مەن پەقەت مۇزىكا ھەۋەسكارى. مۇزىكىغا قىززىقىمەن، ئاڭلايمەن، ئەمما چالالمايمەن. شۇڭا ئېلىكتىرونلۇق گېتتارغىمۇ بەك ناتونۇش.
بۇ مۇزىكىنى ERA (دەۋر ئانسانبىلى) ئورۇنلىغان بولۇپ بىر قەدەر ھەيۋەت تۇيغۇ بىرىدۇ. ERA باشقا مۇزىكىلىرىنى ياقتۇرىدىغان تورداشلار بولسا كىيىنكى قىتىمدا مەن يەنە تەۋسىيە قىلسام ياكى تورداشلار تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ.
بۇ مۇزىكىنى يىقىن بىر دوستۇم بەك ياخشى چالاتتى. مەن تولا ئاڭلاپ يۈرۈپ بۇ لىرىكا مىڭەمگە سىڭىپ كىتىپتۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭمۇ ھوزورىغا سۇندۇم.
بۇ مۇزىكا ھەققىدە مەن بەك كۆپ سۆزلەپ كەتمەي. قىنى تورداشلار بىر نەرسە دەپ باقسۇن.