بىزگە ھازىر apple مەھسۇلاتلىرى بۇرۇنقىدەك ناتونۇش ئەمەس. لىكىن 越狱 دىگەن ئاتالغۇ نۇرغۇنلىرىمىزغا يەنىلا سىرلىق ئاڭلىنىدۇ. تۆۋەندە ئەلئوغلىنىڭ شۇ ناملىق يازمىسى ئاساسىدا تەييارلانغان مەزمۇن. تۆۋەندىكى iPhone دىگەن ئاتالغۇ ئەمىليەتتە ipod,ipad قاتارلىقلارغىمۇ ماس كىلىدۇ.
Jailbreak ئەسلى ئېنگىلىزچە گەپ. خەنچىدە 越狱 دەيدۇ، ئۇيغۇرچىدا بىز «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» دەپ ئالدۇق.
iPhone نىڭ iOS باشقا يانفون سىستېمسى (مەسىلەن : Nokia نىڭ Symbian ۋە Google نىڭ Android قاتارلىقلار)بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى، كېيىنكى ئىككىسىدە ئىشلەتكۈچى ھوقۇق چىكى ئىچىۋىتىلگەن بولىدۇ . iOS دە بولسا ئىشلەتكۈچى چەكلىمىسى تۆۋەن . ئاددىيلا قىلىپ ئىيتقاندا كېيىنكى ئىككىسىدە ئىشلەتكۈچىنىڭ RW (يېېزىش،ئوقۇش) قوقۇقى بولىدۇ ،لېكىن iOS ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ R (پەقەت ئوقۇشلا)ھوقۇقىلا بولىدۇ .شۇڭلاشقا iOS ئىشلەتكۈچىلىرى پەقەت ئالما تەستىقىدىن ئۆتكەن (Apple Store دىن سىتىۋالغان) قوللىنىشچان پىروگراممىلارنىلا ئىشلىتەلەيدۇ ،باشقىلىرى سىستېمىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارالمايدۇ . مانا بۇ apple مەھسۇلاتلرىغا سىلىنغان بىر قۇلۇب ۋە مەھسۇلات سۈپىتىگە قىلىغان بىر كاپالەت.
شۇنىسى ئىنىق بولسۇنكى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە قاچۇرۇشتىن كىيىن يۇمتاللارنىڭ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ھوقۇقى ئۆزگەرمەيدۇ ، پەقەت قاچۇرۇلغاندىن كىيىن IPA دىن باشقا دىتاللارنى قاچىلاپ ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلىندىغان قىلىشقا (ھەقىقى مەنىدىكى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ئەمەس) بولىدۇ.
يەنى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن ھەرقانداق يۇمتالنى خالىغانچە قاچىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دىگەن گەپ.
تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتسىڭىز ئارتۇقچىلىقى :
1. توك تىجەيدۇ.
2.سىستېما مۇقىم ئىشلەيدۇ.
3.apple store دىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان دېتالنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولىدۇ .
4.apple store دىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان دېتاللارنى (ipa شەكلىدىكى)ئۆچۈرگەندە قالدۇق ھۆججەتلەر قالمايدۇ ،يەنى سىستېمىدا ئەخلەت ھۆججەتلەر بولمايدۇ .
كەمچىللىكى :
1.تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن زۆرۈر بولغان سىستىما ئىقتىدارلىرى(قويغۇچ،ئىغىرلىق سەزگۈچ) قاتارلىقلاردىن سىرىت سىسىتمىلارغا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ھوقۇقى بىرىلمەيدۇ. شۇڭا بەزى ئەۋزەل قوللانىچلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
2.كەلگەن نومۇر،ئۇچۇرلارنىڭ تەۋەلكىنى كۆرسىتىش ،flash قاتارلىقلار دېتاللارنى تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ مەڭگۈ ئىشلىتەلمەيسىز .91 يانفون ياردەمچىسىنى ئىشلىتىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
3.سىستېما چەكلىمە بەك تۆۋەن .مەسلەن : سىستېما ھۆججەتلىرىگە قارىتا ئۆچۈرۈش،تەڭشەش ،ئۆزگەرتىش مەغۇلاتى ئىلىپ بارالمايمىز ،مەلۇم پىروگراممىغا قارىتا مەخپىيلەشتۈرۈش، ھەتتا كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش،باشقىلار ئاچقان كىرگۈزگۈچ (بەيدۇ،سوگو قاتارلىق) قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .نېمىشقا ؟ ئەسلى ئاچقۇچىلار apple store غا چىقىرىشنى ئويلايدۇ،لېكىن ئۇلار جون نىڭ گىپنى ئاڭلىمىسا بولمايدۇ دە .
4.يىشىۋىتىلگەن پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .
5.يانفون تور كۆرگۈچىدە ماتىرىيال چۈشۈرۈش ۋە چۈشۈرگەن ماتىرىياللارغا قارىتا ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارالمايسىز .
تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئارتۇقچىلىقى :
1.ئارقا سپۇدا ئىجرا بولدىغان سىسىتمىلارنىڭ سانىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
2.سىستېما چەكلىمىسى يۇقىرىلايدۇ .سىستېمىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بارالايسىز ،تېخىمۇ كۆپ دېتال ۋە پىروگراممىلارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .مەسىلەن : كەلگەن نومۇر،ئۇچۇرلارنىڭ تەۋەلكىنى كۆرسىتىش ،flash قاتارلىقلار دېتاللارنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.كۆك چىش ئارقىلىق ھۆججەت ئۇزۇتۇش تېلېفۇن ئۇرغاندا قارشى تەرەپكە تېلىفۇن ئۇلانغان ھامان يانفون تىتىرەش قاتارلىق دېتاللارنى قاچىلاپ يانفوننى تېخىمۇ قولاي قىلغىلى بولىدۇ .
3.يىشىۋىتىلگەن دېتال،پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز .
4.يانفون ئۇسلۇبى ، سىن بەلگىسى ،قىسقا ئۇچۇر ۋە يانفون قوڭغىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز .
5.ئۈچىنچى تەرەپ يانفون ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ يانفوننى بارماق دىسكا قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسز . بۇ يەردە ifunbox دېتالىنى تەۋسىيە قىلىمىز .
6. خالاستان بلوگى تارقاتماقچى بولغان ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بىمالال قاچىلىيالايسىز.
كەمچىللىكى :
1. توكنى بەك سەرپ قىلىدۇ ،تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن سىستېمىدا بەزى ھۆججەتلەر ئىجرا بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا توك سەرپ قىلىشىمۇ جىقراق بولىدۇ .
2.سىستېما مۇقىم ئىشلىمەسلىكى مۇمكېن . دىتاللار ھەممىسى يىشىۋىتىلگەن بولغاچ 3-تەرەپنىڭ يۇمتاللىردا ھەرخىل خەتەر يوق دىگىلى بولمايدۇ.
3. يانفون سىستېمىسى يېڭىلانغاندا ۋاقتىدا يېڭىلىيالمايسىز . تۈرمىدىن قاچۇرۇش خىلى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچ ئادەتتە يىڭى سىستىما چىقىپ بىرەر ئايدا ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش تېخنىكىسى چىقىدۇ.
ئەمدى ئىككىسىنىڭ ئورتاقلىقى :
1.apple store دا تەمىنلىگەن ھەقسىز دېتال ياكى سىتىۋالغان دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،تەسىرگە ئۇچىرىمايدۇ .
2.يانفون قاتتىق دىتالىغا نىسبەتەن ھىچقانداق خىيىم خەتىرى ياكى بۇزۇلۇش بولمايدۇ ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش يانفوننىڭ ھىچقانداق قاتىق دېتالىغا زىيانلىق ئەمەس .
سىز iTunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
4 iPhone نى كومپيۇتېرغا تونۇتالمىدىم. كومپيۇتېرغا قانداق تونۇتىمىز ياردەم بەرگەن بولساڭلار.
ھازىر ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىۋاتىمىز. سىناقتىن ئۆتسىلا تارقاتماقچى.
ئۇيغۇرچە تىل بولىغىنى قاچان تارقىتىسىز…
كۈتىمىز.تېخنىكا بولسا بىللە ئالماشتۇرىمىز.
2495.html
نامۇكەممەل ئۇسۇلى چىقتى. 4.3.3 نىڭ تەرتىپىگە ئوخشاشلا ، تۈرمىدىن قاچۇرۋىلىڭ.ئەمما قايتا قوزغاتسىڭىز كومپيۇتېردا يىتەكلەش كىرەك بولىدۇ.
4.3.5 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بارمۇ؟
ئاغىنىلە …..مەن iphone3gs گە4.3.5 نى ….قاچىلىغان، ئەمدى بۇنى تۇرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدىكەن……. ئەمدى 4.3.3 گە قايتاي دىسەم يانغىلى بولمايدۇ دەيدۇ، راستىنلا پەقەت ئامال يوقمىدۇ………… ياردەم قىلغان بولساڭلا،…… چچ ئارقىلىق ئالاقىلاشساقمۇ بولىدۇ…929296747 بىر ياردەم قىلساڭلا بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى……
مېنىڭ 4.3.5 چىقىپ قالدى قانداق قىلسام تۈرمىدىن قاچۇرالايمەن؟؟
مىنىڭچە تۇرمىدىن قاچۇرسا ياخشى ئىكەن. ھەممە دىتال قولىسا نىمە دىگەن ياخشى ھە؟ ئاللا خالىسا مەن تىفۇن ئالسام تۇرمىدىن قاچۇراي…..
bakla yahxi timikan,bu har bir iphone ixlatkuqi bilixka tigixlik bilimlar dap karayman. timigizga kop rahmat,(man nimixka uygurqa yazalmayman,bir ikki ketim boldi , inkas yazay disam uyghurqa yazalmay qikitixka majbur bop kaldim)
سىزنىڭ تېلفونىڭىزنىڭ تەپسىلىي سەپلىمىسىنى دەپ بېرىڭ. ئەگەر ئامېركا نەشرى بولسا يىڭىلاش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى.
مېنىڭ تېلفۇنۇم 4.2.1 ئىدى ،بىر قېتىم قاچۇرسام بەزى دېتاللار چۈشۈپ بەزىسى چۈشمىدى ، قايتا قاچۇراي دىگەن ،ئاۋال نەشىرىنى يېڭىلامدىمەن؟ قايسىسىغا يىڭىلايمەن؟ مەسلەھەت بەرسىڭىز
[...] تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسىنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.445.html [...]
[...] تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسىنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.445.html [...]
[...] تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ 445.html [...]