Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى

ھەممەيلەنگەن ئايان، Mac OS كە XCode قاچىلاشتىن مەقسەت دەل ھازىرقى ئەرمەك بولغان iPhone, iPad,  Mac OS لەرگە قوللىنىلىشچان يۇمشاق دېتال (رىۋايەتلەردىكى ئەپ) يېزىش.

بۇرۇن ئۆزۈم قاچىلىغاندا ئۇنچە قىينالمايلا كىيىنكى قەدەم دەۋېرىپ قاچىلىغان. بۈگۈن بىر بۇرادېرىمنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاش زۆرۈر بولۇپ قالغاچ ئۇچرىغان مەسىلىدىن قاچماسلىق ئىيددىيسى بويىچە بۇ مەسىلىنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋالدىم

XCode نىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى MAC OS نىڭ نەشرىگە بىردىن ماس كىلەتتى. ھازىر بىر قىسىم نەشىردىكى XCode نى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.يەنى يۇقىرىدىن تۆۋنگە سېغىشىدۇ. يەنى 10.7.2 گە 4.3.1 ياكى 4.2 ماس كىلىۋىرىدۇ. لىكىن ماۋۇ يىڭى 10.7.3 گە چوقۇم 4.3.2 بولىشى كىرەككەن. بۈگۈن بىر كۈن جاپا تارتىپ چۈشۈرگەن 4.3.1 قاچىلانماي ئاخىر APP Store غا تەلمۈرۈشكە توغرا كەلدى. لىكىن بۇ نەرسىنى APP Store دىن چۈشۈرۈپ بولۇشقا بىرەر ھەپتە كىتەرمىكىن…..

تۆۋەن نەشىردىكى XCode  نى يۇقىرى نەشىردىكى Mac OS كە قاچىلاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ چىقىمىغان بېكەت قالمىدى. ئېنگىلىزچە بېكەتلەردىمۇ ئىنىق ھەل قىلىش چارىسى يوق ئاخىر خەنچە بىر بېكەتتىن بىر جۈملە تېپىۋالدىم، دەپتۇلەركى، «سىستىمىنىڭ ۋاقتىنى بىر يىل كەينىگە سۈرۈۋىتىپ سىناڭ!» ئاخىردا مۇشۇ گەپ بىلەن مەسىلە ھەل بولدى.

مانا ھازىر 10.7.3 دە Xcode نىڭ 4.3.1 نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

«Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى»نىڭ ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ئۇستاز مىنىڭ مۇشۇ ئالمىغا بولغان ھەۋىسىم كۈندىن كۈنگە پەسەيمەي ۋاتىدۇ لىكىن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق :cry:

    مەن كومپىيوتۇرۇمغا مۇشۇ ئالما مەشخۇلات سېستىمىسىنى بىر قاچلاپ باققۇم باتى ياردەم قىلسىلا بوپتىكەن چ چ 767945244
    توردىكى دەرىسلىكتىن كۈرۈپ قاچلاپ باقتىم 5 دۆلەت خاتالىقىدىن ئۆتەلمىدىم كومپىيوتۇر تىلغا ئاجىز لىقىم مۇشۇيەردە چاندى :cry:

    ئورنۇم كۆرلا شەھەر ئىچىدىن مەن قاچلىيالايمەن دەيدىغان نوچىدىن بىرەسى چىقمىدى
    كومپىيوتۇرۇم نىڭسەپلىمىسى تۆۋەنمۇ ئەمەستى بولمسا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: