ئامىركا نەشىردىكى (ئادەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ) iphone لىرىدا تور قۇلۇبى بولىدۇ. بۇ جەدۋەلدىن كۆرۈڭ 941.html
تور قۇلۇبلىرى يېشىلمىگەن ئەھۋالدا ئۈسكىنىدە تېلفون ئۇرۇشقا بولمايدۇ، پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئەھۋالدا (بۇ يەردىن دەرسلىكنى كۆرۈڭ 897.html) ئاندىن wifi ئارقىلىق سىمسىز تورغا چىقىشقا بولىدۇ.
ئەگەر قۇلۇبلۇق iphone نىڭ قۇلۇبىنى يېشىشى ئىھتىياجى تۇغۇلسا ئالدى بىلەن چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئاندىن Cydia غا http://repo666.ultrasn0w.com نى قوشۇپ ultrasn0w دىگەن يۇمشاق دىتال ئارقىلىق يېشىش كىرەك. Cydia ئىشلىتىشنى 928.html دىن كۆرۈڭ.
يۇقارقى تېخنىكىلارنى بىلمىسىڭىز بازاردا رىمونتچىلار 200 سومغا سىزگە ۋاكالىتەن قىلىپ بىرىدۇ.
ھازىر iphone4نىڭ «چاپلىما كارتا» چىقتى، باھاسى 400 سوم ئەتراپىدا، 4.3.1 نەشىردىكى ئۈسكنىلەرنىڭ تور قۇلۇبى يېشىش ئۇسۇلى تېخى ئىلان قىلىنمىدى، شۇڭا يۇقارقى ئۇسۇل پەقەت iphone4تىن باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ 4.2.1 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنكى مەشغۇلات سىستىمسىغا ماس كىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولسا بۇ تېمىغا ئىنكاس قىلسىڭىز ھەقسىز تېخنىكىلىق قوللاشقا ئىرىشىسىز.