دۇتتار دىسەك ھەممىمىزنىڭ ئىڭىغا ناھايتى كونا، قەدىمىي، زاماندىن قالغان بىر سازنىڭ ئوبرازى كىلىدۇ. زامانىۋى تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەر بارلىق سازلارنىڭ (ھەتتا يوق سازلارنىڭ) ئاۋازىنى ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەرگە سىڭدۈرۈپ بىرلەشتۈرۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ قەدىمىي سازلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى ئازىيىۋاتىدۇ. بىزنىڭ سازلىرىمىزمۇ تەدرىجىي ھالدا باشقىلارغا سوۋغاتلىقلا رولىنى ئوينايدىغان ھالغا چۈشۈپ، دۇتتار، غىجەك، داپ، سۇناي …. قاتارلىق سازلارغا قىززىقىش ئازىيىۋاتىدۇ.
بۇ ھەپتە مەنمۇ ھەر خىل سىناق-ئىمتىھانلار ئۈچۈن قاتتىق چارچاپ كېتىپتىمەن. ئوقۇرمەنمۇ بەلكىم ھارغىنلىقتىن كۆڭۈل ئارامى ئىزدەپ تورغا چىققاندۇ. خوش، تۆۋەندىكى مۇڭلۇق مۇزىكا ئارامىڭىزدا بولسۇن……..
Close[SWF] - گۈلى
داڭلىق سەنئەتكارىمىز خالمۇراتكام ئەينى چاغدا دىك كۈيى سەنئەت كىچلىكىدە مەخمۇت سۇلايمان ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان خەلق ناخشىسى «گۈلى رەنا» نى دۇتتارغا زامانىۋى سازلارنى ماسلاشتۇرۇپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن چالغان. بۈگۈن مەن بۇ ھەپتىلىك «ھەپتىدە بىز مۇڭ» سەھىپىسىگە بۇ ناخشىنى ئىزدەپ تاپتىم. بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىسا ئاندىن دۇتتارنىڭ يەنىلا شۆھرىتىنى يوقاتمىغان ئېسىل ساز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن.
ژىگىت، ئىسىل چۈشەنچىلەرنى بىرىپسىز مانا!تەشەككۈر.
شۇنداق. بىر داڭىق چىقىرۋىلىپلا يوقاپ كەتتى مانا…….
بۇ مەشغۇلات سىيىستېمنى samsung دىكىلەر iOSۋە android قا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاچقان. ھازىر بازاردا بۇ سىيىستېمنى قوللانغان 6 خىل مەھسۇلات بار.
كۆرۈنمە يۈزى iOSۋە android نىڭ بىلەن ئوخشاش، دېتال تەستىقلاش تۈزۈمى ios بىلەن ئوخشاش، پۇل تۇتۇش تۈزۈمى android بىلەن ئوخشاش.
يەنى يۇقارقى ئىككىسىنىڭ ئورتاقلىقىنى تەڭ مۇجەسسەملىگەن مەھسۇلات. ماڭىغۇ ئانچە ياقمىدى، ئەقلىفونلىرى بەكلا ئۇزۇنچاق(يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو كۆرۈشكە بەكمۇ ماس كىلىدىكەن بولمىسا). ئۆزىمۇ ناھايتى سېپتا ياسىلىپتۇ.
يۇمشاق دېتالنىڭ سانى جەھەتتىن كۆپ ئەمەس، لىكىن يۇمشاق دېتاللىرى ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك. ئىككى ئايدىن كىيىن samsung نىڭ دۇكىنىدىن مىنىڭ يازغان دېتالىمنى تاپالايسىز.
ھاجىم، مە ئىنگىلىسچە ئەمەس خەنزۇچىنىمى جايلاپ ئوقۇيالمايدىغان تۇرسام؟ مۇمكىن بولسا ئازراق تەپسىلاتىنى بىلىشكە بولارمۇ؟
خالمۇراتكام مۇشۇ مۇزىكىسى بىلەن «ۋاقىت» ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا سۈرئىتى بىسىلغان
بۇ بىر يىڭى چىققان مەشغۇلات سېستىما بولۇپ ئۆتكەن يىلى ئىلان قېلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى http://en.wikipedia.org/wiki/Bada_(operating_system) دىن كۆرۈش مۇمكىن.
ۋاھ، ما گەپنى ۋوي قارىغوجام بىزلەرنىمۇ يىتەكلاپ قويسا ئەمىسە ئاڭلىمىغان مەشغۇلات سېستىمىسى بار ئىكەن ھە ھازىر
(مەن ئاڭ ياقتۇردىغان مۇزىكا)
كوتىلدىغۇچنى ئېچىپ بولالمىدىم.
ھازىر samsung نىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى bada غا يۇمشاق دېتال يېزىۋاتىمەن.
ئاڭلىسام سىزنى بىر ئىشلارنى قىلىدىكەن دەيدۇ ،كوتكوتقا خەت يازسام جاۋاپ يوق.تاشلىشىپ ،ياتلىشىپ كەتمەيلى …