«ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟

ئالدى بىلەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەي:

يەرگە تۈز قىلىپ بىر غىرىچ كەڭلىكتىكى ئۇزۇن سىزىق سىزىلسا، ھەممە ئادەم بىمالال ھالدا ئۇياقتىن بۇ ياققا ماڭالايدۇ. سىز مەن ھەم شۇنداق.

خوش، ئەمدى مۇشۇ بىر غىرىچ كەڭلىكتىكى سىزىقنى كۆتۈرۈپلا ئىككى ئىگىز بىنانىڭ ئارسىغا قويساقچۇ؟ جاۋاب: 90% ئادەم بۇنداق كەڭلىكتىكى يولدىن مۇئەللەقتە ماڭالمايدۇ.

داۋام، بىر تەتقىقاتچى 10 ئادەم بىلەن مۇنداق بىر تەجىرىبە ئىشلىگەن: بىر قاراڭغۇ ئۆيدە تەتقىقاتچى ئۇلارغا ئالدىدا ئىككى بىنا ئارلىقىدا بىر تار تاختاي يولنىڭ بارلىقىنى، پەقەت ئەگىشىپ يەنە بىر باشقا ئۆتسىلا بولدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. نەتىجىدە ھەممەيلەن تەتقىقاتچىغا ئەگىشىپ ئاستا قەدەم بىلەن شۇ تار يولدىن ئۆتۈپ كەتكەن. تەتقىقاتچى شۇ يەردىلا تۇرۇپ بىر چىراقنى يورۇتقان، ھەممەيلەننىڭ جان پىنىنى چىقارغىنى شۇكى ئەسلىدە ئۇلار ئۆتكىنى بىر تار يوللا ئەمەس بەلكى ئاستىغا چوڭ بىر كۆلچەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، كۆلچەكتە يەنە بىر نەچچە تىمساق باركەن. تەتقىقاتچى كىمنىڭ بىللە قايتىپ ئۆتۈپ كىتىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىغاندا چىققان جاۋابنى خالاستان بىلوگىنىڭ ئەقىللىق ئوقۇرمەنى چوقۇم پەرەز قىلىپ بولدى: شۇنداق، ھەممەيلەن قورقۇنىچتىن ۋاز كەچتى. تەتقىقاتچى يالۋۇرۇپ ئۆتۈنگەندىلا پەقەت ئۈچ قەھرىمان ئوتتۇرغا چىققان. بىرەيلەن ئوتتۇردىن ئاشقاندا قۇرقۇنىچتىن ئۆمىلەپلا ئۇ ياققا چىقىۋالغان. يەنە بىرەيلەن ئىككى قەدەمچىن كىيىنلا تىترەپ يۈرۈپ تاختايغا چاپلىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن. پەقەت بىرەيلەن مىڭىپ ئۆتۈپ كەتكەنگە ھىساب بولغان. بىراق قالغان 7 ئادەم قەتئىي ماڭغىلى ئۇنىمىغان. تەتقىقاتچى يەنە ئككى چىراغنى ياققاندىن كىيىن ئۇلار تاختاي يول بىلەن كۆل ئارلىقىدا بىر تورنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ چىرايىغا قان يۈگۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچى يەنە ئۆتۈدىغانلارنى سورىغاندا 5 ئادەم ھۇدۇقۇپ يۈرۈپ تەتقىقاتچى بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن. قالغان ئىككى قەھرىمانغا :“نىمىشقا شۇنچىۋالا ئادەم ئۆتسە سىلەر ئۆتمەيسىلەر؟“ دېيىلگەندە بەرگەن جاۋابى دەل بىزنىڭ بۈگۈنكى« «ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟ » نىڭ جاۋابى: ”بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز ئاۋۇ تورنىڭ بىخەتەرلىكى بىزنى كۆتۈرەلىگىدەك دەرىجىدىمۇ يوق بىلمەكچى….“

مانا بۇلار بىزنىڭ «ئاددىي» ئادەملىرىمىزنىڭ «بىزدەك» ئادەملىرىمىزدىن پەرقى. خەنچە 平凡的人 دەپ ئاتايدۇ. (قوشۇمچە: ۋاقتى بار تورداشلارنىڭ 路遥 نىڭ 平凡的世界 دېگەن چوڭ ھەجىملىك رومانىنى ئوقۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن). يۇقارقىلار نىمىشقا باشقىلاردىن پەرقلىنىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار «ئاددىي» ئادەملەر، ئۇلاردا «ئاددىي» يۈرەك بار. ئۇلار شۇنداق تەمكىن، شۇڭا بىز ماڭغان بىر غىرىچ كەڭلىكتىكى يولدىن شۇنداقلا ئىككى بىنا ئارلىقىدىكى بىز ماڭالمىغان يولدىن ماڭالايدۇ. ناتونۇش تاختاي يولدىن ۋە تىمساق ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان ھىلىقى كۆلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتەلەيدۇ.

ئەكسىچە ئۇلار «بىز» تەرىپىمىزدىن «ئالاھىدە، قورۇقماس، باتۇر،» دېگەندەك سۈپەتلەرگە نائىل. ئەمىليەتتە ئۇلاردا بارى پەقەتلا شۇ تەمكىن يۈرەك، سالماق خاراكتىر، ئاددىي تەپەككۇر، «ئاددىي» كىمىلك. شۇڭا ئۇلار ھەممە ئىشقا شۇنداق «ئاددىي» مۇئامىلە قىلالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز تەمتىرگەندە ئۇلار ئىغىر بىسىق، بىز قورۇققاندا ئۇلار تۈرگۈن.

مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىۋاتقىلى خىلى بولغان. ئەمما تۇرمۇش، خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك ئارتۇق نەرسە يېزىپ بولالمىغان. بۈگۈن بىلىكتە مىسرانىمدىن كۆچۈرۈلگەن «ئۈمىد غېنى بىلەن كېرەم ئاتۇش سۆھبەتتە» نى كۆرۈپ بۇ ھەقتە ئازراق سىلىشتۇرما قىلىپ ئويلاپ قالدىم. inkas: راۋرۇس پاراڭ قىپتۇ.
«ئىرادىنى يېگىلى بولمايدۇ، بىراق ئىرادىسىزلىك ئادەمگە ھەممە نەرسىنى يېگۈزىۋىتىدۇ» دېگەن جۈملىنى ئۈمىد غېنى «كۆڭۈلدىكى سۆز» نىڭ بىرىنچى سانىدا ئېيتقانتى، مانا ھازىرغىچە ئۆزۈمگە يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ كىلىۋاتىمەن. كىيىنچە كۆپ ئىلگىرلەش كۆرمىگەن. ھىلىمۇ ھەم تەبىئي پەن بىلىملىرىنى بيتىشى كىرەككەن. خاتا يىتەكلەشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
كېرەم ئاتۇشمۇ توپقا قوشۇلالمىغان، شۇنداقلا خاسلىقىنى يوقاتمىغان سەرخىل ئادەملىرىمىزنىڭ تىپىدىنكەن. ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.  ئاتۇشلۇقلار زادى بىزگە ئۈلگە.
ئەزەلدىن مىسرانىمنىڭ پىروگراممىلىرىنى كۆرمەيتتىم. قارىغاندا مۇشۇنچىلىك ساپالىق ئادەملەرنى يۇغلاپ ، يۇقىرى ساپالىق پىروگرامما ئىشلىيەلىگەن بولسا ئۇلارمۇ بوش ئەمەسكەن.

كېرەم ئاتۇشتەك «ئاددىي» ئادەملىرىمىز بىزگە گۈلدىن شىرنە، سۈتتىن قايماق چىقىرىپ بېرىپ بىزنى ئوبدان كۆندۈرۈپ قويدى. لىكىن مەن قاتارلىق نۇرغۇنلىرىمىز شۇنچە ئىشقا كۆنۈپتۇق، ئەمما شۇ قەدەر بىر «ئاددىي» بىر ئادەملەر ياراتقان «ھاياتنىڭ قىممىتى» قاتارلىق «ئاددىي» تۇرمۇش پەلسەپىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى تاپالماي ئۆكۈنمەكتىمىز. شۇنچىلىك «ئاددىي قەلب»لەردىن ئۇرغۇغان سۆزلەرنى چۈشىنىشتىمۇ قىينىلىۋىتىپتىمىز. ئەلۋەتتە شىرىننىڭ جامالىنى پەرھادنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈش كىرەك،  لەيلىنىڭ يۈرىكىنى مەجنۇننىڭ جىلۋىسىدىن كۆرۈش كىرەك، شۇنداق «ئاددىي» ئادەملىرىمىزنىڭ قەلب سادالىرىنى يەنە شۇ «ئاددىي» قەلبىمىز ئارقىلىق چۈشىنىشكە تىرىشىلى.

بىزدە كېرەم ئاتۇشتەك ئادەملەر ئاز، بىراق ئىز باسارلار ئاز ئەمەس. بىزنى بۇ ئاكىمىزنىڭ «تەربىيەنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق تەربىيلەش» دېگەن يىغمىسى ئارقىلىق ھەقىقىي ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى ئىچكىرگە، دۇنياغا تونۇتۇش ئەقىلىنى ياراتقان ئىگىمىزدىن تىلەپ تۆۋەندىكى سۆھبەتنى مىنىڭ جۆيلىمىلىرىمنى زىرىكمەي كۆرۈپ چىققان زىيارەتچى دوستۇمنىڭ دىققتىگە سۇناي. نەزەرى، شەھرىستان_ئۈرۈمچى.

Close[SWF] - ئۈمىد

ئاخىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. پروگرامما مەزمۇنى ئەسلى ئائىلە تەربىيىسى، كارخانچىلىق، تەپەككۇر دېگەن 3 قىسىم بويىچە ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا كېرەمكامنىڭ ئېسىل گەپلىرىنى يەنە ئاڭلايدىكەنمىز. مەزمۇن كۆپ بولۇپ كېتىپ ئازراق يىرى كەمدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.

««ئاددىي» ئادەم بولامدۇق؟»نىڭ ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: