ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
«2012-يىلى كىردى» دېگەنلىك «ئايفون، ئايپەد ۋە ئايتاچلارنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرى ئارقا-ئارقىدىن چىقىدۇ» دېگەن گەپ.
بەزى «كوچا خەۋەرلىرى» بويىچە بولغاندا، 2012-يىلنىڭ 3-ئايدا 3-ئەۋلاد ئايپەد ئېلان قىلىنىنارمىش…بىراق بۇ يىل كىرىپ بىرىنچى ئېيىدىلا ئالدىراپ يېڭىلىق ئېلان قىلمايدىغان ئالما تەرەپ ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ بوپتۇ. ئۇنداقتا نېمە يېڭىلىقىنى ئېلان قىلغاندۇ؟؟؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى…
Close[SWF]
شەخسىي كۆزقارىشىم:
بۇ قېتىمقى يېڭىلىقى مەنچە بەكلا قوللىنىشچان بوپتۇ. مەخسۇس ئوقۇغۇچى ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈنلا بولغاندەك قىلىدۇ. مەنمۇ باشقىلارغا «ئۆزى ئاددىي ۋە باھاسى قىممەت» تۇيۇلغان ئايتاچىمدا نۇرغۇن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.(بەلكىم شۇ كىتابلارنى بۇ ئۈسكىنە بولمىغان بولسا، كومپيۇتېردىن ھەرگىز ئوقۇپ قويمايتتىم. ) مەنچە ئىقتىسادى سەۋىيە ئانچە يۇقىرى بولمىغان بىزلەر ئالما ئۈسكۈنىلىرىنى شۇنچە قىممەت پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر بىلىمگە ئېرىشمىسەك، شۇ پۇلغا تازا يۈز كىلەلمىگەنلىك بوپ قالىدۇ.
ئالما تەرەپنىڭ مۇشۇ ساھەدە يېڭىلىق ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
ھەممەيلەنگە پايدىسى تەگكەي…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بلوگىڭىزدا ياخشى بىلىملەر بارئىكەن .
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .
ۋاختىڭىز بولسا بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۈتۈپ قۇيارسىز !
ئايفۇن ئەڭ ياخشى تاللاش. قوللىنىشچانلىقى5يۇلتۇز دەرىجىلىك دىسىمۇ بولىدۇ
كىتاپ كۆرۈش ئۈچۈنلا ئايپەد سېتىۋىلىش سەل ئىسراپخورلۇق بولامدۇقانداق؟
ئەمما ئايتاچدا كىتاب كۆرۈش ۋاقتى سەل ئۇزۇن بوپ كەتسە كۆز تېلىپ كېتىدىكەن.
ئىقتىساد مەسىلە بولمىسا ئايپەد ياخشى تاللاش مىكىن دەيمەن…
ئايتاچ ئېلىش قىزغىنلىقىم بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى…