نۇرغۇن دوستلار ھازىر apple مەھسۇلاتلرىغا(ئاساسلىقى دىيارىمىزدا مودا بولۇۋاتقانiPhone, iPod Touch) قىززىقىۋاتقان بولسىمۇ بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن بەزى ئاۋارچىلىق ياكى دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچراۋىتىپتۇ. شۇڭا مەن بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىغا يوللانغان تېمامنى قايتا تۈزىتىپ دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. ھازىر apple مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك جوڭگودا ئىشلىنىدۇ.
1.ساۋات
iPod Touch نى ئادەتتە iPod Classic ۋە iPod Nano شۇنداقلا iPod Shuffel دىن پەرقلەندۈرۈپ iTouch دەپ قىسقارتىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئايتاچ دەپ ئالىمىز. iPhone نى ئۇيغۇرچىدا ئايفون دەپ ئالىمىز. iPad نى ئايپەد دەپ ئالىمىز.تۆۋەندىكى ماقالىدە مەن ئۆزۈم ئىشلەتكەن ئايتاچ ۋە ئايفونغا تەدبىقلاپ ئالدىم.مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار باشقا مەھسۇلاتلارغا ماس كىلىشىمۇ مۇمكىن.
ئالما مەھسۇلاتلىرى ئادەتتە يىلدا بىر نەشىر يىڭىلايدۇ. ھازىر بازاردا يىڭى سىتىلىۋاتقانلىرى ئايفون4 ۋە ئايتاچ4 ۋە iPad1. بۇلارنىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى بۇ يىل 6- ئايدىلا ئىشلەشتىن توختىغان بولۇپ بۇ خىل نەشىردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نىمكەش مال، شۇڭا سىتىۋىلىشتا بىرلەشمە ۋە ئالما تور بىتىدىن باشقا يەردىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي يىڭى بولۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن.سېتىۋالغاندا كۆپ دىققەت قىلىش كىرەك. ئايپەدنىڭ تېخى ئىچىنى ئالماشتۇرغانلىرى بەك كۆپ ئەمەس ئەمما ئامىركىدىن كىرگۈزگەن دەپ كونىنى يىڭى كۆرسىتىپ سېتىشمۇ سەل ئاۋۇپ قاپتۇ. شۇڭا ھازىر پۇلى كۆپلەرگە بىۋاستە ئالما دۇكىنىدىن ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىششىتىن، پۇلى ئازلارغا ئىشەنچلىك يەرلەردىن نىمكەشنى ئىلىش مۇۋاپىق.
2.يىڭى دەپ ئالغان ئالمانىڭ ئالماشتۇرۇلغان ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتىش
1`ھەقىقىسىنىڭ ئورالما قاپتىكى Serial No بىلەن سىستىما ئىچكى ئۇچۇرى دىكى Serial No ئوخشاش بولىدۇ.
2`ھەقىقىسىنىڭ تېڭشىغۇچ چاتىدىغان تۆشۈكىدە داغ بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ تېڭشىغۇچ تۆشۈكىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى مىتالنىڭ ئەتراپىدا تازلاش سۇيۇقلىقىدىن قالغان ئىز بولىدۇ.
3` ھەقىقىسىنىڭ سىىگنال تۆشۈكىدا سۈركىلىش بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ سېگىنال تۆشۈكىدە روشەن ئىز بولغاندىن سىرىت تۆشۈك ئەتراپىدىمۇ سۈركىلىش ئىزى بولىدۇ(بۇ ئىز مۇھىم ئەمەس،چۈنكى سىرىتقى قىپىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ).
4` ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما(قەغەز قاپ) قىپىدىكى IMEI بىلەن سىستىما كۆرسەتكەن IMEI ئوخشاش بولىدۇ.
5`ھەقىقىسىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق بولمايدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئىكرانى بەك يورۇق، رەڭ پەرقى ئىنىق ئەمەس بولىدۇ.
6` ئىكران بىلەن سىرىتقى قاپ تۇتاشقان جايلاردا ھەقىقىسىدە ئاجراش كۆرۈلمەيدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىدا ئازراق يوچۇق بولىدۇ.
7`ھەقىقىسىنىڭ باسمىلىرىدا قول سىزىمى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىدا بەزىدە تېگىپ كەتسە ئىشلەيدۇ بەزىدە قاتتىق باسسىمۇ ئىنكاس بولمايدۇ.
8`ھەقىقىسىنىڭ باتارىيەسى باتارىيە باشقۇرۇچ دىتاللىرىدا كۆرسەتكەن ۋاقىتتىن كۆپ پەرق ئەتمەيدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ باتارىيەسى ئەڭ سۈپەتسىز بولۇپ، ئىشلەتكەندە پەۋقۇلئاددە تىز قىززىيدۇ، توك تىز توشىدۇ، تىز تۈگەيدۇ. ھەقىقىسىدە ئادەتتە ئىشلەتمىسە توك خوراش بولمايدۇ.
9`ھەقىقىسىنىڭ قوراشتۇرما مىخلىرى ئۇپرىمىغان، پارقىراق بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ رەڭگى گۇنۇس، ئۇپرىغان، ھەتتا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. ھەقىقىسىنىڭ مىخلىرى پۈتۈنلەي بىر خىل ئۆلچەم، بىر خىل سۈپەتتە بولىدۇ.
10`ھەقىقىسىنىڭ يۆنىلىش،سۈرەت،كۆكچىش، ئاۋاز،ئارىلىق،كومپاس،بۇلۇڭ، ئېغىرلىق،نۇر، GPS سەزگۈلىرى ياخشى بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغىنىنىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭى بولىدۇ. يەنى مەلۇم بىر بۇلۇڭغا قايتقاندا داۋاملىق ئەكىس يۆنىلىش ياكى خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
11`ئەڭ ئاخىردا ، ئالماشتۇرۇلغىنى بازار باھاسىدىن خىلىلا ئەرزان بولىدۇ.
قوشۇمچە: سىستىما Serial Noۋە IMEI نۇمۇرى ئادەتتە 设置-通用-关于本机 ئىچىدە بولىدۇ.
3. كونا يىڭىنى ئايرىش
1`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ قېپىنى ئاچقاندىن كىيىن خۇشىخۇي ناھايتى ئاجىز پۇراق كىلىدۇ. كونا مەھسۇلاتتىن كۈچلۈك سانائەت پۇرىقى پۇرايدۇ.
2`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قىپى ناھايتى پۇختا بولۇپ ئىچىدىكى نەرسىلەردە سىلكىنگەن، ئۇرۇلغان، قىستالغان، ياكى ئورنى ئالماشقان ئەھۋال يوق. كونا مەھسۇلاتنىڭ قاپلىرى پەۋقۇلئاددا يېڭى ۋە پارقىراق بولىدۇ. قول سىزىمى ياخشى بولمايدۇ. ئاجراپ قايتا چاپلانغان بەلگىلەر بولىدۇ.ھەتتا ئىچىدىن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەر چىقىپمۇ قالىدۇ.
3`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئىكرانىغا ھىچقانداق ھاۋا پۈۋەكچىسى يوق ھالەتتە نىپىز ئاسرىغۇچى سۇلياۋ چاپلانغان بولىدۇ. ئۇ سۇلياۋنى بىر قىتىملا ئىشتلىشكە بولىدۇ. ئاجرالغان ئىكەن قايتا ئوخشىتىپ چاپلاش مۇمكىن ئەمەس. كونا مەھسۇلاتنىڭ ئېكرانىدا بارماق ئىزلىرى، ئاجىز كۆك نۇر كۆرۈنىدۇ. 130گىرادۇس ئەتراپتا تۇتۇپ قارىغاندا ناھايتى ئۇششاق چاڭ-توزان كۆرۈنىدۇ.
4`يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭدىن قارىغاندىكى كۆرۈنۈش رەڭگى ئوخشاش، كونىسىنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭى ياكى ئىكران تۇتاش جايىغا ئىنىقسىز ماددا چاپلاشقان ياكى مەلۇم ئورۇننىڭ رەڭ قايتۇرۇشى كۈچلۈك بولىدۇ.
5`يېڭى مەھسۇلاتنى تۇنجى ئاچقاندا تىل تاللاش ياكى كارتا تونۇش، تور بەلگىلەش ياكى بىر قىسىم يىڭى ئىقتىدارلارنى ئېچىش ئەسكەرتمىسى كۆرۈلىدۇ. كونىسىدا بۇنداق جەريان يوق، ھەتتا باشقا دىتاللار قاچىلانغان بولىدۇ.
6`يىڭىسىنىڭ دېتال نەشرى ئادەتتە ئۆزئارا ماس بولىدۇ. يەنى 2010 – يىلى ياسالغان ئالمىغا 2009- يىلدىكى يۇمشاق دىتال قاچىلانغان بولمايدۇ. كونىسىدا كۆپىنچە تېخى ئالماشتۇرۇپ دېتال قاچىلايدۇ. مەسىلەن، زاۋۇتتىن 2010- يىلنىڭ 22 ھەپتىسى چىققان ئايفون3 كە 2010- يىلنىڭ 11-ئىيىدا چىققان يۇمشاق دىتال قاچىلىنىپ قالغان بولىدۇ. قاتتىق ئەپسۇس، ئايفون 3 دىگەن 2010- يىلنىڭ 6- ئىيىدىن باشلاپ ئىشلەشتىن توختىغان.