ئادەتتە ئاساسى بەلباغ (基带) بولسا iPhone نىڭ ھەر بىر نەشرىگە بىردىن ماس كىلىدۇ. يەنى 4.1 غا ماس كىلىدىغان ئاساسى بەلباغ بولسا 05.14.02. لىكىن بىز ئامىركا نەشرىدىكى iPhone لارنىڭ تۆۋەن نەشىردىكى يىشىش ئۇسۇلى چىقىشتىن بۇرۇن ئالدىراقسانلىق بىلەن ئاساسى بەلباغنى كۆتۈرىۋىتىمىز. يەنى كۆتۈرگەندىن كىيىنكى ئاساسى بەلباغ 06.15.00 بولۇپ iPad كە تەۋە كەڭ بەلباغ رايۇنى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا ماس كەلمىگەن بەلباغ نەشىردە 1015 خاتالىقى چىقىدۇ.
ئاساسى بەلبەغنى كۆتۈرگەندىن كىيىن ئورگان تەرەپ سىستىما بولىقىدا نەشىر كۆتۈرۈش ياكى ئەسلىگە قايتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بەك زۆرۈر تىپىلسا 500-600 سوم تۆلەپ 北京,深圳 لاردا ئۆزەككە ئۇچۇر يازالايدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ iPhone ئېچىپ ئاندىن نەشىر تۆۋەنلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەردە چوقۇم ئورگان تەرەپ نەشىر كۆتۈرۈش بولىقى دا كۆتۈرۈش تەلەپ قىلىنمىسا ھازىر دۆلەت ئىچىدە 威风 دىكىلەر ئۆزى ياسىغان نەشىر كۆتۈرۈش بولىقى بار، شۇنى چۈشۈرۈپلا iTunes دا نەشىر كۆتۈرسەك بولىۋىرىدۇ، بۇنىڭدا ھىچقانداق چەكلمە يوق.
چۈشۈرۈش ئادىرسى : http://bbs.weiphone.com/read-htm-tid-1314501.html
ئەگەر سۆيۈملۈك تورداش 3- تەرەپ ئاچقان بولاقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىدىن گۇمان قىلسا تۆۋەندىكى مەشغۇلات ئارقىلىقمۇ ئورگان تەرەپ بولىقىدىن پايدىلىنىپ نەشىر كۆتۈرۈش ئىلىپ بىرىشقا بولىدۇ.
1. itunes دا تۇرۇپ بىۋاستە 4.2.1 نىڭ نەشىرنى كۆتۈرۈش بۇيرۇقى بىرىش. بۇ مەشغۇلات چوقۇم DFU ھالەتتە ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك (بۇ ھۈنەرنى خالاستان بلوگىدىن ئۈگىنىڭ)
2.بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا 1015 خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ. بىز بۇنىڭ ئىتىشماي بىۋاستىلا tinyumbrella-4.21.01 نى ئاچىمىز.
3. tinyumbrella-4.21.01 نىڭ سول تەرەپ يۇقارسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۈسكىنىسىنىڭ ئىسمىنى باسساق exit recover دىگەن تاللانما ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنىدۇ.
4. بۇ چاغدا iPhone قوزغىلىشقا باشلايدۇ. بىز دەرھاللا redsonw ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىمىز. دىققەت: بۇ ۋاقىتتا ئاساسىي بەلباغنى كۆتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولمايدۇ.
5. تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى بەلكىم 10 مىنۇتچە داۋاملىشىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا چوقۇم سەۋر قىلىش كىرەك.
ئەگەردە يۇقارقى مەشغۇلاتلار مۇۋاپقىيەتلىك بولسا، مۇبارەك بولسۇن!
ئەگەر مۇۋاپقىيەتسىز بولسا سىز يۇقارقى ئورگان تەرەپ ھۆججىتى نىڭ 4.1 نەشرىنى چۈشۈرۈپ مەشغۇلاتنى تەكرارلاپ نورمال ھالەتكە ئەكىلىپ ئاندىن shsh نى زاپاسلىغاندىن كىيىن يۇقارقى مەشغۇلاتنى قايتا تەكرارلاڭ!
مەسىلە ھەل بولدى..مااك سىستىمىسىدا يىڭىلاش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىندى..
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
بۇگۇن بىر دوستۇمنىڭ 3G تېلېفونى بەكلا ئەخلەتكە تولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنى ئايتۇنس بىلەن ئەسلىگە قايتۇرغان ئىدۇق. ئويلىمىغان يەردىن 1015 خاتالىقى كۆرۇلدى. بلوگىڭىزدىكى 1015 خاتالىقىنى ئوڭشاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانساقمۇ يەنىلا نورمال قوزغالماي ئايتۇنىس نىڭ بەلگىسى چىقىۋالدى. تېلېفوننىڭ تور قۇلۇبى بار ئىكەن. توردىن قىزىپمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق بىرەر ھەل قىلىش چارىسى يوق ئىكەن. بۇنى ئوڭشاش ئىمكانىيىتى بارمىدۇر. ئەسلى نەشىرى 4.2.1 ئىكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن iphone4نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۈتۇرەي دىگەن (4.1دىن 4.2گە) لىكىن 1013 خاتلىقى چىقىۋالدى [IMG]http://uighurx.com/rasim/?di=1312991148805[/IMG]
بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇرۇپ قويغاب بولسىڭىز
بۇ ئەسلىدە نورمال ئەھۋال. DFU غا كىرىشتىن بۇرۇن دىتال سىستىمىغا ھىچقانداق ئۇچۇر يازالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئاشۇ دىتالغا ياندىشىپ تۇرۇپ DFU غا كىرىڭ ئەمسە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى بۇرادەر DFU مۇھىتقا تۇرمىدىن قارچۇرۇش دىتالى ئارقىلق كىرگەندە قارا ئىكران ھالىتىدىلا تۇرىدىكەن ، بۇ نورمال ئەھۋالمۇ ياكى بىنورماللىقمۇ ؟