مەن بۈگۈن ئىنتىل سەيناسىدا ئابلەتكامنىڭ بىر تېمىسىدىن ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچنىڭ ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئەسلى ئادىرىسىتىن چۈشۈرەلمەي باشقا يەرلەردىن ئىزدەپ يۈرۈپ جاپادا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىنىدىم. مەنبە: http://www.intil.biz/bil/show.asp?id=634
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۇنجى مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرھالدا يامان ئەمەس دىيىشكە بولىدىكەن.
ئەسلى مەنبەدىكى چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دىيىلگەن.
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش سىستېمىسي ھەققىدە
1 . بۇ سىستېما شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجىربىخانىسى يەنى
ھازىرقي شىنجاڭ كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەجىربىخانىسى ، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت
ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئېچىش تەتقىقات مەركىزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋە ھەقسىز تارقاتقان
سىستېما .
2 . بۇ سىستېما ئۇيغۇرچە ھەرپلەرني ئوقۇشنى ئاساش قىلغان سىستېما بۇلۇپ ،بۇ قېتىم تارقىتىلغان
نۇسخسىدا ئېنگلىسچە ھەرپلەر ۋە رەقەملەرني ئوقۇش ئىقتىدارى قوشۇلمىدى،يېڭي نۇسخسىدا بۇ
ئىقتىدارلار قوشۇپ تارقىتىلىدۇ .
3.سىستېمىنى تارقىتىشقا ئۇچۇرلار دۇنياسى توربېكىتى مەسئۇل بولىدۇ .
مەن تولۇق چۈشۈرگەندىن كىيىن قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم. سۈپىتى ھەرھالدا بولىدىكەن. بۇ يۇمتالدا دىتالنىڭ ئىقتىدارى جۈملىنى سۆزگە پارچىلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان ئىكەن. قارىغاندا ئىچكى ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئامبارنى بىيتقىلى بولدىغان ئوخشايدۇ.
ئوقۇش ئاۋاز ئۈنۈمى
دىيارىمىزدا بارلىققا كەلگەن بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تۇنجىسى بولغۇچ بۇ دىتال ھاجەتمەنلەرنىڭ ھەقىقى راۋاسى بولغۇسى.
مەن بۇ دىتالنى بوشلۇققا چىقىرىپ قويدۇم. لازىملار مۇشۇ يەردىن چۈشۈرگەيسىزلەر.
بىرىنچى بۆلەك http://dl.dbank.com/c0ad01fm26
ئىككىنچى بۆلەك http://dl.dbank.com/c0ejobn4jk
ئۈچىنچى بۆلەك http://dl.dbank.com/c042ci23mo
تۆتىنچى بۆلەك http://dl.dbank.com/c09wdz0hif
بەشىنچى بۆلەك http://dl.dbank.com/c0ls6v7wlg
خالاستان بلوگى_____ نەزەرى.
كۆپ رەھمەت! مەن خەت نۇسخىسىنى قايتا سىناپ ئالماشتۇرۇپ باقاي.
مۇبارەك بولسۇن ! ، Google chrome خەت ئۇلىنىش نۇرمال ،لىكىن سەل كۆرۇمسىز چىقىۋاتىدۇ ، قوليازمىدەك كۆرۇنىدىكەن