تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز چۈشىنىمىز. ئاددى تىل بىلەن ئېيىتقاندا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى مەجبۇرى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يىپىق مەشغۇلات سىستىمىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بىرىلغان بۇنداق بۇزغۇنچىلىق شۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ياراتقان ئىكولوگىيەنى بۇزۇش بەدىلىگە بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان يۇمشاق دېتاللاردىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتى يارىتىدۇ.
ئالدىنقى قېتىم A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتلگەن iPad2 ۋە iPhone 4s تىن باشقا ھەممە ئۈسكىنىلەرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چېقىپ، ئارقىدىنلار تارىختىكى ئەڭ ئوبرازلىق تۈرمىدىن قېچىش دېتالى ئېلان قىلىنغان. يەنى ئەڭ مۇكەممەل ھىسابلانغان A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(SamSung ئىشلەپ چىقارغان) نى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان.
ئالدىنقى كۈنى بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇتەخىسسلەر گۇرۇپپىسى iPhone Dev team ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەشىر 5.1 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق خەۋىرىنى بەردى. لىكىن بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش يەنىلا A5 دىن باشقا CPU ئىشلىتلگەن ئۈسكىنىلەرگىلا كارغا كىلەتتى.
بۈگۈن يەنە تۈرمىدىن قاچۇرۇش پارتىزانى I0n1c نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلتىلگەن iPhone 4s ۋە iPad 2 لەرنىڭمۇ تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. iPad 2 گە نىسبەتەن تولا قوزغىتىش ئارتۇقچە بولغاچ بۇ خىل ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ ھەقىقەتەن خوشاللىنىلارلىق ئىش.
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىلەرنى كۆرەيلى.
دېمەك، ھازىر Apple نىڭ بازاردىكى بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى چىقتى. تېخىمۇ مۇكەممەل نۇسخىسى ئېلان قىلىنسىلا خالاستان بىلوگى ۋاقتىدا ئاۋامغا ياڭرىتىدۇ.
ئە سسالامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلار مەن بىر « iPad3 » نى ئالغان مەن ئۇنى تۇرمىدىن قاچۇراي دىگەنتىم شۇڭاياردەم قىلساڭلا ، ئۈرومچىدىكى قېرىنداشلار بولسا بۋاستە يېنىغا بېرىپ كۇرەشسەممۇ بۇلىدۇ ، چچ ( 445473129) ۋاقتىدا ئالاقە قىلشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن !!!!!!!!!!!
5.1نى مۇكەممەل تۇرمىدىن قاشتى دەپسىلەر س4كە ماس كېلەمدۇ؟ۇنى قەيەردىن چۇشرىمىز چۈشرۈش ادرىسى بىلەن تەنلىگەن بولساڭلار!!!
1054.html
يامان ئادەم جۇمۇ سىلى!…
تۈنۈگۈن يازغاندىكىن مۇنداق خەۋەر قىلىپ قويغۇلۇقتى ، بىر كۈن بولسىمۇ خۇشالراق تۇراتتۇق
پاتراق يازالا ئاخىرىسىنى .
ئالمىڭىزنى قەدىرلەپ 91 دىن يىراق تۇرۇڭ دېگەن تېمىلىرى قىنى ؟