بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا ئالدىنقى قېتىم ipad1/2 لەرنىڭ iOS نىڭ 5.0.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى تارقاتقان پارتىزان تېخنىك Pod 2g يىقىنقى بىر نەچچە كۈن ئېچىدە iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە بارلىق ئۈسكىنىلەر 5.0.1 دە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. iPad 2 ۋە The New iPad شۇنداقلا 5- ئەۋلاد iPhone ئاتالغان iPhone 4s لەر 5.1 دا تۈرمىدىن قاچمايدۇ، باشقا ئۈسكىنىلەر ئالما يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى مەشغۇلات سىستمىسى iOS نىڭ 5.1 ۋە 5.1.1 دا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ.
5.1.1 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققۇچىلار مەرھەمەت
شۇنداقلا 5.1 نەشىردىكى ئۈسكىنىلەرنى shsh بار شارائىتتا RedSn0w0.9.11b4 ئارقىلىق 5.0.1 غا چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولىدۇ. نەشىر تۆۋەنلىتىش دەرىسلىكى
5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى
يۇقارقى ئۈسكىنىلەرنىڭ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپلا تېخنىكلىرىمىز 5.1.1 غا ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا بىز ئۈچۈن 5.1 نىڭ كۆپ ئەھمىيىتى قالمىدى. نەشىر كۆتۈرۈش ئويىدىكىلەر ئويلىنىپ ئىش كۆرگەي. iPhone 3Gs نىڭمۇ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشى يوق. 5.1.1 دە يەنە قالدۇرلۇپتۇ. بۇنىڭغا يەنە بىر ئاز كۈتۈش كىرەك بولدى. مۇناسىۋەتلىك تورداشلار خەۋەردار بولغاي.
سىز 4س نى 5.1.1 گە كۆتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ھىلىقى ئىزدەش ئورۇننى ئاچساق كونۇپكا تاختىسى چىقاتتىغۇ شۇيەردىكى كونۇپكا تاختىسى يوقالمايدىكەن پەقەت بىرەر ئەپكە كىرگەندىن كىيىن ئاندىن يوقۇلدىكەن بۇمۇ شۇلارنىڭ كەم قىلغان يىرىمۇ ياكى مىنىڭ تېلغۇنۇمدىلام شۇنداقمۇ بۇلەلمىدىم.
تۇر بەتكە تىزىملىتالمىدىم قانداك قىلسام تىزىملاتقىلى بۇلىدۇ
تۇر بەتكە تىزىملىتالمىدىم قانداك قىلسام تىزىملاتقىلى بۇلىدۇ