ئالمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ ئىقتىداردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. بىز يۇقىرى سەپلىمىلىك بۇ قاتتىق دىتال بىرلەشمىسىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.
تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسىنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.445.html
تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئالما مەھسۇلات ئشىلىتىش تەجىربىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە قولايلىق يۇمشاق دىتاللارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئالمىغا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىين قاچىلانغان دېتال cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.
cydia ئشىلىتىش دەرسىلىكى 928.html
بىز ئالدىنقى تېمىمىزدا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالدىن 5نى تونۇشتۇرغان. 1214.html تۆۋەندە يەنە قوللىنىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان يۇمشاق دېتالدىن 5نى تونۇشتۇرىمىز.
1.Wi-Fi Sync
بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئالما نى wifi ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ئۇلاپ iTunes بىلەن ماسقەدەملەشتۈرۈش ۋە ناخشا-فىلىم كۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچۇر سىمى كۆتۈرۈپ يۈرۈش، كومپيۇتېرغا باغلىنىپ قىلىغ ئاۋارچىلىقى تۈگەيدۇ. مەنمۇ ئادەتتە مۇشۇ دېتالدا مەشغۇلات قىلىمەن. مۇقىملىقىمۇ يۇقىرى. سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
2.BiteSMS
BiteSMS دىگەن ئۆزى كىچىككىنە دېتال، ئەمما تەمىنلەيدىغان قولايلىقى ھەقىقەتەن كۆپ. تېز سۈرەتتە قىسقا ئۇچۇر، ئېلخەت يېزىش، ئىمزا قوشۇپ يوللاش،ئىكرانغا قۇلۇب سېلىش، ئۇچۇر قىلىپى قاتارلىق قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرى بار.
3.LockInfo
LockInfo نامىدىكى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ رولى كەلگەن بارلىق قىسقا ئۇچۇرلارنى ئىكرانغا بىۋاستە چىقىرىپ كۆرسىتىش. مەشغۇلات باسقۇچىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرىدۇ.
4.Frash
iphone,ipod touch,ipad قاتارلىقلار adobe نىڭ جىنى بولغان flash نى قوللىمايدۇ. Frash نى قاچىلاش ئارقىلىق safari ئارقىلىق تور بەتلەردىكى flash ھەركەتلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ. لىكىن يەنىلا flash فورماتىدىكى فىلىملەرنى بىۋاستە قويالمايدۇ. بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس قويغۇچ دېتاللارنى ئېھتىياجلىق بولىمىز. بۇ ھەقتە مەزمۇن خالاستان بىلوگىدىكى تۆۋەندىكى تېمىدا بار. 1134.html
5.MultiIconMover
ئالما مەھسۇلاتلىرىدا ئىكراندىكى سىنبەلگە ئۈستىدە قولنى قويۇپ تۇرغاندا سىنبەلگىلەر تاللانغان ھالەتكە ئۆتۈپ يۆتكەپ باشقا بەتلەرگە قويۇشقا بولىدۇ. ئالما ئۆزىنىڭ نېگىزلىك بۆلىكىدە پەقەت بىرلا سىنەلگىنى يۆتكەش ئىقتىدارى تەمىنلىگەن بولۇپ سىنەلگىلەرنى رەتلەش ئىھتىياجىي تۇغۇلغاندا پەقەت بىر-بىرلەپ يۆتكەشكە توغرا كىلىدۇ.MultiIconMover نامىدىكى دېتال ئارقىلىق سىنبەلگىلەرنى توپلاپ يۆتكەشكە بولىدۇ.
[...] [...]
[...] كۆرۈپ باقمىغان نوقتا، سىمسىز iTunes ماس قەدەملەش (بۇرۇن تورداشلار بەك سورىغان تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان Wi-Fi Sync يەنىلا ئۆز نامىدا ios تىن ئورۇن ئاپتۇ) قاتارلىق [...]
تەپسىلىيراق دىسە، بىزمۇ ئۈگىنىۋالىلى.
مەن نوكىيا نىڭ كۆكچىشىنى ئايپود قا ئۇلاپ نوكىيادىكى كارتامنىڭ تور ئېقىمى ئارقىلىق تورغا چىقىۋاتىمەنغۇ مانا…
مەن ئەڭ پايدىلىنالمىغان نەرسە دەل مۇشۇ كۆكچىش. باشقىلار ھەرخىل گەپلەرنى قىلدى، مەنمۇ ئىزدىنىۋاتىمەن. سىلى كۆرسەتكەن دېتالنىمۇ سىنىدىم، يەنىلا راۋرۇس ئەز قاتىدىغان يۇمشاق دېتالدىن بىرنى تاپالمىدىم. ھازىر جىددىي كۆكچىش تەتقىق قىلىۋاتىمەن. ئىلگىرلەش بولسا ئوبدانراق دېتالدىن بىرنى تېپىپ تونۇشتۇرىمەن.
iBluetooht دەيدىغان دېتال بىلەن ئايفوندىكى كۆكچىشنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ كۆكچىشنى نورمال ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن (توردىكى مەنبەلەردە شۇنداق دەپتۇ) ئەمما ئاختۇرۇپ كۆرسەم بۇ دېتالنىڭ نەشرى يېڭىلانماپتۇ، 4.0 دىن يۇقىرى نەشرلەردە ئىشلىمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان، جۈملىدىن ئالمىنىڭ كۆكچىش ئىقتىدارىنى نورمال ئىشلىتىش مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان باشقا دېتال يوقمۇ؟
سىز يېقىندىن بىرى بەك ئېسىل دېتاللارنى ۋە تەجرىبىلىرىڭىزنى تونۇشتۇرىۋاتىسىز، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە يۇمشاق دېتال ياكى تەجرىبە بولسا ھەم يانفوندىكى (تۈرمىدىن قاچۇرۇۋېتىلگەن) يانفوندىكى ئەخلەتلەرنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان دېتال ياكى ئۇسۇل بولسا تونۇشتۇرىۋەتكەن بولسىڭىز دېگەن ئۈمىدتىمەن.
بۇ يازمىدىكى ئىككى دېتالنى مەن ياقتۇردىكەنمەن ….