ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار!
ئالما ئۈسكۈنىلىرىگە ئورگان تەرەپ تەشەببۇس قىلغان ئېلىكترونلۇق كىتاب شەكلى epub بولۇپ، كۆپىنچە خەنزۇچە تورلاردا ئۈگىتىلگەن ئۇسۇللار ۋە دېتاللار بىلەن ئۇيغۇرچە تىللىق epub كىتاب ياساپ چىققىلى بولمايدىكەن. (پەرىزىمچە تونۇشتۇرۇلغان دېتاللار يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولماسلىقى مۇمكىن.)
بۈگۈن تورداشلارغا ئۇيغۇرچە epub شەكىلدىكى ئېلىكترونلۇق كىتاب ياسايدىغان بىر دېتال تونۇشتۇراي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
مەك سېستىمىسىدا بۇ ئاسان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ۋىندوۋستا بۇ دېتالنى ئىشلىتىش بەك ئەپچىل ئىكەن.
sigil
بۇ ھەقسىز تارقىتىلغان دېتال بولۇپ، چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا. (چۈشۈرگەندە ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىغا مۇۋاپىقىنى تاللاپ چۈشۈرۈڭ)
http://code.google.com/p/sigil/downloads/list
سىز txt ياكى htm شەكىلدىكى ھۆججەتنى دېتالغا ئەكىرىپ ۋە epub شەكىلدە ساقلاپ چىقارسىڭىزلا بولىدۇ.
دىققەت:
1. سىز ئەكىرگەن ھۆججىتى يۇنىكود شەكىلدە بولىشى كېرەك. 写字板 دە ساقلىغاندە تۆۋەدىكىدەك unicode ئۆلچىمىدە ساقىنىشى كېرەك.
2. htm شەكىلدىكى ھۆججەتمۇ يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولىشى ۋە word دا مۇنداق ساقلانغان بولىشى كېرەك.
سىلىنى قوشىۋالدىم ئەمىسە، ئەيىپكە بۇيرىمىغايلا، بولسا غېرىپخانەمگە پەتىلەپ كەلسىلە تولىمۇ مىننەتدار بولار ئىدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ،ئەجەپ بەلەن بىر تىما يوللاپسىز قينى كومپىيۇتېرنى ئېچىپلا سىناپ باقاي ھە
يازما ئۆزى ئاددىي بولسىمۇ، ئاتالغۇلارغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.