ئالدىنقى تېمىمىزدا iPhone ھۆججەتلىرىنى باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرغان. بۇ تېمادىن كۆرۈڭ. يۇقارقى ۋە تۆۋەندىكى دېتال بارلىق نەشىردىكى iPhone,iPodTouch,iPad كە ماس كىلىدۇ.
مەن بۈگۈن ئالما ھەۋەسكارلىرىغا ئىشلىتىش ناھايتى قولاي، قوزغۇتۇش پىروگراممىسى ۋە باشقا دېتال قاچىلاش كەتمەيدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى تەۋسىيە قىلىمەن. دېتال قاچىلانغاندىن كىيىن پەقەت كومپيۇتېر بىلەن iPhone پەقەت بىر قىسمىي توردا بولسا(ياكى ھەر ئىككلىسى Internetقا ئۇلانغان بولسا) iPhone نىڭ خالىغان ھۆججەتلىرىنى خۇددى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكاسىنى زىيارەت قىلغاندەك زىيارەت قىلىپ، ھۆججەت ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ.iPhone ھەقىقىي مەنىدىكى «بارماق» دېسكاغا ئايلىنىدۇ.
بۇ دېتالنىڭ نامى Samba ، تېخى يىقىندا Cydiaدا ئاشكارا تارقىتىلغان ھەقسىز دېتال. بۇرۇن Linux,Mac OSۋە Windows قاتارلىق مۇھىتلاردا SMB كېلىشىمى ئارقىلىق «سۇپا ئاتلىغان» مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا ئىشلىتىلگەن. تۆۋەندە iOS تە قانداق ئىشلىتىش توغۇرلۇق ئازراق سۆزلەي.
1. تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنىگە ئاۋال ئالدىنقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان SBSettings نى قاچىلاڭ.
2. Cydia غا apt.weiphone.com نى قوشۇڭ. Sambaنى قاچىلاڭ. ھەم رەسىمدىكىدەك Samba نىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، ۋە ئۈسكىنە IP سىنى خاتىرلەڭ.
2. ئۈسكىنىدە 设置-Samba دېگەن تەرتىپتىن كىرىپ Samba نى ئېچىڭ، Enabledنى ئوڭغا سۈرۈڭ.ئاستىدىكى ئورۇنغا پارول كىرگۈزۈڭ(خالىغانچە)، ئاندىن Change Passwordدېگەننى بېسىڭ(پارول كۆرۈنمەيدۇ. نورمال). رەسىمدىكىدەك.
3.كومپيۇتېرغا يۇقاردا ساقلىۋالغان IP نى كىرگۈزىمىز. شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
4. چىققان كۆزنەكنى تولدۇرىمىز. ئابونت نامى root ، پارولى 2-باسقۇچتا كىرگۈزگەن بىلەن ئوخشاش.
5.ئېچىلغان بەت دەل iPhone نىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆزنەك.
بۇ يەردە كۆك رەڭدە بويالغانلىرى 2- دەرىجىلىك مۇھىم قىسقۇچ (ئابونت قاچىلىغان قوللىنىلىشچان پىروگراممىلار بار).
ئۇنىڭ ئىچىدىكى Share قىسقۇچى بولسا 3-دەرىجىلىك مۇھىم بولۇپ ئابونت iPhone نى «بارماق دېسكا» قىلىپ ئىشلەتكەندە مۇشۇ يەرگە ھۆججەت ساقلايدۇ. ئۆچۈرۈشكە، يىزىشقا بولىدۇ.
قىزىل رەڭدە بويالغىنى 1-دەرىجىلىك مۇھىم ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ ھۆججەتلەرنى پەقەت كۆرۈشكە بولىدۇ، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ(باشقىچە تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. بىراق خالاستان بىلوگى ئىشلەتكۈچى ئۈسكىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك تەھرىرلەشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. ھەر قانداق ۋىرۇس مۇشۇ ھۆججەتنى ئۆزگەرتىپلا قويسا ئالما سىستىمىسى بۇزۇلۇشى مۇمكىن).
تۆۋەندىكى تەھرىرلەش ئېلىپ بىرىلمىغاندا سىستىما ھۆججەتلىرى (main readonly) ، ئابونت قاچىلىغان پىروگراممىلار (mobile readonly)، رەسىم ساقلاش مۇندەرىجىسى (camera readonly)لار پەقەت ئوقۇغىلى بولىدىغان، «بارماق دېسكا» (share readonly) مۇندەرىجىسى ئوقۇغىلى يازغىلى بولدىغان ھالەتتە. ئىھتىياجغا ئاساسەن تەڭشەشكە بولىدۇ.
قوشۇمچە: ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ ھوقۇقىنى تەڭشەش جەريانى تۆۋەندە.
1. 2321.html دىكى ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى تۈرىدىن بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. i-Funbox تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
2. iPhone نىڭ /etc/samba/smb.conf مۇندەرىجىسىدىن smbدېگەن ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ كومپيۇتېرغا ساقلاڭ، ۋە خالىغان قۇرال (ياخشىسى خاتىرە دەپتەر) ئارقىلىق ئېچىڭ.
ئاندىن ماس ئورۇندىكى Read Only (ئوقۇشقىلا روخسەت) دېگەن تۈرلەرنىڭ ئۇدۇلىدىكى Yes,No لارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقارقى 5-باسقۇچتا كۆرسىتىلگەن ماس مۇندەرىجىلەرنىڭ ئوقۇش\يېزىش ھوقۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك.
يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، نەزەرىنىڭ ئۈسكىنىسىدە سىستىما ھۆججەتلىرى (main readonly) پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان. ئابونت قاچىلىغان پىروگراممىلار (mobile readonly)، رەسىم ساقلاش مۇندەرىجىسى (camera readonly)، «بارماق دېسكا» (share readonly)مۇندەرىجىسى ئوقۇپ يازغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن.
كومپيۇتېرغا كۆچۈرگەن ھۆججەتكە تەھرىرلەش ئىلىپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن ساقلاڭ ۋە ئەسلى مۇندەرىجىگە چىقىرىپ ئەسلىدىكى ھۆججەتنى قاپلىۋىتىڭ.
ھەرقانداق شەكىلدە بولىۋىرىدۇ. لىكىن بۇ ئۇسۇل USB سىم يوقلارغا ياكى قولايسىزلارغا قولاي.
بۇ مەشغۇلات تۇگىگەندە usb سىم بىلەن ھۆججەت كۆچۈرۈشكە بولامدۇ؟ ياكى wifi ئارقىلىقلا ئىشلىتىشكە بولامدۇ