۇ كۇننىڭ يىتىپ كىلىشىنى كۇتكىلى نىكەم،مانا بۇمۇ روياپقا چىقىش ئالدىداتۇرۇپتۇ مانا.

  2. شۇ ئالدىنقى قېتىم نەزەرى بىلىكتە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشى باشقىچە دىگەن لىكىن ئۇنداق ئەمەس بەلكى بىز كۆنگەن كىلاسسىك ئۆلچەمدە ئىكەن.بەك خۇش بولدۇم~~

    1. ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپتۇ. باشقا يېرى وخشاش ەمما شېفت ھالىتى پەرىقلىق ىدى. بۇمۇ بە. ياخشى چىقىپتۇ.
      مانا ھازىر ايپەدتە ولتۇرۇپ تېما،ېنكاس يازىمەن. راھەتتە

  3. ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپتۇ. باشقا يېرى وخشاش ەمما شېفت ھالىتى پەرىقلىق ىدى. بۇمۇ بە. ياخشى چىقىپتۇ.
    مانا ھازىر ايپەدتە ولتۇرۇپ تېما،ېنكاس يازىمەن. راھەتتە
    قىززىق خاتىرەمنى تونۇشتۇرۇپ تۇرۇپ شۇنىڭدا يازماي نىمە ھەمزە ھەرىپىنى چقىرىۋىتىپ جىجاپ ئولتۇردىڭز؟ موللامنىڭ دىگىنىنى قىل قىلغىنىنى قىلما دەپتىكەن.~~

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: